بىر تەندە بىر قانچە خىل روھ ياشايدىغان ئاجايىپ سىرلىق كېسەل – كۆپ خاراكتېرلىك ئادەم!
كۆپ خاراكتېرلىك ئادەم ئاتالغۇسى بەلكىم بىر قىسىملارغا ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن. بىراق چەتئەلنىڭ بىر قىسىم كىنو-فىلىملىرى ياكى ئاخباراتلىرىدىن بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئۇچرىتىش ئانچە تەس ئەمەس. تېخى يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇشۇنداق كۆپ خىل خاراكتېرگە ئىگە بىر قىزنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، بۇ قىزنىڭ ئىسمى نەنسى ئىكەن.
بۇ قىز ئۆزىدە ئۈچ خىل خاراكتېرنى تەڭ ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر «نەنسى»دىن باشقا يەنە «كەيت» ۋە «لىلى»دىن ئىبارەت ئىككى خىل خاراكتېرغا ئىگە ئىكەن. «نەنسى» قورقۇنچاق بولۇپ، ئاسان ئىككىلىنىدىكەن ۋە ھەسرەت چېكىدىكەن، باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىش خاھىشى ئېغىرراق ئىكەن. «كەيت» بولسا «نەنسى» ۋە «لىلى» غا دائىر ھېچنىمە بىلمەيدىكەن، قارىماققا بىر قاراڭغۇ جايدا ئۆزىنى يالغۇز ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىدىكەن، «لىلى» بولسا، بىر قەدەر ھىيلىگەر ۋە جەلپكار، يۇمىلاق تاۋۇز مىجەز ئىكەن، ئۇ «نەنسى»گە دائىر ھەممە ئەھۋالنى تولۇق چۈشىنىدىكەن، «كەيت» توغرىسىدىمۇ خېلى نەرسىلەرنى بىلىدىكەن. كېيىن داۋالاش جەريانىدا گىپنوز قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، «كەيت» نەنسىنىڭ 14 ياش چېغىدىكى خاراكتېرىدىن بۆلۈنۈپ چىققان ئىكەن، چۈنكى دەل شۇ يىلى ئۇ ئاپىسىنىڭ نامۇۋاپىق قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ قالغان ۋە قولىغا پىچاق ئېلىپ ئاپىسىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئەينى چاغدا ئۇنىڭدا ئاپىسىنى ئۆلتۈرىۋېتىش خىيالى بولغان، بىراق ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانمىغان ئىكەن. ئەمما، «كەيت» نىڭ خاراكتېرىدە، ئۇ ئىزچىل ئۆزىنى ئاپامنى ئۆلتۈرىۋەتتىم دەپ قارايدىكەن. «لىلى» بولسا، نەنسى ئىككىنچىنى بالىسىنى تۇغقان چاغدا بۆلۈنۈپ چىققان خاراكتېر بولۇپ، شۇ يىلى نەنسىنىڭ دوسلىرى ئۇنىڭغا يولدىشىنىڭ يولدا باشقا بىر ئايال بىلەن سۆيۈشۈپ تۇرغانلىقىنى ئېيتقان، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان نەنسى قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيگەن، شۇنىڭ بىلەن يېڭى خاراكتېر «لىلى» بۆلۈنۈپ چىققان.
بىر ئادەمنىڭ تېنىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ خاراكتېرنىڭ ساقلىنىشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنگە قەدەر، بۇ خىلدىكى كىشىلەردىن ھەقىقى ئىسپاتلانغىنى پەقەت 100 نەچچە نەپەرلا ئىكەن. ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق خاراكتېرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەرقايسى خاراكتېرلىرىنىڭ ئايرىم ئىسمى بار بولۇپ، ئوخشىمىغان خاراكتېرلەر ئۆزىنى ئىپادىلىگەندە ھەتتا پوچۇركىسى، مېڭە ئېلىكتر دولقۇنىمۇ ئوخشىمايدىكەن، يەنى، بىر ئادەمنىڭ تېنىدە ئىككى ياكى ئوخشىمىغان خاراكتېر ئىپادىلەندى دېگەنلىك، پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى ياكى ئۈچ ئادەم ئۆز تەپەككۇرى ئارقىلىق ئايرىم ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى دېگەنلىك بولىدىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: پىسخىكا، خاراكتېر، سىرلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,431 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: case-of-multiple-personality.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows Phone 7 سۇپىسىدا ئويۇن تۈزۈپ پۇل تاپىدىغان 13 ياشلىق بالا پروگراممېر Johnny
- كېيىنكى يازما > بىر ئالما مەستانىسى iPhone 5 نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۆچىرەت تۇرۇشنى باشلىغان…
- ئادىمىيىتىڭىز ۋە نەپسىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان ئاجايىپ قالتىس سىناق
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- كىشى ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ قىزىقارلىق تەجرىبىلەر
- سىرلىق تىك-تاك پىچاق زادى قانداق ئىش؟ تىك-تاك پىچاقچىلار يەنە نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟
- سىرلىق كىچىك سېھرىگەرلىك – مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان شاكىلات؟ بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىكنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟
- بىز تۇرىۋاتقان ئالەم – گەرچە تەسەۋۋۇر قىلىنغان كارتون بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدىكى ئالەم بەلكىم مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن
- «لەيلىمە» پولات زەنجىر ھەققىدىكى كىچىك تەجرىبە، پرىنسىپىنى چۈشىنەمدىكەنسىز؟
- تىنچ ھالەتتىكى رەسىملەرمۇ مىدىرايدۇ دېسەم ئىشىنەمسىز؟ بەزىدە كۆزلىرىڭىز سىزنى ئالداپ قويۇشى مۇمكىن
- سىرلىق Dalston قوروسى – تامدىن-تامغا ئۇچۇپ يۈرگىلى بولىدىغان ئىمارەت! قالتىسكەن قالتىس!
ئو… ئاجايىپ ئىش ئىكەنغۇ بۇ…رەھمەت تورخۇمار ئەپەندىم
ماندا بولاپ قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن جۇمۇ…مەن ئىككى ياكى ئۇنىڭ دىن ئارتۇق خارەكتىرگە بۆلۈنۈپ كىتىپ خۇتۇن- باللىرىمنى تۇنۇماي قالىدىغان كۈنگە قالماي…
بۇ خۇددى بىر بلوگنى بىرقانچە ئادەم بىرلىشىپ يازغاندەك ئىشكەن ھە … مەسىلەن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى ئۇيغۇربەگ ۋە پرىستان يازىدۇ . ئوخشاش بىر بلوگ يازمىلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبلىرى بەزىدە ئوخشىمايدۇ . دىمەك بۇ ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىنىڭ ئۇيغۇربەگ ۋە پرىستان ئاتلىق 2 خارەكتىرى بار . ئۇيغۇربەگ بولسا ئاق كۆڭۈل ،تىرىشچان لېكىن سەل دۆتىراق . پىرىستان بولسا گۇمانخور ، ۋەھشى ، چىچەن . ئىگەللىنىشىچە ئالدىنچى ئايلىق ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىنىڭ ئېلان كىرىمىنى پىرىستان يۇشۇرۇنچە ئۆز كارتىسىغا ئۇرىۋېتىپتىكەن . بۇ پرىستان خارەكتىرى شۇ ۋاىتتىن بۆلىنىپ چىققان ئىكەن .
ما ئىنكاس يورۇپتۇ رەسمىي
ھا ھا ھا! ماۋۇ گەپ ئالامەت كەپتۇ. مەندىنمۇ بۇرۇن باشقىلار پىرىستان بىلەن ئۇيغۇربەگ نى ئىككىسى بىر ئادەم. پەقەت شۇ ئىككى خىل خاراكتىردە بلوگ يازىدۇ دەيتى. لىكىن مەن ئىشەنمەيتىم ھەم چۈشەندۈرۈپ كىتىدىغان
سىزگىمۇ ۋېرۇس يۇقتىمۇ نېمە؟
ئەمەلىيەتتىمۇ ئىككىسى ئىككى ئادەمغۇ؟
ئۇيغۇربەگ قىزلارغا ئامراق، پىرىستان پۇتبولغا…
ئىككىلىسى يوققۇ ؟ راس ئوخشىمامدۇ ؟
غەيۋەت قىلىڭلا ۋىروسجان، ئەمما كېلەر يىللىق ئىشىڭىز چاتاق جۇما!
ۋىروسجون، بلوگ قۇرۇپ ھازىرغىچە ئېلاندىن كىرىم قىلىپ باقمىساق قا پۇلنى چۆنتەككە ساپتىمەن؟
جىن چاپلىشىۋالغانلىق سەۋەبىدىندۇ بۇنداق ئۆزگىرىشچان خاراكتىر دىگەنلەر؟!
بەزىدە ئۆزەمدىن گۇمان قىلىپ قالىمەن
ئاڭلىمىغاننى ئاڭلايسەن ئۆلمىگىنىڭ دىگەن شۇ
ئەسلى مەندە شۇندا خاراكتىر باكەندە. ھىمم، بىلىۋالدىم
مەن دائىم تورخۇمارنىڭ ئۆزۈمنىڭ بلوگىدەك ھېس قىلىمەن
بۇ ھەقىقتەنمۇ مەۋجۈتلۇكى ئىسپاتلانغان پىسخىكىلىق ھادىسە ، بۇنىڭغا دائىر ماتېرىياللارنى بەيدۇ دىن تاپقىلى بولىدۇ.
ئەگەر ئۇ راسلا ئادەم ئۆلتۈرسە تۈرمىگە سولامدىغاندۇ؟
ئوخخو، بىر ئادەم ئەتتىگەندە قورقۇنچاق، چۈشتە جىمغۇر، كەچتە ھىلىگەر بوپ قالسا ھە… بۇنداق ئادەم بىلەن چىقىشماقمۇ تەستۇ بەلكىم، چۈنكى ئۇنىڭ قاچان قانداق خارەكتېردە تۇرىدىغانلىغىنى بىلگىلى بولمايدۇدە…
ۋاي ئۇندا قالاپ تۇرۇپ ئىككى ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلدۇ دىگەن گەپما …
بۇخىل خاراكتىرنى بۇئادەمنىڭ ئۆزى بىلەمدىغاندۇ؟
مىنڭچە ئۇ ئاخپارات ۋاستىچىىرىمىز بۇ ئەھۋالنى بەك كۆپتۈرۋەتكەندەك تۇرىدۇ. نىمىشقا دىگەندە نورمال ئادەمنىڭ بۇنداق ئالامەتلىرى ناھايىتى كۆپ پەقەت شۇ بىرلا ئىسىم قوللىنىدۇ….
مىنىڭ چە بۇندا ئىشلار كوپ قېتىم مەغلۇبىيە كەئۇچىراشتىن يەنە ئوسۈپ يىتىلىشى مويىتى قالايماقان كىشىلەر دە كورىلدۇ.
توۋا،مەندە ھازىر نەق شۇنداق كىسەللىك كۆرنىۋاتدۇ،ئەمىلىيەتتە بۇ بولسا ئادەمنىڭ ھەر بىر ئىشقا يولوققاندا ئۆزگۈرۈپ تۇردىغان ھەم شۇ خىل خاراكتىردە ئەمىلى ھەركەت ئىلىپ باردىغان پىسخىكلىق نورمالسىزلىق بولوپ،بىر خىل مىجەزلىك بولوش ئىستىكى يەنىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.ھەم ئۇستا بولغان بىر پىسخىكا دوختۇرىغا موھتاج بولىدۇ،ئەمما ئۆزىدىكى شۇنداق ھەرخىل خاراكتىرى بىلەن سورىغان سوئاللىرىغا پىسخىكا دوختۇرىلا ئەمەس،ھەتتا ئۆز روھىدىمۇ جاۋاپ بىرەلمەيدۇ.بۇ ئادەم پىسخكىسىدىكى بىر خىل ئاجىزلىقلا خالاس.بۇنداق كىسەل ئادەمنىڭ ئۆزگىرىشى چاققان بولوپ،بەزى نورمال ياشاۋاتقان كىشلەرگە ساراڭ دىگەندەك تەسىراتنى بىرىدۇ،لىكىن ئىش پائالىيەتلىرى نورمال ئىلىپ بىرلغاچقا ھىچكىم ئۇنىڭ ئوڭ ساراڭلىقىغا باھا بىرەلمەيدۇ.تەپەككۇرىمۇ ھەتتا خىلى-خىلى ئادەملەرنى تاڭ قالدۇرىدۇ.
سورىغىم كىلىۋاتقىنى بۇنداق كىسەلنى ئىغىر كىسەل دەپ قاراشقا بولامدۇ؟داۋاسى بارمۇ؟
ئىرى ئۈچ خوتۇنى باردەك سىزىدىكەندە ئۆزىنى
قايسى قىسىملىقى ئىسىمدە قالماپتۇ، Lie to Me دېگەن فىلىمدە شۇنداق بىر قىسىم سۆزلىنىدۇ، فىلىمدىكى قىزنىڭ ئوخشىمىغان 3 خىل خارەكتىرى سۆزلىنىپ كېلىپ، بۇ ئۈچ خىل خاراكتىر خەتەرگە ئۇچرىسا 4 – خارەكتىر قوزغىلىپلا ئۆزىدىن خېلى يوغان ئەبلەخنى قاتلاپ قويىدۇ. بۇ 4 – تېخى ئەر كىشىلىك خارەكتىركەن.
ئارىمىزدا جىن چاپلىشىش دەيدىغان گەپمۇ بار. لېكىن فىلىملاردىكىدەك قارا كاپىرغا جىن چاپلاشمايدۇ دەپ ئاڭلىغان.
2-بۆلۈم 1-قىسىم
ۇيغۇر لاردا بۇنې جېن چاپلاشتې دەيدېغۇ…………..
قوققىدەك ئىش ئەمەسقۇ بۇ.
بەلكىم بۇمۇ چەتئەللىكلەر ياخشى كۆرىدىغان difrent خاراكتىرى بولسا كىرەك…
تۆۋە
نىمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق يائاللا….