بىر ئالما مەستانىسى iPhone 5 نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۆچىرەت تۇرۇشنى باشلىغان…
ھازىر تېخى iPhone 5 نىڭ قاچان بازارغا سېلىنىشى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر مەلۇمات يوق، بىراق چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر نەپەر Rob Shoesmith ئىسىملىك 29 ياشلىق يىگىت، ئاللىقاچان لوندوندىكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دۇكىنىنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكىپ، iPhone 5 نىڭ بازارغا سېلىنىشىنى ساقلاشنى باشلىغان. قارىماققا، بۇ يىگىت نۆۋەتتىكى ئەڭ تەلۋە ئالما مەستانىسىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ…
Rob Shoesmith ئاللىقاچان چېدىرنىڭ ئىچىدە يېتىپ iPhone 5 نىڭ بازارغا سېلىنىشىنى قارار قىلغان بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئىنتايىن تەلۋىلىك ھېسابلانسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا بۇ ئىشتىن خېلى كۆپ پايدا ئالغاندەك قىلىدۇ. مەسىلەن، نۇرغۇن يېمەكلىك، تۇرمۇش لازىمەتلىك بۇيۇملىرى شىركەتلىرى ئۇنىڭغا ھەقسىز(بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۇنىڭ بلوگىدا ئېلان قىلىۋېلىش ئۈچۈن) نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بەرگەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPhone، خەۋەر، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,528 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: crazy-apple-fans-waiting-for-iphone5.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر تەندە بىر قانچە خىل روھ ياشايدىغان ئاجايىپ سىرلىق كېسەل – كۆپ خاراكتېرلىك ئادەم!
- كېيىنكى يازما > تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈلكىلىك ئىختىيارى توپ، بىزنىڭ كۈلكىمىز – دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەڭ زور بەختى!!!
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
خاخا….مەنمۇ باسام بوغۇدەك..
دىۋانغا ئازلا قاپتىكەن
مەن ipad3 چىقىدىغان ۋاقىتتا بىرىپ مەنمۇ يىتىۋالمىسام، ياتاق تاماق ھەقسىز
ئىشى يوقمىدۇ ؟ ساراڭلا نىمىكەنغۇ ! باشقا ئىشلارنى قىلسىمۇ ئالما ئوينىغاندىن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بار . ھەركاللىدا ھەر خىيال تاز كاللىدا بىر خىيال
شۇنى ئېلىپمۇ توياسەن.
بىراۋنىڭ قىززىقىشىغا باھا بېرىشنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيمەن (ئالما )ئوتى يامان نەرسە بۇ…..
يووو قانداق قىلامىز …ئۇندا بوسا بەزەنلە ئائىلە بويىچە بىرىو يىتىۋاساق بولامدۇ نىمە …
چەتئەلدە داڭلىق شەخس بولاي دىسە بىردەملىككەن ھە
بىرىشتىن بۇرۇن ئى ئالدىنقى شەرتىگە قاراپ قوياسىلە…بىلوگى يوقلا باسا ئاچ قالغىدەك
تورخۇماردا دىۋاندا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەنمۇ شۇنداق قىلايمىكىن
يوۋ ، قىزىقىش دېگەن ھە ، چەتئەللىك ياشلار مۇشۇنداق قىزغىن ھەم ئەركىن دېسە
قارىغاندا بۇ ئاداشنىڭ iPhone غا بىر كىشلىك ئىشقى بارىكەندە… ئاز كۈنگە قالماي بۇنىڭ تىككەن چىدىرىنىڭ كەينىدىمۇ چىدىرلار قاتار تىزىلىپ كېتىدۇغۇ دەيمەن.
يەنىلا بۆرىكىنى سېتىپ ئالما ئالغان «قاپاقباش»قا يەتمەيدىكەن
تىلفۇن پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز قانداق ئۆتۈپتىكىن تاڭ، ھىچ بىلەلمىدىم. ھازىر ئۆزۈم تورخۇماردىن ئايرىلىپ قالسام قانداق قىلىشىمنى تىخىمۇ بىلمەيمەن. تەرەقىيات سۈرئىتى شۇنچە تىز بولسىمۇ بەزىلەرنىڭ ئىھتىياج سۈرئىتىگە تىخى يىتىشىپ ماڭالمايۋاتقاندەك قىلىدۇ.
ئۇچۇر دېگەنلىك تېزلىك دېگەنلىك.
مۇشۇ iphone5 نىڭ باھاسى تەخمىنەن قانچە بۇلار؟
خەنزۇچە بىلوگلاردا،تىڭشۈن تورىدا 8-ئاينىڭ 16 -كۈنى ئىلان قىلىنىدۇ،10-ئايدا بازارغا سالىدۇ دەپتۇ…باھاسى تەخمىنەن-800دوللار ،550ياۋرۇ بولىشى مۆمكىن….ئىشنىقىلىپ مەن سىتىۋالمايمەن …يەنىلا ‹ئانجىروئىد›ياخشى…
قىززىقىپ قالسا نىمە ئامال ،مىنىڭمۇ ئالغۇم كىلىۋاتىدۇ بۇ ئاداشنىڭ تەلۋىلىكىگە قالاپ
بىزنىڭ ماۋۇ يەردە بولسا ئاللىقاچان بازار باشقۇرۇش خادىملىرى تەرپىدىن ئۆزىنى باشقا يەردە كۆرەتتى. ھېچ بولمىسا شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزدىڭ گۇناھ ئارتىلاتتى، مال مۈلۈك مۇسادىرە ….. پەرق