Windows Phone 7 سۇپىسىدا ئويۇن تۈزۈپ پۇل تاپىدىغان 13 ياشلىق بالا پروگراممېر Johnny

«ئۆسمۈر پروگراممېرلار» ھەر دائىم ھەرقايسى يۇمشاق دېتال ئېچىش سۇپىلىرىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئالدىنقى تاللاش بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، يېقىندا Microsoft نىڭ MSDN مۇنبىرىدە Johnny Simmons ئىسىملىك بىر ئۆسمۈر تالانت ئىگىسى پەيدا بولدى. ئەلۋەتتە، 13 ياشلىق Johnny يېشى ئەڭ كىچىك پروگراممېر ئەمەس، بىراق ئۇ قانداق قىلىپ Adcenter ئېلانى ئارقىلىق پۇل تېپىشنى ئوبدان بىلىدىغان بالا پروگراممېر.

Microsoft تىن كەلگەن Bruce Kyle بۇ بالىنى زىيارەت قىلىپ بىر كىچىك تىپتىكى زىيارەت خاتىرىسى ئىشلىگەن ۋە بۇنى MSDN مۇنبىرىگە قويۇپ قويغان، زىيارەتتە Johnny نىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان.

Johnny تەخمىنەن 9 ئاي ئىلگىرى ئاۋال Windows Phone 7 نى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان، ئاساسلىقى توردىكى سىنلىق دەرسلىكلەرنى كۆرۈپ ئۆگەنگەن، ئاندىن مىسال كودلار ئارقىلىق بارا-بارا ئىچكىرىلەپ كىرىشكە باشلىغان، ئەڭ دەسلىۋىدە ئويۇن پروگراممىلىرىنى تۈزۈشتىن باشلىغان. Microsoft نىڭ Marketplace سىدە SimzzDev دەپ ئىزدىسەكلا ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئەسەرلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.

DrawPad
DrawPad Pro
NightClock
Analog Night Clock
Random Numbers and Dice
7 Tab Browser Free
7 Tab Browser Pro
Chasing Howie
NBA Schedule
System Info

يۇقارقى پروگراممىلارنىڭ ھەممىسى Johnny تۈزگەن پروگراممىلار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئاددى قوللانمىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، Johnny نىڭ دېيىشىچە، چۈشۈرۈش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىۋاتقىنى ھەقلىق يۇمشاق دېتاللار بولماستىن، بەلكى بىر قىسىم ئېلان قوشۇلغان ھەقسىز پروگراممىلار ئىكەن.

مىكروسوفتنىڭ بۇ مىسالنى ئېلىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا قارىغاندا، ئۇلار كۆپچىلىككە : «قارا، بىزنىڭ مىكروسوفتنىڭ يۇمشاق دېتال سۇپىسىدا، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ پۇل تېپىپ خەجلىيەلەيدۇ» دېمەكچى بولسا كېرەك؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. مىسكىن 2011.07.17 , 03:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ، مۇشۇ پروگراممېر، خاككېر دېگەندەكلەر كۆپىنچە 25 ياشنىڭ تۆۋىنىدىكىلەردىن چىقىدىكەن. شۇ ياشتىكىلەردىلا مۇشۇ نەرسىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چىدامچانلىق بولىدىغان ئوخشايدۇ. كىمدۇر بىرەيلەندىن، پروگراممېر بولىمەن دېگەن ئادەم، ئالدى بىلەن چۆيۈندىن قوڭ ياسىتىپ ئاندىن گەپ قىلماي 10 يىل بېسىپ ئولتۇرمىسا بىكار دەپ ئاڭلىغان.

  2. مىسكىن 2011.07.17 , 03:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىرىشچان بالىكەن. يانفونغا پروگرامما يازالايدىغانلار ئارىمىزدىمۇ كۆپ ئەمەسقۇ دەيمەن.

  3. سەھرالىق 2011.07.17 , 10:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئازمۇ ئەمەس، لىكىنزە گەيتىسكامنىڭ سۇپىسىدا ئىجرا بولۇش سۈرئىتى ئاستا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاندىروئىد دىگەن نەرسىگە كۆز قىسىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس.

  4. روھچىن 2011.07.17 , 12:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزتىلدىكى نەرسىلەرنى تەتقىق قىلماق كۆپ ئاسان بولسا كېرەك

  5. جامباز 2011.07.17 , 21:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تالانتى باركەن .. مەنمۇ مۇشۇنداق نەرسىلەرگە بەك قىززىقىمەن:smile:

  6. بۆرەيار 2011.07.17 , 23:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىنگىلىزچەمنىڭ ناچارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم:!:

  7. شەمسى 2011.07.18 , 11:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر بىزدە شۇلاردەك شارائىت بولسا بىزنىڭ ئارىمىزدىنمۇ مۇشۇنداق بالىلارنىڭ چىقىشىغا ئىشىنىمەن…

  8. ئاجايىپ 2011.07.19 , 14:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارىغاندا بىزگە ئوخشاش تەييار كودلارنى ئۆزگەرتىپ ئوينايدىغان بالا ئوخشىمامدۇ:mrgreen:

  9. پاسىبان 2011.07.19 , 19:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇياق كەلگۈسىدىكى بىل گەيتىسكەندە …

  10. 1987 2011.07.20 , 12:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىكروسوفتنىڭ باش بېتىگە كىرسەم مەخسۇس باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بالىلار ئۈچۈنمۇ ئايرىم پروگرامما لاھىيەلەشنى ئۆگىتىدىغان ماتېرىياللىرى بار ئىكەن.كۆرگەن كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى قىزىققۇدەك بەك رەڭدار ، جانلىق ، ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىككەن. بۇنداق مائارىپدا مەنچە 13 ياشلىق پروگىراممېرنىڭ چىقىش نىسبىتى يۇقىرى بولسا كېرەك. مەنچە يەنىلا تەربىيەسى ئەڭ ئاساسلىق رول ئوينىدى.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量