نوكىيا ۋە Lumia يانفونلىرى | NOKIA قايتىپ كەلدى
ئەينى يىللىرى يانفۇن ساھەسىدىكى ماگىنات نوكىيا شىركىتى ئۆزىدىكى يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولۇشى، ھەمدە سىمبىنيان سېستىمىسىغا ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىشى تۈپەيلىدىن يانفۇن بازىرىنى ئايفون ۋە ئاندىرويت سېستىمىلىق يانفونلارغا تاتقۇزۇپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇدا 6 پەسىل زىيان تارتىشتەك ئىغىر مەسىلە يۈز بېرىپ، شىركەت تاقىلىش گىردابىغا بىرىپ قالدى. شۇ سەۋەب شىركەت ئۈزلۈكسىز خادىم قىسقارتىپ، پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىنىڭ ئىشسىز قىلىشى كېلىپ چىقتى. فىنلاندىيەدىكى باش شىتاب بىناسىنى سېتىۋەتتى. نۇرغۇن كەسپى زاتلار نوكىيانى ئەمدى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ دەپ قىياس قىلىشتى. نوكىيانىڭ دەرىجىسىمۇ تۆۋەنلەپ « ئەخلەت دەرىجە » گە چۈشۈپ قالدى. دەل مۇشۇنداق پەيىتتە كانادالىق سىتىۋىن ئەيلوپ نوكىيا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدە ئولتۇرۇپ، شىركەتنىڭ ھازىرقى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيىتىگە قارىتا بىر قاتار كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى ئوڭشاشقا كىرىشتى.
ئۇ ئالدى بىلەن مىكرۇسوفىت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ مىكروسۇفىت سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان ۋىندۇسفون يانفونىنى بازارغا سالدى. گەرچە ئەينى ۋاقىتتا نوكىيا شىركىتىدىكى خادىملار بۇ قارارغا قاتتىق قارشى تۇرغان، كەسپى زاتلارمۇ نوكىيانىڭ بۇ قارارىدىن قاتتىق نارازى بولغان بولسىمۇ، سىتىۋىن ئەيلوپ بۇقارارىدىن قەتتى يانمىدى. ئەيلوپنىڭ قارىشىچە: ئەگەر نوكىيا باشقىلاردەك ئاندىرويىت سېستىمىسىنى ئىشلەتسە، نوكىيانىڭ باشقا يانفونلاردىن پەرىقلەنگۈدەك ئالاھىدىلىكى قالمايدۇ. ھەمدە ھەممە ئاندىرويىت سېستىمىسى ئىشلىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نوكىيامۇ پەقەت ئاندىرويىت سېستىمىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىرتۈركۈم يانفون زاۋۇتى بولىدۇ خالاس. شۇڭا ئەيلوپ گەرچە ئىغىر بېسىملارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، قەتئى تىز پۈكۈپ قالماي ، 2011-يىلى 2 -ئايدا تۇنجى ۋىندوۋس سېستىمىلىق يانفۇن بولغان نوكىيا لۇمىيا 800 ۋە نوكىيا لۇمىيا 710 نى بازارغا سالدى.
ئەينى ۋاقىتتا نوكىيانىڭ بۇ يانفۇنلىرى بولۇپمۇ نوكىيا لۇمىيا 800 يانفۇنى ئەنگىلىيەە قاتتىق قارشى ئىلىنغان يانفون بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن ئۈمۈتلەنگەن نوكىيا ئۈزلىكسىز تىرىشىپ يەنە بىر قاتار لۇمىىيا تىپىدىكى يانفۇنلارنى بازارغا سالدى. تىپىك مىسالى بولسا نوكىيا لۇمىيا 900 ۋە نوكىيا لۇمىيا 610 قاتارلىقلار. بىراق بۇ يانفۇنلار نوكىيانىڭ ئۇدا زىيان تارتىشتەك ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى. بۇ خىل ۋەزىيەتكە قارىتا نوكىيا شىركىتى گەرچە ئۈمىتسىزلەنگەن بولسىمۇ، بىراق بوشىشىپ قالمىدى. شىركەت ئۆزىنىڭ بازار تاتقۇزۇپ قويىشىدىكى سەۋەپلەرنى تەھىلىل قىلىپ، يىڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭ مىسالى دەل نوكىيانىڭ تىپى 808 بولغان يانفۇنىدا بولدى. گەرچە بۇ تېلىفۇنغا بازا رىقابىتىدىن شاللىنىۋاتقان سىمبىيان سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يانفۇننىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى رەسىم تارتىش كامىراسىغا 41 پېكسىللىق كامىرا ئورىنىتىلغانلىقىدا ، ھەمدە ئىلغارلاشتۇرۇلغان سىمبىيان بېللا سېستىمىسى ئىشلىتىلگەنلىكىدە ئىدى.
نوكىيا 808 يانفونى
نوكىيانىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولغان پەيىت بولسا دەل 2012 – يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى. بۇ كۈن نوكىيا ئۈچۈن بىر چوڭ بۇرۇلۇش بولغان كۈن بولدى. بۇ كۈنى نوكىيا ئۆزىنىڭ لۇمىيا تىپلىق يانفونى بولغان نوكىيا لۇمىيا 920 ۋە نوكىيا لۇمىيا 820 نى ئېلان قىلدى. بۇ تىلىفۇنلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ۋىندوۋس سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن ۋە قوش يادىرولىق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگنلىكىدە.
ئۇنىڭدىن باشقا نوكىيالۇمىيا 920 تىلىفۇنى نوكىيانىڭ بايراقدار تىلىفۇنى بولۇپ، بۇ تىلىفۇنغا تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار سەپلىمىلەر سەپلەنگەن. 1> بۇ يانفۇنغا 2-ئەۋلات پىرىۋىيۇۋ تىخنىكىسى قوللانغان بولۇپ، كامىراسىغا 8.70 پىسكاللىق كامىرا ئىشلىتىگەن. بۇ تىخنىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كەچلىك مەنزىرىنىڭ ئىنىقىلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. 2> بۇ يانفۇنغا سىلكىنىشتىن ساقلاش تىخنىكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، رەسىم تارتقاندا قول تىتىرەپ كىتىش سەۋەپلىك رەسىم تۇتۇق چىقىش ئىشلىرىغا خاتىمە بىرىلگەن. 3> بۇ يانفۇنغا پىروداكشىن سەزمە ئېكران سەپلەنگەن بولوپ، پەلەي كىيىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئوخشاشلا راۋان مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ. 4> سىمسىز زەرەتلىگۈچ سەپلەنگەن بولۇپ، پەقەت تىلىغۇننى سىمسىز زەرەتلىگۈچ ياستۇقى ئۈستىگە قۇيۇپقۇيسىڭىزلا توك زەرەتلىگى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بايا دەپ ئۆتكەندەك، بۇ يانفۇنغا ۋىندوۋس 8 سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن، راۋانلىقى ناھايىتى ياخشى. ھەمدە قوش يادىرولىق يۇقىرى تىخنىكىلىق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.
نوكىيا لۇمىيا 920
920 نىڭ كىچىلىك مەنزىرنى تارتىش ئۈنۈمى
920 نىڭ كىچىلىك مەنزىرنى تارتىش ئۈنۈمىنى سېلىشتۇرۇش
مەزكۇر يانفۇن بازارغا چىققان 11- ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زور ئالقىشقا ئىرىشىپ، سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولغان. ھەتتا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مال يىتىشمەلىكدەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ نوكىيانىڭ زىنجىرسىمان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىللىكىنى ئاشكارلاپ قويغان. نوكىيا شىركىتىنىڭ 2012 – يىللىق 4- پەسىل مالىيە كىرىمنى ئاشكارلىشىچە، بۇ يانفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى 4 مىلىيون 400 مىڭدىن ئىشىپ، ئۇدا 6 پەسىل زىيان تارتقان نوكىيا شىركىتى بۇ قېتىم 7 مىرلىيات 600 مىلىيون سوممىلىق ئوبىروت قىلىپ، ساپ كىرىمىنى 200 مىلىيوندىن ئاشۇردى ۋە ئۇدا زىيان تارتىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەرگدى.
دىمەك، نوكىيا قايتىپ كەلدى. گەرچە نوكىيا لۇمىيا 920 نىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئارقىلىق نوكىيانى ئەسلىگە كەلدى دىيىش سەل بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، بىراق ئىشىنىمىزكى نوكىيا شىركىتىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى چۇقۇم ياخشى بولىدۇ.
بۇشىركەت يىقىندا بارسىلونادا ئۆتكۈزۈلگەن، دۇنيا كۆچمە ئالاقە يىغىنىدا ئۆزىنىڭ يەنە بىر يۈرۈش لۇمىيا يانغۇنلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇيانفۇنلار گەرچە بايراقدار يانفۇن بولمىسىمۇ، بىراق ھەممىسى دىگۈدەك ئەرزان باھالىق يانفۇن ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق نوكىيا شىركىتى جۇڭگۇ بازارلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا تارتقۇزۇپ قويغان ئۈستۈنلىكىنى تارتىۋالماقچى ئوخشايدۇ. بۇ قىتىم ئىلان قىلغان نوكىيا يانغۇنلىرىنىڭ تىپى بولسا لۇمىيا 720 ۋە520 دۇر.
نوكىيا لۇمىيا 720 يانفونى
بەلكىم دوسلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئاندىرويىت سىستىمىسى ئىشلىتىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن زىرىككەنلەر بولىشى مۇمكىن. ئەگەريىڭىلىققا ئىنتىلدىغان دوستلار بولسا، بەلكىم نوكىيانىڭ بۇ بىر قاتار يانفۇنلىرى سىزنىڭ يانفۇن خۇمارىڭىزنى بېسىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ۋىندوۋىس 8 يانفۇنىدا ئۇيغۇرچە تونىتىمەن دەپ ئاۋارە بولمىساڭلارمۇ بولىدۇ. ،چۈنكى بۇ سېستىمىدا ئۇيغۇر تىلى خۇددى كومپىيۇتېر نەشىرىدىكى ۋىندۇۋس 8 سېستىمىسىغا ئوخشاش يادىروسىدىن ئۇيغۇرچە قوللايدۇ. ئۇيغۇرچە توربەتلەرنىڭ ئىچىلىشىمۇ ئىنتايىن راۋان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، Microsoft، NOKIA، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 30,866 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: nokia-qaytip-keldi.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئايفۇنى بارلار پو ئاتماڭ، بىزدە سامسۇڭ بار | SAMSUNG GALAXY S4 ھەققىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلار
- كېيىنكى يازما > iPhone 6 ھەققىدە بىر قىسىم تەسەۋۋۇرلار، بەلكىم بۇدا رەڭدار iPhone لارنى تۇتۇپ ئوينىشىمىز مۈمكىن…
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
نوكىياغا ئەزەلدىن ئامراقتۇق. نوكىيا لۇمىيا يانفۇنلىرىدىنمۇ ئىشلىتىپ كۆرسەك بولغۇدەك.
بۇ يانفۇننىڭ مەشغۇلات سېستىمىسى شۇنداق ياخشى لىكىن كومپىيۇتېردا باشقۇرۇش سەل ناچاركەن، نوكىيا شىركىتى شۇ جەھەتلەردە سەل تىرىشىپ باقسا، مەسىلەن ئالمىنىڭكىدىن ئازراق ئۈگەندە ئۇ ۋاقىتتا ئۆزىنى خىلى بەك ئوڭشىۋالالايدۇ،
نوكىيا ۋىندوسفون 8 دىن باشلاپ ، بۇ ئىشلارغا خاتىمە بەرگەن . سىز پەقەت يانغۇننى كومپىيوتىرغا چاتسىڭىزلا بولىدۇ. زۈن ئىشلىتىمەن دەپ ئاۋارە بولمايسىز.
نوكىيا لۇمىيا 720 يان تېلېفونىنىڭ باھاسى قانچىكەن؟
خەلىق پۇلىدا 2400 يۈەن ، سەل تەخىر قىلسىڭىز ئۇزاققا بارماي 2000 يۈەن ئەتراپىدا سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
لۇمىيا تېلېفۇنۇمنى قايتىپ بىرىپ قايتا قولۇمغا ئالمىسام بولمىدى.
غەيرەت قىل نوكىيا.
نوكىيا غەيرەت قىل ………..
نوكىيانى نېمىشقا ياختۇرىمەن بىلەمسىلەر ؟ چۈنكى ئۇنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى قوتالىرىغىمۇ ئۇيغۇرچە تونۇتقىلى بولىدۇ ، بۇ ئىشنى تېخى نۇرغۇن جۇڭگونىڭ قوتالىرى ئىشقا ئاشۇرغىنى يوق .
مەندە نوكىيا700 بار ئىدى ئۇيغۇرچە تونۇتۇشنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ياردەم قىلساڭلار …
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پقىر ئارسلان107 تىمىسىنىڭ تەستىقلانغانلىقىدىن بەك خۇشالمىش ھەمدە ۋىروسجانغا قاتتىق رەخمىتى بارمىش . شۇنداقلا بۇندىن كىيىن تورخۇمارغا نادىر تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇش قارارىغا كەلگەنمىش …
تورخۇمارنىڭ بەزى مەزمۇنلىرى google تور كۆرگۈدە نورمال كۆرۈنمەيدا، ie دا نورمال بولمىسا، بەك ئامراقتىم، chrome غا.
بىز ئىزچىل chrome ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى قوشقاندىمۇ ئاۋال chrome ۋە firefox تا سىنايمىز . قارىغاندا بۇ سىزدىكى chrome نىڭ ئىشى ئوخشايدۇ.
قايتا قاچىلىساممۇ ئوخشاش، مەزمۇن ۋە ئىنكاسلارنىڭ بەزى يەرلىرى كۆرۈنمەيدۇ، بەت يىڭىلىسام كۈرۈنۈپلا يوقاپ كىتىدۇ.
سېستىمىنىڭ ئۆزىنى قايتا قاچىلىسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.
مەن يەنىلا ئالما يەۋىرەي سەت بولدى ھە
بۇ تېمدىكى باش تەرپىدىكى رەسىم بەك مەنىلىك كەن جېمۇ !
nokia بېشنى تۇتقان apple ئىشلەۋاتقان samsung ما ئالما دوستىمىزدىن كۆچۇرۋاتقان ، كۆرۇپلا تازا كۇلۇپتىمەن .
تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دەششەت دەۋىر سۈرگەن بۇ نوكىيا، ھەقىقەتەن ئاقسا ماركىتى، بەك ياقتۇراتتىم. ھازىر يانفۇن بازارلىرىغا بارىدىغان بولسا ساپلا 3D پىرىنتىردا بېسىپ چىقارغان ساختا ئالما، پارنېكتە پىشقان ئەنجۇر تېلفۇنلار….
3D پىرىنتىردا تانكا ياساۋاتسا چەتنىڭ
مەنمۇ بۇرۇن نوكىيا تېلفۇنلا ئىشلىتەتتىم. باشقىسىغا قەتئىي كۆنەلمەيتتىم. ئەمدىلىكتە خۇددى شۇنىڭغائوخشاش ئالمىغىلا كۆنۈپ قاپتىمەن. ئالمىدىن باشقىسى ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ. ئالدىنقى تېمىدىكى سامسۇڭ Galaxy S4 مۇ مىنى ئۆزىگە تارتالمىغانتى. ئەمما بىراق لېكىن، ماۋۇ لۇمىيا نىڭ كىچىلىك مەنزىرىنى پەچەت تارتىشى بىلەن كوچا خەرىتىسى مىنى سەل ئازدۇرىۋاتىدۇ !
مۇشۇنوكىياغائالامەت ھەۋىسىم بادىسە ئۆيدىمۇئىككىسىبا ھازىرغىچەساقلاقلىق بالام ياڭاق چېقىپ زىرىككەندەئويۇنچۇق قىلىپ ئويناۋاتىدۇ.
ئاڭلىسام يېقىندا928چىقامىش ئاڭلاشلاغاقااىغاندابۇمۇئالامەت ئاقسايانفۇن ئىمىش شۇسەۋەب ھەۋەسكار دەل مۇشۇيانفۇن ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ پۇلتوپلاۋاتقانمىش.
مىنىڭ لىيۇما 928غا ئىشتەي ساقلاپ ئولتۇرغىنىمنى بىلىپ قاپسىزدە.
كۇنۇپكىلىق يانفوننى تاشلىۋەتمىسە بولاتتى ئەسلى.
نوكىيانى ياخشى كۆرىدىغانلار ھېلىھەم كۆپكەن.
ئەزەلدىن ئامراقتىم نوكىيا يانفۇنلىرىغا
ياشاپ كەت نوكىيا
دەسلەپ يانفۇن كۆرگىنىمدە يانفۇننى نوكىيا دەيدىعان ٸوحشايدۇ،دەپتىكەنمەن(يانفۇنى بارلىكى ٸادەمنىڭ تىلفۇنى نوكىيا بولعاچ)لىكىن كىيىن بىلسەم ٸۇنداق ٸەمەسكەن
ماۋۇ گەپ يالغان ئەمەس، ئىشىنىشكە بولىدۇ !
مەن ئېسىمگە كەلسەم كۆپىنچە كىشىلەر بۇ تېلفۇنىمنى سېتىۋېتىپ، نوكىيا ئىشلىتەيمىكى، باھاسى ئەرزان دېسە نوكىيانىڭ ھەممە تېلفۇنسى ئەرزان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن، (ئۇ ۋاقىتلاردا سىتار ماركىلىق تېلفۇنلار مودا ئىدى )بىلسەم شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەر نوكىيا1200س تېلفۇنىنى دەۋېتىپتىكەن… 2006-يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن نوكىيانىڭ دۇنياۋى ماركا ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم… نوكىيانىڭ ئۇيغۇرچە تونۇشى راسلا ياخشىكەن. تۈنۈگۈن ئاپامنىڭ يانفۇنىغا ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللىسام 6300 ئىدى، نۇرمال كۆرۈنىۋاتىدۇ. بۇرۇن نېمىشقا بالدۇرراق نوكىيا ئىشلەتمىگەن بولغىيتىم دەپ كەتتىم… 6300غا تۆت يىلدىن ئېشىپتۇ، باتارىيەسىنى ئىككى قېتىم ئالماشتۇرۇپ بەردىم ھازىرغىچە چاتاق چىقىپ باقمىدى. مەن تۆت يىلدىن بېرى ئوننەچچىنى ئىشلىتىپ بوپتىمەن…
نوكىيانىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالما تېلفۇنۇم بۇزۇلۇپ قاپتى ، خەپ ، مەنمۇ ئاشۇ نوكىيا تېلفۇنىنى بىر ئىشلىتىپ باقايمىكىن !!
غەيرەت قىل ، نوكىيا !
ئاۋۇ نوكىيا808 41پىكسىل ئەمەس،41مىليون پىكسىلتى ئەسلى.
غەيرەت قىل نوكىيا!!!!
يانفۇن شۇنداق ياخشى ئىكەن،دوستۇم بىرنى ئېلىپ ئىشلىتىپ ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قاپتۇ،مەنمۇ بىرنى ئالايمىكىن دەيمەن،باھاسىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپىقكەن.
مېنڭ يانفۇنۇممۇ دەل نوكىيا لۇمىيا.800. سېستىمىسى wp7。8 .سۇرىتى شۇنچىلىك تىز.سۇزۇكلىك دەرىجىسى تولىمۇ يۇقۇرى.نوكىيانڭ يانفۇنلىرى تولبمۇ سىپتا ،كوركەم،نەپىس ھەم يەنەبىر خاسلىقى بولغان سىلكىنىشكە بەرداشلىق بېرىشچانلىقى يۇقۇرى. ھازىرغىچە خاسلىقىنى ساقلاپ كەلدى.باشقىلارنى دورىمىدى.نوكىيا چۇقۇم بۇرۇنقى بايراقدارلىق سەلتەنەتىنى تاپالايدۇ.
مېنڭ يانفۇنۇممۇ نوكىيا لۇمىيا800.سېستىمىسى wp7,8.سۇرىتى تولىمۇ تىز.نوكىيا خاسلىقىنى ساقلاپ كەلدى .باشقىلارنى دورىمىدى.يانفۇنلىرى شۇنچىلىك سىپتا ،كوركەم ،نەپىس.ھەم سىلكىنىشكە بەرداشلىق بېرىش چانلىقى يۇقۇرى.
نوكىيا چۇقۇم بۇرۇنقى بايراقدار سەلتەنەتلىك دەۋرىنى قايتا تاپالايدۇ.غەيرەت قىل نوكىيا!!!!!!
نوكىيا نى قوللايمەن
نوكىياغا تېخىمۇ زور يۈكسىلىشلەرنى تىلەيمەن.
سامسۇڭنىڭ win8تىلفۇنلىرىمۇ ياخشىكەن
نوكيا808نىڭ ئاپاراتى ھەقىقەتەن قالتىس،
بانكىر ئەپەندىم،نوكىيا بىلەن بىرلىشىپ، نوكىيانىڭ يېڭى تىپى لىيۇما نى بازارغا سالدىڭىزما؟
نوكىيا 928چىقىدىۇ دىگەن مىش مش گەپلەر بار، لىكىن چىققىنى 928ئەمەس،925 بولدى.
پاھ پاھ!يېقىندا نوكىيانىڭ بازىرى چىقىپ كەتتىغۇ تورخۇماردا.
ياخشى باشلىنىش،ئوبدان باشلىنىش.(ئەمدى ياخشى نەرسىگە ھەۋەس قىپسىز)دەپتىكەن تۆمۈرخان كام.
سېرتقى كۆرۈنشىنى ياخشىلېسا بولمامدۇ دەيمە،
ئۇيغۇر ئىلكتىرونىلىقى زادى نىمش قېلۋاتېدۇ دەيمە؟ بىز زادى باشقلارغا تايانماي ئەقلى سستىملېق مەھسۇلاتلارنى ئشلىيەلمەمدۇق.……؟ بىز قاچانغۇچە باشقېلارنىڭ شان-شۆھرىتىگە ھەۋەس قېلىمىز……؟ باشقلارمۇ بىزگە ھەۋەس قلسا بىزنىڭكىنى ئەتېۋارلاپ ئشلىتپ باقسا ئاسمان كۆمتۈلۈپ كىتەرمۇ؟ ھەئە …… قىرىنداشلا!مەنكى شۇنداق ئاددى بىر ئۇيغۇر بالىسمەن، سىلەرگە شۇنى مۇراجەت قلماقچمەن. بارلېق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ، كارخانچىلىرىغا مەدەت بىرەيلى ئۇلارنى روھى جەھەتتن بولسىمۇ ئىلھاملاندۇرايلى! ئشلىرىغا بەركەت ۋە ئۇتۇق تىلەيلى، بىزمۇ دۇنيادا باش كۆتۈرەيلى، چۈنكى بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇئاپىقىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىغا ۋە ھەربىر ئۇيغۇر ئەززىلېرىگە مەنسۇپ. ئەزىر قېرنداشلرىم، ئاخىردا سلەردىن ئۈمۈد قلدىغنېم ، ھەممىڭلارنى مەن بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئاكا-ئاچا،ئىنى-سىڭللېرىمىز بولغان ئۆز مللەت جاپاكەشلىرمزگە ئىلھاملاردا كۈچ قوشساق。 (( ئەزىز قرېداشلىرىم سىلەرگە كاتتا ئۇتۇقلار يار بولغاي ئاللانېڭ نامى بىلەن غەيرەت قىلڭلا!)) مەن بىلەن بىر نىيەتتىكى ئەزىزلەرگە كۆپ تەشەككۈر، مۇراجەتنامەمنى باشقا مۇنبەرلەرگمۇ يوللاپ قويۇشۇڭلانى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن رەخمەت سلەرگە…… مۇنبەر بىلەن تەمېنلىگەن قىرېنداشلىىر سىلەرگمۇ كۆپ رەخمەت。 ( بۆرەزاد )
مەنمۇ نوكىيا 920 دىن بىرنى سېتىۋالغىلى 3 ئاي بوپ قالدى ،سۈپىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن ،3 ئاي ئىچىدە تېلغۇنۇمنى ئاران 4 قېتىم قايتا قوزغىتىپ بېقىپتىمەن. بۇ ئاندۇرويىد ۋە ئالما تېلغۇنلىرىدىن ھەقىقەتەن ياخشىكەن،ئىكرانىمۇ چوڭ ،توكىمۇ ئۇزاق يىتىدىكەن. ئەڭ ياخشى يېرى بارماق دىسكىغا ئوخشاش كومپىيوتىرنى تۇنۇيدىكەن.
ئاندىرويىد ئىشلىتەي دىسىڭىز توختىماي ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە ئىلان( ئەخلەت) نى تازىلايدىغان سۈپۈرگە ئىلىپ مېڭىشىڭىز لازىم، ئالما ئىشلەتسىڭىز كۆزئەينەك ۋە توك قاچىلىغۇچ ئېلىپ ماڭمىسىڭىز بولمايدۇ، يەنىلا جانغا ئەز قىاتىدىغىنى نوكىيانىڭ تېلفۇنلىرى ،ئىشەنمىسىڭىز قاراپ تۇرۇڭ ھە!…. مىكروسوفىت بىلەن نوكىيا ھازىر ئاتا بالىغا ئوخشايدۇ.