iPhone 6 ھەققىدە بىر قىسىم تەسەۋۋۇرلار، بەلكىم بۇدا رەڭدار iPhone لارنى تۇتۇپ ئوينىشىمىز مۈمكىن…
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە iPhone 6 نىڭ تەسەۋۋۇر نوسخىىنىڭ رەسىمى ئېلان قىلىندى(دىققەت: تەسەۋۋۇر نۇسخىسى_ تەھرېردىن). iPhone 5S گەرچە تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، قىزىققۇچىلار iPhone 6 نىڭ لايىھە رەسىمىنى ئېلان قىلغان.بۇ ۋالتىن گىلارد (Valentin Gallard) ئىسىملىك لايىھەلىگۈچى iMacنىڭ لايىھە ئۇسلوبى ئاساسىدا iPhone 5 نىڭ لايىھە نوقتىسى بىلەن يۈرەكلىك ھالدا يېڭىلىق يارىتىش ئېلىپ بارغان. iPhone 6 نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىگى رەڭلەردە بۇرۇنقى ئاق ۋە قار ئىككى خىل بولۇش ئۇسلوبىنى بۇزۇپ تاشلاپ رەڭدارلىققا قاراپ يۈزلەنگەن. iPhone 6 نىڭ ئېكرانىمۇ iPhone 5 دىن چوڭايتىلغان. ۋالتىن گىلارد تېلفۇننىڭ قاتتىق دىتال قىسمى توغرىسىدا لايىھە ئۇچۇرى بەرمىگەن.
تورداش ئەكىرەمجاننىڭ مەزكۇر يازمىنى تەۋسىيە قىلغىنىغا رەھمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، تەسەۋۋۇر، كەلگۈسى، لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,327 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: a-new-generation-of-iphone.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > نوكىيا ۋە Lumia يانفونلىرى | NOKIA قايتىپ كەلدى
- كېيىنكى يازما > پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
دىۋان
سىلى ھېلىقى دائىم دىۋان دەپ پەگانى چەنلەيدەيغان مەرگەن شۇمۇ يا ؟ ئىسمنى ئۇيغۇرچە يېزىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي دىۋانغا ئاران ئېتىپسىلە ئۆزەڭلىنى
ھې ھې ھې
بۇ قېتىم نىشانغا ئۇدۇل تەگدى . . .
دىۋان
بىرقەدەم كىچىكىپ قاپسىزدە، ۋاي ئىسىت ! ! !
بۇنى بىز تەستىقى قۇربان دەيمىز ، ھا ھا … ئۈمۈدلۈك بۇلۇڭلا ۋە ئېدېش
دىۋان دەپ ئارانلا ئۈلگۇردۈم دىسە
دىۋان دەپ يۈگرەپ بولالماي ھاسىراپ كىتىپسىزدە ! يۇقىرى قان بېسىمى بوپقالماڭ يەنە !
ئابومجاننى چۈشەندىم…
ھەي ئەجەپ كۈنلەتى ئاشۇ دىۋان تالاشقان ، ئۇيقۇمۇ ئۇيقا بوممايۋاتقان ، تاماق يەۋاتقىچىمۇ ھىلى دىۋان چىقىپ قالامۇ دەپ خاتىرجەم يەممىگەن ، دىۋان تالاشمىغاندىن بىرى ئۇيقۇم ياخشى ، تامىقىم سىڭىشلىك ، بەل پۇتۇممۇ ئاغرىماس بولدى ، 6 سانتا ئۈسۈپتىمە راس، يىغىپ ئېيتساق دىۋان دىگەن تالاشقانغا كەممەيدىكەن ئەمەسما ، شۈكرى قانائەتچان بوپ ئۇچراپ قالسا ئولتۇرغۇلۇقكەن ، ئارتۇقچە تاما قىلسا بوممايدىكەن، بۇ مىنىڭ نەچچە ئايلىق دىۋان كۈرشىدىن چىقاغان خۇلاسەم … ھې ھې
ئايفوننىڭ يەنىلا قارا – ئاق رەڭدە چىقسا مۇۋاپىق بولغىدەك، رەڭدارلىق بۇ تېلفۇنغا ماس كەلمەيدىكەن.
ئاپلا، ئاۋۇ پى سىي نىڭ نىمدەيتۇق، ئىشقىىلىپ تۆۋەندىكىى ناخشىسىنى ماشىنىدا ئاڭلاپ مېڭىپ ماۋۇ دىۋانغا كېچكىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ.
پى سىي دەۋىتىدىغان گەپ
باھا سۆزىنى تەھرىرلىگىلى بولسىچۇ…
پۇچۇق ئالمىغا پەقەت قىزىقمايمە، ئەمما ئاۋۇ نوكىيا ياكى سەنشىڭ (سامسۇڭ) نىڭ تېلىفۇنلىرىغا ئالاھىدە ھۆرمىتىم با، بولۇپمۇ نوكىيانىڭ. كۆنگەن يامانمۇ ياكى كۆيگەنمۇ دىسە، كۆنگەن يامان دىگەندەكدەك ئاۋۇ نوكىياغا كۆنۈپ قالغاندىن بېرى، ئېل ج ئىشلىتىۋاتىمە، يېڭى نۇسقا نوكىيا دىيارىمىز قەشقەگە كەلگەننىڭ ئەتىسى خۇدايىم بۇيرىسا بىرنى ئالىمە، بۇيرىمىسا ئامال يوق، ئىل ج ھەمراھ.
يەنە باشلىنىپتۇ دىۋان تالىشىش
ئۇنى بىر دىمەڭ ، ۋىروسقارىم تىما يوللاپلا ئۆزى ئولتۇرۋالسا قانداقكىن ، بوممىسا تالىشىش توختىمايدۇ ، ھەممىسى توختىسىمۇ مەن توختىياممايدىغان چىراي
رەڭدارلىققا يۈزلەنگىنى ياخشى بوپتۇ ، ما گۈرۈچچاقنىڭ قېپىغا بەك ئىچىم كۈيىدۇ ، سىز ئويلىيالىغان رەڭلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بۇلدىكەن ، يەنە تېخى شەخىسلەر ئۆزى خالىغان رەسىم شەكلنى تەمىنلىسىە شۇ بۇيىچە ئارقا قېپىنى ئايرىم ياساپ بىرىدىكەن ، بۇمۇ بىر ئىستىمالچىلارنى قىزىقتۇرىدىغان بىر ياخشى ئىش ، ئالمىغا كەلسەك سېستىمىسى خېلى پىشىپ يىتىلدى ، بۇندىن كىيىن سېستىمىسغا قارىتا كۆپ يېڭىلىق كىرگۈزلىشى ناتايىن ، ئەمدى شۇ تاشقى كۈرنىشى دىگەندەكلەرگە بەكرەك كۈچىسە بۇلامىكىن
تورخۇماردا راكىتا باركەنغۇ … .. ماۋۇس يوتكەپ ئاۋارە بولمايدىكەنمىز …
ئالدىنقى بىر تېمىدا بىرەيلەن راكېتانى ياقتۇرۇپ قالدىم دېسە نەدە بولغىيتى دەپ ئىزدەپ كېتىپتىمەن، ئەسلى ئاق چىقىۋېلىپ كۆرۈنمەپتىكەن، ھازىر سەپسىلىپ قارىسام ئاق ئىكراندا سۇس ئاق رەڭلىك راكېتا باركەن، تاپالمىغانلار سىنچىلاپ قاراڭلار…
مۇشۇ ئالمىنىڭ ئىكراننىڭ ئاستى ۋە ئۈستى تەرەپنىڭ ئىگەنلىگەن ئورنى بەك چوڭ شۇنى بىر قايتا تەتقىق قىلسا بۇ خەخ،چوڭلىقى ئالما 4 بىلەن ئوخشاش،ئىكران چوڭ بولسا ياخشى بولاتتى…
يارىگۈللا ئۇخلاشمامسەن
نېمىشقىكىن ئالما يانفۇنلىرىغا پەقەت قىزىقمايمەن… ئەمما نوكىيا ،سەنشىڭ بوپ قالسىزە…بىر چاڭ ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتمىسەم كۆڭلەم ئۇنىمايدۇ جۇمۇ
كۆپچىلىك سىلەر دەۋاتقان راكېتا نەدىراقكە؟؟؟ شۇنچە سىنچىلاپ قالاپ تاپامايمەنغۇ، كۆزۈمغۇ يامان روشەنتى بولمىسا….
chrome ۋە firefox تەك ئىلغار تور كۆرگۈلەر ياخشى قوللايدۇ. IE نىڭ تۆۋەن نەشىرلىرىدە چىقمايدۇ.
ھەر ئىىككىلىسى باتى بولمىسا… ئاشۇنىڭدا ئېچىپ كۆرۈپ باقاي ئەمىسە
ھې..ھې… كۆردۈم مانا ئوڭ تەرەپ تۆۋەن بۇرجەكتىكى up ناملىق كۆك رەڭلىك راكىتاچاقنى
سىيرىلما غالتەكنى ئەڭ ئاستىغا سىيرىپ،مائۇسنى ئىكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىغا توغرىلاپ قاراڭ، راكېتانى كۈرەلەيسىز، ئۇ راكېتا بەك خىجىلچان ئىكەن…
نىمانداق سەت لاھىيەلىدى بۇ ئاداش.
راست دەيسىز… شۇنداق ساختا چىراي چىقىپ قاپتۇ
زاپەر ئايفوندەكلا كۆرىنىدىكىنا
قوناقتەك لايىھەلەپتۇ.
خۇماداشلار مۇشۇ راكىتانى تىلپۇندا كۆرگىلى بولمامدا؟بىر دەۋەتمەسىلەر