ئايفۇنى بارلار پو ئاتماڭ، بىزدە سامسۇڭ بار | SAMSUNG GALAXY S4 ھەققىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلار
ئۇزۇندىن بۇيان ئالما بىلەن پۇت تېپىشىپ بازار تالىشىپ كېلىۋاتقان سامسۇڭ گۇروھىنىڭ، ھەممىمىز تۆت كۆزىمىز بىلەن ساقلاۋاتقان كوزۇر مەھسۇلاتى GALAXY S4 مۇ يېقىندا ئېلان قىلىندى. دەرۋەقە ئالما بىلەن رىقابەتكە چۈشكەنگە تۇچلۇق ئالاھىدە نۇقتىلارمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، ئەنجۈر مەستانىلىرىنىڭ ئالدىن تاللىشى بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن. بەلكىم تۆۋەندە دىۋان تالىشىپ ئولتاغان تورخۇمارلار ئىچىدىمۇ بۇ يانفۇنغا كۆز قىزارتىپ يۈرگەنلەر كۆپ بولىشى مۈمكىن.
شۇنداق، يۇقۇردا كۆرگىنىڭىز دەل سەنشيڭ GALAXY S4. بەلكىم 5 سۇڭ توغىرسىنى ئېيتقاندا 4.99 سۇڭ كېلىدىغان ئېكىرانىدىنلا تونىۋالغان بولىشىڭىز مۈمكىن. مەزكۇر يانفۇن بېيجىڭ ۋاقتى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى ئەتتىگەن سائەت 7:00دە(نىيۇ يۇرىك ۋاقتى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچ سائەت 7:00 دە) ئېلان قىلىندى. يىللارقىغا ئوخشىمايدىغىنى بۇ قېتىم بارىسلونا MWC2013 دا ئەمەس، نيۇر يۇرىك دەۋىر مەيدانىدا ئېلان قىلىندى. قېنى ئەمسە تۆۋەندە تورخۇمارلار بىلەن GALAXY S4 ھەققىدە بىر قىسىم چولتا مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى.
قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتال جەھەتتە S3دىن خىلىلا پەرىقلەنگەن، يۇمشاق دىتال جەھەتتە يىڭىلىق تېخىمۇ كۆپ.
- ئىكران چوڭلۇقى / 4.99 سۇڭ
- ئىكران تەڭشىلىكى / 1920×1080
- ئىكران رەڭ نوقتىسى / 16 مىليون دانە
- تور ھالىتى / GSM , WCDMA
- يانفون چوڭلۇقى / 136.6×69.8×7.9mm
- يانفون ئېغىرلىقى / 130g
- ئاپىرات ئېنىقلىق دەرىجىسى: ئالدى كامىرا ئىككى مىليون / ئارقا كامىرا ئون ئۈچ مىليون پىكسېل
- رەسىمنى ئەڭ چوڭ بولغاندا 4128*3096 像素 ھالەتتە تارتالايدۇ
- سىن ئالغاندا 1080 P لىك ھالەتتە ئالالايدۇ ،(1920*1080)
- كۆك چىش / 4.0
- سىمسىز تورغا چېقىش : WIFI\ IEEE 802.11 a/n/b/g/ac
- ئىچكى ساقلىغۇچ / 2GB
- ئىچكى سىغىم : 16GB / 32GB / 64GB
- كىڭەيتكىلى بولدىغان سىغىم / 64GB
- مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ : 8 يادرولۇق(八核)( تۆت بولۇپ چىقىدىغان نۇسخىسىمۇ بار)
- SIM كارتا / مىكىرو كارتا قوللايدۇ. (تاق كارتا)
- رەڭگى : ئاق / قارا ئىككى خىل رەڭلىك
ئەمدى ئىقتىدارلىرىغا كىلەيلى:
سىمسىز توك تولۇقلاش ۋە NFC ئىقتىدارى بار(يېقىن ئارلىقتا ئۇزۇتۇش ،ئالاقىلىشىش، ئىلگىرى نوكيا 600،700،701 نوكيا N9، نوكيا C7 لاردا بار ئىقتىدار)
ئالدى ئارقا كامىرا بىرلا ۋاقىتتا سىنگە ئېلىش ، بىرلا ۋاقىتتا كۆرشۈپ پاراڭلىشىش
GIF ھالەت ياساش،ئاۋازلىق ئالبوم ياساش.
ئىنفىرا نۇر، چوڭايتىپ كۆرۈش دېگەندەك، ئارلىق دەرىجىسى سېزىش، تىمپىراتۇرا دەرىجىسى سېزىش، نەملىك دەرىجىسى سېزىش،GPS يول باشلاش سېستىمىسى.
سىستىمى : < Android os 4.2. < 果冻豆
( « os» : ئەقلىيفۇن ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپنىڭ سىستىمىنى تىلفۇننىڭ لاھىيلىنىشىگە قارتا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارغان نەشىرى )
سىستىما ئىچىگە siri نىڭ رىقابەتچىسى Google Now ئاۋزلىق ياردەمچى قۇرالىنى سەپلىگەن.ئىزدەش گىگانىتى گوگۇل ياسىغان.
ئەقلىيلىق يۆتكەپ زىيارەت قىلىشSmart Scroll، ئەقلىيلىق قويۇش توختۇتۇشSmart Paus، ئەقلىيلىق ئىكران ئېچىشSmart Stay. (كۆز ھالىتىگە ئاساسەن بەت ئۆرۈيدۇ،پەسكە سىيرىيالايدۇ،كۆز ئىكران دىن باشقا تەرەپكە يۆتكەلگەندە سىن توختىلىدۇ ئەكسچە قويلىدۇ. ئشلەتكۈچىنىڭ ئھتىياجىغا ئاساسەن يانفون ساقلاش ھالىتىگە ئۆتمەيدۇ)« 智能» نى ئەقلىيلىق دېيىش توغرا دەپ ئويلايمەن. ئىقتىدارلىق دېگەندەك بىر قاتار گەپلەرگە قارىغاندا بۇ يەردە مۇنازىرە قىلشىپ باقايلى.
بۇنىڭدىن باشقا يانا Galaxy Note II نىڭ بەزى ئىقتىدارلىرى قوشۇلغان. بارماقنى ئۇچۇرنىڭ ئۇستىگە ئەكەلگەندە ئىچىدىكى بىر قانچە مەزمۇنلىرى كۆرۈنىدۇ. سەنشىڭمۇ بىلىكىگە تاقىغىلى بولدىغان ئەقلىي ھىساپلىغۇچ ياسىغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى ۋە يۈرەك سوقۇشىنى ھىساپلىيالايدۇ. بۇ ئۈسكىنە يانفون ئىچىدىكى ساغلام S Health ئەپ بىلەن ئۇلىنىدۇ.
بازار تەكشۈرۈش تەتقىقلاش شېركىتى IHS iSuppli نىڭ ئېلان قىلىشىچە، Galaxy S4 نىڭ ياسىلىش تەننەرخى 244 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ iPhone 5دىن %15 يۇقىرى. Galaxy S4 دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە (155 دۆلەت ۋە رايۇن)، بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سىلنىدۇ. ھازىرغىچە بازارغا سېلىنىش ۋاقتىغا نىسپەتەن ئىشەنچىلىك مەلۇمات يوق.
لېكىن، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالما تىلفۇننىڭ بەش يىللىق خاتېرە كۈنى. بۇ كۈنى ئالما چوڭ تەبرىكلەش يېغىنى ۋە جوبىسنى ئەسلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى مومكىن، ئالما 5S ۋە Ipad5 مۇشۇ كۈنى ئېلان قىلنىشىمۇ مومكىن. ئالمىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى سەنشيڭمۇ 4 – ئاينىڭ 26 كۈنىنى بازارغا سېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىشى ئېھتىمالغا يىقىن.
Galaxy S4 تەشۋىق فىلىمى
تورداش ئويغاننىڭ مەزكۇر يازمىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Samsung، مەھسۇلات، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: samsung-galaxy-s4-heqqide.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يانفۇن 40 ياشقا كىردى | يانفۇننىڭ 40 يىللىق تەرەققىياتىدىكى بىر قىسىم نەمۇنىلەرگە نەزەر
- كېيىنكى يازما > نوكىيا ۋە Lumia يانفونلىرى | NOKIA قايتىپ كەلدى
- يانفونغا بېرىلىپ كېتىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئەمەس، ئەمما…ناۋادا دۇنيادا يانفون مەۋجۇد بولمىسا ئەھۋال قانداق بولار؟
- 21-ئەسىرگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەيدۇ
- تورداشلار ياساپ چىققان iPhone 6 ھەققىدىكى ئۇقۇم كۆرۈنۈشلىرى، بەكلا ئاقسامۇ قانداق؟!
- ئاقسا قۇرۇلما! ۋېلىسپېتنىڭ چاقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان LED چىراق | تىقىپ قويغان ۋېلىسپىتىڭىزنى مىنىدىغان ۋاقتى كەلدى!
- سىز كۆرۈۋاتقان iOS 7 تېخى پۈتمىگەن بىر چالا مەھسۇلات | iOS 7 يوقاتقان شۇ نەرسىلەر ھەققىدە بىر قىسىم كۆز قاراشلار
- سىز iPhone ھەۋەسكارىمۇ ياكى SAMSUNG ھەۋەسكارىمۇ ؟ مەنچە يەنىلا NOKIA نى تاللىغان دۇرۇستەك قىلىدۇ
- ئۇچۇر تورى ئايفۇن ئەپ دىتالى ئېلان قىلىندى | ئەمدى يانفۇندىلا ئۇچۇر يوللىيالايسىز/ ئۇچۇر كۆرەلەيسىز
- قالتىس ماھارەت، ئاڭلىسام دۇنيا پاركور ماھىرلىرى لۇمىيا 920 نى سىناپ بىقىپتىمىشلەر~!
- سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغۇدەك بىڭسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان 13 ھەقىقەت
- نوكىيا ۋە Lumia يانفونلىرى | NOKIA قايتىپ كەلدى
بولىدىكەن ،
ئىقتىدارلىرى بولىدىكەن جۇمۇ ئەمما پۇلىسىمۇ خېلى بار ئوخشايدۇ
دىۋان دىسەك بولامدۇ يا
بوممايدىغان چىراي
باھاسى چىقسا مۇۋاپىق بولسا ئالساق بولتى . ھەي تەقەززالىق بىلەن سۆلگەي ئىقىتىپ تۇرىدىكەنمىزدە
بىزنىڭ مەلىدە شۆلگەي دەيتۇق ، سىلەنىڭ مەلىنىڭ شىۋىسى ئوخشايدۇ ھە سۆلگەي دىگەن ، ھې ھا ھۇ
iPhone دېگەن يەنىلا iPhone دە… يولۋاس بىلەن مۈشۈكنى سىلىشتۇرغاندەكلا ئىش بۇ. يولۋاس سۇ ئۈزەلەيدۇ، لېكىن مۈشۈك دەرەخكە چىقالايدۇ، بۇنى قانداقمۇ سىلىشتۇرغىلى بولسۇن… ئەمما يولۋاس دېگەن يەنىلا يولۋاس
ئادەمنىڭ كۆزىنى قىزاتىپ….
باھاسى قانچىلىك چىقا؟ راستىنى دېسەم سامسۇڭنىڭ يەڭگىللىكىگە بەك ئىچىم كۆيىدۇ، مەندە HTC نىڭ G17 دىن بىرى بار، بەكلا ئېغىر، ئادەمگە قىش ۋاقتى ئېغىر كەلمىگەن ھازىر ئېغىر كېلىدىكەن، تېخى ئۇيەر-بۇيەرگە ئۇرۇلۇپ كېتىشلىرىچۇ، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىپ….
4- اينىڭ 26 -كۈنى مەھسۇلات ېلان قىلىش ەمەس, بازارغا سېلىش مومكىنچىلىكى,
ئويغانجون، بىژ گەپ باتى دەي دىمەي دەپ بەك ئويلانغان، ئا ئىسمىڭىز پۇچۇق چىقىدىغان بوپقاپتا ، نەچچە يەدە كۆگەن ، يۈز كويلۇق پۇلنىڭ يۇغون بىژ بۈجىكى ژىتىلىپ كەتكەنگە ئوخشاش ، ئىسمىڭىز پۇچۇق بوپقاپتىكەن غەلىتە بوپقالدىمغۇي ، ھې ھې
دېمىگەن بىلەن مۇشۇ سەنشىڭنىڭ يانفۇنلىرىغا كۆيىمەن جۇمۇ..
samsung نىڭ تېلېفونلىرىنىڭ قاتتىق دېتاللىرى ھەقىقەتەن iPhone دىن ئېشىپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئىشلەتكەن سىستېمىسى ئاندرويىد! بۇ سىستېمىنى iOS بىلەن سېلىشتۇرۇشقا تېخى بالدۇر. ئاندرويىدنىڭ مۇقىملىقى iOS قا يەتمەيدۇ.
قاتتىق دېتاللىرى ھەقىقەتەن iPhone دىن ئېشىپ كەتكەن بىلەن، ئاشۇ تاق يۈنىلىشلىك CPU ئىشلەتكەن، 512MB لىق iPhone4 تەك يېنىك ھەم مۇزدەك ئىشلەپبېرىشىگە بار تېخى شۇنداقمۇ يا بۇرادەر
332G بوپ قاپتۇ 、、、。。。。
پۇتاق تاپتى دەپ قامماڭلا تۈپتۈز كۆڭلەم بىلەن دەپ قويدۇم..
پۇلىسى قانچىلىكتۇ؟
مۇشۇ ئالما مەستانىللىرى نىمىشقىكىن ئاممۋىي سورۇندا ئالما تېلفونىنى ھەرگىز يانچۇقىغا سالمايدىكەن، تورخۇماردا تېلفوننىڭ گىپى بوپقالسا ،《ئالما تېلفون ياخشى》 دەۋالمىسا توردىن چۈشمەيدىكەن. ھى ھى ھى ……
يېڭىياچىلار ئاشۇنداق .
تېخى بەزىدە ئادەم بار يەردە چىك – چىك قىلىپ قۇلۇپىنى ئېچىپ – ئېتىپ قويۇشلىرى بار ….. ۋاي نېمە دەي
يا يا يا… بۇ دەۋالغانلىق ئەمەس، بۇ ئالما شۇنداق دېگۈزىۋېتىدۇ ئەمەسما…
بەلكىم سائەتكە قارىغاندۇ.
نېمە دىگەن چىرايلىق. مەن ئىيچ تى سى ۋان ۋى ئالغىنىمغا پۇشمان قىلىۋاتىمەن.قاراپ كۆزەمىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىراي.
سەپلىمىلىرى، ئىقتىدارلىرىدىنمۇ خەۋەر تاپتۇق. ئەمدى نەق گەپنى قىلساق باھاسى نەچچە بوپ چىقار؟ پەرەزلىرىڭلار بولسىمۇ دەپ باقمامسىلەر. ئەڭ ئاۋال قىزىقىدىغىنىمىز شۇغۇ. پەرىزىڭلار توغرا چىقىپ قالسا مۇتەخەسىس دەپ ئەكىتىپ قالامدۇ تېخى…..
4.26 مىنىڭ تۇغۇلغان كۇنۇم
خۇماداشلار بايا مەسلىھەت قىپ سىزگە تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى ئۈچۈن بىرنى سوۋغا قىلىدىغان بولدۇق ، شۈيخۇ ئېپ قاممايلى دەپ بىردەك مىنى باش شىركەتكە تېلفۇن سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىمىز دەيدۇ ، خوش بولدىڭىزمۇ ؟ چۇقۇم خوش بۇلسىزدە ، ئۇندا بوسا ئاشۇ بېرىش كىلىش كىرا ھەققى ئۈچۈن خەلىق پۇلىدىن 5000نى كارتامغا ئۇرىۋىتەمسىز؟ ئەتىلا ماڭاي تېلفۇن ئاغىنى ، ھې ھې ھې
21-ئەسىرئۇچۇر دەۋرى ئابومجووووون ، شۇ يانفۇننىڭ باش بېتىگە چىقىپلا زاكاس قىلىپ بېرىڭ ،نىمىش قىلىسىز ئاۋارە بولۇپ زاۋۇتقا بېرىپ، پوچتا ھەققىنى كۆتىرىۋالاي بوپتۇ.
يووو مەن ئەمدى 4 يادروغا كۆچسەم (كومپىيوتىرنىڭ) ما كاساپەت 8 يادرو دەيدىيا …..؟؟؟
ئەمما لېكىن ئاۋۇ ئالدى كەينى بىر ۋاقىتتا سىنغا ئېلىش كۆز ئىشارەتنى تۇنۇش ئىقتىدارى ئالامەتكەن . ئەمما پلىسىمۇ ئالاااامەت چىقىدۇ ھەقەچان … ھەييييي
مۇشۇ android قا ئۆچ بولمىسامچۇ كاشكى…….. ئېلىپلا ۋېتەتتم
مۇشۇنداق نوچى تىلفۇنلار چىقىۋەر سە قايسىنى ئىلىشنى ئۇقمايلا قالىدىكەن . ……..
iphone 5 ئالاي دىسەم 8 ئايلادا iphone 5s چىقىدىكەن دەپ تازا ئۆزۈمنى توختۇتالماي تۇرسام ماۋۇ samsung نەدىن پەيدا بولدى ئەمدى
شۇنى دەڭە ، بۇ تېلفۇنلا بىر-بىرىدىن نوچى ، قايسىنى ئېلىشنى بىلەلمەيلا قالدىم . تاللا تاللا ، قىز تاللاىغان تازغا ، يىگىت تاللىغان مازغا دەپ …ئاچچىكىم كەلسە بىر ئاماللانى قىلىپ بۇرۇنقى رەڭسىز نوكىيادىن بىرنى ئالىمەن
ئەگەر سەنشىڭنىڭ ئاشۇ قاتتىق دېتاللىرىغا iOS نى ئىشلەتسە گۈل گۈلىگە كەلگەن بولاتتى – دە. ئاندروئىد پىشىپ يىتىلمىسە ئۇ مەڭگۈ iOS رىقابەتچى بولالمايدۇ. ئايفوننى ئايفون قىلىپ تۇرغىنى سىستېما مۇقىملىقى، سىزىمچانلىقىنىڭ ياخشىلىقى… سەنشىڭ ھەقىقەتەن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.
ئاشۇ ئاندىروئىد سېستىمىسىنى دېمىسەم ئاللىبۇرۇن ۋازكېچەتتىم ئالمىدىن …. ئالمىنىڭ سېستىمىسى ھەقىقەتەن ياخشى !
نېمىشقا ۋاز كېچىسىز دەيمە… سەپلىمىسى ئاجىز بولغان بىلەن شۇ كۈچلۈك سەپلىمىلىك گىگانتلاردىن ياخشى ئىشلەۋاتقاندۇ، كامىراسىنى دېمىسىڭىزلا iPhone دا باشقا نۇقسان يوق جۇمۇ… سەپلىمىسى يۇقىرى بولسىلا iPhone دىن يىنىك ھەم مۇقىم، پېچەت ئىشلەپبېرىشى ناتايىن جۇمۇ…
بۇ يانفونغا راستلا ئىچى كۆيىدۇ كىشىنىڭ !
ياز ۋاقىتلىرى قانداقمۇ بۇنداق يوغان نەرسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگىلى بولسۇن، ئىكرانى راسلار بەك كىلەڭسىز بۇ سەنشىڭنىڭ، ئەمما ئالما بولمىغان ۋاقىتتا، ئەنجۇر سىستىمىسى راۋرۇس مۇقۇملاشقان ۋاقىتتا ئاندىن كىيىن بۇ يانفۇنلارنى تالىشىپ ئىشلىتىدىغانلار چىقارمىكىن، تۈپتىن مەن ياقتۇرمايمەن. يەنىلا ئالما يامان ئەمەس دەۋىرگە ماسلاشقان، يىنىك، سىپتا دىيىشكە بولىدۇ.
كۆز ھەركىتى ئارقىلىق بەت سۈرۈش، بۇنى بەك نوچى ئىش دەپ كەتكىلىمۇ بولماس، قولنى خۇدايىم بىكارغا بەرمىگەن شۇنىڭغا ئىشلەتسۇن دەپ بەرگەن.
5-ئەۋلات ئالما :123.8×58.6×7.6mm
S4 گەلەكسي: 136.6×69.8×7.9mm
بۇلاردىن قارىغاندا S4 گەلەكسي ئالما 5 تىن شۇ بىر سانتىمىتىر ئۇزۇن. شۇڭا بۇ چوڭ دېيىشكە باھانە بولالمايدۇ.
ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۇنچە كەم-كۈتىسىز ئويلاپ كەتمەڭ. ئاندرويىد ناچار بولغان بولسا بۇنچىلىك ئالقىشقا ئېرىشمەيتتى.
ئۇنداك بولسا كۇزىڭىزنى ئۇنداك ئىشكا ئىشلەتمەڭ دىگەنما .
سامسۇڭ ھامىنى سامسۇڭ ئالمىنىڭ سىستىمىسى ئندىرويتقا يەتمەيدۇ. ئالمىمو خەرىتىنى ئۆزىمىز ئشلەيمىز دەپ مەغلۇپ بولدى. يەنىلا گوگىل شەركىتىنىڭ خەرىتىسىنى ئشلەتتى. خامىنى ئاندىرويتقا يەتمەيدۇ.
ھە شۇنداما…
مەن ئالما تېلېفۇنىمۇ، ئاندىروئىت تېلېفۇنىمۇ، wp سىستىمىلىق تلېفۇنمۇ ئىشلىتىپ بىقىپتىمەن، مىنىڭ ھېس قىلغىنىم يۇمشاق دىتالنىڭ ئىلغارلىقى جەھەتتە ئالما تېلېفۇنىنىڭ mac قا يىتىدىغىنى يوق، ئالما شىركىتى يۇمشاق دىتال بىلەن قاتتىق دىتالنى ئۆزى ئىشلىگەنلىك سەۋەبىدىنمىكىن سىستىمىنىڭ راۋانلىقى بەك ياخشى، يەڭگىل يۈرۈشىدۇ، سەنشىڭنىڭكىدەك سەككىز يادرۇلۇق بولمىسمۇ چوڭ سىغىملىق ئويۇن، ۋە ياكى پىروگىراممىلار ئاندىروئىدقا قارىغاندا خىلىلام ياخشى، سۈرەتنىمۇ ئىنىق تارتىدۇ، لىكىن ئالمىنىڭ بىرلا يىتەرسىزلىكى ئىشلەتكۈچىنى بەكلا كونتىرول قىلۋالىدۇ، سېتۋالغان ئادەم تېلېفۇننى ئىشلەتمەي، تېلېفۇن ئىشلەتكۈچىنى ئىشلىتىدۇ.
ئاندىروئىتنىڭ 内存 مانچە دىگەن بىلەن سېستىمنىڭ ئىگەللەيدىغان سىغىمى بەك چوڭ، مىنىڭ تېلېفۇنۇمنىڭ 1Gلىق 内存نىڭ %80نى سېستىما ئىگەللىۋالىدۇ، ئۆزىغۇ قوش cpu، لىكىن يەنىلا راۋان ئەمەس، يۇمشاق دىتال ناچار بولغاندىكىن.
wpغا كەلسەم، ئىشلەتكىلى ئۇزاق بولمىدى، سېستىمىنىڭ قانداقلىقىنى دىمىسەممۇ ھەممەيلەن بىلىمىز، گەپنىڭ ئوچۇقى سەل كۆنەلمىگەندەك ھېس قىلدىم،
قولى يەتمىگەن شاپتول ئاچىق دىگەندەك ئالما تۇتقانلار سۆككىلى تۇردىڭلارغۇ بۇنى ، ھەممە تېلغۇننىڭ ئۆزلالدىغا ئالاھىدىلىكى بار.
مەن بۇ تېلفۇننى ئالاي دەپ يېرىم يىلدىن ئارتۇق بولدى ساقلاۋاتىمەن قاچان چىقاكى دەپ ، بازارغا سالغان كۈنىلا بىرنى ئالىمە خۇداھىم بۇيرىسا .،.،
ئالما قاتتتىق دىتالنى ئۇزى ئشلىمەيدۇ. ئاددىسى ئىكىرانىنى سامسۇڭ ئشلەپ بىرىدۇ.
ئۆزلىرى ئىشلىگەندىن بەكرەك تېجەشلىك بولىدۇ ئەمەسمۇ… پاتىنېت ھۇقوقى مۇھىم، كىمنىڭ ئىشلىگىنى ئەمەس… دېمەكچى سىزمۇ ئالمىنىڭ ئېكرانىغا قايىل ئوخشىمامسىز… ئۇنى دېسەك جۇڭگو ئالمىنىڭ ئەڭ چوڭ قوراشتۇرۇش بازىسى تېخى
ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز
ئالمىنىىڭ مېڭىسى بىلەن ئېكرانى سامسۇڭنىڭ
گەپ تۈگىدى!
پاتىنېت ھۇقوقى Apple دا دەڭ…
ماڭا يەنىلا ئۆزۈمنىڭ Find5 يارايدۇ ، كاساپەتنىڭ چىرايلىقلىقىنى دىمەيلا قوياي ، رەسىمگە تارتىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كىتىسىز بەزىدە ، ئىكرانىمۇ شۇنداق سۈزۈك . سەپلىمىللىرىنى يىزىپ ئولتۇرمىساممۇ مۇشۇ تىلفۇن بىلەن ئوخشاش دەپ چۈشەنسىىڭىز بولدى .
شۇغىنىسى چوڭ ياش كەلدى شىمغا يا پاتمىغان دەپ ھەي بۇ تىلفۇننى چوڭايتىپ نەلەگە ئاپىرا….
ھە باللا سەنشېڭ چىققىلى قانچىلىك بولدى ئالمىغىچۇ بەرىبىر ئالما دىگەن ئالما ئالمىنى دوراپ چىقاغان تېلفۇن كەلەڭسىز
بۇ تىلفۇننڭ چۇڭلىقىنى دىمىسەم ئىشلىتىپ باقاكەنمە.