نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

يانفۇن 40 ياشقا كىردى | يانفۇننىڭ 40 يىللىق تەرەققىياتىدىكى بىر قىسىم نەمۇنىلەرگە نەزەر

40 يىل ئاۋالقى بۈگۈنكى كۈن. موتورولادىن Martin Cooper دۇنيادىكى تۇنجى يانفۇننى ياساپ چىقتى ۋە شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا رىقابەتچىسى بولغان بېل تەجىربىخانىسىنىڭ مەسئۇلى Joel غا تېلىفۇن ئۇردى. «Joel ، بۇ مەن Martin. مەن ساڭا يانفۇندا، ھەقىقى تۈردىكى يانفۇندا تېلىفۇن قىلىۋاتىمەن». دەرۋەقە قارىشى تەرەپتىن سادا كەلمىدى. ئەمما بۇ يانفۇننىڭ كاشىلىسىدىن ئەمەس بەلكى موتورولانىڭ ئۇلاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ھەسەتتىن بولدى.

yanfun

مانا شۇ دەقىقىدىن باشلاپ يەر شارى ھەقىقى تۈردە مەھەللىۋىلىششىكە يۈزلەندى. بۇ ھەم ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك نەتىجىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تېخى شۇندىن 50 يىل بۇرۇنلا كىشىلەر ھاۋا ئارقىلىق ئاۋاز تارقىتىشنى جادۇرگەرلىكتىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلالمايتى. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە يانفۇن دىگەن بۇ مەخلۇق تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتتى. ھەتتا ئوقۇرمەن سىزمۇ مەزكۇر يازمىنى يانفۇندا كۆرۈۋاتقان بولىشىڭىز مۈمكىن. تۆۋەندە تارىختا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان 12 يۈرۈش يانفۇن ھەققىدە ئاز-تولا بىلجىرلاپ باقايلى!

Motorola DynaTAC 8000X – 1983

0402_motodyna_1200-660x774

DynaTAC بولسا تۇنجى سودا ساھەسىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان يانفۇن. 1954- يىلى Martin موتورولاغا قوشۇلغاندىن تارتىپلا بۇ تۈر خىزمىتى باشلانغان. مەزكۇر يانفۇن ھەربى ساھەدە ئىشلىتىدىغان نەشىرى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئېغىرلىقى تەخمىنەن 800 گىرام. ئۇزۇنلىقى 25 سانتىمېتىر. ئانتېنىسىمۇ خۇددى ئۈسكۈنە گەۋدىسىدەكلا ئۇزۇن. بۇ يانفۇننى يانچۇققا سېلىپ يۈرۈش ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. دەسلەپ بازارغا سېلىنغاندىكى باھاسى 4000 ئامېرىكا دوللىرى(شۇ چاغلاردىكى 56000 يۇەن ئەتىراپىدا).

Motorola MicroTAC – 1989

0402_motomicro_1200-660x712

MicroTAC بولسا تۇنجى ياپما قاپلىق(翻盖)ئۇقۇمدىكى يانفۇن. كىيىن بۇ خىل لايىھە ئەندىزىسى نۇرغۇن يانفۇنلاردا ئىشىلتىلدى(ھازىرغىچە مەۋجۇت). مۇنداقچە ئېيتقاندا يانفۇننى ھەقىقى تۈردە قولايلىقلاشتۇرۇشتا باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان. مەزكۇر يانفۇننىڭ ئۈسكۈنە ئۇزۇنلىقى 20 سانتىمېتىر. ئېغىرلىقى تەخمىنەن 340 گىرام. يەنە تېخى ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلاش، ئالاقە خاتېرىسى ۋە بىخەتەرلىك شېفىرى دىگەندەك ئىقتىدارلىرىمۇ بار.

Nokia 3210 – 1999

0402_nokia3210_660-660x351

بۇ رەسىم بەكلا تونۇش شۇنداقمۇ ؟ بەلكىم كۆپۈنچىمىزنىڭ ئائېلىسىدە بۇ تەۋەرۇك تېخىچە بولىشى مۇمكىن. نوكىيا 3210 بولسا 80- يىللىرىنىڭ باللىرىغا نىسپەتەن كۆپچىلىكىمىز تۇتقان تۇنچى يانفۇن. ئۇ ھەم تۇنجى ئانتېنىنى ئىچكى قىسىمىغا ئورۇنلاشتۇرغان يانفۇنلارنىڭ بىرى (ئانتېنىنى ئىچكى قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرغان تۇنجى يانفۇن بولسا 东芝نىڭ TCP-6000 بولۇپ، بۇندىن باشقا ئانچە ئالاھېدىلىكى يوق). رەڭسىز ئېكىرانى پەقەت كەلگەن تېلىفۇنلارنىلا كۆرسىتىپ بېرىپ قالماستىن يەنە خېلى بىر مەزگىل دەۋىر سۈرگەن يانفۇن ئويۇنى_ ئاچكۆز ئىلانمۇ بار(مەزكۇر يانفۇن ھەتتا غەزەپلەنگەن قۇچقان ئويۇنىنىمۇ ئىجىرا قىلالايدۇ، ئەلۋەتتە رەڭسىز). 2000 يىلى 3310 تارقىتىلىشتىن بۇرۇن، 3210 جەمئى 160 مىليون دانە سېتىلىپ چىقىرىلغان.

 Sony Ericsson T68I – 2002

0402_t68i_660-660x365

T68i نى ئەنئەنىۋى يانفۇن بىلەن ئەقلى يانفۇنلار ئارىسىدىكى كۆۋرۈك دىيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يانفۇن تارىختىكى ئەڭ«نوچى»لارنىڭ بىرى. ئۇنىڭغا كۆك چىش، قوش لىنىيىلىك ئۇچۇر، WAP توركۆرگۈ ۋە ئېلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ئىقتىدارلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئېرىكسوننىڭ تۇنجى رەڭلىك ئېكىرانلىق يانفۇنى. ئۇنىڭ شۆھرىتى يالغۇز بۇلا ئەمەس. ھەتتا 007 يۈرۈشلۈك فىلىملىرىدىمۇ T68i سىماسى ئۇچىرايدۇ«择日而亡». گەرچە سېتىلىش مىقتارى جەھەتتە نوكىياغا يەتمىسىمۇ، يەنىلا بازارلىق يانفۇنلارنىڭ بىرى ئىدى.

Danger Hiptop/Sidekick – 2002

0402_hiptop_660

قارا بۆلجۈرگەننى ئادەتتە سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار ئىشلىتىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئادەتتە Hiptop نى تاللايدۇ. Hiptop تورغا چىقالايدۇ. 2.6 فوتلۇق چوڭ ئېكىرانغا ئىگە. دەسلەپتە Hiptop رەڭسىز ئېكىرانلىق ئىدى. كېيىنچە رىقابەت بىسىمى سەۋەب رەڭلىك ئېكىرانغا قاراپ تەرەققى قىلغان. يانفۇندا يەنە AOL نىڭ پاراڭلىشىش دىتالى AIM ئارقىلىق ئالاقە ئىلىپ بارغىلى بولىدىغان بولۇپ، مۇشۇ سەۋەب نۇرغۇن ياش ئوغۇل-قىزلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. مۇنداقچە ئېيتاندا ئۇ تۇنجى ئەقلىلەشكەن يانفۇن.

BlackBerry 6210 – 2003

0402_bb_1200-660x428

قارا بۆلجۈرگەن 6210 ئۆزىدىكى قولايلىق بولغان ئېلىكتىرونلۇق خەت ئالاقىسى ئارقىلىق، سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار ئارىسىدا كەڭرى تارقالغان. پۈتۈن بولغان كۇنۇپكا تاختىسى يەنە نۆۋىتىدە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەقلىفۇن دەۋىرىگە باشلاپ كىردى. مانا شۇندىن باشلاپ تورغا چىقىش، ئۇچۇر يوللاش، ئېلخەت كۆرۈش، ناخشا ئاڭلاش ھېچقايسسى كەم بوپ باقمىدى.

Treo 600 – 2003

0402_treo_660-660x502

مېنىڭچە ھازىر ئارىمىزدا Palm نى بىلىدىغانلار ساناقلىقلا قالدىغۇ دەيمەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ شۇ چاغدىكى Treo 600 يانفۇنى بازاردىكى ساناقلىق ئاتامانلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەقلى يانفۇن ساھەسىدە ئۆلچەم تىكلىگەن. ئىچىگە تېلكامېرا سەپلەنگەن بولۇپ مۇزىكا قويغۇچىسىمۇ بار. پۈتۈن كۇنۇپكا تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 2.5 فوتلۇق رەڭلىك ئېكىرانمۇ بار. ھەتتا ئۇنىڭ سېستىما ئۇسلۇبى ھازىرقى iOS كىمۇ خېلى تەسىر قىلغان. لېكىن سېستىما يىڭىلىنىشى ناھايتى ئاستى بولغانلىقى سەۋەب، ئەڭ ياخشى بولغان رىقابەت پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.

Motorola RAZR – 2004

0402_motorzr_1200-660x440

ئەينى ۋاقلاردا يانچۇقىدا پۇلنىڭ تايىنى يوق رەڭۋازلار، بارىنى سېستىپ بولسىمۇ مۇشۇ يانفۇندىن بىرنى ئالىدىغان. مەيلى كىنو-فىلىملەر بولسۇن ياكى باشقىدەك سورۇنلاردا بولسۇن. سۆلەتۋاز بەگزادىلەر ياپىلاق موتورولارىنى خەقنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلاتتى. دەرۋەقە يانفۇن گەۋدىسى خۇددى ئېلانلىرىدا تەسۋىرلەنگىنىدەكلا ھەقىقەتەن نىپىز بولۇپ ھەقىقەتەن سالاپەتلەك كۈرۈنەتتە. شۇڭلاشقىمۇ يانفۇن بازارغا سېلىنىپ 4 يىلغىچە 130 مىليون دانە سېتىلىپ چىقىرىلغان.

Motorola Rokr – 2005

 

0402_rokr_1200-660x638

بەلكىم زور كۆپچىلىك تورخۇمارلار خۇددى مەندەكلا Rokr نىڭ تۇنجى iTunes بىلەن مۇكەممەل بىرلەشكەن يانفۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۈمكىن. ھەتتا جوبىسمۇ ئۆزى بىۋستا مەزكۇر يانفۇننى سېتىشقا قاتناشقان. لېكىن iTunesنى ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، ئەمما پەقەت 100 لا ناخشا قاچىلىغىلى بولىدۇ. ناخشا قاچىلاش ۋە ئاڭلاش بەك قولايلىق. يەنە ئەمما UI لايىھەسىنىڭ سەتلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ يانفۇن ناچارلىقتا قېلىپتىن چىققان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا يانفۇننىڭ شەخسى مېدىيا ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇش جەھەتتە تۆھپىسى زور. مانا شۇندىن كېيىن iPhone بارلىققا كېلىشكە باشلىدى.

Nokia N95 – 2007

0402_nokian95_660

ھېلىمۇ ئېسىمدە نوكىيا N95 دىيارىمىزدا 2009- يىللىرى ئالامەت مودا بولغان ئىدى. شۇ چاغلاردا كەمىنە ۋىروسمۇ شۇ چاغلاردا بىر تەرەپتىپ ئوقۇغاچ بىر تەرەپتىن مۇشۇ يانفۇننى ئېلىپ-سېتىپ خېلى جان باققان. ئىقتىدار جەھەتتە ئالما يوق ۋاقىتتا مۇشۇ نوچىتى. 5 مىليون پېسكېللىق تېلكامېرا، چاقماق لامپا، رادىئو ۋە GPS يول باشلاس سېستىمىسى دىگەندەكلەر گەرچە ھەممە يانفۇندا بولسىمۇ ئەمما نوكىيا N95 نىڭ ئۆزگىچە ئۈسكىنە لايىھەسى بىلەن مۇككەممەل بىرلەشكەن.

Apple iPhone – 2007

0402_iphone_1200-660x440

بۇ ھەقتا ئارتۇق توختۇلۇش پەقەتلا ھاجەتسىز. iPhone پەيدا بولغاندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدە يانفۇن ئۇقۇمى قايتا نامايەن بولۇشقا باشلىدى. خىلمۇ-خىل app، قولايلىق HOME كۇنۇپكىسى دىگەندەك ھەرخىل ئېلمىنتلار قانچىلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى؟ iPhone نىڭ پەيدا بولىشى يەنە يىڭى بىر ئەۋلاد ئۆلچەمنىمۇ پەيدا قىلدى. شۇنىڭدەك قايتىدىن يانفۇن بىلەن سودا ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلدى.

HTC Dream – 2008

0402_htcone_1200-660x431

HTC Dream يەنە بىر نامى G1. تۇنجى ئەۋلاد ئاندرويىد يانفۇنى. يەنە تۇنجى iPhone بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان يانفۇن. ئاندىرويد1.5 نەشىرىگە كوتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن سىرىلما تاختىنى ئاچماي تۇرۇپ خەت يازغىلى بولمايتى. لېكىن مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ بىر پۈتۈن كۇنۇپكا تاختىسى ناھايتى نەپىس. ئاندرويىد مۇ خۇددى iOS تەكلا كۇچلۇك رىقابەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ھەم توختىماي يىڭىلىق يارىتىۋاتقان سۇپا.

قانداق ؟ بىرە تونۇش يانفۇنلارنى كۆرگەندەكمۇ يا ؟ سىز قايسسىلىرىنى ئىشلىتىپ باققان ؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئويغان 2013.04.04 , 21:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن داگىدا دىگەننى ئىشلىتىپ باققان كىچىك ۋاقتىمدا.

  2. قاراخان 2013.04.04 , 22:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوخخو، تورخۇمارنىڭ يېڭىلىشى ئېچىلىشىدىنمۇ تىزلىشىپ كەتتىغۇ ئەمدى.

  3. ئويغان 2013.04.04 , 22:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    موتۇرۇللا ھەقىقەتەن تۇنجى يانفۇننى ياساپ چىقىتى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى موتۇرۇللا پادىشالىقىنى قۇردى . نوكيانىڭ دۇنياغا خوجا بولىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان،ئالما يانفۇنى چىقىشى يەنە ھىچكىم ئويلىمىغان ۋەقەنى نوكيانىڭ باش شىتاب بىناسىنى سېتىپ مالىيە جەھەتتىن قامدىشى ھازىرقى بازار ئىگەللەش نىسبىتى %3 كە ئاران يېتىدىغان (ئەقلىفۇن) بۇپ قىلشىنى كەلتۈرۈپ قويدى.
    ئالمىنىڭ چېقىشى ئەقلىيفۇنلارنى ئىنتاين تىز دەرىجىدە ئوموملاشتۇردى .
    ھازىر موتۇرۇللا گوگلى تەرپىدىن ئاللىقاچان سېتىۋىلىنىپ بولدى .نوكيا مىكىروسۇفىتقا تاينىپ قالدى.
    قارا بۆلجۈرگەن يىڭىدىن چىقارغان Z10 نىمۇ ئۆزىنىڭ نامىغا باھانى يۇقىرى قويۇپ ئۆزىنىڭ ماركىسىنىلا سېتىۋاتىدۇ يىڭىلىق جىق ئەمەس،دەسلەپتە خەن تىلى يوقتى ھازىر تەيۋەندە خەن نۇسىخسىنى سېتىۋىتىپتۇ.
    ئالمىنىڭ توھپىسىنى موتۇرۇللا دىن قىلىشمايدۇ دەپ ئويلايمەن. .

    • ئويغان 2013.04.06 , 00:41

      گوگلى ،گوگۇل يەنىلا گوگۇل نى تاللاي .

  4. قاراخان 2013.04.04 , 22:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Motorola RAZR ئىككىنچى قولىنى سېتىۋىلىپ بىر مەزگىل ئىشلەتكىنىم ئېسىمدە (يېڭىسىغا پۇلۇم يوق ۋاقىتلارتى ئۇ)

  5. خەزىنە 2013.04.04 , 22:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    palmنىڭ يانفونىنى دوستۇمنىڭ قولىدا كۆرگەن ئىدىم، مۇنداقمۇ ئېسىل يانفونلار ئۆتۈپتىكەن دەپ قالغان ئىدىم. كۆرۈنمە ئۈنۈملىرى ئۆزگىچە، قارىماققا ios، ئاندرويدلار بۇنىڭدىن خېلى ئۈلگە ئالغان چىراي.

  6. ئويغان 2013.04.04 , 22:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدىنقى تېمىدا مەنبەسىنى دورىسام :

    ۋىروس :
    مەنبە ؟ يوۋكۇنىڭ فلاش ئادىرىسىدىن كىرگۈزدۇققۇ. ھەرگىزمۇ فىلىمنى يوۋكۇدىن چۈشۈرۋېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تامغىسىنى چاپلاپ ئېلان قىلمىدۇق
    مەن ئۇ تېمىنى باشقا يەردە كۆرگەن ،مەنبەسىنى شۇڭا سورغان ،بەزى تىمىلار جۈملىمۇ – جۈملە قۇرمۇ – قۇر ئوخشاش ،(بۇ ھەممە يەردە مەۋجۇت) ئەمما بايان قىلىنىشى ۋە بەزى تەرپى ئازراق ئىچىمنى پۇشۇرۇپ قويىدۇ.(ئۆزى ئىجاد قىلغاندەك،ئۆزى ئېنىقلىغاندەك)
    مەن باشقىلارنىڭ باشقا توربېتى ۋە ئىنكاسلىرىنى تورخۇمار بىلەن سىلىشتۇرۇپ باقتىم ،پەرىق بار .
    ئەمما تورخۇمار يەنىلا ياخشى بىزلەرنىڭ تور بەتنىڭ ئىچىدە .
    ۋىروس رەسمگە تامغا بېسىش سىنغا قارغاندا ئاسانمۇ؟

    • ۋىروس 2013.04.04 , 23:11

      شۇنداق، بىز يازمىنى windows live writer دا يازىمىز ۋە يوللايمىز. شۇنىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك تەڭشەك ئارقىلىق بىۋاستە تامغا ئۇرۇلىدۇ. ناھايتى قولايلىق.
      ئالدىنقى يازمىغا كەلسەك. ئۇ فىلىم خېلى بۇرۇنلا تارقىلىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن بلوگلاردا ئېلان قىلىنغان. ئىلگىرى ساقلاپ قويغان شۇ بىر فىلىمنى ئۆز ھېسىياتىمىزنى سىڭدۇرۇپ يوللاپ قويغان خالاس. ئەگەر باشقىلارنىڭكى بىلەن قۇرمۇ-قۇر ئوخشاش چىقىپ قالغان بولسا، بۇنى ناھايتى زور دەرىجىدە توغىرا كېلىپ قېلىش دىمەي ئامال يوق. ئەمما شۇ بىر يازمىنىڭ مەنبەسىنى يوۋكۇ دەپ قويۇشقا سىزمۇ تازا توغىرا قارىمايسىز. چۈنكى فىلاش قويغۇچتا فىلىم ئادىرىسى بار.
      بىز ئەڭ يۇقىرى چەكتە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھورمەت قىلىمىز. ئادەتتە كۆچۈرۈلگەن يازمىلارنىڭ مەنبەسى ماۋزۇنىڭ ئاستىدىكى سەھىپە تۈرىنىڭ يىنىدا چىقىدۇ. بايقىماي قالغان بولىشىڭىزمۇ مۈمكىن.

  7. ئويغان 2013.04.04 , 22:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ نوكيا غا ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بولىدۇ . قايتىدىن بۇرنقىدەك باش كۆتۈرشىنى ئۈمۈد قىلمەن.
    بىزنىڭ كارخانلىرىمىز يڭىلىنىشقا دىققەت قىلىپ، يىڭىلىق يارتىپ تەرەققى قىلسىكىن. بۇرۇنقى ئىزىدا ،بۇرۇنقى ساھادىلا تۇرىۋەرمىسە .
    مەن سەنشىڭ نىڭ نېمىشقا ئۇنچە بازار تىپىشىنى ھىچ چۈشنەلمىدىم كاللامدىن ئۆتمەيدۇ .ئالما بىلەن تەڭ رىقابەتلىشەلەيدىغانلىقىغا، ئالمىغا خىرىس پەيدا قىلالايدىغانلىقىغا. بولمىسا سىستىمىسى باشقا يانفون بىلەن ئوخشاش ئاندورويىد.سىرتىدىكى قىپىمۇ سۇلياۋ .

    • ئېسيان 2013.04.05 , 00:00

      ئاساسلىقى يانفوننىڭ سىرتقى شەكلى، ماركىسى، سېستىمىنى تېخىمۇ ئىلىغارلاشتۇرۇش دىگەندەك ئىشلاردا ئالدىغان ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈندۇ بەلكىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاندرويىد سېستىما ئىشلىتىدىغان يانفونلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر كونا، بىر قەدەر داڭلىق بولغىنى شۇ ئەمەسمۇ، بۇمۇ مەلۇم جەھەتتىن رول ئوينىغان بولۇشى مومكىن، سولياۋ بولۇشىغا كەلسەك سولياۋ دىگەننىڭ تۈرلىرى كۆپ بوپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سولياۋنىڭ يېنىك بولۇش، ئىلاستىكىلىقى ياخشى بولۇش، توك ئۆتكۈزمەسلىك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىمۇ بار ئەمەسمۇ
      جىق قالايمىقان سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرگەيسىلەر…

    • ئېسيان 2013.04.05 , 00:06

      نوكىياغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچى ئاغىرىپ قالغىدەكلا ئىش بولدى، شۇنچە زور بىر ئېمپىرىيەنىڭ تۇيۇقسىزلا بۇنداق ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىغا ئادەم ھەم ھەيران قالىدۇ، ھەم ئىچى ئاغىرىپمۇ قالىدۇ، بەلكىم كىيىن تەرەققىي قىپمۇ قالامىكىن دەيمەن، چۈنكى ۋىندوۋس سېستىما ياخشى ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىندوۋس سېستىمىنىڭ بۇ قېتىمقى نەشىرى ھەقىقەتەن نوچى بوپ كەتتى ئەمەسمۇ، چىرايلىقلىقىنى بىر دىمەڭ ئۇنىڭ، مىكروسوفتتىكىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ھەقىقەتەن قول قويماي بوممايدۇ جۇمۇ، ئىشقىلىق بۇ قېتىم بەك قايىل بولدۇم ئۇلارغا….

  8. ۋاقتىم 2013.04.04 , 23:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن يەنىلا نوكىيا نىڭ يانفۇنلىرىنى ياقتۇرىمەن… بولۇپمۇ يانفۇننىڭ چىدامچانلىقىنى…

  9. مەن 2013.04.05 , 00:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ نوكىياغا بەكلا ئىچىم ئاغرىيدۇ، يانفۇنلېرىنىڭ سىرتقى كۈرىنىشىنى بەكلا كۆركەم لاھىيلەيدۇ.

  10. ئابدۇرېشىت 2013.04.05 , 00:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ئىشلىتىشنى نوكىيادىن باشلىغان. 4- ئەۋلاد ئالما چىققۇچە نوكىيا ئىشلىتەتتىم. ئالمىغا قىزىقساممۇ يەنىلا نوكىيانى ئەڭ قالتىس دەپ قارايتتىم… 2010- يىلى 10- ئايدا ئايفون 4 نى سېتىۋېلىپ نوكىيا بىلەن خوشلاشتىم. شۇندىن بىرى ئايفون ئىشلىتىۋاتىمەن. ئايفون ھەقىقەتەن قالتىس تېلېفون، مەن ئايفون ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئەڭ نوچى ئاندروئىدلىق تېلېفونلارنىمۇ ئىشلەتكەن. بۇندىن كېيىنمۇ ئايفوندىن باشقا تېلېفونلارنى ئىشلىتىشنى ئويلاپ باقمىدىم. ئىشلەتمىگەنلەر بىلمەيدۇ، ئايفون ھەقىقەتەن ئەڭ قالتىس تېلېفون! بىراق مېنىڭمۇ نوكىيانىڭ قىيامىتىنى كۆرگۈم يوق!

  11. ئو.تۇرپان 2013.04.05 , 09:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تۇنجى ئىشەتكىنىم قارا بۆلجۈرگەن 7290 ئىدى. كېيىن ئۇنىڭدىن زېرىكىپ Windows Mobile سېستىمىلىق تېلېفۇن ئىشلەتتىم، ئۇنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان HTC Dream نى ئىشلەتتىم. ھازىر HTC Hero GSM نى ئىشلىتىۋاتىمەن. گەرچە سەپلىمىسى يۇقىرى بولمىسىمۇ، ھاجىتىمدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ.

  12. كۇسەن 2013.04.05 , 11:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇرۇن ئىشلىتىپ باققان تېلفۇندىن
    Nokia 3210
    Sony Ericsson T68I
    BlackBerry 6210
    Motorola RAZR
    Motorola Rokr
    Nokia N95 باركەن

  13. ئالما تەملىك ئابلىسىن 2013.04.05 , 11:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىشلەتكەن ئەڭ تۆۋەن سەپلىمىلىك يانفون iphone 1 , تورداشلار يىشىمنى پەرەز قىلىپ بولدىغۇ دەيمە ؟

  14. شامال 2013.04.05 , 15:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاڭلىشىمچە قارا بۆلجۈرگەن يانفونلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى ھەممىدىن ئۈستۈن ئىمىش.
    Windows Mobile سېستىمىلىق يانفونلارمۇ خېلى بوپقويىدۇ.

  15. بانكىر 2013.04.05 , 16:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ھازىرغىچە ئىشلەتكەن يانغونلار،
    ?? 中兴
    tcl
    Nokia 3210

    nokia6700
    nokia5300
    ؟ nokia
    motorola RAZR
    iphone3G
    iphone4
    iphone4s
    motorola xt928
    ئىسىمدە قالغانلىرى شۈنچىلىككەن.

    • ئابومجان 2013.04.06 , 11:23

      بانكىركو سىلى تېلفۇن دۇكىنى ئاچاملا ؟ ھېجەپ جىق تېلفۇن ئىشلىتىپلا

  16. بانكىر 2013.04.06 , 18:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېلېفۇن دۇكىنى ئاچمايمەن، مەن پەقەت ئىلىكتىرون ئۈسكۈنە ھەۋەسكارى، .

  17. سەھرالىق 2013.04.06 , 20:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئاۋۇ قارا بۆلجۈرگەندىن باشقىلىرىنى(چوڭ ئاكام چوڭ چىققاندا ئېغى يوق ئىشتان كىيىتىم،ئۇنى ھېساب قىلمىدىم)ئاساسەن دېگۈدەك بىر قېتىمدىن ئىشلىتىپ بېقىپتىمەن،ئەڭ كۆپ ئىشلەتكىنىم،Motorola RAZR،Motorola v3,nokia 5500,Motorola Rokr…ماۋۇ يازمىدىكى 60% تېلىفوننى ئىشلىتىپ بېقىپتىمەن ھېسابتا:mrgreen:

  18. باخادىر 2013.04.13 , 12:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن يېكىندا iphone4 سېتىۋالغان تور دىن دىتال چۇشاسەم apple id دەپ چىكىۋالدى .كانداق كىلىمەن.بىلسەڭلا ئۇگۇتۇت كويساڭلا.:???:

    • شامال 2013.08.17 , 11:58

      كونۇپكىڭىزدا «ق» ھەرىپى بىسىلمامدا ئۇكام ؟! تورخۇمار كۇلۇبىدا ئەركىلىمەي گەپ قىلىڭ !!:mad:

  19. ئوغۇل 2013.05.14 , 00:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوكىيا موتۇرۇلا ئېرېكسۇنلارنى ئشلىتىپ بېقىپتىمەن ،ئايفۇن4نىمۇ ئشلەتىم ۋەئۆزەمنىڭ ھاجىتىدىن تولۇق چىقىرالىدىم ھەقىقەتەن ياخشى ئشلىتىشنى بىلسەڭ. ھازىر ئاندىروىد ئشلىتىۋاتىمەن بەزى يەرلىرى ئايفۇندنمۇ قولايلىق بىلىنىۋاتىدۇ.

  20. باخادىر 2013.08.17 , 14:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلسىڭىز دەڭ.بىلمىسىڭىز قۇسۇر ئىزدىمەي ئىشىڭىزنى قىلىڭ.بۇكۇلۇپ سىزنىڭمۇ؟:idea:
    قۇسۇرچى:lol::lol::lol::lol::lol:

    • ئەلى 2013.08.20 , 15:43

      تىزىملاتقاندىن كىيىن چۆشرەلەيسىز

  21. كەم دىدار 2014.03.16 , 21:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھىچ قايسسى نوكىتاغا يەتمەيدىكەن زادى

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量