قالتىس ماھارەت، ئاڭلىسام دۇنيا پاركور ماھىرلىرى لۇمىيا 920 نى سىناپ بىقىپتىمىشلەر~!
لۇمىيا 920 نىڭ سىلكىنىشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسىغا ھەقىقەتەنمۇ قول قويماي تۇرالمايمىز. يىقىندا نوكىيا شىركىتى پاركور چىمپىيونلىرىدىن بولغان Ryan Doyle بىلەن Will Sutton نى تەكلىپ قىلىپ، نوكىيا لۇمىيا 920 نىڭ سىلكىنىشتىن ساقلاش تىخنىكىسىنى سىناپتۇ . ئۇلار Lumia 920 نى مەيدىسىگە مۇقۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، ھەرخىل ماھارەت ئارقىلىق 920 نى سىناشقا كىرىشپتۇ، ئۇنداقتا بىزمۇ بېرىپ كۆرۈپ باقمامدۇق؟
NOKIA Lumia 920 ۋە پاركور:
بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالما يانفونىنىڭ قالتىسلىقىغا ئائىت سىنلار توختىماي چىقىۋاتىدۇ، بىراق لۇمىيامۇ بوش ئەمەس. شۇڭا مىنىڭ بۇ تېمىغا بەك ئاددى كەلگىم كەلمەي، تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ ، تۆۋەندىكى سىننى ئېلىپ كەلدىم. بۇ بولسا چەتئەللىك دوستلارنىڭ لۇمىيا 920 دە ئوينىغان «ئېزىتقۇ ئوردا» ئويۇنى.
NOKIA Lumia 920 دە ئېزىتقۇ ئوردا ئويۇنى ئويناش:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: NOKIA، ئويۇن، يانفون، پاركور
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: nokia-lumia-920-parkor.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئامېرىكىدىكى پۇل كۆيدۈرۈش ماشىنىسى – ھوللىۋود كىنولىرى | داڭلىق كىنولار ئارقىسىدىكى غايەت زور كاپىتال ھەققىدە
- كېيىنكى يازما > ئون مىڭ تال iPhone5 ئارقىلىق دومىنو قارتىسى ئويناش؟ چەتئەللىكلەر بىلىپ-بىلمەي بىزنىڭ كوممۇنىزىمغا كىرىپ قالغان چىراي
- 拳皇 2011 ھەقىقى ئادەم نۇسخىسى – چەتئەللىك COS چىلارنىڭ قىلىقىنى كۆرۈڭ، سەت مازكەن
- «يەرشارى فىلىم ئېكىسكۇرسىيىسى 2013» – توردىكى ئۇنۋېرسال كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسى، قالتىس چىقىپتۇ
- ھەزىللەشتۈرۈلگەن COD پۇرىقىدىكى «مارىيو جېڭى» فىلىمى، ئۈنۈملىرى خۇددى چوڭ كىنولاردىكىدەكلا چىقىپتۇ
- يانفونغا بېرىلىپ كېتىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئەمەس، ئەمما…ناۋادا دۇنيادا يانفون مەۋجۇد بولمىسا ئەھۋال قانداق بولار؟
- پاركور ئويناپ باقمىغانلار پاركوچىلارنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭلار، قانداق تۇيغۇ بولىدىكەن؟
- 21-ئەسىرگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەيدۇ
- پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى – يېڭىسى چوقۇم كونىسىدىن ياخشى بولۇشى ناتايىن
- مۇردىلار تېمىسىدىكى يەنە بىر نادىر ئويۇن – بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس : ۋەھىينامە
- بىز X1 Parkour گۇرۇپپىسىنىڭ 3 يىل جەريانىدا چىقارغان پاركور فىلىملىرىمىز…
- «جەڭگاھ 4»نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلىنىپتۇ، بۇدا شاڭخەينى پارتلىتىپ ساراڭ قىلامدۇق نېمە؟!
ئاھ، لۇمىيا 920 !
مۇشۇ تېلفۇنغا زادى قىزىقىشىم بىركىشىلىك بار جۇما !
يەنە كىلىپ مۇشۇ Parkour دىگەنگىمۇ دەھشەت قىزىقىش با. پەيزى ھە !
بىزدەكلە ھەۋەس قىلغىنىمىز بىلەن شۈمشىيىپ ئولتىرىمىزدە ھەي …………………….
تۇلۇقسىزدا بىر بالىنى تۇنۇيتۇم ، جوۋجىيېلۈن ئىلانىدا چىققان بىر 260 كويلۇق كەشنى ياقتۇرۇپ قاپتىكەن ، ئۆيدىكىللىرى بۇنداق قىممەت كەشكە پۇل بەرمەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئايلىق تۇرمۇش پۇلىغا ئېلىۋەتكەن ئۇ كەشنى ، بۇنىڭ بەدىلىگە بىر ئاي دىگەندەك كۈندە نانلا يىگەن ئۇ گۇي . بىر تۇرۇپ ئويلاپ قالسام يامان نىمىكەن ، قاندالا بوممىسۇن ئۆزى ياقتۇرغاننى ئالغانتى
شۇڭا دەيمە خۇشالجان ، قۇرۇق ھەۋەسنى ئازراق قىلايلى ، ئاشۇ ھەۋەس ئۈچۈن ئازراق مىدىلىساقمۇ ھىساپ ، ئاچ قويغان خۇدايىم كەچ قويماپتىكەن ، لۇمىيا ئىشلىتىشكىمۇ نىسىپ قىپ قالا .
ھېجەپ بى ئىلمى گەپ قىلىۋەتكەن تۇيۇلۇپ كېتتىيا ماڭا
ۋاي دىۋان دىۋالدۇقما ئەمدە
يانا كىيىن قاپتىمەن دە بىر قەدەم
ئاپلا،شۇنچە ساقلىسام كەممىدىلە ئاينا، دىۋاندىن ئۆتمەي پەگادا ئوتتاغىلى بوممىغاندىكىن ئامال يوق ئولتۇرۇپ سالدۇق بۇ دىۋاندا .
دىۋان دىمىسەڭلا نىم بۇلا ! يا ئاللا يا ئاللا ! كۈندە دىۋان تالاشقان
ئابومجان نىم بولدۇق.دىۋاندىن زىرىكىپ قاغان ئوخشىمايمىز.ھالۋىمۇ جىق يەۋاسا پوق تىتىيدۇ دىگەن گەپتە بۇ
پۇۋۋۋۋۋو ، نىمدا سېسىق گەپ قىلىلا دەيمە ، دىۋانغا قارشى كۆرەشچى باللا يوقاپلا كەتتى ، ئاشۇلارغا ۋاكالىتەن دەپ قويدۇمغۇ
دىۋاننى تىلەمچىلەر دەۋاتمامدا بىرسى ئاچچىغىم چىچىمدىن ئۆتەپ كەتتى سىلىگە دىمەيتتىم ئەسلى ئۇ گۇيلا
مەنمۇ ئاشتا بىر قانچە بۇرادەرنى كۆرگەن دىۋان تالاشقاننى تىللايدىغان، چېچىلىپ چېچىلىپ توختاپ قالدىم ، ئۇلانىڭ گىپىنىڭمۇ ئازراق ئاساسى با ، دىمىسىمۇ بەزى تىمىدا پەقەتلا دىۋاننىڭ گىپىغۇ خاپۇلىشى ئۇرۇنلۇق ، لىكىن بەزى تىمىغا قانداق ئىنكاس يېزىشنى ئۇقمايمىز، ھۇزۇرلىنىشقا بىر قانچە رەسىم يوللىسا چىرايلىق سىزىپتۇ دىيىشتىن باشقا نىمە دەيمىز ، ئەجەبا ۋاھ دەششەتقۇ ، رەسىمنى ئۆلتۈرۈپتۇ ، رەسىمدەكلا سىزىپتۇ ، ئاللا كاللا دەپ پۈچەك ئىنكاسلانى يازامدۇق ، ئۇندىن كۈرە ئۇنىڭ بۇنىڭ ئازراق يېغىرىنى تاتلاپ قويساق تىمىغا ئوت كىتىدۇ ، شۇنداغۇ ، شۇڭا سەل ئەپۇچان بوساقلا باشقا ئىش يوق دەپ ئويلايمە ، تورخۇماردىن باشقا نەدە دىۋان تالاشقاننى كۆدۈڭلا ، باشقا يەدە پۇل بەسىمۇ تالاشمايمىيې …
مۇشۇ بازارغا كىرسە بىرنى ئەپ قويتۇق زادى ، بامدۇ .
بۈگۈن ماۋۇ خۇماكۆز باللا نەگە كەتتىكىنا ؟!
ھەمىسى تۈنۈگۈنكى يامغۇردا ………… بوپ قاغان چىغى شۇڭا ھەممىسى چىقامايۋاتقان گەپ
تۈنۈگۈن يامغۇر ياغدىما ؟!
ھەجەپ مەن …
ئۈلۈشكۈن ئاخشام تۈنۈگۈن ئەتىگەن تازا يامغۇر ياغدىغۇ ئۈرۈمچىدە …..
بىر قالىسام يېڭى تىما دىۋاندا سىلى ئولتۇرۇپلا ، بالدۇراق كەسەم بوپتىكەن دەپ ئۇھسىنىپ قۇيۇپ چىكەتكەن ، بىژدەمدە يەنە يېڭى تىما پەيدا بوپقاپتى ، خوشلۇقۇمدا ئۇدۇل دىۋانغا سەكرەپ كىرسەم يەنە سىلى ئولتۇرىلا پولتۇيۇپ ، ئاچچىغىمدا ئىنكاسمۇ يازماي چىكەتتىم ، بىردەم چۆگلەپ كىرسەم ئاچچىغىم سەل ياندى ،ماڭا يەتمىگەن ئاشۇ دىۋاندىن نېرى ئولتۇراي دەپ باللا ئىنكاس يازغاندا كىلەي دەپ ئەمدى كىلىشىم
ئوججوووووون ! يېنىڭلىدا بوپقالغان بولسام بىژنى قويۇپلا يىقىتىۋېتىدىكەنسىلەدە بۇ ئاچچىقىڭلىدا؟
ئاۋۇ سۈرەتكە ئالغاندا ئىشلەتكەن ئايروپىلان Apple نىڭ مەھسۇلاتىدۇ ئۇ ؟!
aple نىڭ app بىلەن ئوينايدىغان ئايرۇپىلان ،مەنمۇ بىرنى ئالاي دىگەنتىم ،بىر ياقتىن ئۇچقاچ ،ئۆزىدىكى تىلىكامىرادا ئېلنغان سىننى بىراقلا ipad بىلەن كورگىلى بۇلىدىكەن. ئەمما شۇ ئاران 12 مىنۇت ئۇچىدىكەن . Parrot AR.Drone 2.0 ئىزدەپ كۇرۇپ بېقىڭ.p
Nokia نىڭ يانفونىغا WP8 سېستىمىسى سەپلىنىپتۇ. ئىشلىتىشكە ئەرزىيدۇ جۇمۇ بۇ !!!
قاچان بۇ دىيارىمىزنىڭ بازىرىغا كېلەر ؟
ئويلاپ باقسام ‹‹ Parkou ›› بۇ ئۇيۇنننىڭ تېخى نامى ئاڭلاپ باقمىغانۋاقىتىلاردىلام بۇنىڭ تىخى نامى چىقماستىلام بى ئۇيۇننى بىز كىچىك چىغىمىزدا ئوينايدىكەنمىزتۇق … ئۇ ۋاقىتلاردا يىڭى سىلىنغان بىنالارنىڭ قۇرلۇش ئورۇنلىرى مەھەلە ئارلىقلاردىكى تار كوچىلار ھەم ئۆگۇزىىلەر ئىش قىلىپ ھەممە يەردە خالىغانچە ئوينىغىلى بۇلاتتى بۇ ئۇيۇننى .. بۇنىڭغا ئوخشاش ھەركىتى گۇزەل يۇقۇرى ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان يىنە نۇرغۇن ئۇيۇنلىرىمىز بۇلىدىغان لىكىن تەرەقى قىلدۇرۇپ نامايەن قىلىدىغانغا تازا ئەكمىيەت بېرىلمەيۋاتىدۇ ….
ھازىرمۇ بارما ئاشۇنداق ئۇيۇنلار؟
ئەسلى مەن 15 يىل بۇرۇنلا ئويناپتىكەنمە بۇ پاركور دىگەننى ، ئۇششاق باللانى ئەگەشتۈرۋېلىپ نەدە ئەسكى تاملىق بوسا شۇ يەگە بېرىپ سەكرەپ ئوينايتىم ، شۇڭا پاركور ئوينىغاننىڭ دەردى 43-ئاياغنى كەيسەم پۇتۇمغا ئاراپ پاتىدا ھازىر
ئاۋۇ سىلكىنىشتىن ساقلاش تېخنىكىسىنىغۇ سىناپتۇ. نەتىجىسى چىقماپتۇما؟ بۇنىڭ قانۇنىيىتى قايسى كۈنى يوللانغان ‹‹ئالاھىدە تېلكامىرا مۇقۇملىغۇچ›› دېگەن يازمىنىڭ مەزمۇندىكىسى بىلەن ئوخشاشما؟ ئۇنىڭدىمۇ شۇ سىلكىنمەي تۈپتۈز سىنغا ئالىدىغان ئىشكەن. ئەگەر ئوخشاش بولۇپ قالسا ئۇ ئالاھىدە 15000 دوللارلىق تېلكامىرانى ئىشلەتمەي تۇرۇپ نوكىيا لۇمىيا 920 دا شۇ ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز دېگەن گەپكەندە. ياۋۋۋۋۋۋ تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى تورخۇمارنىڭ تېمىسىنىڭ يېڭىلىنىشىغا يېتىشۋالاي دەپ قالدىمۇ نىمە…….
ئاخسا چىقىپتۇجۇمۇ !!
7.8 بىلەن 8.0 نىڭ قانداق ئوخشىمايدۇ زادى
7.8 بولسا تاق يادرونى قوللايدۇ. 8.0 بولسا قوش يادىرولۇق ، 7.8 دا ئۇيغۇرچە توربەتلەرگە چىقسىڭىز نورمال زىيارەت قىلالمايسىز . (گەرچە ئۇيغۇرچە قوللىسىمۇ ) 8.0 دا توربەتدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر ناھايىتى نورمال ، لىكىن خاتىرجەم بولۇڭ مەيلى 7.8 ياكى 8.0 بولسۇن تورخۇمارنى ناھايىتى راۋان زىيارەت قىلالايسىز ھەمدە ئىنكاس يوللىيالايسىز
لۇمىيا 920بارغۇ شىنجاڭدىمۇ. پەقەت بولمىسا توردىن بۇيرۇتسىڭىز بۇلدىغۇ
بەك چوڭ بايقاش !!!
ما دىۋاندا ئولتۇرىۋاغان ھەممە ئەدەم يامان جىق گەپ قىلىدىكەن ، بۇرۇن ما ئەركەك ئاكام ئىنكاس دىگەننى ئېزىپ بىرە بىرە يېزىپ قۇيىدىغان ، بۈگەن ئىككى قېتىم مۈنۈۋاپتى دىۋانوفقا ئىنكاس دىگەننى ياغدۇرۋەتتى ، دىققەت قىپ باقساڭلا گىپىمنىڭ توغرىلىقىغا ئىشنىسىلە
ماڭا كەسەك ، ھەممىدىن نىيەت ئەلا ، كۆڭلۈمدە دىۋانلا بوسا نەدە ئولتاسام دىۋانغا ئوخشاش ، شۇڭا تالاشمىدىمغۇ
خەپ، ھەجەپ دەۋالدىڭلا ھە ؟
يەنە دىۋاندا ئولتۇرىدىغان بولسام …..
دىۋاااااان دەپ توۋلاپ قويمىسام …… ! ( ھې ھې ھې )
بۈگۈن بىكا قاپتىكەنمە تورخۇمارنى تولا ئارلاپ يۈرۈۋېتىپ دىۋان دىگەن يەردە ئوتتۇراپ قاپتىمە شۇ.
ئىدەمنى خىجىل قىلىپ سىلە !
تورخۇماردا بۈگۈن مەنمۇ باتتىم بولمىسا ماڭىمۇ پەقەت ئۇچىمىدى بۇ دىۋان شوۋچى ئىدىپىنى بىر بىرەي دىسەم .دىۋاننى 2 قىتىم ئولتۇرۇپ قويغىنىمغا ئابومجان سەت چىقىۋاپتى شۇنىڭ بىلەن بۇ دىۋان ماڭا پەقەت تەگمەۋاتىدۇ دىسە زادى .
سەردارىم غۇم ساقلىمىسا دەيمە ، چېقىۋاغاندەك گەپقۇ قىممىغان ئاشتا چۈشىنىپ قاپلا ، ھېلىقى سەردارىنىڭ تەلىيى كەلسە ئاسماندىن سۆڭەك چۈشۈپتۇ دىگەن گەپكىما ؟
بۇ تېلپۇننى بەكلاقىززىيدۇ دەپ تۇلا ئۇچراۋاتىدۇ مۇنبەرلەدە نۇكىياتېلفۇنلىرىغۇئازتۇلاقىززىيدىغان بۇنىڭ قىززىشىمۇشۇنداق نۇرمال قىززىشمىدۇ ياكى ئاشۇرۇپ كۆپتۈرۈپ يوللاپ قۇيىۋاتقانمىدۇ مەنمۇ ئازتۇلا بىركىشىلىك قىززىقىشىمنى ئايرىم ساقلاپ قويغان بۇنىڭغا تېڭىرقاپلا قالدىم دىسە (بەك قىززىپ كەتسە يازنىڭ كۈنىدە ئىشتاننى كۆيدۈرۈپ قۇيامۇدەپ)
مەنمۇ شۇنداقراق ئاڭلىغان ، مىڭىچىمۇ نورمال قىززىشمىكىن دەيمەن~~!
كۆيدۈرۋەتسە بوممايتۇ دەيمە .قىززىۋاغاندا گاچلا سۇغا سەكرەمىز يا
سەردارىم ئا بىژ قوينىڭ پۇلىغا كىلىدىغان تېلفۇننىڭ گىپىنى قىلىشىۋاتىدا ، تېلفۇن بىلەن سەكرىسىلە بىر قوينى ھارام قىللا دىگەن گەپ ، دىرىڭلاپ سەكرىگەن بىلەن بوممايدا ، سىلىغۇ يامان پەملىرى با يىتىم سەكرىسىلىمۇ تېلفۇننى دەرەخنىڭ ئۇچىغا ئىلىپ قۇيۇپ سەكرەيدىغان يۆل بۇلىشىدىن ئەنسىرەپ
بولمايدىكەن ئۇ لۇمىيا 920 كېلەڭسىز تورغا چىقىپ بولغۇچە قىززىپ تاس قالدى ئۆت كەتكىلى
قىشتا ئىشلەتسە بۇلدىغان ئوخشايدا ھە ، لۇمىيادىن 10 تىزسام بىژ ئۆينى ئىستالامۇ ؟ ھې ھې ھۇ
دېمىگەن بىلەن نوكىيا دېگەن باشقىچە جۇمۇ…
پەگاھ……دىۋانغا ئوت قويىۋىتىمەن،تورخۇمار 1نۇمۇرلۇق راكىتادا بومباردىمان قىپ دىۋاننى تۇزلىۋىتىمەن،خەپ دىۋان …..
720 نى ياخشى كۆردۈم بۇنىڭدىن… باھاسىمۇ مۇۋاپىق…(ئىنكاسىتىن كىيىن دىۋاندا ئولتۇرغۇچىنىڭ ئاستى تەرىپىگە راكىتا ھۇجۇمى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ھە)
خەپ باللا، باشقىلار دىۋاندا ئولتاسا ھېچ گەپ يوق، مەن بۈگۈن دىۋاندا ئىككى قېتىم ئولتۇرۇپ ساپتىكەنمەن، دىمىگەن گەپ قالمىدى ھە…
سىلەمۇ ئولتۇرۇپمۇ قالاسىلە ئاشۇ دىۋاندا، ياندا راكىتا باغۇ ئاينا . ھىم ! ! !
ھاجىمكوووو ، دىۋان دىگەندە بىژ قېتىم ماندا ئوتتۇراپ باقساق بولدى ، ھەممە ئىشنىڭ يۇلى با ، شىپىڭ دۇخاۋىنىڭ گۇلى ، كەينە كەينىدىن ئىككى قېتىممۇ يېتىۋېلىڭ باما دىۋان دىگەندە ، مۇشتا بومباردىماندا قالىدىغان گەپ ئەينا
ياۋ پانا ……………. تەدبىركار راكىتا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياپ خۇماداشلارنىڭ يەنە بىر ئەرمىكى كۆپىيىپتۇ-دە …………….
بۇندىن كىين دىۋاندىن كىيىنلا راكىتانىڭ جىدىلىنى ئاڭلايدىكەنمىزدە
پىخ پىخ
ئۇيغۇرچىنى ياخشى تونۇمدىكەن؟
ياقتۇرغان بوسىڭىز ئىشلىتىپ باقسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ، ئۇيغۇرچىنى تۇنۇغان تەقدىردىمۇ خەتلەر ئۈجۈر بۈجۈر چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ، تېلفۇن ياخشى بولسا ئۇيغۇرچىنى تۇنۇتۇش چوڭ مەسلە ئەمەس دەپ ئويلايمە .
ھە راس ، ئۇزۇن بولدى كۆمىدىمغۇ سىزنى ، خىزمەت ئالدىراش ؟
ئۇيغۇرچىنى ئالامەت تۇنۇپ قۇيىدىكەن سىستىماتىلىنى ئۇيغۇرچەدەپ تاللىساھازىرچەچىسلا ۋاقىت دىگەنلە ئۇيغۇرچە بۇلىدىكەن.تىل بۇلىقى ئىلان قىلىنغانداھەممەيىرى ئۇيغۇرچىلاشقۇدەك.
ۋاي ۋاي بولدى كەتتىم ھەي، دىۋان ساقلاپ ئىچىممۇ پۇشۇپ كەتتى ، ساقلىسا چىقمايدا ، بىژدەمدە مىتتىدە پەيدا بوپ قالىدا ، يېڭى يازما يوللانغاندا تېلفۇنغا قىسقا ئۇچۇر چۈشىدىغان بىر نەسىگە 10 كويچەنگە ئەزا بوپتىمە ئەخمەق بوپ ، دىۋان پەگالانى تالىشىپ بىژ يەگە باغاندا ئاندىن ئۇچۇر كەلدى نەچچە قېتىم ، چېلىپتا مىنى
ھە شۇوا بۇرۇن دىۋان سىزدىن ئاشماپتىكەندە. مۇشۇ پارخورلۇق قاچانمۇ تۈگە ھە .ئارقا ئىشىك قىلغان ئوخشىمامسىز.
ماۋۇ سەردارىنىڭ ئىنكاسىنىڭ بېشىدىكى خەتنى مەن خاتا ئوقۇۋالدىممۇ ياكى ئاشۇندا يازغانمۇ ؟ ! ھاڭ-تاڭلا قالدىم ئوقۇۋېتىپ …
شۇڭا دىمەكچىتتىم خاتا ئوقۇۋاغان ئوخشايسىز
يەنە بىژ بايقاش ! تۇيۇقسىزلا يازغان ئىنكاسىمنىڭ بىر بۈجىكىگە ئىنكاس قايتۇغان ۋاقىت چىقىۋاپتا ،
ھەي ، مۇمكىن بوسا مىكرو بىلوگغا ئوخشاش ئەدەمنى ئەت قىغىلى بوسىچۇ ، باللانى تولىسا يا ئاڭلىمىغان
ھەقىقەتەن پەيزى موزىكا…
بىرەر دىلونىڭ ژىپ ئۇچىنى بىلەلمىگەندە ماشتا موزىكا تىڭشىغاچ ئويلانسا ئازىراق ياردىمى با….
ئو، توۋا خۇدايىم، ئالدىنقى تېمىغا ئىنكاس يازىمەن دەپ ما تېمىغا يېزىپتىەم، يەنە بىژ قېتىم توۋا، ھەقىقەتەن چارچاپتىمە…..
ۋىروس بىلەن تەدبىركار شىكە شەنبە يەكشەنبە دەپ ئىش تاشلاپ مەبەتلىرى بىلەن ئوينىغىلى كىتىپتۇدە
ماشىنا ئەدەم بولمىسا يا ئۇلار ….
ما تىلفۇندىن بىرنى ئىلىپ بىكا يولغاندا كىنۇ ئىشلىسەك بولىدىكەن ..
قولقويماي تۇرالمايسىزدە بۇ لۇمىيا يانافۇنلىرىغا!ھەقىقەتەن قالتىس! غەيرەت قىل نوكىيا
يەنىلا ئۇيغۇرچىنى تۇنمىسا ئامماسلىق كېرەك ياخشى بولسىمۇ ئانا تىل
ئۇيغۇرچىنى پەچەت تۇنۇپ قۇيىدۇ.ۋىن8دەكلا يەنەتېخى قايسى كۈنى كىرگۈزگچكەئۇيغۇرچە كۇنۇپكاتاختىسى قېتىلغاننىڭ گىپىۋاغۇ
لۇمىيا ماڭىمۇ يارىدى. باغداش تورى، ئالىپ تورى قاتارلىق تور بىكەتلەرنى ئاچقان ئىدىم .باغداش تورىنىڭ بېتى بەك چىرايلىق كۆرۈندى.
ياخشى