ئامېرىكىدىكى پۇل كۆيدۈرۈش ماشىنىسى – ھوللىۋود كىنولىرى | داڭلىق كىنولار ئارقىسىدىكى غايەت زور كاپىتال ھەققىدە
بىز كۆرگەن نادىر كىنو فىلىملەر ئاز ئەمەس، لېكىن ئاز پۇل سەرىىپ قىلىپ ئىشلەنگەن نوچى كىنولار يەنىلا ساناقلىق. ھەممىمىز ئامراق ھوللىۋودنىڭ داڭلىق قەھرمانلىق قىسسىلىرىنىڭ كەينىگە ئەمەلىيەتتە غايەت زور كاپىتالدىن تىرەك قويۇلغان. مانا بۇ سېلىنما ئامېرىكا كىنوچىلىقىنى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇرۇش بىلەن يەنە، پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە يۈز دۆلەت خەلىقلىرىنىڭ يانچۇقىدىكى ئاقچىنىڭ ئامېرىكىغا قاراپ ئېقىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى. گەرچە ئامېرىكا ھۆكىمىتى دۇنيادىكى ئەڭ كەمبەغەل ھۆكۈمەت ھېسابلانسىمۇ ئەمما، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىزدەك ئىچكى قۇرۇقلۇق ئەللىرىنىڭ پۇللىرىنىمۇ چاندۇرماي بۇلاپ كەتمەكتە. تۆۋەندە سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، ھوللىۋود كىنولىرىدىن بىر قانچىسىنىڭ سېلىنما ۋە ساپ پايدىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. چۇنكى بۇ سانلىق مەلۇماتلاردا بىزنىڭمۇ ھەسسىمىز بار…
PS : تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزۈم توردىن يىغقان. بەلكىم بىر قىسىم خاتالىقلار سادىر بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا ئاھانەت قىلىشتىن بۇرۇن توغرا ئۇچۇرنى بىزگە يەتكۈزگەيسىز. تۆۋەندە بېرىلگەن مەبلەغ سېلىنمىسى فىلىم تەشۋىقات خىزمىتى ۋە باشقا ئۇششاق چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بىر قىسىم كىنولارنىڭ مەبلەغ ئۇچۇرىنى ئورگان تەرەپ ئاشكارىلىمىغان بولۇپ، شۇ ساھەدىكى كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ تەخمىنى پەرىزى ئاساس قىلىندى.
1. كارىپ دېڭىز قاراقچىلىرى 3 (2007) | Pirates of the Caribbean3| 加勒比海盗3
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن: Disney
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 963 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %221.0
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 168 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 1 مىليون 790 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ ھەر مىنۇت
كىنۇنى چۈشۈرۈش : HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
2. خاسىيەتلىك ئادەم (2006) | Superman Returns | 超人归来
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن: Warner Bros
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 270 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 391 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %44.8
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 154 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 1 مىليون 750 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ ھەر مىنۇت
كىنونى چۈشۈرۈش : HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
3. ئۇزۇن چاچلىق مەلىكە | Tangled | 长发公主
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن: Disney
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 260 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 591 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %127.3
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 100 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 2 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ھەر مىنۇت
كىنونى چۈشۈرۈش : HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 3D نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
4. ئۆمۈچۈك پالۋان3 | Spider-Man 3 | 蜘蛛侠3
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن : Sony
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 258 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 891 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %245.3
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 140 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 1 مىيون 840 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ھەر مىنۇتى
كىنونى چۈشۈرۈش : HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 720P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
5. شەپەرەڭ پالۋان | The Dark Knight Rises | 蝙蝠侠:黑暗骑士崛起
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن : Warner Bros
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 1 مىليارد 810 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %332.4
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 165 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 1 مىليون 520 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ ھەر مىنۇتى
كىنونى چۈشۈرۈش : HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
6. كارىپ دېڭىز قاراقچىلىرى4 | Pirates of the Caribbean4 | 加勒比海盗4:惊涛怪浪
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن : Disney
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 1 مىليارت 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %317.6
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 137 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 1 مىليون 830 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ ھەر مىنۇتى
كىنونى چۈشۈرۈش : 720P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 1080P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 3D نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
7. خاررى پوتتېر | Harry Potter and the Half-Blood Prince | 哈利·波特与混血王子
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن : Warner Bros
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 934 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %273.6
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 153 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 1 مىليون 630 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى
8. 异星战场 | John Carter
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن : Disney
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 283 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %13.2
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 132 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 1 مىيون 890 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ ھەر مىنۇتى
كىنونى چۈشۈرۈش : HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 720P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 3D نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
9. ئاۋاتار | Avatar | 阿凡达
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن : 20- ئەسىر فۇكىس شىركىتى
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 237 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 2 مىليارد 728 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %1073.8
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 160 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 1 مىليون 480 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ ھەر مىنۇتى
كىنونى چۈشۈرۈش :HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 720P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 1080P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 3D نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
10. دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆمۈچۈك پالۋان | The Amazing Spider-Man | 超凡蜘蛛侠
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن : Sony
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 230 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 752 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %227
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 136 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 1 مىليون 690 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى
كىنونى چۈشۈرۈش : HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
11. قارا كىيىملىك كىشىلەر3 | Men in Black III | 黑衣人3
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن : Sony
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 225 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 624 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %117.3
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 106 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 2 مىليون 120 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ ھەر مىنۇتى
كىنونى چۈشۈرۈش :HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 720P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 1080P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 3D نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
12. نارنىيا رىۋايىتى2 | The Chronicles of Narnia | 纳尼亚传奇2
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن : Disney
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 225 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 420 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %86.7
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 140 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 1 مىيون 610 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ ھەر مىنۇتى
كىنونى چۈشۈرۈش : HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
13. قىساسكارلار ئىتىپاقى | The Avengers | 复仇者联盟
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن : Disney
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 220 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 1 مىليارد 550 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %587.3
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 142 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 1 مىليون 550 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ ھەر مىنۇتى
كىنونى چۈشۈرۈش :HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 720P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 3D نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
14. X-پالۋانلار | X-Men: The Last Stand | X战警3:背水一战
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن : 20- ئەسىر فۇكىس شىركىتى
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 210 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 459مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %118.6
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 104 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 2 مىليون 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ ھەر مىنۇتى
15. دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇرۇش كېمىسى | Battleship | 超级战舰
- مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن : Universal Picture
- سۈرەتكە ئېلىش تەنەرخى : 209 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- ئومومى بىلەت كىرىمى : 303 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
- پايدا نىسپىتى : %45
- فىلىم ئۇزۇنلىقى : 131 مىنۇت
- سېلىنما نىسپىتى : 1 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى/ ھەر مىنۇتى
كىنونى چۈشۈرۈش :HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 720P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 1080P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش| مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: پۇل، فىلىم، كىنو، ھوللىۋود
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 31,494 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: holliwood-kinolirining-omomi-kapital-serpiyati.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۈچ تال كۇبىكنى بىر تەرەپتىن ئاسمانغا ئېتىپ ئويناتقاچ بىر تەرەپتىن رەڭلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۇبىك ئوينايدىغانلار بارمۇ؟
- كېيىنكى يازما > قالتىس ماھارەت، ئاڭلىسام دۇنيا پاركور ماھىرلىرى لۇمىيا 920 نى سىناپ بىقىپتىمىشلەر~!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- پۇل خەجلەپمۇ ھۆرمەت تاپالمايدىغان 12 ئىش
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
دىۋان دېگەن شۇما ؟
شۇ ئوخشايدۇ
ھە ئە ،دىۋان دىگەن مۇشۇ شۇ،سىز تىخى …..؟&*^&^$%^@#
تورخۇمارغا قالدۇرغان تۇنجى ئىنكاسىم شۇ بوپتۇ دېسە …
ۋوي ھاجىملار نېمە ھېلىقىدەك سۈرەت ئۇ؟ بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى؟ بېسىشقىمۇ پېتالمىدىم ئۇنى
ئىدىيەرىڭىز ساپ ئەمەسكىن جۇما سىزنىڭ..
ھاھاھاھاھا…………..ما گەپنى كۆرۈڭ ئەمدى، ۋىجدان بىلەن نان ئۇشتىغاندەك ئىدىيەنى رەسىم بىلەن ساپلاشتۇرىدىكەنمىزدە
راس گەپ قىسام ئەسكىنىڭ گىپىنى چۈشەنمىدىم ، زاغىرنانچە دەپ بىرىڭلا باللا نىم دەيدۇ ما ئېسكى
ئاۋاتاردىن پۇل دىگەننى تىپىپتۇ جۇمۇ ،مەن ئاۋۇ قوچاق بىلەن نارنىيە رىۋايىتىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن .
نارنىيە دىگەن كىنۇ بولۇپ قالامدۇ-يە؟
نارنىيادىن بەكەرەك ئاۋۇ كارتون فىلىمنى كۆرۈپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كارتوننىڭ ئۇيغۇرچىسى بولسا قالدۇرۇڭە كۆرەيلى
ئاق بۈركۈت، تۇرانىم ، ئۇغۇلچاق دىگەندەك بەتلەرنى ئىزدەپ باقسىڭىز ئۇيغۇرچە خەتلىكى بۇلىشى مۇمكىن ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى پات يېقىندا چىقمايدۇ
ئىزدەپ باقتىم بادەك ئەمەسيا ئابومجان
شۇڭا چىقماي قالمىسۇن دەپ مۇمكىن دىگەننى قېتىپ قويغان ئې يەگە ، ئۇچراپ قالسا تولاپ قۇياي سىزنى
ئاۋاتار كىنودەكلا كىنو ئەمەلىيەتتە
ۋۇجووون ، ئاۋاتاردىن پۇلنى راس تېپىپتۇ
ئادەتتە دۆلىتىمىزدە قۇيۇلىدىغان كىنولارنىڭ قۇيۇلۇش ۋاقتى 2 ئاي ئەتراپىدا بۇلىدىكەن .
ئەسلىدە ئاۋاتارنىڭ دۆلىتىمىزدىكى قۇيۇلۇش ۋاقتى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە دەپ بىكىتىلىپتىكەن ، بەك قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشىپ كەتكەچكە ئىگە تەرەپنىڭ مۇراجىتى بىلەن 5-ئايغىچە سۈرۈلۇپتۇ ، شۇڭا ئۇنچىۋالا جىق بەلەت كىرىمى تېپىشمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس
ھە ئەسلى مۇنداقكەندە ، دىمىسىمۇ بۇ فىلىمنى ھەمىمىز ياقتۇرىمىز غۇ …
پەقەت قويۇلۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولغانلىقنىڭلا ئىشى ئەمەس، ئاۋۇ كىنو دەھشەت دەيمەن زادى، مەن نەچچە قېتىم كىنوخانىغا بېرىپ كۆرەلمەي كەلگەن بېلەتنىڭ قىسلىقىدا، شۇ ۋاقىتلاردا جۇڭگونىڭ بىر كىنوسى باكەنتۇق، بېلىتى 20 كويلۇق، بىرمۇ ئادەم ئامماپتىكەن بېلەتنى، ئاۋاتارنىڭ 60 كويتى
جۇڭگو ئىشلىگەن201.يىلى ئەڭ يۇقىرى بىلەت كىرىمى ياراتقان تەيچۈەن ‹تايلاند سەپىرى› دىگەن كىنوسى قانچىلىك پۇل تاپقانتى.15 مىليۇنمۇ 150 مىليۇنمۇ،خەلق پۇلىمۇ› دوللارمۇ؟ بىلىدىغانلار بامىدۇ.
جۇڭگۇلۇقلا 201 -يىلىلا كىنو ئىشلەپتىكەنمە ؟ ۋوي پەقەت ئاڭلىمىغان خەۋەركەن ماۋۇ ، كىنو ئىشلەش تېخنىكىسى غەرىپلىكلەردىن خېلى بالدۇركەنتۇق ئەسلى
201-يىللىرى چوڭ قۇرۇقلۇق كىنو ئىشلەپتىكەنما؟؟؟ مان بۇ دۇنيادى تېخى تۇنجى بايقاشكەن… جىننىس رىكورتى ئالسا بولغۇدەك
ۋاي ياقەي خاتا بوپ قاپتۇ 2012.يىلى. ھىلىقى شۈي گومۇش چىقىدىغان كىنوچۇ.يازغۇچىدا گۇنا يوق ئوقۇغۇچى تۈزىتىۋالسۇن دەپتىكەن
ھە قايسى كىنوكى دەپتىمە ، 泰囧نى دەيسىزغۇ ، ما ۋۇ چېڭلۇڭ دىگەن بالىنىڭ 12مۆچەل دىگەن كىنوسى 15مىليۇنغا يېقىنلاپتىكەن ، لىكىن يەنىلا ئاۋۇ پالاكەتنىڭ كىنوسىغا يىتىشەلمەپتۇ ، شۇڭا خەنلە چېڭلۇڭنى ئازراق مازاق قىغاندەك گەپلەرمۇ بار
ياۋ پانا ، بايا دىققەت قىمماپتىكەنمە ، بەلەت كىرىمىنى دوللار دەيدىيا
شۇندا بوغاندا بۈگۈنكى پېرېۋوت نىسبىتى بىلەن ھېساپلىغاندا ئاۋاتارنىڭ بېلەت كىرىمى :
2728000000*6.1726 =16838852800 خەلىق پۇلى بۇلىدىكەن ،
ھەي مۇشۇ خەخنىزە. شۇنچە ياخشى 12موچەلنىڭ بىر ماز،لاۋزا بىر كىنودىن كىيىن قالغىنى.بىر ماز گاڭنام ئۇسسۇلىنىڭ رىكورت ياراتقىنى مۇشۇ خەقتە كۆز يوقمىدۇ دەيمەن.لىكىن 15 مىليۇن ياراتقان بىلەن ئامرىكىنىڭ كىنولىرىنىڭ بىلەر كىرىمىنىڭ 1000نىڭ بىرسىگە ئاران توغرا كىلەمدۇ نىمە؟
ئابومجان يىڭى بىر ئىش ئۇكام كەپتىكەن سىزنىڭ بىشىڭىزنى بەك ياقتۇپ قاپتۇ،يەنە ھىلىقى راكىتانى.ھى ھى
مۇشۇلانىزە ئادەمنى قىزىقتۇرۇپ ، قىنىكەن ئۇ راكىتا ، مەن ھىچ كومىدىمغۇ …
ما خۇشالنى ھەممە ئەدەم كۆگەن راكىتانى سىلىلا كۆمەيلا دىسە ، تورخۇمارنى ئاچقاندىن كىيىن ئوڭ تەرەپ ئاستى بۈرجەك 4 كۇۋادىرات سانتېمىتىر دائىرە ئىچىدە سۇس كۈل رەڭ UP ئۇچە !! دىگەن خەت كۆرۈنىدۇ ، شۇنى بېسىپ باقسىلا يامان سەت ئىس قۇيۇپ ئۇدۇل پەگاغا قاراپ ئۇچىدا !
يەنە كۆمىسىلە ، تور كۆرگۈدىكى چاتاق ، IE نىڭ يۇقىرىراق نۇسقىسىنى ياكى گوگىلنىڭ تور كۆرگۈچىسىنى ئىشلەتسىلە ، ئۇچمىغىنىنى بىر كۈرەي
مەن يۇقىرىدىكى John Carter بىلەن غايەت زور ئۇرۇش كىمىسىدىگەندىن باشقا 10 فىلىمنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ بوپتىكەنمەن .
بەزى فىلىملەردە زادى پايدا دىگەننى كەتمەنلەپ ئۇسۇۋالغاندە بۇ خەق .
ئاپلا 13=2-15 بولاتتى ئەمەسما. خاتا ھېسابلاپ ساپتىمەن، سەت بولدى ھە باللا. نىمىلا دىگەن بىلەن ئاران باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندىكىن شۇنداق ھېسابلاب سالغان ئوخشايمە!
بەك كەمتەركەنلا جۇما ، ئې بىژ تىمىدا تېخى ئامرىكىچە سۆزلەپ قۇيىۋاتقانتىلا ، ئىنگىلىسچىنى باشلانغۇچتىلا سۇيىۋىتىپتىكەنلا ھە
كەمتەرلىك ئەمەس، ئاران باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىنىم راست،
ئاۋۇ ئەمىركىچە سۆزلەپ قويغىنىم بولسا 3 – سىنىپتىن باشلاپ ئۆگەنگەن ئا، ئە، ئې، بو، پو، مو نى قوراشتۇرۇپ جۆيلۈپ قوياپتىم ئەمدى .
مۇشۇ تورخۇمادىكى يازغۇچى باللا ھەر قېتىم كىنو توغرىسىدا تېما يوللىسا سۈزۈك نۇسقىلىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى قوشۇپ قويىدۇ، مۇشۇ يېرىنى بەك ياقتۇرىمە دىسە.
ۋاي ۋۇي، پۇل دىگەننى تىپىپ قويدىكەنغۇ،
بىر مىنۇتلۇق 3د فىلىم ئىشلەشكە بىر مىليۇندىن كۆپ مەغلەغ كىتدۇ دەپتى ئىشەنمەپتىكەنمەن، راسكەن جۇمۇ،
ئاشۇنداق بىر مەزگىللەر كىلىپ بىزمۇ ئىشلەپ كەتسەك چىن تۆمۈر باتۇرنى 3د قىلىپ،
راست، شۇنداق دىسە مەنمۇ ئىشىنىپ كەتمەيتتىم، تېخنىكا شۇنچە تەرەققى قىلسا ئۇنچىۋالا مەبلەغ كەتمەس دەپ ئويلاتتىم. راس شۇنداق چېغىۋا زادى ،
يۇقارقى كىنولارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ بولاپتىكەنمەن،
异星战场دىگەن كىنومۇ يامان ياخشى ئىدى، بىلەت كىرمى بەك تۆۋەن بوپتۇ دىسە،
نارنىيا ئىككىنچى بۆلۈم ئانچە مۇۋاپىقىيەتلىك چىقماي مەبلەغ سالغۇچىلار نىشاننى باشقا شېركەتكە يۆتكىگەنغۇ دەيمەن ، ئۈچىنچىسى قالتىس چىققان … ئاندىن دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇرۇش كىمىسىنى قىز بالىنىڭ نوقتىسىدىن تۇرۇپ كۆرسەم بەك زىرىكىشلىككەن . ئىشخانىدىكىلەر قالتىسكەن دەپ بەك ماختاپ كىتىشتىغۇ تاڭ…. ئىشقىلىپ كۆپ يەرلىرىدە سۇئال قويۇپ قويدى ما مىنىڭ قاپاق كاللامغا
بىرىنجى بۆلۈمى ياقىدۇ ماڭا، ئاۋۇ كىچىك قىزنىڭ مۈكۈشمەك ئويناۋېتىپ ئىشكاپنىڭ ئىچىگە كىرۋېلىپ كىيىن ئارقا ئىشىكىدىن باشقىلا بىر دۇنياغا چىقىپ قالغان يەرلىرى. . . شۇنىڭ بىلەن باشلىنىپ كىتىدۇ ئۇ كىنو .
بىرەر ئاي بولدى. ئابومجان دېگەن بۇرادەرنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئاساسلىق دىققەت قىلىۋاتىمەن. ئەمما ئالامەت يۇمۇركەن بۇ ئاداش. كومىدىيىلىك ئىنكاسلىرىنى ياقتۇردۇم.كۈندە تېما كۆرۈپ ئابومجاننىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرۈۋېتىپ چىقىپ كېتىمەن.
ۋوجون ، ئەدەمنى ماندا خىجىل قىمماڭلا يې باللا ، مىنىڭ ئىنكاسىمغا باللا قالاپمۇ قويمايدۇ دەپ ئويلاپتىم تېخى ، ھېجەپ نۇمۇس قىپ كېتتىم يا ، رەخمەت بۇرادەر سېرژانت (يۈزى ئوتتەك قىزارغان چىراي ئىپادىسى)
قالاپ قويمايتقان ئىش يوق، مەنمۇ ھەممە ئىنكاسىڭلىنى ئۇقۇپ كىلىۋاتىتمە ئاينا ، ئىنكاسلىرىڭلا پەيزى ماقما سىلىنىڭ . ياقتۇرتمە مەن.
پۇل بولسا كىنوچىلىققىلا مەبلەغ سالىدىغان ئىش ئىكەن ئەسلى !
ۋىروس ئەپەندىم، (تونۇشمىغاچقا مۇشۇنداق ئاتاۋەردىم) ، سىز بۇ كىنولارنى قايسى توربەتتىن چۈشۈرىسىز؟؟
http://yyets.com خەنلەرنىڭ داڭلىق خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورى
ئامرىكىدىكى كىنولارنىڭ 1مىنۇتقا سالغان مەبلىغى شىنجاڭدا بولغان بولسا ئابدىرەم ئابلىز ياخشى كىنودىن نەچچىنى ئىشلەپ خەلقىمىزگە سۇنغان بولاتتى
ۋاي، ۋاي ما خەق پۇلنى كۆمىدىم دەپلا تېپىپ قويىدىكەن جۇمۇ… نېمە جىق پۇل بۇ…
ئاۋارتار راسلام ناھايىتى كۆپ پايدا يارىتىپۇ. 100 ھەسسىمۇ پايدا ياراتقان ئىش بارمۇ ؟ ھەيران قالدىم. مۇنداق پايدا يارىتىدىغاننى ئاتۇشلۇق بالىلار كۆرۈپ قالسا؟ ….
ھوللىۋودقا كىنو ئىشلىگىلى كېتىپ قالىدۇ دېمەكچىما
دېمەكچى ئاتۇشلۇق بالىلار كۆرۈپ كۆمىدىم دەپلا تېپىپ قويىدىكەن جۇمۇ
كىنو بولا مۇشلاردەك بولا!!!!!!!!!
كىنونىڭمۇ پايدىسى يامانكەن ھە