بىز X1 Parkour گۇرۇپپىسىنىڭ 3 يىل جەريانىدا چىقارغان پاركور فىلىملىرىمىز…
بىزگە پاركور مەشىق قىلۋاتقىلىمۇ ئاز كەم 3 يىللارچە بولۇپ قاپتۇ، بۇ جەرياندا بىز ئاز جاپالارنى تارتمىدۇق، بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانىمىز قوللىمىسا، بىر تەرەپتىن ساقچىلار ئارلاشتى، ھەم كېلىپ پۇت-قوللىرىمىزمۇ ئاز سۇنمىدى، لېكىن شۇنداقتىمۇ، بەل قويۇۋەتمىدۇق، بۇ خەتەرلىك ھەرىكەتنى تاشلىۋەتمىدۇق، تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. ئارىمىزدا تۇرمۇش قۇرۇپ بولغانلارمۇ بار، ئەلۋەتتە بىر تەرەپتىن ئائىلىنى بېقىپ، بىر تەرەپتىن بۇ ھەركەتنى قىلىش ئاسان ئەمەس، لېكىن شۇنداقتىمۇ، بىرەرسىمىز تېخى ۋاز كەچمىدۇق…
نەخ گەپكە كەلسەك، ئەمدى شۇ تارتقان جاپالىرىمىزنىڭ شاھىدى بولغان، ئازغىنە فىلىملىرىمىزنى سىلەرگە سۇناي، ئانچە ياخشى چىقىرالمىغان بولساقمۇ، كۆرۈپ باققايسىلەر…
X1 Parkour گۇرۇپپىسىنىڭ 3 يىل جەريانىدا چىقارغان پاركور فىلىملىرى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇيغۇر، پاركور، فىلىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,469 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: x1-parkour-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئېلاندىنمۇ ھوزۇرلانغان بارمۇ؟ تورخۇماردىكىلەر ئۈچۈن ھەممىسى ھۇزۇر! ئاپتوموبېل ئېلانى دېگەننى تۆكۈۋەتتىم
- كېيىنكى يازما > تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كاتتا ئىشلەنگەن مۇردا فىلىمى – مۇردىلار دۇنياسىدىكى جەڭ(World War Z) نىڭ CG ئىشلىنىش تەپسىلاتى
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
- 160 كىنو-فىلىمدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ توپلانمىسى
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 11: يۇقىرى دەرىجىلىك جەڭ» نىڭ تۇنجى تەشۋىق فىلىمى ئاشكارىلاندى
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
مەن ھېلىغۇ پاركوركەن، قولۇمنى تېرەپ تۇرۇپ، بىر موللاق ئاتاممايمە، ئەجەپ يامانكەنسىلەر، قول قويدۇم، لېكىن بىخەتەرلىكىڭلارغا كۆپ دىققەت قىلىڭلار، ئۈستىدىمۇ دەپسىلەر، پۇت قولىمىزمۇ ئاز سۇنمىدى دەپ، مەنمۇ ئېگىزراق جايدىن سەكرىگەن كۆرۈنۈشلەردە يۈرىكىم جېغىلداپ كېتىپ بارىدۇ…
مىنىمۇ سەپكە قىتۋالساڭلارچۇ ؟
قېتۋالايلى،،، نەدىن سىز ؟؟؟
ئاپىرىن قول قويدۇم مەنمۇ كىچىكىمدىن ھازىرغىچە موللاق ئېتىشنى مەشىق قىلۋاتىمەن لېكىن ئۆكۈنەلمىدىم بەك تىرىشچان ئىكەنسىلەر غەيرەت قىلڭلار
يالغاندىن دەپ قويغۇنۇم ئەمەس، راستىنلا كۆزۇمگە ياش كەلدى …قورقۇپ كېتىپ ئەمەس، ئەنسىرەپ ئەمەس ياكى پىياز توغراۋاتقىنىمدىن ئەمەس بەلكى دۇنيا مىقىيىاسىدا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان ، تەۋەككۈلچىلىككە، خەتەرگە تولغان ، جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان، قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بىرتۈرلۈك تەنھەرىكەت تۈرىنى ، باشقىلاردەك كەڭ كۇشادە سورۇنلاردا ئېلىپ بارالمىسىمۇ، چەت سەھرا، توپىلىق چەت-ياقىلاردا ، ئۆزتىرىشچانلىقى، غەيرىتى بىلەن ئۆگىنىپ مۇشۇنچىلىك سەۋىيىگە يەتكەنلىكى، ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلىقى، جۈملىدىن ئۆزىگە خۇشالىق تاپالىغانلىقى ئۈچۈن….
、ئاتاڭلارنىڭ سىلەرنىڭ سۆڭىكىڭلارنى بۇنچە قاتتىق قىلىپ تاپقىنىغا ئاپىرىن !!!
رەھمەت قېرىنداشلار ….
قېرىنداشلار،، بولسا بىزگە ياخشىراق كىرىشتۈرگۈچ بولسا ئادرىسنى ،، ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار،، بۇندىن كىيىنكى فىلىملەرنى تېخىمۇ ياخشىراق چىقارغان بولساق ….
http://guangchangwu.org/a/changyongruanjian_ceshiwangye_/2012/0928/3449.html
ئاپىرىن سىلەرگە ،بۇ فىلىم كىرىشتۈرۈش،فىلم تەھرىرلەش دېتالى يامان ئەمەس سىناپ بېقىڭلار!
ئادىرىسىنى يوللىغىلى بولمايدىغۇ
http://guangchangwu.org/a/changyongruanjian_ceshiwangye_/2012/0
928/3449.html
مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق بالىلاردىن بىر نەچچىنى يىغىپ بىرەر ھەرىكەتلىك فىلىم ئىشلەنگەن بولسا ھە ، بىزلەرنىڭ ئىشلىگەن فىلىملىرىمىزمۇ «خەتەرلىك13-رايۇن» دىگەندەك فىلىملاردىن قىلىشماس بولغۇيتى …
ياخشىراق كىرىشتۈرگۈچنى مەن دوستلۇرۇمدىن سوراپ باقاي ، ياكى تەدبىركاردىنلا سوراڭ ، ئۇنىڭ بىلمەسلىكى ناتايىن …
مېنىڭچە بىزدە كەم بولىۋاتقىنى پەقەتلا شارائىت مەسىلىسى خالاس، لىكىن بۇنداق شىجائەتلىك بالىلار بار يەردە چۇقۇم پات ئارىدا پۇرسەت تېپىلىدۇ.
ھەي ، ئەپسۇس سىلەر قەشقەر مارالبېشىدىن ئىكەنسىلەر ، ھېچبولمىغاندا بىر شەھەردىن بولغان بولساقمۇ ، مەن سىلەرگە چۇقۇم قېتىلىۋالاتتىم ، ئەپسۇس ھەم ئوقۇش شارائىتى يار بەرمەيدۇ ….
سىلەر قەيەردىن ؟
بولسا مىنىمۇ قوشىۋالغان بولساڭلار ھە….
قوزام،
بۇرادەر سىز نەدىن ئەگەر ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز كۆرۈشۈپ باقساق قانداق .
ئىنىم بىلەن ئىككىمىز كىچىكىمىزدە ئۆستەڭ بويلىرىدا موللاقلارنى ئېتىشىپ ئوينايتتۇق. مەن ئىچكىرىدە ئوقۇدۇم، ئىنىم يۇرتتا ئوقۇدى. قوللىرىم تاس قالىدۇ تۇتۇپ قويسا سۇنۇپ كەتكىنى. ئىنىم بەستلىك، چىڭ چوڭ بولدى. شۇڭا … كەلگۈسىدە ئوغلۇمنى يۇرتنىڭ توپىسىغا مېلىندۈرۈپ چوڭ قىلمىسام خەپ….
3 چى سىندىكى ئاۋۇ ئۆستەڭ بەكلام لاي ئاقىدىكەن قانداقمۇ چۈشكەنسىلەر ، مەن غۇلجىدىن بىزلاي ئۆستەڭگە چۈشمەيمىز ،سۇ سۈزۈلگەندە چۈشىمىز.
ئۆگەن دەرياسىنىڭ سۈيى ئاشۇنداق لاي ئاقىدۇ
يارايسىلەر.بەك شاش چىقىپتۇ.
ماڭا ياراپ كەتتى… جاسارىتىڭلارغا ئاپىرىن !
بەك قالتىس بوپتۇ، جاسارىتىڭلارغا ئاپىرىن!!! بولسا مەنمۇ بىرەر ھەركەتلىك فىلىم ئىشلەنگەن بولسا دېگەن ئۈمۈتتە… داۋاملىق تىرىشىڭلار…
بۇ فىلىمنى كۆرۈپ پارىس شاخسادىسى دىگەن فىلىم يادىمغا كەپ قالدى!!!
مارالبېشىنىڭ ئۈزىدىما سىلە؟
يارايسىلەر ئەزىمەتلەر، مەن بەك ھاياجانمۇ بىلمىدىم، كورىۋاتسام تېلفۇن كەلگەنتى بىلمەپتىمەن ئاۋازىم تىتىرەپ كەتتى، جىق گەپ قىلماي. تېخىمۇ تىرىشىڭلار.:cry:
ئوپىراتورغىمۇ بارىكاللا، يارايسىز، مومكىن بولسا ئۈسكىنىلەرنى سەل ئىلغارلاشتۇرۇپ، تولوقلاپ ئىشلىگەن بولساڭلار تېخىمۇ ياخشى چىقاتتى.
لىكىن ئامما مۇشۇ پاركۇر دېگەن تازا ئۇغۇل بالا ئوينايدىغان ئۇيۇنكەن جۇما
ئىككىنجىسىنىڭ 2:30 مىنۇتلۇق يېرىدىكى تامدىكى ئېلاندا 0996 دىگەن رايۇن نومۇرى تۇرىدۇ. كورلىنىڭ بىر يېرىمۇ نىمە؟!
بىزدىمۇ مۇشۇ پاركورنى مۇشۇنداق قىتىىرقىنىپ ئوينايدىغانلارنىڭ بارلىقىدىن بەك خۇش بولدۇم.سىلەرگە تەكلىپىم:ئۇزۇن كۆرۇنۇش قىلىپ فىلىم ئىشلىسەڭلار،ئۇنۇمى تېخىمۇ ياخشى چىققان بولاتتى…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىلەرگە ھەقىقەتەن قول قويماي تۇرالمايمىز…
سىلەرنىڭ مۇشۇنداق بىر جاھاندا شۇنداق خەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ماھارەتلەرنى ئىگەللەپ تېرىشۋاتقىنىڭلار بىز ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ جاپاغا چىداملىق ، مۇستەھكەم ئىرادىلىك ياشلار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ …
ئۈرۈمچىدە بولغان بولسا مەن قېتىلىتىم، دەھشە ھەۋەس بار ئىدى.
دادۈيدىن توۋلىمىسا بولدىغۇ سىلەر بۇنداق جاپالىق مەشىق قىلىپ نىمە قىلماقچى دەپ!
چەتئەللىكلەرنىڭكىنى كۆرگەندىن ئۆزىمىزنىڭكىنى كۆرگەنگە ھىشنىمە يەتمەيدىكەن دىسە