تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كاتتا ئىشلەنگەن مۇردا فىلىمى – مۇردىلار دۇنياسىدىكى جەڭ(World War Z) نىڭ CG ئىشلىنىش تەپسىلاتى
مۇردىلار فىلىمى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ئېسىگە ئاۋال كېلىدىغىنى، بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس ناملىق كىنو بولۇشى مۇمكىن. يەنە تىياتىرلاردىن The Walking Dead مۇ نۆۋەتتە بازارلىق كۆپ قىسىملىق تىياتىرنىڭ بىرى. بۇ يىلقى ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان ۋە كاتتا ئىشلەنگەن World War Z مۇ مۇردا فىلىملىرى ئىچىدىكى بىر قەدەر ھەشەمەتلىك فىلىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. فىلىمنىڭ ئۆزىگە كەتكەن مەبلەغلا 300 مىليوندىن ئاشىدۇ.
مەزكۇر فىلىم نۆۋەتتە جۇڭگودىن باشقا مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە قويۇلۇپ بولۇندى. دۆلىتىمىزدە تا ھازىرغىچە قويۇلماسلىقتىكى ئاساسلىق سەۋەپ، فىلىم ۋەقەلىكىدە، دۆلىتىمىزدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلغاندا كېسىپ چىقىرىۋېتىش تەلەپ قىلىنغان ۋە ئالاقىدار قائىدە-نىزاملارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كۆرۈنۈشلەر بىر قەدەر كۆپ بولغاچ، تا ھازىرچە تېخى دۆلىتىمىزدە ئاشكارە قويۇش تەستىقى چۈشمىدى. بەلكىم تەستىقلىنىپ بولغۇچە، تورغىمۇ سۈزۈك نۇسخىلىرى چىقىپ بولۇشى مۇمكىن.
World War Z نىڭ باشقا مۇردا فىلىملىرىدىن پەرقلىنىدىغان يېرى قەيەردە دېگەندە، مەزكۇر فىلىمگە كەتكەن مەبلەغ باشقا ئوخشاش تۈردىكى فىلىملەردىن نەچچە ھەسسە كۆپ. فىلىمدىكى مۇردىلارمۇ باشقا مۇردا فىلىملىرىدىكى مۇردىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ پائالىيەتچان ۋە سان جەھەتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ئۇنداقتا بۇنچىۋالا كۆپ مۇردىلارنىڭ رولىنى ئېلىش ئۈچۈن تەخمىنەن قانچىلىك قوشۇمچە ئارتېستلار سەرپ قىلىنغاندۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى تۆۋەندىكى كۆرۈنۈشلەردىن كۆرۈپ باقايلى.
World War Z نىڭ ئىشلىنىش جەريانى ۋە CG ئۈنۈملىرى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: CG، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,946 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: world-war-z-cg-vfx.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىز X1 Parkour گۇرۇپپىسىنىڭ 3 يىل جەريانىدا چىقارغان پاركور فىلىملىرىمىز…
- كېيىنكى يازما > ئۈچ كۈندە چېكىلىشى مىليوندىن ئاشقان Honda ۋىرۇسى ئېلانى! بىر تال ۋىنتىنىڭ قانچىلىك ئۆزگىرەلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
بارات پىتنىڭ بۇ كىنوسىنى ئىككى رەت كۆرۈپ چىقتىم ، مەزكۇر كىنونى ئىشلەشكە بەش-ئالتە ئالاھىدە ئۈنۈم شېركىتى ھەمكارلاشقا چۇشلۇق، ئۈنۈملىرى قالتىس چىقىپتۇ، مەبلەغنىڭمۇ غايەت زور كەتكىنى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ …
كىنودا ئىنسانلارنى ھالاك قىلغۇچى زومبىي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى جۇڭگو بولۇپ قالغىنى بىزنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈردى ، چۈنكى بۇ قارا رەڭلىك چاقچاق بىزنى كىنوخانىلاردا بۇ كىنونىڭ پەيزىنى سۈرۈشتىن مەھرۇم قىلدى.
تىپىك مۇردا فىلىملىرى مەستانىلىرى ئۈچۈم بۇ ھەقىقەتەن كاتتا فىلىم، لېكىن مەزمۇنىنى زىىغىرلاپ تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن ۋەقەلىكىرى سەل جىپسىلاشمىغان تۇيۇلىشى تەبىئىي .
نەدىن كۆردىڭىز؟كىنوخانىدىمۇ يا توردىمۇ؟توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئوغېرلىقچە تارتىلغان نۇسخىسىنى تاپقانتىم،لىكىن دەھشەت چاپاق ،پەقەتلا كۆرگۈم كەلمىدى
ھە كىمكىن دەپتىمەن. ئەمىرئاكا نىڭ قېشىدىكى بارات پىت دەڭ………
تورخۇمارغا نەدىن ئەكەلگەندۇ بۇ چەكلەنگەن فىلىمنى.ھا ھا . دىۋان .
شۇنداق قىلىپ، بۇ فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسقىسى تورغا چىقسا، خەتلىك فىلىم تور بىكەتلىرى تەرجىمە قىلسا ئاندىن كۆرەلەيدىكەنمەندە، ھەي… تىل ئۆگەنمىگەننىڭ كاساپىتى…
@ tikan ناملىق تورداش ، بەيدۇ دېسكامدا خىلىلا سۈزۈكرەك بىر نۇسخىسىنىڭ ب ت ئۇرۇقى بار، كۆرۈپ بېقىڭ : http://pan.baidu.com/share/link?shareid=3312899133&uk=354884325
رەخمەت جۇمۇ ئاخىرى سۈزۈك نۇسخىسىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدىغان بولدۇم
قىنى baidu دىسكىڭىزدىكى كىنولار 784151231 ماڭا يوللاپ بىرڭە
ما سىنگە قارىغاندا بۇ فىلىمنىڭ %90 تى ساختا كۆرنۈشتەك قىلىدۇ.
ھەقىقىي كۆرۈنۈش بولغان بولسا ھە …
ئاڭلىسام بۇفىلىمدىكى مۇردىلارنىڭ 70% تى جۇڭگودىن چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ چىكەتكەن لەركەن ……….
شۇڭا جۇڭگۇلۇق موردىلار بولغاچقا جۇڭگۇدا قويۇلماپتۇدە. ئۇرۇق – تۇققانلىرىم تونىۋالىدۇ دەپ
پەيزىكە
مۇشۇ فىلىمنىڭ سۈزۈكرەكى بارمۇ ئاغىنلەر.
ئۈستىدىكى ئادرىستىن چۈشۈرەلمىگەن بولساڭلار مانا ئادرىسى :http://pan.baidu.com/share/home?uk=354884325
بۇ ئادىرىستا يوق ئىكەن. ياخشىراق كۆرۈش ئادىرسى بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز
جۇڭگۇدا قويۇلمىغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇ زۇمبا ۋىروسىنىڭ تارقىلىش مەنبەسى
جۇڭگۇ بولۇپ قالغانلىقىدا
دۇنيادا ئاجايىپ كىشىلەر بارئىكەن ئۇدىگەن فانتازىيە فىلىمى تۇرسا ئۇنچىلىك تەسۋىرلىگەنگە نىم بولىدۇ مىنىڭچە بۇلار بولغاندىغۇ ئامرىكىلىق مۇردىلار جۇڭگۇغا باستۇرۇپ كەلسە
ئاندىن بىزنىڭ يىڭىلمەس ئەزمەتلىرىمىز چىقىپ مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ دەرەخ قوۋزاقلىرىنى يەپ پۇتۇن دۇنيانى مۇردىلارنىڭ قولىدىن ئازات قىلغان بولسا جۇڭگۇدا ئەڭ باشتا قويۇلغان بولتتى دە
يەجۈجى-مەجۈجىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئكەنلىكىنى بىلسە ئىدى گەر،كەلگۈسىدە جۇڭگۇدىن يامراپ قالسا، بىز مۇ كىنىودكىگە ئوخۇشاش مەرگەنلەپ بىشغا قارغىلاپ تاڭ-تاڭ ئاتسا قانچىلىك ھادىقى چىقار ئادەمنىڭ،.
ياخشى فىلىمكەن
قۇتياردا بىرەيلەن يوللاپتىكەن، ئاستىدىكى ئىنكاستا بۇنى تەرجىمە قىلىۋاتىمىز دەپتۇ، خەتلىكى چىقسا كۆرسەك بولغۇدەك ئەمىسە
كىنو چىقىپ بولدى راسلا بوپ قويىدىكەن كۆرۇپ بىقىڭلا