نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ئېلاندىنمۇ ھوزۇرلانغان بارمۇ؟ تورخۇماردىكىلەر ئۈچۈن ھەممىسى ھۇزۇر! ئاپتوموبېل ئېلانى دېگەننى تۆكۈۋەتتىم

مۇشۇ چەتئەللىكنىڭ ياسىغان نەرسىلىرىنى ئىشلەتمەي قاراپ ئولتۇرسىمۇ شۇنچە ھوزۇرغۇ؟ نېمىلا بولسۇن مۇئەللىم بىلەن
ھۆكۈمەتنىڭ توغرا دەپ جاھاندىن ئۆتۈپ كېتىدىغان بىزلەر ئۈچۈن ھەۋەس قىلىشتىنمۇ ئارتۇق «خۇشاللىق» بولمىسا كېرەك… يېقىندىن بېرى قارىسام تورخۇماردا يېڭى تېما يوق، خۇماداشلارنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالغان چېغىۋا، ئاز تولا ھەۋەس قىلىپ ئولتۇرايلى
دەپ ئېلان ئېلىپ كەلدىم، بىرلىكتە ھۇزۇرلانساق…

car-video-ads

غەرب كارخانىلىرىنىڭ ئېلان ئۈچۈن سالىدىغان مەبلىغى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىشى مۇمكىن. ئەڭ ئاددىيسى بىزنى شۇنچە تەقەززا قىلىپ بازارغا چىقىدىغان ئالما تېلىفونلىرىغىمۇ ئالما شىركىتىنىڭ سالغان ئېلان مەبلىغى
600 نەچچە مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. دېمەك غەربلىكلەر ئېلاننى مەھسۇلاتنى قارىغۇلارچە داڭلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى
ھوزۇرلىنىش ۋە مەھسۇلات كۈچىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. بۇندىن كىيىن مەن بىر نەچچە تېما ئارقىلىق مەخسۇس
ئېلان ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن ، بۈگۈن بىر نەچچە ئاپتوموبىل ئېلانلىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ تۇرۇڭلار.

20130706011309_82949

ئاپتوموبېل ئېلانلىرى:



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ھەۋەسكار 2013.07.06 , 15:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا ئاخسا ئىلانلار خىلى كۆپ يوللىنىپ قويىنىدۇ دە، ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن:idea::idea::idea::idea:

  2. ئابومجان 2013.07.06 , 16:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر مۇشۇنداق ئىلانلارنى بەزى تېتىقسىز فىلىملەرنىڭ ئورنىدا قويسا ، تېلۋىزورنىڭ ئالدىدا مىقتەك ئولتۇرۇپ كۈرۈپ قۇيىمە جۇما …

    ياردەم:مۇشۇ ماشىنا دىگەندىن خەۋىرى با خۇماداشلار ئازراق تەكلىپ بەسەڭلا بوپتىكەن ، ئۆيدىكىلەر بىر ماشىنا ئالىلى دىگەن ، بىزنىڭ ئۆيدە ئەدەم سەل جىق ،يەتتە كىشلىك ماشىنا ئامماقچىتۇق ، پۇلىمىز بەق جىقمۇ ئەمەس ، سەككىز تۈمەن ئەتراپىدىكى يەتتە كىشلىك ماشنىدىن بىلسەڭلار تەۋسىيە قىساڭلا بوپتىكەن ، چەتنىڭ ماشىنلىرى قىممەت ھەقچان ، دۆلتىمىزدە ئىشلەنگەن بولسىمۇ بۇلىدۇ ، چۇقۇم يەتتە كىشلىك بۇلشى كىرەك ، مۇشۇنىڭغا چۈشىدىغان ماشىنا بوسا دەپ بەسەڭلا بوپتىكەن ،خۇماداشلاغا بەك رەھمەت دەي

    • Forever 2013.07.06 , 17:29

      سىزمۇ مۇنۇ ماشىنىنى تەۋسىيە قىلاي
      http://car.bitauto.com/hongguang/

    • سەۋدايى 2013.07.07 , 10:26

      ئاۋدوسەي ئېلىڭلا ئابومجان….ئىككىنجى قول ئەرزان …2010-2011 نىڭكىنى ئالساڭلا بولىدۇ…تەلىيڭلار بولسا،2012نىڭمۇ چىقىپ قالا:idea:

  3. Forever 2013.07.06 , 17:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ھەممىدىن تېمىنىڭ قىستۇرما رەسىمى بەكرەك يارىدى :grin:

  4. كۈرەش 2013.07.06 , 19:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاستىدىن سانىغاندا 7-ئېلان ….
    ئېلان بۇلا مۇشتا بۇلا …. مەن تېخى قەلەمتۇراچنى ئالسا ئۈلىۋالىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمە….

  5. نەۋقىران 2013.07.06 , 19:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چاڭئەن ئىلىڭ ئابومجان بىزمۇ ئالدۇق 30000يۈەن يىڭىسى 2-ئايدا ئالغان غىڭشىماي ماڭدى خوتەنگىمۇ ساياھەتكە باردۇق تەخە شۇندا پەيزە دەڭە

  6. تۇك ھەرىسى 2013.07.06 , 21:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىسى كۆرۈشكە يارايدىكە ما ئىلانلارنىڭ.

  7. تۇپراق 2013.07.07 , 01:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ ئېلانلار بەك يارىدى .
    مۇشۇ ئاۋدىنىڭ بىر پەچەت ئېلانى بار ،ماڭا بەك يارايدۇ .مۇشۇ يەرگە قىستۇرۇپ قۇياي.
    http://v.youku.com/v_show/id_XMjYwMTA1NDMy.html

  8. تۇپراق 2013.07.07 , 01:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇ بانىدا بىر سورىۋالاي.مۇشۇ تورخۇمار IE تور كۆرگۈسىدە نۇرمال ئېچىلىدۇ ،ئەمما سوگو تور كۆرگۈسىدە ئېچىلمايۋاتىدۇ،باشقىلارنىڭڭىدە نۇرمال ئېچىلىدىكەن،مۇشۇنىڭغا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار.

  9. كۇسەن 2013.07.07 , 12:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەتىگەندە شۇنداق ئالدىراش بولسامۇ ھەممىسىنى كۈرۈۋەتتىم :oops::oops::oops:

  10. ئۇيۇن خۇمار 2013.07.07 , 13:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخساكانغۇ :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  11. ئۇيغۇرۇم131 2013.07.07 , 14:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن پەقەت كۆرەلمىدىم ما ئېلانلارنى ……… كومپىيۇتىردا تىلىفون نۇسخىسى چىقىۋالدى …….

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量