نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

تورداشلار ياساپ چىققان iPhone 6 ھەققىدىكى ئۇقۇم كۆرۈنۈشلىرى، بەكلا ئاقسامۇ قانداق؟!

ئالما شىركىتى يېقىندا iOS 7 نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن توردا داۋرىڭى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. iOS 7 ئېلان قىلىنىشتىن سەل ئىلگىرى، تورداشلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى بىر قىسىم ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەكس ئەتكەن iPhone 6 ھەققىدىكى ئۇقۇم كۆرۈنۈشلىرىنى توردا ئېلان قىلغان بولۇپ، قارىماققا قالتىس ئاقسا كۆرۈنىدىكەن. ياپىلاقلىشىشقا ماڭغان ئالما زادى قاچان مۇشۇنداق iPhone چىقىرار؟

iphone-6-concept

بۇ كۆرۈنۈشلەر Sonitdac ئىسىملىك بىر YouTube ئابونتى تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇ iPhone 6 نىڭ سىرتقى قىياپىتىدە iPhone 5 كە قارىغاندا كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ دەپ قارىغان. ئەمما، بۇ سىن لايىھەلەنگەن چاغدا تېخى iOS 7 ئېلان قىلىنمىغان بولغاچ، يەنىلا iOS 6 ئىشلىتىلگەن.

iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم كۆرۈنۈشلىرى

تورداش ئەركەمنىڭ تەۋسىيەسىگە كۆپ رەھمەت



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,684 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 18-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: iphone-6-concept.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ياسىنجان 2013.06.19 , 12:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەكلا ئاقساكەنغۇ…. پەگا ئەمەستۇ ھە بۇ ھې ھې

    • ئابومجان 2013.06.19 , 14:02

      دىۋان دەپ توۋلىغانغا مانا ئەمسە ، مازكەننى باسمىسام كۆڭلۈم پەقەت ئىزىغا چۈشمەيدا ، ئولتۇرۇڭما دەيلى چوڭ سۈپەت ئولتامامدۇق دەيمە ،يېقىندىن بېرى دىۋان دەپ جار ساغانغا ئىۋۇ مازكەننى بىرىش ئۈچۈنلا كىرىۋاتىمە مىيەگە ھې ھۇ ھا

  2. فارۇخ 2013.06.19 , 12:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەكلام شاشقۇ. لىكىن دىۋان ئۇنىڭدىن شاش:grin::idea::mrgreen:

    • ياسىنجان 2013.06.19 , 12:59

      دىۋان شاش ھە.. بىلىسىلە جۇمۇ لېكىن دىۋاننىڭ شاشلىقىنى ھې ھې

  3. ۋولقان926 2013.06.19 , 14:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس بەك شاش كەن .مېنىڭ دائىم كۆرىدغان چۈشۈم كەن بۇ …

  4. ئابدۇلباسىت 2013.06.19 , 14:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك كاتتىغۇ ، مۇشۇندا چىقىپلا قاسا قولامدىكىنى ئالماشتۇراتتىم ، بۇ تېلفۇننىغۇ تېخى يېڭى سېتىۋاغان ، قايسى كۈنى تېلفۇنۇمغا قاپ ئالاي دەپ بازاغا باسام يېنىمدىكى بىرەيلەن تېلفۇنۇمنى كۆرەپ ئۇكېېېېېم قوللىرىدىكى ئاۋۇ سىيالكىنى قانچىگە ساتىلا ، ئۆيدىكى كىچىك بالامغا ئەپ بېرەي دىمەسما ، شۇندا ئاچچىقىم كەلدى ئۇ گەپكە مەنمۇ چىدىماي ، ئاكوووووو سىلىنىڭ ئا كىچىك شۇملىرىغا سىيالكائەپ بېرىمە دىمەي پىچاقتىن بىرنى ئەپ بەسىلە خەتنىسىنى قىلىۋاسۇن دەپ قويۇپ يېنىپ كەلدىم …..
    ھازىر كىمنىڭ قولىغا قارىسا ئالمىلا پاقىراپ يۈرگەن ….

  5. xilas 2013.06.19 , 15:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    iPhone 6 غا ئانچە قىزىقمىدىم ، لېكىن شاش يېرى gta 5 نى ئويناپ قۇيۇپتۇ ئەمەسمۇ شۇنى دەپ بوسىمۇ ئالاتتىم .

    • خۇشال 2013.06.19 , 17:01

      gta 5 كومپېيوتىر نۇسقىسى چىقىپ بولدىما ، بۇ ئويۈنغا كۆيۈمە جۇما

    • xilas 2013.06.19 , 17:52

      كومپېيوتىر نۇسقىسى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ، يەنە كومپىيۇتېرنى ئالماشتۇرمىسام بولمايدۇ . ھەرقېتىم مۇشۇ ئويۇننىڭ يېڭىسى چىقسا تەڭلام ئالماشتۇرۇپ كۆنۈپ قاپتىمە ، بۇ ئۇيۇننىڭ تەلىپى ئەرشىبا (28) تەرەكتۇرغا ئوخشاپ كىتىدۇ ئەمەسمۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇيۇننى سۆرىيەلىگەن ماشىنىدا باشقا ئۇيۇنغا ســــــو يوق ، جىق سۆزلەپ قويدۇممۇنە .

  6. ئەنىشتە 2013.06.19 , 20:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنڭچە بۇنداق نەرسىلەر پەقەت ئۇقۇملا بوپ قالىدۇ، تىم كۇك دىگەن ئاداشنىڭ يىتەكچىلىكىدكى ئالمىنىڭ بۇنى ياساپ، بازار باھاسى بويىچە مۇۋاپىق بازار ئېچىپ بولىشىغا تېخى يېقىنقى مەزگىلدە ئىشەنگىلى بولمايدۇ…

  7. پەيلاسوپ 2013.06.19 , 22:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنچە بۇ ئانچە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش (بولۇپمۇ يىقىن كەلگۈسىدە ). بۇنىڭدا يەنە بۇرۇنقى تەسەۋۋۇر ئىلمىنتلىرى خىلىلا كۆپ ئىكەن .ئالما 5 چىقىشتىن بۇرۇنمۇ بۇخىل تەسەۋۋۇر خىلى ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى . بىراق قانداق بولدى ؟! قانچىلىك ئۆزگىرىشلەر بولغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز .ئەگەر شۇنداق بولسا ئەزەلدىنلا توك سەرپىياتى يۇقىرى بۇ تېلفۇننىڭ توكقا بولغان ئېھتىياج ھەسسىلەپ ئاشىدۇ .

    • تىمتاس 2013.06.20 , 09:56

      توغرا ئېيتتىڭىز! توك سەرپىياتى يۇقىرلىغانسىرى باتارىيىسىنىڭ چوڭىيىش مۇمكىنچىلىكى ئېشىپ بارىدۇ. بۇنداق بولغاندا يانفوننىڭ گەۋدىسى چوڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن! ھېچبولمىغاندا ئالما شىركىتى ھەرقانچە قىلىپ بولسىمۇ ئېنىرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى يانفوننى ئىشلەپچىقىرىشنى ئويلاشمايدۇ.
      لېكىنزە مۇشۇ ئالما 5 نىڭ كەينىدە ھېلىقى رەڭگى قېىنىق بولغان ئاسىتى- ئۈستى ئىككى يەر بارغۇ؟ شۇ يەرنى رەسىمدىكىدەك ئاجىرايدىغان قىلىپ قويسا يەنە بولاتتى. ئۇچاغدا ئۈستەلگە قويۇپ كىنو كۆرىدىغان بولاتتى. ھازىرىدەك قولدا تۇتۇپ كىنو كۆرمەيتتۇقدە@@@

  8. قاسىمجان 2013.06.21 , 09:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پات زاماندا بۇنداق بولىشى ناياتىن ….

  9. خوتەن ئوغلى 2013.06.26 , 08:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئايفوننىڭ بۇندا بۇلالىشىغا با ۋوي تېخى ئالتە قاپاق پىششىقى ..

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量