ئالمىنىڭ باھاسى ئەرزان باھالىق يانفونى iPhone 5C نىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى
Steve Jobs دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلارغا بولغان مەخپىيەتلىك ساقلاش تۈزۈلمىلىرىدە ئېغىر يوچۇقلار بايقىلىشقا باشلىدى. ئالدىنقى يىلى ئېلان قىلىنغان iPhone 5 مۇ رەسمىي ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنلا تورغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار زور دەرىجىدە ئاشكارىلىنىپ، يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىنغان چاغدا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى تەقەززالىقنى خېلىلا پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.
Apple شىركىتى 2007-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى بىر قېتىم يېڭى iPhone بازارغا سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىلمۇ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېڭى ئەۋلاد iPhone(ئاڭلاشلارغا قارىغاندا iPhone 5S مىش)تىن باشقا، يەنە ئەرزان باھالىق iPhone 5C دىن بىرنى ئېلان قىلارمىش. گەرچە بۇ ئەرزان باھالىق iPhone 5C تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئورالما قاپ ۋە ئاشكارىلانغان سۈرەتلەر ئاللىقاچان تورنى بىر ئالدى. بۈگۈن تاراتقۇلار يەنە بىر يۈرۈش يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى iPhone 5C نىڭ سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، يەنە سېتىش باھاسى توغرىلىق بىر قىسىم ئۇچۇرلارمۇ ئاشكارىلانغان.
iPhone 5C توغرىسىدا ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان چاغدا «ئىشلەتكۈچىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان iPhone» دېگەن ئۇقۇمدا كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولغان ئىدى، بىراق ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، iPhone 5C نىڭ باھاسى 3000 سوم(مەنچە 2999 سوممىكىن) قىلىپ بېكىتىلىشى مۇمكىن بولۇپ، ھازىرقى iPhone 4 قارىغاندا سەل قىممەت ئىكەن، ئاساسلىق بازار نىشانى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى يانفون بازىرى ئىكەن.
iPhone 5C نىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى
iPhone 5C نىڭ سىرتىغا سۇلياۋ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن(iPhone4/4S/5 قاتارلىقلارغا مېتال+ئەينەك ئىشلىتىلگەن) بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ ياسىلىپ چىقىش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلگەن، شۇڭا باھاسىمۇ ئەرزان بولۇشى مۇقەررەر. سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن، ھازىرقى iPhone 5 كە ئوخشاش 4 ديۇيملىق ئېكران ۋە 8 مىليون پېكىسسېللىق كەينى كامېرا سەپلەنگەن، تېلىفون قولغا چىققاندا قارىماققا كىشىگە تېخىمۇ ئىخچام ۋە يەككە قولدا مەشغۇلات قىلىش قولايلىقتەك تەسىر بېرىدىكەن. ئالما شىركىتى بۇ يىل كۈز پەسلىدە يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىندا iPhone 5C دىن باشقا يەنە iPhone 5S مۇ بىرگە ئېلان قىلىنىدىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، مەھسۇلات، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,489 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-5c-spy.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تورداشلار ياساپ چىققان iPhone 6 ھەققىدىكى ئۇقۇم كۆرۈنۈشلىرى، بەكلا ئاقسامۇ قانداق؟!
- كېيىنكى يازما > يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone ھەققىدىكى 17 تۈرلۈك بىر قەدەر ئىشەنچىلىك مىش-مىش پاراڭ
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
قاچانلاردا ئالامەن مۇشۇ ئالمىنى ،
بۇرۇن ئەنجۈر تېلىفۇننى ئەتىۋارلايتتىم ، ھازىرلاردا ئالما تېلىفۇنمۇ يامان ئەمەسكەن دەپ قالدىم ! ئالمىنى ئىشلەتمىگۈچە ئارتۇقچىلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن ، لېكىن ئەنجۈر تېلىفۇندا قىلغان كۆپ ئىشلاردا ئالما تېلىفۇندىمۇ قىلغىلى بولمايدۇ ؟
ھە راس قانداراقتۇ تەمى
مەن قارىسام بولىدىغان چىراي تۇرىدۇ؟ بىزدەك ئىقتىسادىدىن قىزىل رەقەم ئاجرىمايدىغانلار ئۈچۈن بوپ قاغۇدەك!!!!!
سەتكەن…..
بۇنىڭ كەينى ئېچىلىدىغان ئوخشىمامدۇ ؟ قارىسام يان تەرەپتە كارتا سالىدىغان يېرى يوق..
7- سۈرەتكە قاراڭ، كارتا سېلىش ئېغىزى شۇ بولۇشى مۇمكىن (يىڭنىنىڭ ئۇچىچىلىك بىر تۈشۈك تۇرىدۇ) بۇ دەل كارتا ئوقۇرىنى چىقىرىش ئېغىزى شۇ.
ئا دىگەن ئاۋاز ئالغۇچ نىڭ تۆشۈكىدۇ ھەي
مەنچە بلىدك 4sنى سىتىۋەتكەنىم بوپتۇ مۇشۇنى ئالامەن بولسا ئچۇرلا ۋاختىد يوللىنىپ تۇرسا رەھمەت تورخۇما ردوستۇم
ئاڭلىسام iPhone 5نى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاتقۇدەك،نىمىشقا iPhone 5نىىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ iPhone 5نىڭ ئورنىنى ئالغۇزمايدۇ؟ قارىغاندا ئالما راسلا باشلامچىلىق ئورنىنى سامسوڭغا تاتقۇزۇپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەيدىغان ئوخشايدۇ… مىنىڭچە iPhone 5C چىقسا سېتىلىشى ئۇنداق ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن…بىلىسىلەر چەتئەلنىڭ مېلى جۇڭگوغا كىرسە قانچىلىك ئۈسۈپ كىتىدىغانلىقىنى…
3000 يۈەن، يەنىلا قىممەت ئىكەن.
مەنچىمۇ بەك سەتكەن بۇ لاھىيە.ھىچقانداق يېڭىلىق يوق. ئى جۇڭگونىڭ گۈرۆچ تېلفۇنلېرىغىلا ئوخشاپ قاپتۇ.ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق يانفۇننى ئېلان قىلىدىغان بولسا ئالمىنىڭ پاي چېكى باھاسى شىدددەت بىلەن چۈشۈپ،ھازىرقى باھاسىنىڭ يېرىمىچىلىك قىممەتكە چۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ تېلفۇننى ئېلان قىلغىنىدىن ئېلان قىلمىغىنى ياخشىمىكىن .
مەنمۇ سىزگە ئوىشاش قاراشتا. شەخسەن مەن ياقتۇرمىدىم بۇ تېلفۇننىڭ ئېلان قىلىنىشىنى.
مەن ئۈستىدىكى بىر قانچەيلەننىڭ پىكرىگە قوشۇلمايمەن. بۇ لايىھەنىڭ سەت ياكى چىرايلىقلىقىنى قويۇپ تۇرۇپ ئېيتقاندا، ھازىر جۇڭگو بازىرىنىڭ ئۆزىدە ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىدىكى يانفون بازىرىنى ئاساسەن Android كونترول قىلىپ بولدى دېيىشكە بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك بازاردا iPhone بىلەن SAMSUNG نىڭ Galaxy تېلىفونلىرى قاتتىق تېپىشىۋاتىدۇ. ئالمىنىڭ بۇ ئەرزان باھالىق يانفوننى چىقىرىشىمۇ شۇ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى بازارنى ئىگىلەشتىكى سىتراتىگىيىلىرىنىڭ بىرى. iPhone نى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ئىشلەتكۈسى بار، ئەمما ئىقتىسادى ئانچە يۇقىرى بولمىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر توپى يەنىلا خېلى كۆپ بازارنى ئىگىلەيدۇ. يۇقارقى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا 5C نىڭ سىرتقى قىسمىغا سۇلياۋ ئىشلىتىلگەندىن باشقا، كامېرا ۋە ئېكران چوڭ كىچىكلىكى جەھەتلەردىن يېڭى ئەۋلاد iPhone بىلەن كۆپ پەرقى يوق. سىرتقى ماتېرىيالى سۇلياۋ بولدى دېگەن گەپ، چىداملىق جەھەتتىن ۋە ئۇپراش جەھەتتىن بولسۇن، 5S بىلەن مەلۇم پەرقلەر چىقىدۇ، لېكىن 3000 سوملۇق باھا بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنى يۇقارقى كەمچىلىكلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا تامامەن قىززىقتۇرالايدۇ دەپ قارايمەن. ئېلىمىزدىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەر، ئاددىيسى شىنجاڭدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنى نەزەرگە ئالغاندا، باھانىڭ قىززىقتۇرۇش كۈچى ھەرقانداق ئېلىمېنتتىن يۇقىرى.
ئەمدى بازار ئىگىلەش مەسىلىگە كەلسەك، iPhone 5C نىڭ بازار ئىگىلىشىدە شەك يوق، لېكىن قايسى بازارنى ئىگىلەيدۇ؟ جاۋابى شۇكى، iPhone ئىشلىتىدىغان ياكى ئالما مەستانلىرىنىڭ بازىرىنى ئىگىلەيدۇ. Android نىڭ بازىرىنى ئىگىلىشى يېقىن ئارىدا تېخى يوق گەپ، بولۇپمۇ جۇڭگودەك يۇقىرى سەپلىمىلىك 2000 سومدىن تۆۋەن Android تېلىفونلار ئەۋج ئالغان دۆلەتتە، Android نىڭ نېنىغا چېقىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. 5C نىڭ چىقىرىلىشى، ئېنىقكى سېتىلىشى تۆۋەنلەۋاتقان iPhone لىنىيەسىنىڭ بازىرىنىڭ يەنە ئازراق كۆپىيىشىنى قولغا كەلتۈرىشى مۇمكىن.
سىرتنىڭ بازىرى قانداق بۇنى بىلىپ بولالمايمىز ئەمما ھازىر 3000 يۈەن ئېلىپ بازارغا چىقساق iPhone5 نىڭ ئىشلىتىلگەن ئەمما پاكىزلىرىنى تاپقىلى بۇلىدۇ. تۆۋەن باھالىق دەپ ئىشلىگىنىگە قارىغاندا باھاسى يەنىلا قىممەت. مەنچە بولغاندا تۆۋەن باھالىق دىگەن ئىسىمغا يارىشا 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا بولاتتى. مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە 1500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە iPhone4/4s بولغان يانفۇنلاردىن بىرنەچچىنى يېقىنلارغا ئېلىپ بەردىم.iPhone5 بېلەن iPhone4/4s لەرنىڭ سىرتقى كۆرنىشىدىن باشقا يىرىدە جېق پەرىق يوق. ئەمما تۆۋەن باھالىق يانفۇن بازىرىنى iPhone4/4s ئىگەللەپ تۇرىدۇ. ئاتايەن ئىشلەپ چىقارغان تۆۋەن باھالىق يانفۇنىغا راستىنلا بازاردا ئۇرۇن يوق. ئۇ بىر ئۆتكۈنچە مەھسۇلات بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن windows Vista دەك
مىنىڭچە بازار تاپالمايدۇ
مىنڭچىمۇ شۇنداق… چۈنكى بۇ تېلفۇننىڭ لاھىيلىنىشى بەك ساختا چىراي بولۇپ قاپتۇ… بازاردىكى 200 سوملۇق ئالمىدىن قېلىشمىغىدەك.. ئارىمىزدا شۇنداق بىر قىسىم ئادەملەر باركى ئىقتىدارنىڭ 10 دىن بىر قىسىمنى ئىشلىتەلمىسىمۇ 4000-5000 سومغا تېلفۇن ئېلىۋىلىپ، قولىدىن چۈشۈرمەي كۆز كۆز قىلىشقا ئامراق. ئالما تېلفۇنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ 60%تى دەل مۇشۇ تۈركۈمدىكىلەر… شۇڭا بازار تاپالماسلىقى ئېنىق
ئاۋۋال بىر چىقسۇن قېنى سەپلىمىسى ياخشى چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس…
بەك كۇرمسىز بەك قوپال تۇيغۇ بېرىدىەن …. بۇنى 3000 غا لاغاندىن بىراقلام iphone 5s ئالغان ياخشى
بەك سەتكەن، كۆرۈمسىزكەن دەيدىغانلارنى، iPhone نى سۈپەت ، ئابروي ئۈچۈنلا ئىشلىتىدىغانلارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم …
سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى يۇقىرىدىكى يېڭى ئايفونغا پەقەت بىرلا بىلەت تاشلاشقا بولىدۇ دىيىشكە توغرا كەلگەندە تاللانغان ‹ سەتكەن › دىگەن جاۋاپنى نەزەردە تۇتۇپ توغرا دىيىشكە بولىدۇ، بولمىسا پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمە قاراشتا ئىكەنسىز. جاۋابىم شۇ !!!!
بۇ ئالمىنى كىشىلە بەسلىشىپلام ئالدىغان بولدى ھىچ قانچە ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان ئادەملەرمۇ ئالما نوچى دەپلا چۈشىدۇ لىكىن ئالمىنىڭ سەپلىمىسى تۈۋەن بولسىمۇ باھاسى بەك قىممەت ئەنجۈر تېلفونلىرىغا سىلىشتۇرغاندا ھەقىيقەتەن قىممەت يەنە ئازراق چۈشۈرسە ئالمىنى ئىلىشنى ئويلىشىپ باقاتتىم …ھازىرقى ئىشلىتۋاتقىنىم سونىينىڭ 36h دىگەن تىلفۇنى ئالما5 تىن كىيىن چىقتى سەپلىمىسىمۇ ئالمىدىن يۇقرى لىكىن يەنىلا ئالمىدىن ئەرزان .ئاڭلاشلارغا قارغاندا ئالمىنىڭ ئىچكى ئۈسكۈنلىرىگە ئاق ئالتۇن ،كۈمۈش ئىشلىتەمىش …
ئالما يانفۇنلىرىنىڭ ئىچكى سەپلىمىللىرىگە سېرىق ئالتۇن ، ئاق ئالتۇن قاتارلىق قىممەت باھالىق مىتاللارنى ئىشلىتىشى راس گەپ … مەن بۇنى بىر توردا كۆرگەن .. ئالما يانفۇنلىرىنى بۇزۇلۇپ قالسا ئوڭشاپ بەمەي ، يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىشىنىڭ سەۋەبى شۇكەن
ماڭا خېلى ياقتى.شەكلى كوركەم ،تەنەرقى تۇۋەن.ياخشىكەن.
5000 – 6000 مىڭنى خەجلىگەندىكىن ئىختىدارىدىن سىرىت سىرىتقى كۇرىنىشى ۋە سۇپۇتىنىڭمۇ ياخشى بۇلىشىنى ئويلۇشىمىزدە … سىزنىڭ سىرىتقى كۇرىنىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسا 90- يللاردىكىنى ئىشلىتىڭ ..
ياخشىكەن .سۇلياۋ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولسا باتارىيەنى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ دېگەن گەپ.