يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone ھەققىدىكى 17 تۈرلۈك بىر قەدەر ئىشەنچىلىك مىش-مىش پاراڭ
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا سېتىشقا باشلايدۇ. يېڭى ئايفون ھەققىدە تارقالغان مىش-مىش خەۋەرلەر بەكلا كۆپ بولۇپ، ئامېرىكىدىكى داڭلىق تېخنىكا بىلوگى Business Insider يىقىندا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، يېڭى ئايفون ھەققىدىكى 17 پارچە ئىشەنچىلىك مىش-مىش خەۋەرنى يىغىنچاقلاپ چىققان.
يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفونغا iPhone 5S دەپ نام بىرىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى iPhone 5 بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.
يېڭى ئايفوننىڭ سىرتقى شەكلى iPhone 5 بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمى ئانچە ئوخشىمايدۇ.
ھەتتا بەزى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭى ئايفوننىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشى پۈتۈنلەي يېڭىچە ئىكەن.
iPhone 5S يانفونىغا سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغانA7 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدۇ.
iPhone 5S يانفونى يەنە يۇقىرى سېغىملىق باتارىيە سەپلىنىدىغان بولۇپ، توكى تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىشكە يېتىدىكەن.
iPhone 5S نىڭ كامېراسىغا زور كۈچ سەرىپ قىلىنغان بولۇپ، ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
iPhone 5S يانفونىغا قوش چاقناتقۇچ چىراغ ئورنىتىلىدىغان بولۇپ، رەسىمگە تارتقاندا ئادەم كۆزى قىزىل بولۇپ قىلىشنى ئالدىنى ئالالايدىكەن.
iPhone 5S يانفونىغا يەنە بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ. گەرچە بۇنداق قىلىش ئالما شىركىتىنىڭ ئۇسلۇبىغا تازا ماس كەلمىسىمۇ، بىراق، ئۇلار ئۆتكەندە Authentec دەپ ئاتىلىدىغان بارماق ئىزى سېنىزورى ياساش كارخانىسىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانىدى.
iPhone 5S يانفونىنىڭ بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى Home كۇنۇپكىسىنىڭ ئاستى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شۇڭا، Home نىڭ لايىھىسى كۆپتۈرمە شەكىللىك قىلىنىدۇ.
يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنىپ، 20-كۈنى رەسمىي ھالدا سېتىلىشقا باشلايدۇ.
شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، iPhone 5S ئالما شىركىتىنىڭ بايراقدار يانفونى بولۇپ قالغۇسى.
iPhone 5S دىن باشقا يەنە قانداق يېڭىلىقلار بار؟ مىش-مىش گەپلەردە ئەڭ كۆپ تىلغا ئىلىنغىنى بولسا تۆۋەن باھالىق ئايفون
ئالما شىركىتىنىڭ تۆۋەن باھالىق ئايفوننى بازارغا سالىدىغانلىقى ھەققىدە تارقالغان خەۋەرلەر بەكمۇ كۆپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ يانفون ئوتتۇرا سەۋىيىدىكى ئىستېمالچىلارنى كۆزلىگەن مەقسەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى جۇڭگودىكى بازارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلغان. بىراق، ئۇنىڭ باھاسى يەنىلا ئانچە تۆۋەن ئەمەس، بىراق، 2500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
تۆۋەن باھالىق ئايفوننىڭ تاشقى قېپى سۇلىياۋ ماتىرىيالدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 350 دوللار بولىدىكەن.
تۆۋەن باھالىق ئايفوننىڭ كۆپ خىل رەڭلىك نۇسخىلىرى تەڭ بازارغا سېلىنىدۇ
تۆۋەن باھالىق ئايفونغا يەنە iPhone 5S گە ئوخشاش iOS7 سىسېتمىسى سەپلىنىدۇ.
تۆۋەن باھالىق ئايفونغا iPhone5C دەپ نام بىرىلىدۇ، بۇنىڭدىكى C ھەرىپى Cost سۆزى (تەننەرخ دىگەنلىك بولىدۇ) گە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، يانفون
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,109 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-5s-iphone-5c.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالمىنىڭ باھاسى ئەرزان باھالىق يانفونى iPhone 5C نىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى
- كېيىنكى يازما > رىۋايەتلەردىكى ئەرزان باھالىق iPhone 5C ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىر نەچچە خىل رەڭلىك ئىكەنمىش!
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
بازارغا چىققاندا بىلىمىزغۇ …
ياخشى بىر تىما بوپتۇ ماڭا بەك تېتىدى
250 كويغا چۈشكەن بولسا ھەممىز سېتىۋالاتتۇق ، 2500 يۈەن خېلى بىر پۇل ، 2 قوينىڭ گۆشى كىلىدۇ دە !
مەن ئەنجۈرچى…
5Sنىڭ باھاسى توغرىسىدا توختالماپتۇدە…ئەرزانراق بولسا بۇلاتتى بىزمۇ ئىشلەتسەك
Jony Ive نىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ تازا كۈلۈپتىمەن
بىر ۋاقلاردا ئەرزان باھالىق iphone غا ئىچىنى كورگۇنى بۇلىدىغان سۇزۇك سۇلىياۋ بىرىكمە ماتىرىيال ئىشلىتىلگەن تاشقى قاپ ئىشلىتىدىكەن دەپ يۇرىيتى .. ئەمدى ئادەتتىدىكنى ئىشلىتىپتۇدە …
9-10 ئېنىق بولغۇدەك ، ئەزان چىقىپ قالسا ئىشلىتىپ قويارمىز ، قولىمىزدىكى 4 نى سېتىۋىتىپ…
ئاۋۇ تۆۋەن باھالىق تېلفۇن دۆلىتىمىزگە كىرسە يەنىلا قىممەت بوپ كىتىدىكەنغۇ ۋاي …