رىۋايەتلەردىكى ئەرزان باھالىق iPhone 5C ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىر نەچچە خىل رەڭلىك ئىكەنمىش!
تېخى يېقىندا توردا ئاشكارىلانغان ئاق رەڭلىك iPhone 5C نىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈن باشقا رەڭلىك iPhone 5C نى كۆرۈپ باقايلى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالما شىركىتى iPhone 5S ۋە iPhone 5C نى ئېلان قىلىدىكەن. iPhone تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىرى Tanner Marsh ئالمىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئالدىنئالا ئاشكارىلاشتا ئىزچىل ئالدىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەنە تۇنجى قېتىم iPhone 5C ھەققىدىكى بىر قىسىم كىچىك سىناقلار ئېلىپ بېرىلغان سىننى كۆپچىلىككە سۇنغان. ئەلۋەتتە، iPhone 5C نىڭ كەينى تەرىپىلا باركەن ھازىرچە.
iPhone 5C ھەققىدىكى بىر قىسىم كوچا پاراڭلىرى:
C نىڭ مەنىسى Colors(رەڭ) بولۇپ، cheap(ئەرزان) دېگەن مەنىدە ئەمەس.
سىرتقى قېپى قىزىل/سېرىق/يېشىل/كۆك/ئاق بەش خىل رەڭدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قىزىل ۋە كۆك رەڭ بىر قەدەر كۆزنى چاقنىتىدۇ، رەڭ جەھەتتىن iPod nano غا تېخىمۇ يېقىنلاشقان، ئەمما Windows 8 ئوخشاپ قالىدىغان يەرلىرىمۇ بار.
iPhone 5C غا 4 سۇڭ(3.5 سۇڭ دېگەن گەپلەرمۇ بار)لۇق ئېكران سەپلىنىدىغان بولۇپ، iOS 7 قاچىلانغان. ئەمما CPU ۋە كامېرا بەلكىم كونا تىپلىق بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
باھا جەھەتتىن بايراقدار نۇسخىلىرىغا قارىغاندا خېلىلا ئەرزان بولۇپ، 2500 سومدىن 3500 سوم ئەتراپىدا بېكىتىلىشى مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، مەھسۇلات، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,635 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone5c-colors.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone ھەققىدىكى 17 تۈرلۈك بىر قەدەر ئىشەنچىلىك مىش-مىش پاراڭ
- كېيىنكى يازما > iPhone 5S/5C/5 ئۈچىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش سېلىشتۇرمىسى – ھازىرقى iPhone 5 كە قارىغاندا نەرى ئوخشىمايدىغاندۇ؟
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
تۇنجى باھانى ئۆزەملا يېزىۋىتەي ھە!!!
ئەرزان باھالىق بولغاندىكىن 2500 لەر ئەتىراپىدا بولسا بولاتتى كاساپەت ….
4s تىن ئىلغار چىقىدىغان ئوخشىمامدۇ ، بۇنىڭ ئەرزان بولىشىغا نىمە سەۋەبچى ياكى سەل پەل ناچاراقمۇ ؟
ئىلغار چىقماسلىقى مۇمكىن، لىكىن بەك ناچارمۇ بوپ كەتمەيدۇ، ناچار چىقىرىپ قويسا ئالما يۈزىنى تۈكىۋاسا پايچېكىنىڭ باھاسى چۈپ كىتىپ تېخىمۇ زىيان…
مىنىڭچە تەننەرخنى تۆۋەنلەتكىلى بولدىغان ئۇسۇللا بىلەن باھاسىنى بېسىشى مۇمكىن، قېپىنى سۇلياۋدىن ياساپ، cpuدىگەنلەگە سەل ئاددىيراقنى ئىشلىتىپ دىگەندەك …
لىكىن ئىكرانى 4سۇڭدىن كىچىك بوپ قاسا تازا بەلەن بومماسمىكى ، ئالدىنقى قېتىم تىم كۇكتىن سۇرىسامغۇ 4.5سۇڭدىن كىچىك بوممايدۇ دىگەن ، لىكىن يامان تەستە دەپ بەدى بۇنىمۇ
ئاما 5 نىڭ قېپىنى ئوزگەرتىپلاپ باھاسىنى توۋەنلىتىپ بازارغا سالغۇدەك .. ئېكراننى چوڭايىتمىدى بۇ چوپچىلە …
ھەممىسى ئادەم قويۇش بىلەن ماڭ!
تېلىفۇننى تولا ئالماشتۇرغان ئادەم راستىنلا ئەخمەق
مىنىڭچە بۇنداق دەپ كەتسەك تازا ياخشى بوممايدۇ ، ھەۋەس ئوخشىمايدۇ ئەمەسمۇ
خانىم -قىزلار گىرىم بۇيىمى دىسە جېنىنى بەرگىنىگە ئوخشاش ، ئوغال باللانىڭ ئىلىكتىر ئەسۋابلىرى ، تېلفۇن دىگەندەكلەرگە قىزىقىشى نۇرمالغۇ ، ئىقتىسادى يار بەرسە تېلفۇن دۇكىنىدىن بىرنى ئېچىۋاسىمۇ بۇلىدىغۇ
بۇلارنىڭ مەقسىتى بارار ئگەللەش، ئەرزان قىلسا ئادەتتىكى ئىشچى -خىزمەتچىلەرمۇ ئالالىسا،ئىشلەتكەنلەر كۆپۇيۇپ كۆنسە ، كەينىدىن تېخىمۇ قىممىتىنى چىقرىدۇ ھەقىچان…
بۇ قىتىم ئالما پىشقاندا چوقۇم بىرنى ئىلىپ يەپ باقىمەن،كىشىلەر بەك داڭلاپ كىتىۋاتىدۇ بۇ ئالمىنى .
مىنىڭچىمۇ ياراپ قالامكى لىكىن ئەمرىكىدا ئۇنچىلا قىممەت ئەمەس %100باج ئاشۇندا قىممەت كۆرسىتىدۇ بىزگە قۇلايسىز كۆرمىسەكلا سۇ يولى مىلىمۇ بولىدۇ مىنىڭچە بۇ يەردە بازارغا سىلىنىپ بولغىچە سۇ يولى مىلى كىپ بولىدۇ پىكىرىمگە قوشۇلغانلا سازكەننى بىسىڭ
بۇ ‹‹مودا›› دىگەن گەپ ئەسلى ئېنگىلىزچە گەپ ئوخشىمامدا ؟
رەڭلىرى نوكىيانىڭكىدەك پېچەت ئەمەسكەن…
ئىقتىدارى iPhone5نىڭكىگە ئوخشاشمىدۇ يا!!!
مىنىڭچە ئوخشاش