ئاڭلىدىڭىزمۇ، خاككېرلار ئۆيدە ئولتۇرۇپلا سىز كېتىپ بارغان يولنى توسىۋىتەلەيدىكەن؟
ياز كۈنلىرىنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا، توسۇلۇپ كەتكەن ماشىنىلارغا قاراپ تازا ئىچى سىقىلغان ۋىروسجان ئامراق iphone نى چىقىرىپ يول ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلاپتۇ، ئەمما نەس باسقاندەك كۆرسەتمە بويىچە ماڭغان يولىنىڭ ئەھۋالى ئەسلى يولدىنمۇ پاجىئەلىك چىقىپتۇ. فانتازىيىلىك فىلىمنى جىق كۆرۈپ ئادەتلەنگەن ۋىروسجان بۇ ئەھۋالنىڭ پەقەت بىر تاسادىبىيلىق ئىكەنلىكىگە قەتئى ئىشەنمەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ۋىروسجاننىڭ يېڭى تەتقىقاتى باشلىنىپ كېتىپتۇ…. ئايلار ئۆتۈپ يىللار ئۆتۈپ، ۋىروسجان ئاخىرى خاككېرلارنىڭ پەقەت ئاددىغىنە ئۈسكۈنە ۋە نورمال مەشغۇلات بىلەنلا Google خەرىتىسىدىكى يول ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئەمەلي يول ئەھۋالىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋىتەلەيدىغانلىقىنى بايقاپتۇ.
ۋىروسجاندىن بۇرۇن بىر گېرمانىيىلىك تەتقىقاتچى ياۋروپادىكى BlackHat يىغىنىدا، خاككېرلارنىڭ قانداق قىلىپ پۈتكۈل يەر شارى قاتناش ئەھۋالىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدىغىنىنى، ئېقىم مىقدارى ئانالىز سىستېمىسى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، Waze ۋە Google شىركەتلىرىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنىڭ ھەممىسىدە يول باشلاش ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇ ئىستىمالچىلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىشتىن سىرىت، مەھسۇلات تەمىنلىگۈچى تەرەپمۇ خېرىدارلىرىنىڭ يول باشلاش ئۇچۇرلىرىنى يىغېۋىلىپ شۇ ئارقىلىق قاتناش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىدىكەن.پەقەت يانفون سىستېمىسىغا ئىستىمالچىلار مەخپىيەتلىكى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش تەڭشىكى ئورنىتىلغان بولسىلا ، خاككېرلار يول باشلاش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىقلا قاتناش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش سېستىمىسدا مەۋجۈت بولمىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتالايدىكەن-دە ، شوپۇرلارنى تۇيۇق يولغا باشلاپ، يالغان توسۇلۇش ئۇچۇرى بىلەن ھەقىقى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەسلى ئازادە يوللارنى بىردەمدىلا ماشىنا دېڭىزىغا ئايلاندۇرىۋىتەلەيدىكەن.
ھامبىروگ پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى تەقسىملىمە قوللىنىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكتۇرى Tobias Jeske نىڭ دىيىشىچە،
ھېچقانداق ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئىشلەتمەيمۇ بۇ مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارغىلى، ھەتتا پۈتكۈل يەر شارىنىڭ قاتناش ئۇچۇرلىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، Waze ۋە Google لار Wi-Fi ئارقىلىقمۇ ئورۇن بېكىتەلەيدىكەن . سىز سىمسىز تورنى ئېچىشىڭىز بىلەن، ئەتراپىڭىزدىكى سىمسىز تور كىرىش ئېغىزى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى سىمسىز رايوننىڭ ئۇچۇرىنى ئىگەللىگىلى بولىدىكەن.
Tobias Jeske ئاندىروئىد 4.0.4 سېستىمىلىق يانفوندا”ۋاستىچى ھۇجۇم قىلىش”تەجىربىسى ئېلىپ بارغان بولۇپ، يانفون ئىگىسى ۋە Google ئاخباراتىنىڭ ئارسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، ئالاقىلىشىش مەنبەسىنى كونتىرول قىلىپ، خاتا ئۇچۇرنى كۆزىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا نورمال تارقىتىۋەرگەن.(توۋا، دۇنيا قالايمىغان بوپ كەتسىمۇ كىمنىڭ قىلغىنىنى بىلگىلى بولمايدىكەن دىسە) ۋىروسجان بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز چۆچۈپ كەتكەن، چۈنكى ئۇنىڭ شۇنداق بىر خاككېر ئاغىنىسى بار بولۇپ، ئىسمى تەدبىركار ئىدى….
سىز تونۇپ يەتتىڭىزمۇ يەتمىدىڭىزمۇ بىلمىدىم ، ۋىروسجاننىڭ بېشىغا بالا يەتكەن شۇ كۈنى داڭلىق بىلوگلار باھالاش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش كۈنى بولۇپ ، ۋىروسجان تازا قاتناش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرىۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ كېچىكىپ قىلىپ مۇكاپاتتىن قۇرۇق قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن تەدبىركار كومپىيۇتور ئالدىدا بىرنىمىلەرنى قىلىۋاتاتتى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: خاككېر، قانتاش، يانفۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,526 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: hacker-we-qatnash-sestimisi.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تورخۇمار يەنە بىر قېتىم ئەسلى ئورنىدا تولۇق قان بىلەن تىرىلدى!
- كېيىنكى يازما > سىز كۆرۈپ باقمىغان ئافغانىستان يەنىلا شۇنداق گۈزەل | ئۇلارنىڭمۇ بەخىتلىك بولۇش ھوقۇقى بار
- كىنولاردىكى خاككېرلاردەك كود يېزىپ تور بېكەتكە بۆسۈپ كىرىش تېخنىكىسى! سەت ئاقسا….
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- ئون مىڭ تال iPhone5 ئارقىلىق دومىنو قارتىسى ئويناش؟ چەتئەللىكلەر بىلىپ-بىلمەي بىزنىڭ كوممۇنىزىمغا كىرىپ قالغان چىراي
- نېمىش بولاپ كەتتى؟ روسىيەلىك خاككېر ATM ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا غەزەپلەنگەن قۇشقاچ ئويناپ يۈرۈپتۇ…
- خاككېرلىق بىلەن 4 مىليون پۇلنى ئالداپ كەتكەن دوكتور، توينىڭ ئالدىنقى كۈنى تۇتۇلۇپتۇ…
- خاككېرلار ئەسلىدە ئويۇننى مۇنداق ئوينايدىكەن
مەن ئاۋال ئولتاغاچ تۇراي دىۋاندا
ئاپلا ، بايا تېخى ماراپ ئولتاغان ، غەپلەت بېسىپتۇ مىنى
خۇشالجون ، سىلىگە دىۋان تازا ياراشمايتىكەن ، ئې بىژ قېتىم دىۋاندا ئىككى قېتىم ئولتادىم دەۋاتىدىلە ئەتىسىلا تورخۇمار ئېچىلماس بولدى ، ئەمدى بۈگەنلىك ۋەزىپىللىرى توشتى ،دىۋاندا يەنە ئولتاسىلا تورخۇمارنى ۋەيران قىلىدىغان ئوخشايلا
ئابومكا نىمى دىگەنلىرى بۇ ؟
قانداق سىگە ياراشماپتۇ ؟ كىچىك بولساممۇ پەگادا شۇمشىيىپ ئولتاغۇم كەمەيتكەن ئاشتا
ياخشى تىمىكەن!
بۇ ھىكايىمۇ يا يۇمۇرمۇ ؟ ئاخىرى با ئوخشىمامدا ؟ تازا قىززىپ ئۇقۇۋاتسام تۈگەپ كەتتىغۇي ؟
FBI نىڭ كىنولىرىدىلا ماندا چاقچاق قىپ ئىشلەپ قويغان ئوخشايدۇ دىسەم راس مۇشتا ئىش باكەن ھە
ۋاي ۋاي ,, لىكىن بۇ يەدىكىلەنى قىلغىلى بولماسمىكى دەيمەن。
شۇ شۇ ….
بۇ يەردىكىلەرنى قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى، قاچانلا قارىسا يول توساق، ماشىنىلار مىغىلداپ ماڭغىلىمۇ بولمىسا…
ئاشۇ يان تېلىفوندىكى يول باشلاش سېستىمىسىغا ئىشىنىپ ، قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان تار كوچىدا مېڭىپ قېلىپ ئىشقا كېچىكىپ قالغان چېغىمدا نەچچىنى تىللىۋەتكەنتىم .
ئەسلى مۇنداق ئىش ئوخشايدۇ بۇ!
مىنىڭ بۈگۈن تور خۇمار ئىچىلغانلىقىدىن چۇشلۇك تاماق يىگىلىمۇ چىققىم كەممەيۋاتىدۇ ؟؟؟
تورخۇماردىن ئايرىلساملا دىۋان كىتىپ قالىدۇ
ما ما ما ……….. ئەجەپ بىر يەنە كوڭلۈم بىرقىسمىلا بولىۋاتىدۇ ، قارىغان دا تور خۇمارغا ئىسسىق ئۆتەپ قالغان ئوخشايدۇ ؟؟؟؟؟؟
ما ئىشنى كۆرۈڭ ئەمدى….خاككىرلار يامانكەن جۇمۇ.
يولدا توسۇلۇپ قامماي ماڭامەنمىكىن دەپ مۇشۇنداق نەسىلەنى ئىشلەتسە ، قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى يولنىڭ يامىنىغا دۇچار قىلىدىغان نېمىكەن بۇ….
قا لاي مى قان لاش تۇ رى ۋى تە لەي دى غان لى قى نى….
ئۈزۈپ ئوقۇماي نەپەس يېتىشمىدى،ئۇف……
ھە ئەمدى بىلىۋالدىم. بۇندىن كىيىن يول باشلاش سىستىمىسى قايسى يولنى كۆرسەتسە، شۇنىڭغا قارشى ماڭساقلا بولىۋىرىدىكەنغۇ….
مېنىڭ تەخەللۇسۇم تۇردا