كىنولاردىكى خاككېرلاردەك كود يېزىپ تور بېكەتكە بۆسۈپ كىرىش تېخنىكىسى! سەت ئاقسا….
بىز دائىم ھوللىيۋودنىڭ بىر قىسىم كىنولىرىدا ماھارىتى ئاجايىپ يۇقىرى خاككېرلارنى كۆرىمىز، بۇ خاككېرلار پەقەت تورغا ئۇلانغان بىر تال كومپيۇتېر تېپىۋالسا، ناھايىتى ئاسانلا باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىغا بۆسۈپ كىرىپ كېتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ مەشغۇلاتىغا دىققەت قىلسىڭىز، قارا بىر ئېكراندا تاراقشىتىپ نەچچە سكونت كود باسىدۇ ۋە مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ۋەزىپىنى تاماملاپ بولىدۇ، شۇ چاغلاردا ئۇلارغا ھەۋەسمۇ قىلىپ قالىدىغانسىز ھە؟
ئەمەلىيەتتە، سىزمۇ شۇ كىنودىكى خاككېرلاردەك كود يازالايسىز! بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىدىغىنىم، Hacker Typer دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسالىق قىلىدىغان تور بېكەت. سىز تور بېكەتنى ئاچقاندىن كېيىن پەقەت قولىڭىزنى كۇنۇپكا تاختىسىغا تەگكۈزۈپ قالايمىقان باسسىڭىزلا، شۇ ھامان ۋەھشىي كود يازىدىغان خاككېرغا ئايلىنىسىز. يېنىڭىزدا بىرەر قىزبالا بولسىغۇ بولدى، ئۇ چاغدا كۇنۇپكا تاختىسىغا قارىماي تۇرۇپ بېسىۋېتىسىزغۇ دەيمەن؟
كود بىلمىسىڭىزمۇ خاككېر بولالايسىز
ئەمىلىيەتتە…بۇ بىر چاقچاق خالاس. Hacker Typer چەتئەلدىكى تورداشلار كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدە ئاقسالىق قىلىش ئۈچۈن يېزىپ قويغان بىر تور بېكەت، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق بىر تور بېكەتكە بۆسۈپ كىرىش ياكى پروگراممىنى يېشىش مەشغۇلاتى يوق. پەقەت سىزگە بىر تور بېكەتنى ئېچىپ بېرىپ پالاقشىتىپ كود يېزىپ، يېنىدىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزنى ھەيران قالدۇرىۋېتىش ئۈچۈن تەييارلانغان بىر ۋاستە.
تور بېكەت ئادرېسى: http://geektyper.com/
بۇ تور بېكەتلەرنى ئاچقاندىن كېيىن، كۇنۇپكا تاختىسىدىن خالىغانچە باسسىڭىز بولىدۇ. ئاۋال F11 نى بېسىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ! بۇنداق بولغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىش: چوقۇم Chrome/FireFox, IE11 دېگەندەك تور كۆرگۈلەردە ئېچىڭ، ئەبجەق IE6 دە ئۈنۈمى بولمايدۇ.
ئەمدى قىسقا فىلىملەرنى ئىشلەپ قالسىڭىز، خاككېرلىق كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئېلىشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ناۋادا سىز تېخى يېڭى ئۆگەنچە پروگراممېر بولسىڭىز، كۈندە بۇ تور بېكەتلەرنى ئېچىپ كود بېسىپ بەرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: توربەت، خاككېر، كود
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 21,795 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: hackertyper.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تورخۇمار ئەسلىگە كەلدى
- كېيىنكى يازما >
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- سىزگە نىسبەتەن قايسى ئۇيغۇر تورى ئەڭ گۈزەل؟ نەزىرىڭىزدىكى ئەڭ كۆركەم ئۇيغۇر تورى ھەققىدە ئازراق سۆزلىمەمسىز…
- نېمىش بولاپ كەتتى؟ روسىيەلىك خاككېر ATM ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا غەزەپلەنگەن قۇشقاچ ئويناپ يۈرۈپتۇ…
- ئاڭلىدىڭىزمۇ، خاككېرلار ئۆيدە ئولتۇرۇپلا سىز كېتىپ بارغان يولنى توسىۋىتەلەيدىكەن؟
- ھەممىدىن نوچى ساقچى ئىدارىسى تور بېكىتى مۇشۇ بولسا كېرەك | جىنايەتچىلەر كىرسىمۇ راھەت ھېس قىلغۇدەك
- كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئەڭ كۆپ بېسىلىدىغان كۇنۇپكا ۋە پروگرامما لايىھەلەش تىلى
- خاككېرلىق بىلەن 4 مىليون پۇلنى ئالداپ كەتكەن دوكتور، توينىڭ ئالدىنقى كۈنى تۇتۇلۇپتۇ…
- خاككېرلار ئەسلىدە ئويۇننى مۇنداق ئوينايدىكەن
- بلوگدىن يازما كۆچۈرۈلگەندە ئەسلى مەنبە ئۇچۇرلىرى ئاپتوماتىك كۆچۈرۈلۈش ئىقتىدارى
ماۋۇ بولىدىغان ئىشكەن
ئىسىت ، بىر قەدەم قاپتىكەن ، دىۋانىنىڭ دىۋانىغا
مەن چ چ تور كۆرگۈدە ئاچقانتىم ھەجەپ ئۈنۈمىنى ھېس قىلالمىدىم، ياكى بىرەر مەشغۇلاتنى خاتا قىلغانمەنمۇ ، قىسقىسى ئۇ يەنى تاپاممىدىم ،
كاساپەتلە مەن ۋەششى ھەۋەس قىلاتتىم ما ئىشقا ..ئەمما ئىې نىڭ پوچقىنى بىلمەيدىغان ئادەمگە كۇدا يىزىش دىگەن بىر چۇش مىكىن دەيمەن ….
ESC كۇنۇپكىسىنى باسساڭلار باشقا ئۆنۈملىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ….ESC بېسىپ سىناپ بىقڭلار،،،،
مەن سىناپ باقتىم لىكىن كوم قىتۋىلىپ خاككىرلار ھۇجۇم قلغان ئۇخشايدۇ دەپ كومنى تاقۋىتىپ ئەمدى ئىچشىم…بوممايدىغان ئىشكەن جىمۇ
قانداقلا كونۇپكا باسسا بىرقاتار كودلار چىقىدىكەن ، چىقىۋاتقان كودلار ئەمەلى كود مۇيا ؟
مەن قانداقلا قىلسام مەشخۇلات قىلالمىدىم……. زادى قانداق ئىشلىتىدىكەن؟؟
مەنمۇ شۇ
پەيزى سۈرىۋالدىم بىردەم، نەق شۇ فاتازىيىلىك كىنولاردىكى كۆرۈنۈشلەركەن. باياتىن روسىيىنىڭ بىر بازىسىغا باشقۇرۇلۇدىغان سىنارەت قويۇپ بىرىۋەتتىم ، بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ باشقۇرۇش سۇپسىغا باستۇرۇپ كېرىپ. ئاۋۇ بەتنى ئېچىپ 1دىن 9 غىچە كۇنۇپكىلارنى باسساڭلار، بىز كىنودا كۆرىدىغان ئاخسا كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى چىقىدۇ.
بولىدىغان ئىشكەن!
بوممىدې ئا غىنىلە!