نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > پروگرامما تۈزەش > يازما مەزمۇنى

كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئەڭ كۆپ بېسىلىدىغان كۇنۇپكا ۋە پروگرامما لايىھەلەش تىلى

jianpan

پروگرامما لايىھەلىگۈچىلەر ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىش- دەل كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن ھەپىلىشىش بولسا كېرەك؟ چۈنكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ساندىكى يۇمشاق دېتاللار ئاساسەن كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە توختىماستىن بېسىلغان كودلارنىڭ يۇغۇرىلىشىدىن بارلىققا كېلىدۇ. ئادەتتىكى بىر يۇمشاق دېتالنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن، بىر پروگراممېر كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە قانچىلىك دەرىجىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ؟ بۇنى تۆۋەندىكى قىزىقارلىق سىتاتسىكا ئارقىلىق كۆرۈپ باقايلى.

مەن نۇرغۇن پروگرامما تىللىرى بىلەن ھەپىلىشىپ باققان؛ مېنىڭ دائىم ئەجەپلىنىدىغىنىم، بۇ ئوخشىمىغان گرامماتىكىدىكى پروگرامما تىللىرى بىلەن پروگرامما تۈزۈش جەريانىدا، زادى قانچىلىك دەرىجىدە پەرق باردۇ دېگەن مەسىلە. ئوخشىمايدىغان يېڭى بىر خىل گرامماتىكا سىزنىڭ پروگراممىدىكى ئىپادىلەش قابىلىيىتىڭىز ۋە كود يېزىش سۈرئىتىڭىزنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟ بۇ توغرىسىدا مەن تۈزۈك بىلمەيمەن، مېنىڭ بىلىدىغىنىم پەقەت، ئوخشىمىغان پروگرامما تىللىرى بىلەن پروگرامما تۈزگەندە زادى قايسى كۇنۇپكىنى باسقانلىقىملا خالاس. بۇ بەلكىم ئاشۇ قايسى خىل پروگرامما تىلىنى تاللاشنى بىلەلمەيۋاتقان يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن قىزىقارلىق بىر مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، كۇنۇپكىلارنىڭ ئىشلىتىلىش تەقسىماتى قانچە كەڭرى بولغان پروگرامما تىلى ئادەتتە لايىھەلەش شۇنچە جاپالىق بىر پروگرامما تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سىز بەلكىم، پروگراممىدا ئىزاھلىغان ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنىڭ ئىزاھلاش قائىدىسىمۇ بۇ ستاتسىكىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىشىڭىز مۇمكى. ئەمما، كۆپ قىسىم پروگرامما تىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىزاھلاش ئادىتى بولىدۇ، بىز بۇ يەردە بۇ ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنىڭ ئىزاھلىنىشىنى نورمال دەپ قارايلى. ئەمما، تۆۋەندىكى قىززىق نۇقتا رەسىمىدە، بەزى كۇنۇپكىلار نەزەردىن ساقىت قىلىنغان، مەسىلەن Shift ۋە Caps كۇنۇپكىلىرى.

JavaScript

image

Shell

image

Java

image

C

image

++C

image

Ruby

image

Python

image

PHP

image

Perl

image

ObjC

image

Lisp

image

بۇ ئۈنۈملەرنى ھاسىل قىلغىنى بولسا heatmap.js سكرىپىت ھۆججىتى.

تورداش دىلخۇش0994 نىڭ تەمىنلىگەن ئەسىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت! ئەسلى مەنبە: cnBeta



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. سەھرالىق 2011.09.26 , 23:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئەڭ كۆپ باسىدىغىنىم بوشلۇق ئوخشايدۇ، قارىسام ئاقىرىپ كېتەي دەپتۇ

  2. بەگزادە 2011.09.27 , 01:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ كونۇپكا تاختامدا A W N C كۇنۇپكىلا ئۆچۈپ كىتەي دەپ قاپتۇ..N ئاللاقاچان ئىزدىرەكسىز ئۆچۈپ كىتىپتۇ

  3. كۇسەنشاھ 2011.09.27 , 01:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارىغاندا مەن كۇنۇپكا تاختىسىنى بەك ئىشلەتمەيدىغان ئوخشايمەن !!!!!!!!!! :mrgreen:

  4. Goodluck 2011.09.27 , 10:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Q كىرگۈزۈلمەپتۇ، قارىغاندا ئۇلار request نى ئىشلەتمەيلا پروگرامما يازىدىغان ئوخشىمامدۇ؟!

  5. ۋىروس 2011.09.27 , 11:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Eنىڭ رولىغا سەل قارىمىساق بولغۇدەكمۇ نىمە ؟

  6. Forever 2011.09.27 , 12:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    A،S،D،W لىرى ئويۇن ئوينىغاندا ئەڭ كۆپ ئىشلەيدىغۇ دەيمەن:mrgreen:

  7. سەرسان 2011.09.27 , 13:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە بىر كۆچۈرمە تېما، ئېسىمدە قىلىشچە تېلىفوندا بۇيازمامنى سىزگە كۆچۈرۈشكە رۇخسەت قىلمىغانتىمغۇ دەيمەن؟

  8. نۇرۇلۇق 2011.09.27 , 14:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن nwasd لارنى ھەم سىتىرىلكىنى كۆپ ئىشلىتىدىكەنمەن.

  9. نۆل ۋە بىر 2011.09.28 , 17:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مائۇسنىڭ كونۇپكىللىرىچۇ؟…كەسىپ ئىگىسىگە نىسپەتەن ئېلىپ ئىيىتقاندا،مائۇسنىڭ .ئاساسەن يوق …

    • نۆل ۋە بىر 2011.09.28 , 17:02

      ئاساسەن رولى يوق دىمەكچىدىم…مائۇس يامانلاپ باھايىمنى يوللىۋەتتى.:!:

  10. پاسىبان 2011.10.03 , 01:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دېمەك پروگراممىنىڭ تولاراقى Mac تە لايىھەلىنىدىكەندە؟

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量