نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > پروگرامما تۈزەش > يازما مەزمۇنى

پروگراممېرلارنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە – پروگراممېر دېگەن نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟

the-nature-of-engineer

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر «ھازىر كومپيۇتېر بەك ئەقىللىق بوپ كەتتى،  شۇڭا يېقىن كەلگۈسىدە بىز پروگراممېرلارغا ئىھتىياجلىق بولمايمىز» دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر «پروگراممىرلار بولسا تالانت ئىگىسى، ئۇلار كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىپ توختىماستىن مۇرەككەپ بولغان ماتىماتىكىلىق قىيىن مەسىللەرنى ھەل قىلىدۇ» دىيىشىدۇ، ھەتتا ئاز ساندىكى بەزى كىشىلەر پروگراممېر دىگەن زادى قانداق نېمە بۇنى ئەسلا چۈشەنمەيدۇ.  مەن بۇ ماقالە ئارقىلىق ئاشۇ بىر قىسىم پروگراممىر توغرىسىدا ھىچنەرسە بىلمەيدىغان كىشىللرىمىزگە پروگراممىر دىگەننىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشۈنچە بىرىپ ئۆتمەكچى…


شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى پروگراممىرلار   ئىنسانلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنى كومپيۇتېر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بىردىغان تەرجىماندۇر(تىلماچ)

پروگراممىرلار ئىككى دۇنيا ئارىسىدا ئالاقىچىدۇر، گەرچە بۇ ئالاقىچىلىك ھەقىقەتەن جاپالىق بولسىمۇ، ئۇلار تىنماستىن ئىشلەپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

the-nature-of-engineer-01

ئىنسانيەت دۇنياسىنىڭ ئارقا كۆرنىشى

ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسى بولسا ئۇلارنىڭ ئادەم (ئىنسان) ئىكەنلىكىدۇر.
The problem with people is that they’re only human. – Bill Watterson

ئادەملەر بولسا بىئولوگىيەلىك تەرەققىياتقا ئىگە بولغان مەخلۇق، شۇنداقلا يەنە كاللىدىن (مىڭە) ئىبارەت ناھايىتى ئۆزگىچە ۋە قىممەتلىك بولغان قۇرالغا ئىگە، كاللا (مىڭە) پروگراممىرلارنى مەسىللەرنى ھەل قىلغاندا ھەرخىل ئوي(算法)-پىكىر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئادەم مىڭىسىدە مۇرەككەپ بولغان مىڭە پوستلاق قەۋىتى (پەقەت ئىنسانلاردىلا بار) بار، يەنە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ۋە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلاردىن قالغان كونا ئىپتىدائىي قۇرۇلمىغىمۇ ئىگە. بۇ خىل ئىپتىدائىي قۇرۇلما ئاساسلىق  كۆپىيىش ۋە ھاياتلىقنى ساقلاش (ئوزۇقلۇق تېپىش ۋە ياكى خەتەردىن ساقلىنىش ۋە قۇتۇلۇش) ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. چوڭ مىڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يۇقاردىكى ئىككى ئىقتىدارلارنى تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۈنۈمگە ئىگە قىلىدۇ. لىكىن، ئۇ دەسلىپىدە غەلىتە (ئادەتتكىچە بولمىغان، فىزىكىلىق قۇرۇلمىلاردىن سىرىت) بولغان  بىلىش، تەپەككۇر قىلىش، قىزىقىش دىگەندەك قۇشۇمچە تەسىرلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ھىلىمۇ ياخشى مۇشۇ غەلىتە بولغان ئازغىنە قوشۇمچە تەسىرلەر بوپ قاپتىكەن، مۇشۇ تەسىرنىڭ رولى ئارقىلىق ئىنسانلار ئەقىللىقلىشىپ ھازىرقىدەك مەدەنىيەتلەرنى ۋە  ئىلغار بولغان كومپيۇتېرلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

بەزى كىشىلەر نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ئىنسانلار پۈتۈنلەي ئۆزىگە تاينىدىغان، ئىدىراكلىق، ئىشلارنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدىغان ئىنسانلارغا ئايلىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، لىكىن بۇنداق ئىش ھىچقاچان بولۇپ باقمىدى. ئىنسانلارنىڭ كونا مىڭە قۇرۇلمىسى ( ئۈستىدە ئېيتىلغان سۈت ئەمگۈچى ۋە ئۆمۈلگۈچى ھايۋانلاردىن قالغان قۇرۇلما) مۇرەككەپ بولغان ھىسسي دۇنيا ۋە جەمئىيەت ھادىسلىرى كىشىلەردە دائىم ئەقلسىزلىك، بىخەستەلىك ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنسانلاردا يەنە چاتاق بولغان ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە  كۈچلۈك بولغان مۇھەببەت ئېڭى ۋە شەخسى قىزىقىش بولىدۇ. مانا بۇلار پروگرامما تۈزۈشنى قىيىلاشتۇرۋىتدىغان ئامىللاردۇر.

ئەمما پروگراممىرلارنىڭ تېخىمۇ ئاقىلانە بولغان خىزمەتلەرنى تاللاش يولى يوق، ئۇلار ئامالسىز ئاشۇنداق مۇرەككەپ تۈزىلىش ۋە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە كىشىلەر توپى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەيدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ ئاشۇ ئوي خىياللىرىنى كومپيۇتېر تىلىغا تەرجىمە قىلىدۇ.

كومپيۇتېر دۇنياسىنىڭ ئارقا كۆرنىشى

كومپيۇتېر ئادىمىيلىكنى ئۇقمايدۇ، ھاسىللاشنى تاماملاپ مۇۋەپىقىيەتلىك ئىجرا بولغاندا، ئۇ ۋەزىپىسىنى ئاللا بۇرۇن سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ بولغان بولىدۇ.

كومپيۇتېر-ئىنسانىيەت مەدەنىيتىدە ئەڭ ئىسىل ئورۇننى تۇتقان كەشپىياتتۇر. ئۇ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئاساسىي تاختا، ئەسلەك (ئچىكى ساقلىغۇچ)، قاتتىق دېسكا، ئېكران ۋە بىرقانچە تۈرلەردىن تەشكىل تاپقان. كومپيۇتېر بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈردى، بولۇپمۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك قىلدى ۋە شاتلىققا تولدۇردى، يەنە كىلىپ بىزنىڭ مىڭىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنىمۇ تولۇقلىدى. پروگراممىرلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا بەلكىم   كومپيۇتېر ئىنسانلاردىنمۇ ئەقىللىق بولۇپ كىتىشى مومكىن، بۇنىڭغا ھىچكىم بىر نەرسە دەپ بۇلالمايدۇ. (ھەزىل سۇئال: ئەگەر كومپيۇتېر ئىنسانلاردىن ئەقىللىق بوپ كەتسە كومپيۇتېر يەنە پروگراممىرلارغا ئىھتىيالىق بولامدۇ؟)

ھازىرقى كومپيۇتېرلار پۈتۈنلەي لوگىكىلىققا، بىۋاستىلىككە ۋە ئىتائەتچانلىققا (بۇيرۇققا بوي سۇنۇشچانلىققا) ئىگە. ئەگەر سىز ئۇنىڭغا نىمە ئىش قىلشىنى بىلدۈرەلىسىڭىز ياكى قانداق بۇيرۇق بىرىشنى بىلەلىسىڭىز ئۇنداقتا كومپيۇتېر بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ھەقىقەت خۇشاللىق بىر ئىش، بۇيەردىكى بىردىن بىر مەسىلە شۇكى كومپيۇتېر پەقەت سىز ئۇنىڭغا بۇيرىغان ئىشلارنىلا قىلىدۇ، شۇڭا سىز خىرىدارلىرىڭىزغا مۇلازىمەت قىلغاندا كاللىڭىزنى ئوچۇق تۇتىشىڭىز، كومپيۇتېردىن بىرەر چاتاق چىقماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كىرەك.

ئىنسانلار ۋە كومپيۇتېرلار ئارسىدىكى تەرجىمانلىق

تەرجىمە مۇنداق ئۈچ چوڭ خىرىسقا دۇچ كىلىدۇ.

1.تىلنىڭ كۆپ مەنىلىكلىكى

ئىنسانلارنىڭ تىلى مۇجىمەل، مۇرەككەپ ھەم قوش بىسلىق، مەسىلەن: ”مەن دىگەن يەرنىڭ تېگىدە كۆشەۋەتقان يىلاننى بىلەلەيمەن“ دىگەندەك.

مەدەنىيەت ئارقا كۆرنىشى، تىل مۇھىتى گەپنىڭ مەنىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە كومپيۇتېر تىلى دەل، تۈز ھەم تىل مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ.

2. ئىنچىكە، قاتلاملىق بولىدۇ

ئىنسانلار ئالاقىسى  بولسا ناھايىتى تومتاق، ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش ۋە تەپسىلاتلار دىيىلمەيدۇ، مەسىلەن: بۇياققا كەل

بۇنداق دىيسىلە ۋاقىتنى ۋە زىھىننى تىجەپ قالغىنى بولىدۇ، لىكىن كەمچىلىكى شۇكى، دىيىلگەن گەپ ئېنىق، تەپسىلى ئەمەس، بۇنداق بولغاندا خاتا چۈشىنىش ۋە ئوبىكىت ئېنىق بولماسلىقدىن (كىم كىلىدۇ، نەگە كىلىدۇ، قانداق كىلىدۇ دىگەندەك) ئىبارەت  ئىككى چوڭ مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ. ئەكسىچە كومپيۇتېر بىزدىن بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ۋە ئېنىق بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

3.تەپەككۈر ئەندىزىسى

ئىنسانلار ئىھتىياجنى، نەتىجىنى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەلەرنى تەھلىل قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان. مەسىلەن: ماڭا ئىككى مىنۇتتا جاۋابىنى بىرىپ بول، ئىككى سائەتتە ئەمەس ھە.

لىكىن كومپيۇتېرغا پەقەت ئوي (算法) بولسا بولدى، كومپيۇتىر ئاشۇ  ئوي (算法) ئارقىلىق مەسىلىنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يىشىپ نەتىجىسىنى چىقىرىدۇ.ھەربىر قەدەمدىن چىققان نەتىجە كىينكى بىر قەدەم ئۈچۈن بىرىلگەن قىممەت رولىنى ئۆتەيدۇ.

ياخشى بولغان دىتالدىن بىرنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن، پروگراممىرلار يۇقارقىدەك قىيىنچىلىقلارنى چوقۇم يېڭىشى كىرەك. ئاندىن ئىنسانلار تەپەككۇرىنى بىلەلەيدۇ ۋە ئۇنى كومپيۇتېر تىلىغا ئايلاندۇرۇپ (转换) چىقالايدۇ.

ھەقىقىي بىر پروگراممىر بولۇش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئىقتىدارلار

the-nature-of-engineer-02

يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولدۇكى ھەقىقى بىر پروگراممىر ئوخشاش بولمىغان ئىككى دۇنيادىكى ئىككى خىل ئىقتىدارنى تەڭ يىتىلدۈرشى كىرەك.

ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجىنى چۈشنىشى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش كىرەك، مۇنداقچە ئېيتقانداق ئىنسانلارنى چۈشنەلەيدىغان بولىشى كىرەك. ئەمسە قانداق قىلغاندا ئىنسانلار دۇنياسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىنى بولىدۇ؟

1. ئالاقە-كىشلەر بىلەن ئالاقە باغلىيالايدىغان ئىقتىدار بولىشى، دوستانە قىزغىن پاراڭلىشالىشى ھەم يۈرەكلىك ھالدا ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىدىن باشقىلارنى بەھىرلەندۈرەلەيدىغان بولىشى كىرەك.

2.مەقسەت-بولىنىۋاتقان گەپ سۆزلەردىن ئۆزىگە لازىم بولغان ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيدىغان، ئۇنى چۈشنەلەيدىغان ھەم ئىشلىتەلەيدىغان بولىشى كىرەك.

3.لوگىكا-كومپيۇتېرغا يول قويۇشنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدىغان، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىدىن غۇۋا ھەم تالاش تارتىش پەيدا قىلدىغان مەزمۇنلارنى تازلاپ چىقىرالايدىغان بولۇش.

4.ئىجاتچانلىق-كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرنى قېزىپ ۋە ئۆزگەرتىپ، مەسىللەرنىڭ يېڭىچە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويالايدىغان بولۇش.

5.پىكىر يۈرگۈزۈش-كىشىلەرنىڭ دوستانە بولۇشتىن ئىبارەت يۇچۇقتىن پايدىلىنىپ ئويلاش يولىنى ئاقىلانىلىك بىلەن بىزىيەلەيدىغان (يۇشۇرالايدىغان) بولىشى كىرەك.

6.ئۇمۇمىيلىقنى ئويلاش-مەسىلىنى ھەل قىلىش يولى دىگەن قانداق قىلغاندا پۈتۈن دۇنيادىكى ئابونتلار، كارخانىلار ھەم باشقىلارغا ماس كەلتۈرگىنى بولىدۇ دىگەن گەپ، شۇنداق بولغاندا سىزنىڭ پروگراممىڭىز تېخىمۇ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشكە ئىرىشىدۇ(ھەقىقى رولى بولىدۇ).

كومپۇتېرغا قانداق قىلىش لازىم ئىكەنلىكىنى كومپيۇتېرغا دەپ بىرىش ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى تۇرغۇزۇپ بىرىش كىرەك.

  1. لوگىكا- پروگراممىرنىڭ ئوي-پىكىرىنى توپلاپ ۋە رەتلەپ ھەقىقىي يۇمشاق دىتال تەپەككۇرى ۋە كومپيۇتېر بۇيرىقىغا ئايلاندۇرۇش.
  2. تېخنىكا– تېخنىكىلىق «قارا قۇتا» لارنى بايقاش ھەم چۈشىنىش.
  3. پروگرامما تىلى- كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق، لوگىكىسى مول، ئۇچۇق، چۈشنىشلىك بولغان تىللارنى ئۈگۈنۈش ھەم شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پروگراممىرنىڭ ئوي خىيالىنى كومپيۇتېرغا بىلدۈرۈش(يەتكۈزۈش).
  4. ئوي (算法) -كومپيۇتېر ۋەزىپە تاماملاشتا ئىشلىتىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار (ئوي)غا پۇختا بولۇش كىرەك.
  5. مودېل قۇرۇش-كود يازغاندا ئابىستىراكىت ئوبىكىتلارنى ۋە مودىللارنى قۇرۇش، ھەم مەشغۇلات ئۇسۇللىرىنى پۇختا ئىگەللەش.
  6. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش- دەۋرى ھالدا ھەركەتلەندۈرۈپ سىستىمىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى، مۇقۇملىقىنى، ساغلاملىقىنى ۋە ئۆزگىرىشچانلىقىنى ساقلاش.

ئادەملەرگە يۈزلەنگەن ۋە ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پروگرامىمىرلارنىڭ ناھايىتى زور پەرقى بولىدۇ. ئادەملەر بىلەن كۆپ ئالاقە قىلمايدىغان پروگراممىر ياخشى پروگراممىر بولالمايدۇ.

ياخشى بىر ھەل قىلىش لايىھەسى كومپىيۇتېر دۇنياسى ۋە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ قوش تەرەپلىمە ئېقتىدارىغا  ئېھتىياجلىق. پەقەت مۇشۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي بىر پروگراممېر بولغىنى بولىدۇ.

(مەزكۇر ماقالە خەنزۇچە ئەسلى ماقالە ۋە ئېنگىلىزچە ئەسلى ماقالە ئاستىدا ئۆزلەشتۈرۈلدى، ئۆزلەشتۈرگۈچى: قۇتبىلىك ئەپەندى)



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئەززام 2011.12.09 , 21:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :grin:دىۋاندىگەن سەنمۇ چىقىدىغان ئادەم مەنمۇ …..

  2. پەنجىر 2011.12.09 , 21:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىز مەخسۇس دىۋان ئۈچۈنلا كىرگەن ئوخشىمامسىز ، ئىككىلا يازمىدا سىز دىۋاندا …!:arrow:

    • Miss 2011.12.09 , 22:47

      دىۋان يوقىتىلغىلى نىۋاق،بۇياق خاتا كەپ قالغان ئوخشايدۇ.

    • ئەززام 2011.12.10 , 01:12

      مىنىڭ كۈندە تورخۇمارنى بىر يوقلايدىغان ئادىتىم بارئىدى.
      دەل مۇشۇ (يوقلاش ) ۋاقتىدا دىۋانغا ئۈلگۈرۈپ كىلىپ قاپتىمەن…:mrgreen:

  3. سەرگەردان 2011.12.09 , 22:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پروگىراممىر بولۇش ئۈچۈن ئوتتەك قىزغىنلىق بولمىسا ھەرگىزمۇ بىر بىشىغا ئىلىپ چىققىلى بولمايدۇ-دە!ياخشى بىر پروگىراممىر ئۆز تەپەككۇرى بىلەن كىشلەرنىڭ مىڭسىنى كونتىرول قىلالايدۇ،بولمىسا!

  4. سەھرالىق 2011.12.09 , 22:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوھ…ئىشنى يەنىلا گازىرچىلىقتىن باشلىسام بولامدۇ نېمە؟
    پروگىراممىر بولماق بەك تەسكەن:arrow:

  5. 0102 2011.12.10 , 18:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تەجرىدىي تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈپتۇ ، تەجرىدىي تەرەققىياتتا قىيىنلىق ئاسانلىققا يۈزلىنىدۇ دېيلىدۇ ،ئەگەر ئۇنداق بولسا قانات چىقىرىپ ،يىنڭناغۇچ تەك مىڭ كۆزلۈك بولۇپ ، بېلىقتەك سۇدىن ئوكسىڭىن ئېلىپ ،چوڭ كىچىك چۈمۈلىلەر دەك يۈرىشەتتۇق زىمىن دا(چوڭ چۈمۈلە بىلەن كىچىك چۈمۈلىنىڭ پەرقى بەك چوڭ )
    كەپنىڭ قىسقىسى ئۈزىمىز نىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھەقىقىي چۈشەنسەك ….

  6. نۇرنىجات 2012.05.12 , 20:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پروگراممېر دېگەن يۇمشاق دېتال تۈزەيدىغان ئادەم ئەمەسما؟

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量