ئىككى يىگىت 1993-يىلى Flash نى ئىجاد قىپتىكەن، ھازىر ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟
ئالدىنقى ئايدا، Adobe بايانات ئېلان قىلىپ، Android 4.1 ئۈچۈن Flash ئىجازەتنامىسى تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە دۇنياغا Flash نىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى رەسمىي ھالدا جاكارلىدى. Flash نىڭ يوقىلىشى، گەرچە خېلى ئۇزۇن مەزگىلدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشىدىغان رېئاللىق بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئاللىقاچان Flash نىڭ «ئاخىرەتلىكى» ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ بولدى. Flash بىر دەۋرنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى ئىنتېرنېت تورىدا يېڭى دولقۇن قوزغىغان، ئاشۇ دەۋردىكى پروگراممېر ۋە لايىھەلىگۈچىلەرنى ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرغان، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ كۈنگە قېلىشى، كىشىنى ئىختىيارسىز ھالدا ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.
كۆپچىلىك بەس-بەس بىلەن Flash ئۈچۈن مەرسىيە يېزىۋاتقان چاغدا، شۇنداق بىر مەسىلە كاللىمىزغا كېلىشى مۇمكىن: بۇ Flash دېگەن قانداق پەيدا بولغان بولغىيتى؟ كىملەر ياسىغان بولغىيتى؟ ئۇلار ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
Attendly.com دىكى Scott Handsaker يېقىندا بۇ سىرلارنى ئاشكارىلىدى.
1993-يىلى Future Wave Software شىركىتىنىڭ ئىككى نەپەر ئىنژېنىرى Jonathan Gay ۋە Robert Tatsumi ئەينى چاغدىكى ئالقان كومپيۇتېرى ئۈچۈن بىر دانە رەسىم سىزىدىغان قورال ياسىغان ۋە SmartSketch دەپ ئىسىم قويغان. تۆۋەندىكى ئىككىيلەن دەل شۇ ئىككىيلەن، سولدىكىسى Jonathan، ئوڭدىكىسى Robert.
كېيىن بۇ مەھسۇلات 1996-يىلى زور دەرىجىدە يېڭىلانغان، ھەمدە ئىسمى FutureSplash Animator غا ئۆزگەرتىلگەن، كارتون قويۇش ھەمدە تور بېكەت يۈزىدە قىستۇرما ئارقىلىق كارتون فىلىم كۆرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، بۇ ئەينى دەۋرلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئىلغار تېخنىكا ھېسابلىناتتى.
1996-يىلى، Macromedia شىركىتى Future Wave نى سېتىۋالغان ۋە بۇ مەھسۇلاتنىڭ نامىنى Flash قا ئۆزگەرتكەن. 2005-يىلى، Macromedia شىركىتى Adobe تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان ھەمدە بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نامى Adobe Flash قا ئۆزگەرتىلگەن.
كېيىن، بۇ ئىككى ئىنژېنېر Greenbox قا قوشۇلغان، بۇ ئائىلە ئېنىرگىيەسىنى باشقۇرۇش شىركىتى بولۇپ، 2009-يىلى ئۇلارنىڭ شىركىتى Silver Spring تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. شۇڭا ئۇلار ئارقىدىن يەنە Silver Spring غا قوشۇلۇپ كەتكەن.
Robert Tatsumi نۆۋەتتە ھېلىھەم Silver Spiring دە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. Jonathan Gay بولسا كەسپىنى تاشلاپ كالا باققىلى كەتكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ تورغا ۋە يۇمشاق دېتال تۈزۈشكە ئاللىقاچان قىزىقىشى قالماپتۇ، ئۇ ئەمدى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى كۈچلۈك بولغان كالا گۆشى سودىسى بىلەن شۇغۇللانماقچىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Adobe، Flash، it، پروگراممېر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,102 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: flash-is-dead.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن: بىر كۈنلۈك قىسقا ئۇچۇر مىقدارى ، يەر شارى ئومۇمىي نوپۇسىدىنمۇ كۆپ!
- كېيىنكى يازما > 40 يىلدىن بۇيان كۆيۈۋاتقان «جەھەننەم ئىشىكى» نى بىلەمسىز؟
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- يەرلىك شىۋىسى ئېغىر پىروگراممىچىلار
- قىزلارغا …! | تەگسىڭىز پىروگىراممېرغا تېگىڭ! ئۇ سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىشى مۇمكىن!
- Android Studio – گۇگېل تارقاتقان ئاندرويىد ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما ئېچىش قورالى
- Adobe CS2 رەسمىي نەشىرى يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز | Photoshop/Illustrator/Acrobat/Premiere
- مىكروسوفت شېركىتىنىڭ يوقلىمىسى، دۇنياۋى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئاجايىپ تەدبىرلىرنىمۇ ئاڭلاپ باققۇلۇق
- Photoshop CS6 رەسمى نەشىرى(官方简体中文正式原版) ئېلان قىلىندى! ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە يازغىلى بولىدۇ!!!
- ئۇسۇل ئويناشنى بىلمەمسىز؟ كېرەك يوق! سىزنى بىر كۇنۇپكا بىلەن دىسكوچى قىلىۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس!
- پروگراممېرلارنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە – پروگراممېر دېگەن نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم؟
- IT خادىملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى يەتتە مەخپىيەت! بىر پروگراممېرنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تەجرىبىلىرى…
apple دىكىلەر flash نىڭ ئەمدى، ئاستا يوقىلىشىنى ئاللا بۇرۇن پىلانلاپ بولغان ئىدى، سەۋەبى بولدى،يىتەر بۇ كۈزىمىزمۇ ،چاپاق فىلىمدە چاپاق بولاي دىدى.
ئەمدى بۇنىڭغا قانداق بويسۇنامىز؟ توۋا، شۇنداق بىر بىلىملىك ئىنژىنېر كالا باققىلى تۇرۇپتىما؟
مەسىىلىە كالا بېقىشتا ئەمەس بەلكى، ئارزۇسىنىڭ ئۆزگەرگىنىدە.
ياخشى كالا گۆشلىرىنى تەمىنلىشىگە تىلەكداشمەن
ئەمدى بىلدىم ، ئەسلى مۇنداق ئىشكەندە ، Flash ئۆلەي دەپ قالسىمۇ ، مەن بىلمەي يۈردۈم دەڭلا ، بىرەرسىڭلار نېمىشقا ماڭ دەپ قويمىدىڭلار ھەممىڭلار بىلىپ تۇرۇپ .
ئەمىسە ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە قانداق مەھسۇلات دەسسەيدىكىن؟
HTML5 ئورنىنى ئېلىپ بولدى
شۇنداق تالانتى باركىشىلەرمۇ كالا باققىلى كىتىپتۇ ئاينا
مۇشۇنداقلارغا بەكلا ھەۋەس قىلىمەن ئۆزى خالىغاننى قىلالايدۇ ھەي
مىنىڭمۇ ئىدىيەم قاچانمۇ ئادەم يوق يەرگە كىتىپ يەر تىرىشقا ئۆزگىرە.؟؟؟
پۇللىرىڭىزئۈزىڭىزگەيىتىپ ئاشقۇدەك بولغاندا
مېنىڭمۇ بىر دوستۇم بار ئىدى ، كومپىيۇتىر 5-دەرىجە ئىمتاھانىدىن ئۆتكەن كومپىيۇتېرغا شۇنداق ئۇستا، يېقىندا ئۇمۇ كومپىيۇتېردىن زېرىكىپ ئاشخانا ئاچىمەن دەۋاتاتتى …
5- دەرىجە ئىمتىھانىنى قەيەردىن ئالىدىكەن؟ مەن ئەڭ يۇقىرىسىنىمۇ 4- دەرىجە دەپ ئولتۇرىمەن…
40 تىن ئاشقاندىن كېيىن، كۈچۈمدىن قېلىشتىن بۇرۇن دېھقانچىلىق قىلايمىكىن دەپ ئويلاپ يۈردۈم مەنمۇ.
توۋا ساپساق باللا تى بۇلا نىمە بولغاندۇ ئەمدى بولدى مەنمۇ تاشلايمەن بىكا!
ھەي…پۈتۈن ئىنتېرنېت سىن ھۆججەتلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان Flash جانمۇ يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ مانا.
نىمىشقا مەغلۇب بولدى،بىر تەپسىلىرەك چۇشەنچە بەرسەڭلار….
قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ ئىلغار، ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ كەڭ ھەم Flash نىڭ ئورنىنى ئېلىشنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان HTML5 دېگەن تېخنىكا ئىگەللىدى. شۇ سەۋەبتىن Flash مۇ تارىخ سەھنىگە ئىسمىنى يېزىپ قويۇپ ئاستا دىۋاننى بىكارلايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.