40 يىلدىن بۇيان كۆيۈۋاتقان «جەھەننەم ئىشىكى» نى بىلەمسىز؟
سىز قارا قۇم قۇملۇقىنىڭ «جەھەننەم ئىشىكى» ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ئۇ قارىماققا فانتازىيىلىك فىلىملەردىكى سىرلىق كۆرۈنۈشتەك تەسىر بېرىدۇ. قاراقۇم قۇملۇقىنىڭ كىندىك رايونىدا بىر زور ئوت ئازگىلى بار بولۇپ، بۇ دەل سىز ئاڭلىغان «جەھەننەم ئىشىكى» دۇر، ئۇ ھەرگىزمۇ سىرتقى بوشلۇق مېتېئورىتلىرىنىڭ زەربىسىدە شەكىللەنگەن ئەمەس. 40 يىللار ئىلگىرى بىر توپ گىئولوگلار شۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا قېزىپ چىقىلغان بولۇپ، ئازگالدىكى ئوت 40 يىللاردىن بۇيان كۆيۈپ كەلمەكتە…
«جەھەننەم ئىشىكى» ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۈركمەنستاندىكى دارۋاز كەنتىگە جايلاشقان، كەنتتە تەخمىنەن 350 نەچچە ئاھالە بار. سوۋىت ئىتتىپاقى گىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى 1971- يىلى شۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، زور مىقداردا تەبىئىي گاز ساقلانغان بىر ئۆڭكۈرگە بۆسۈپ كىرگەن، يەر ئاستىدىكى قۇدۇق قېزىش ئۈسكىنىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكتىن كەڭلىكى 70 مېتىر كېلىدىغان غايەت زور بىر ئازگال شەكىللەنگەن.
گىئولوگلار بۇ زور ئازگالنىڭ زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىپ، ئەتراپتىكى مۇھىتنى بۇلغىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، بۇ ئازگالنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىشنى قارار قىلغان. ئۇ ۋاقىتتا گىئولوگلار ئازگالدىكى تەبىئىي گاز نەچچە كۈن ئىچىدىلا كۆيۈپ تۈگەيدۇ دەپ قارىغان، ئەمما ئازگالدىكى ئوت ھازىرغا قەدەر كۆيۈپ كەلمەكتە.
دارۋاز كەنتى ئەتراپىدىكى نەچچە مىل دائىرىدە تۇرۇپ، زور ئوت ئازگىلىدىن چىققان يالتىراق نۇر گەردىشىنى كۆرەلەيسىز. «جەھەننەم ئىشىكى» زور ئوت ئازگىلى، تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخابادنىڭ شىمالىي قىسمىدىن تەخمىنەن 260 كلومېتىر يىراقلىقتا. تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بېرد.مۇھەممەدۇف 2010- يىلى ئاپرېلدا بۇ يەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بۇ ئوتنى ئۆچۈرۈپ ئازگالنى تىندۇرۇۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن، ئەمما بۇ بۇيرۇق ئاخىرىدا بىر ياققا قويۇپ قويۇلغان.
قاراقۇم قۇملۇقى تۈركمەنىستاننىڭ كەڭ دائىرىدىكى زېمىنىنى قاپلىغان بولۇپ، مول نېفىت ۋە تەبىئي گاز مەنبەسى يوشۇرۇنغان، ئۇنىڭ شىمالىي قىسمى ئارال دېڭىزىغا، شەرقىي شىمالىي قىسمى بولسا قىزىلقۇم قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ساياھەت، قورقۇنچلۇق، مەنزىرە
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,442 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-door-to-hell.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىككى يىگىت 1993-يىلى Flash نى ئىجاد قىپتىكەن، ھازىر ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟
- كېيىنكى يازما > مىكروسوفت Metro چە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى E-Mail مۇلازىمىتى Outlook.com نى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى!
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- كاللىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر يۈرۈش تېزلەتمە ساياھەت مەنزىرىلىرى | دۇبەي/شاڭخەي/پارىژ/نورۋېگىيە
- بىر-بىرىنى قورقىتىپ ئەخمەق قىلىپ توردا داڭق چىقىرىپ كەتكەن بۇرادەرلەر
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- يېڭىچە مودا سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسۇلى: پلاستېر بىلەن يۈزنى ئورىۋېتىپ ئالۋاستىغا ئوخشاپ قېلىش
- دۇنيا بويىچە ئەڭ رەتلىك سېلىنغان شەھەر
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
- نورۋېگىيەلىك فوتوگراف يەتتە كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلەپ چىققان ئەسەر
- پۇرچاق دېگەن جىق يەيدىغان نەرسە ئەمەس، بولۇپمۇ ئايغا چىققاندا …
دىۋان ، دىۋان . 1001 يازمىنىڭ دىۋانى مەندە …….
تېخى بىز ھەقىقى جەھەننەمنى كۆرمىدۇق ، ھەم كۆرۈشكە نىسىپ قىلمىسۇن
ۋاقىت …
نېمىدىگەن ئىسراپچىلىق بۇ!
كالۋالا، ئاشۇ يەرگىلا ئىلىكتىر ئىستانسىدىن بىرنى قۇرماي،
سىز بولسىڭىز شۇنداق قالامسىز
ئاللاھ ھەممىمىزنى دەۋزەخ ئازابىدىن ساقلىسۇن
قارىسام يانار تاغنىڭ پارتلاپ چىققاندىكى نىم نىم دەيتتتۇك ئۇنتۇپلا قاپتىمەن ھە ۋولقانغا ئوخشايدىكەن
ئۇيەرگە بىر قۇشخانا قۇرۇپ ئاندىن قوي،كالا،توگە، پىل………. دىگەندەك ھايۋانلارنى سويۇپ غايەت زور زىخلارغا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپ قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىكاۋاپ بىلەن تەمىنلىسە…ۋاھ..بىر يىلدا قانچە پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىغىنى پەرەز قىلىپ باقاي ھە… بۇگۇن ئاخشام ھىساپلاپ بولالمىغىدەكمەن ياردەم قىلىدىغانلار بارمۇ؟
ساقتۇ بۇرادەر يا كەيىپچىلىكتە سۇرۋاتقان خىيالمۇ يا