مىكروسوفت Metro چە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى E-Mail مۇلازىمىتى Outlook.com نى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى!
مىكروسوفت تېخى يېقىندا ئۆزىنىڭ Office ئورگان بلوگىدا بايانات ئېلان قىلىپ، E-Mail مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىماقچى ئىكەنلىگىنى، ھەمدە ھازىردىن باشلاپ بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن Outlook.com نامىدىكى يېڭى ئى-خەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى، ئېنىقكى بىز ئۈچۈن خۇشخەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ…
Outlook.com پۈتۈنلەي Metro كۆرۈنمە يۈزىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Office 2013 ۋە Windows8 كە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلغان. كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى ئىنتايىن پاكىز، ئىخچام. ئەلۋەتتە، خۇددى ئىلگىرى «Windows8 نىڭ ئۇيغۇرۇچىسى چىقىدۇ» دا ئېيتقىنىمىزدەك، مىكروسوفت بۇداقى مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇرچىنىمۇ ئويلاشقان بولۇپ، يېڭى ئېلان قىلىنغان Outlook.com مۇ، نۆۋەتتە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە بىردىنبىر ئى-خەت مۇلازىمىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۇقارقى رەسىم گۈدۈكتىن ئېلىندى
ئەلۋەتتە، بۇ يەردە مەن يېڭىلىقلارنى بىرمۇ-بىر چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشقا ئامالسىز، ئىشىنىمەنكى بۇ يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلار بېرىپ يېڭىدىن Outlook.com نامىدىكى ئىلخەت ئىلتىماس قىلىشى ياكى بۇرۇنقى live، Hotmail ھېساباتى ئارقىلىق كىرىپ كۆرۈش جەريانىدا تەپسىلاتىنى ھېس قىلالايدىغىنىغا ئىشىنىمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: email، ئۇيغۇرچە، مەھسۇلات، مۇلازىمەت، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,116 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: metro-outlook-com.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 40 يىلدىن بۇيان كۆيۈۋاتقان «جەھەننەم ئىشىكى» نى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > ئولىمپېك كۆرۈۋاتامسىلەر؟ لوندون ئولىمپىكتا يۈز بەرگەن بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار ۋە شۇ توغرىسىدىكى پاراڭلار…
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- ئۇيغۇرخەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم(ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان)
- مىكرو فىلىم – بوۋاق
- [جەۋھەر] ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ھەققىدىكى ئەڭ تولۇق كەسپىي دەرسلىك(1-7)
- ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس
- iPhone 5S ۋە iPhone 5C ئېلان قىلىندى
- iPhone 5S ۋە iPhone 5C نىڭ ئىسمى ئېنىق بوپتۇ، شۇنداقلا بۇدا تۇنجى قېتىم جۇڭگودا 1-تۈركۈمدە سېتىلىدىكەن
بىسمىللا دەپلا ئۆز نامىمدا يىڭىدىن بىر خەت ساندۇقى ئېلىۋالدىم. تىلىمىزغا بولغان ھۆرمىتى يۈزىسىدىن بولسىمۇ بۇندىن كېيىنكى بارلىق مەشخۇلاتلاردا مۇشۇ ئېلخەتنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم !
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ . چەتئەلدە ئاساسەن ئىلخەت ئارقىلىق ئۇچۇر قىلىنىدىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم . بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ …. ئۇيغۇرچە ئىلخەتنىڭ ھوزۇرىنى سۇرىمىزدە ەمدى
Hotmail ھېساباتىمىزنى ئىشلەتسەك بولىدىكەن ، مەنمۇ شۇنى ئىشلىتىشكە باشلىدىم
پا مەنمۇ كىردىم بەك پەچەت بوپتۇ . . ھاياجانلىنىپ كەتتىم
چاتاق بولدى! outlok قا كىرىپ قويۇپ ئەمدى hotmail غا كىرسەممۇ outlok قا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ، hotmail غا كىرەلمىدىم. ئامال بارمۇ؟
بىۋاستە hotmail ھېساباتىڭىز بىلەن كىرسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
شۇ بىۋاستە hotmail ھېساباتىم بىلەن كىرگەن، چىكىنىپ چىقىپ hotmail غا كىرىپ باقاي دەپ كىرسەم يەنە شۇ outlok قا يۆتكەپ قۇيىۋاتىدۇ…
ھى ھى مەنمۇ بىرنى ئىلىپ قويدۇم بىراق ئۇيغۇرچىنى ساقلاپلا قالدىم ،تىزىملاتقانلار ئادرىسىڭلىنى قالدۇرۇڭلار ،ھۆيلاڭلارنى ماراپ چىكىتەمىز
مەنمۇ تىزىملاتقان ئىدىم، لېكىن خەت نۇسخىسى سىزنىڭككىگە ئوخشىمايدىغۇ، ياكى مېنىڭكىدە ئۇ خەت نۇسخىسى قاچىلانمىغانمۇ؟
تور كۆرگۈچنىڭ خەت نۇسخىسىنى كومپيۇتېرىڭىزدا بار ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا تەڭشەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
تور كۆرگۈچ IE9 نىڭ «Internet تاللانمىلىرى»(Internet 选项)غا كىرىڭ، ئاندىن «خەت نۇسخىسى» (字体)دېگەننى تاللاڭ.
«ھەرپ-بەلگە توپلىمى»(字符集)دىن «لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىدىغان»(以拉丁文为基础)نى تاللاڭ.
«تور بەت خەت نۇسخىسى»(网页字符集)دىن ALKATIP UI (ياكى ALKATIP)نى تاللاڭ.
«جەزملەشتۈرۈش»(确定)نى بېسىپ، چېكىنىڭ.
قوشۇمچە ئىقتىدارلار (辅助功能)دىن، فورماتى (格式化)نى تاللاڭ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 2- ۋە 3-ئەزانىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويسىڭىز بولىدۇ
ۋاھ ھەجەب ياخشى ئىش بوپتۇ
بىرنى تىزىملىتىپ قوياي دىسەم (帮助我们确认你不是机器人
正在加载…
无法加载验证信息。请单击此处重试。)
ئاستىغا بۇنداق ئۇچۇر چىقىۋېلىپ زادىلا بولمىدىيا ؟
ۋاھ ھەجەب ياخشى ئىش بوپتىغۇ
مەن تىزىملىتىپ كىرسەم ئۇيغۇرچە چىقمىدىغۇ
Outlook.com غا كىرگەندىن كىيىن ئاستى تەرەپتە (简体中文) دېگەن خەتنى باسسىڭىز تىل تاللاش بېتىگە كىرىسىز.
تىزىملىتاي دەپ كىرسەم خەنزۇچە تۇرىدىغۇ؟
مەن تىزىملاتساممۇ خەنچە چىقىۋاتىدىيا!خاتا قىلدىممۇ يا
تىلنى تەڭشەڭ،
قەيەردىن ئۇيغۇرچە قىلىدۇ ئۇنى؟
gmail گە كۆنۈپ قاپتىكەنمەن . گوگول تور كۆرگۈچ ،يۇتۇب ، فېيسلەرنى ئۇلىۋېلىپ تەڭ چۆرگىلەپ يۈرگەن . ماۋۇسىنىمۇ ئۇلاپ سىناپ باقايچۇ . قولاي بولسا بىر سىناپ باقايچۇ
يۇقىرىدىكى ئىنكاسنى ئۇيغۇر تىلى -ئەدەبىياتى ئوقۇمىغاندەك يېزىپتىمەنا ، ئۆزگەرتكىلى بولسا ئۆزگەرتىۋالاتتىمكەن . يازغان ئىنكاسىنى تەھرىرلىۋالغىلى بولمامدا ؟
outlook.com ئېلخەتتىنى سىناپ باقاي قېنى تەدبىركاركا ئېخەتتىن بىرنى ئەۋەتمەمسىز؟
outlook.com ئېلخەتتىنى سىناپ باقاي قېنى تەدبىركاركا ئېخەتتىن بىرنى ئەۋەتمەمسىز؟
مەن بۇ يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىپ ،ئانا تىلمنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىۋاتىمەن مانا!
ۋىندوس 7 مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە قىلغىلى بۇلىدىكەن .بۇنىڭدىن تۆۋەن نەشىرىدە بولمايدىكەن.
iltebir107@outlook.com
ياھونىڭ بولمايدىكەن ھە