نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

ئولىمپېك كۆرۈۋاتامسىلەر؟ لوندون ئولىمپىكتا يۈز بەرگەن بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار ۋە شۇ توغرىسىدىكى پاراڭلار…

london-olympic-funny-story

بۇ قېتىمقى ئولىمپىكنىڭ ئىچىلىش  مۇراسىمىدە ئەنگىلىيىلىكلەر ئانچە مۇنچە يۇمۇر ئارلاشتۇرۇپ سورۇننى خىلى قىزىتقان ئىدى. ئەتىگەنلىكىڭگە نېمە يىسەك كەچلىكىڭگە شۇ دىگەندەك ئولىمپىك باشلانغان نەچچە كۈندىن بىرى قىزىق ئىشلار توختىماي چىقىپ تۇرۋاتىدۇ. تېخى بىر ھەپتە بولماي تۇرۇپلا توردا ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ بىپەرۋالىقى، خاتا ھۆكۈملەر، نەتىجە تالاش تارتىشلىرى سەۋەبىدىن بۇ ئولىمپىكنى ئەڭ ناچار ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك بولىدىغان بولدى دېگەن سادالار چىقىشقا باشلىدى. ئەمدى بۇ ئولىمپىكقا زادى قانداق باھا بىرىلىدۇ، بۇنى ئولىمپىك تۈگىگەندە بىلىمىز. ئاڭغىچە بۇ ئولىمپىكتا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ئىشلار، تالاش تارتىشلارنى دېيىشكەچ تۇرايلى دەپ ما تىمىنى ئاچتىم.

ئويناشماڭ چاۋشيەن بىلەن…

185-120H6145A2

بۇ ئولىمپىكتىكى تۇنجى چاقچاق چاۋشيەنلىكلەرنىڭ بايرىقىنى خاتا ئىسىپ قويۇش بىلەن باشلاندى. ئولىمپىكنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئولىمپىك پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىپ كەتكەن بولۇپ، 26- كۈنى چاۋشيەن بىلەن كولومبىيە ئاياللار كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى شوتلاندىيىنىڭ گىلاسگوۋ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن . ئىككى كوماندىنىڭ ئەزالىرى مەيدانغا كىرىپ تەنھەرىكەتچىلەر تونۇشتۇرۇلغاندا چاۋشيەنلىكلەر مۇنداق قارىسا چاۋشيەن تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سۈرىتى يىنىغا باشقا دۆلەتنىڭمۇ ئەمەس، ئەشەددى دۈشمەن كورىيە بايرىقى قوشۇپ قويۇلغان. ئوھ! نىمدىگەن قورقۇنۇشلۇق! باشقا دۆلەتنىڭ بايرىقى ئالمىشىپ قالسىمۇ مەيلى، قاراپ تۈرۈپ دۇنيادىكى ساناقلىق لۈكچەك دۆلەتنىڭ بىرىنىڭ بايرىقىنى ئالماشتۇرۇپ قويغىنىنى دېمەمدىغان بۇ قاپاقباش ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ.چاۋشيەننىڭ ئورنىغا باشقا دۆلەتلەر بولىدىغان  بولسا، بەلكى ئازراق نارازىلىق ھەم تالىشىشلار بىلەن بىرەر 10 مىنۇت ئىچىدە ،ئوڭشاپ ھەل بولۇپ كىتەر بولغىيتى، بىراق بۇ چاۋشيەنلىكلەر ئۈچۈن ئازراق بىخەستىلىك قىلسا ،دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئىتىلىپ كىتىدىغان ئىشتە . شۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ باشلىقى نېمە قىلارىنى بىلمەي تەنھەركەتچىلىرىنى ئىلىپ ئۇدۇل مىھمانخانىدا كېتىپ قاپتۇ. ھەم دەرھال كىم جۇڭباشقا تېلىفون قىلىپ يوليورۇق سوراپتۇ. چۈنكى كىم جوڭباش بۇلارنىڭ تەنتەربىيىسنىمۇ ئۆزى بىر  بىر قوللۇق باشقۇرىدىكەن -دە.  چاۋشيەنلىكلەر يامانلاپ كېتىپ قالغاندىن كېيىن ، مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار قىلغىنى قىلىق تاپالماي، ئۇدۇل ئولىمپىك كومتىتىنىڭ رەئىسى ھەم ئەنگلىيە باش ۋەزىرى دېگەندەكلەرنى ئارىغا سىلىپ يۈرۈپ، بۇلارغا توختىماي يالۋۇرۇپ، كەچۈرۈم سوراپ، ۋاي يۈزۈمىزنى قىلىپ قويۇڭلار – دەپ يۈرۈپ، ھەم كىم جۇڭباشمۇ خوتۇن ئالغاننىڭ خوشلۇقىدا «چاتاق يوق، ئويناۋىرىڭلار» دەپ يۈكسەك «يوليورۇق» بەرگەندىن كېيىن، قايتىپ مۇسابىقە ئويناپتۇ.

ھەممىسى ئاشۇ قوتا سائەتنىڭ كاشىلىسى

Img349599568

Img349599574

7-ئاينىڭ 30-كۈنى لوندوندا  ئىلىپ بېرىلغان ،ئولىمپىك يەككە قىلىچۋازلىق يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، كورىيە ماھىرى شىن ئالام بىلەن گېرمانىيە ماھىرى بېرىتتا خېيدىرمەن مۇسابىقىگە چۈشۈپتىكەن. پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدا بۇلارنىڭ نەتىجىسى تەڭدە-تەڭ دېگۈدەك مىڭىپ ئەڭ ئاخىردا قوشۇپ بېرىلگەن بىر مىنۇتتىمۇ يەنە نەتىجىسى 5-5 بولۇپ مېڭىۋېرىپ، ئەڭ ئاخىرقى سېكۇنت قالغاندا ئىشنىڭ چوڭى چىقىپتۇ.  ئەسلى قائىدە بويىچە مۇسابىقە مۇشۇ نومۇر بويىچە ئاياقلاشقان بولسا كورىيىلىك ماھىر ئۇتقان ھىساپلىنىپ، ھەل قىلغۇچ  مۇسابىقىگە كىرەتتىكەن. بىراق «كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ» -دەپ بۇ مەيداندا ئىشلەتكەن سائەتنىڭ دەقىقە كۆرسىتىش ئىقتىدارى يوقمۇ، يا بۇزۇلۇپ قالغانمۇ ،ئەيتاۋۇر شۇنداقراق قوتا بىرسەۋەپ بىلەن بۇ بىر سېكۇنتنى رېپىر كونترول قىپتۇ. مۇشۇ بىر سېكۇنىت جەريانىدا بۇ ئىككى ماھىر ئۈچ قېتىم بىر -بىرىگە تەڭ ھۇجۇم قىلىپ نومۇر ئالالماي ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتلىك ھۇجۇمدا گېرمانىيە ماھىرى بىر نومۇر ئىلىپ  6- 5 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپتۇ. بىراق كورىيە تەرەپ بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماپتۇ،  ئۇلار بىر سېكۇنتنىڭ ئىچىدە قانداقسىگە 4 قىتىملىق ھۇجۇم قوزغىغىنى بولسۇن، بۇ يەرچە چوقۇم ۋاقىت ھېساپلاش خاتالىقى بار- دەپ قىلىچۋازلىق كومىتېتىغا ئەرز سۇنۇپتۇ. قىلىچۋازلىق كومىتېتى بۇ ئەزىزنى قوبۇل قىلىپ تالىشا- تالىشا بىر سائەتتە ۋاقىت كىتىپتۇ.  بۇ قىلىچۋازلىق كومىتىتىنىڭ غەلىتە بىر قائىدىسى باركەن، يەنى ئەرز سۇنغان تەرەپ چوقۇم مەيداندىن ئايرىلماسلىقى كىرەككەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كورىيىلىك ماھىر 8000 تاماشىبىننىڭ ئالدىدا بىر سائەت يىغلاپ ئىقىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئاخىردا كومىتېت ھۆكۈم چىقىرىپ ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىپتۇ. كورىيەلىكلەر بولسا شۇ  قوتا سائەتتىن قاقشاپ قاپتۇ. بۈگۈن كۆرسەم كورىيە قىلىچۋازلىق كومىتىتى بۇ ماھىر ئۈچۈن ئايرىم پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ تەسەللى بەرمەكچىمىش.

بۆرە كەلدى ……..

71581155

7-ئاينىڭ 30 ئۆتكۈزۈلگەن ،ئاياللارنىڭ 400 مېتىرلىق سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە ،جۇڭگو ماھىرى يى شى ۋەن 4 مىنوت 28 سېكۇنتلىق نەتىجە بىلەن ئولىمپىك ھەم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، پۈتۈن دۇنيانى ھاڭ- تاڭ قالدۇردى. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى ئۇنىڭ ئەڭ يىقىنقى رەسمي مۇسابىقىسى يەنى ئۆتكەن يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدىكى نەتىجىسىدىن 7 سېكۇنىت قىسقا بولۇپلا قالماي ،يەنە ئەڭ ئاخىرقى 50 مېتىرلىق مۇساپىدە ھەتتا   ئەرلەرنىڭ 50 مېتىرلىق سۇ ئۈزۈش چىمپىيۇنى ئامىرىكىلىق ماھىر لوچىتتىىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان!! مانا شۇنىڭ بىلەن بۇ يى شى ۋەننى چۆرىدىگەن گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەڭ ئالدى بىلەن ئامېرىكا سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى بۇ نەتىجىنى «مۇمكىن ئەمەس، يى شىۋەن چوقۇم روھلاندۇرغۇچى دورا ئىچكەن» – دەپ ئىنكار قىلدى. مۇشۇنىڭغا  ئەگىشىپ تالاش تارتىشلارمۇ  بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى. گەرچە ئولىمپىك سۇ ئۈزۈش كومىتىتى يى شىۋەننىڭ دورا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ ،گۇمانلار تىخىچە تارقىغىنى يوق. چۈنكى دورىلىرىنىڭ تۈرى خىلمۇ-خىل بولۇپ، ئەگەر يىڭى تەتقىق قىلىنىپ ياسالغان روھلاندۇرۇش دورىلىرى بولسا ،ئۇنى  تەكشۇرۇپ بىلگىنى بولمايدىكەن. شۇڭا ئادەتتە تەنھەرىكەتچىلەردىن ئىلىنغان ئەۋرىشكىلەر 8 يىلغىچە ساقلىنىپ، كېيىن يىڭى روھلاندۇرۇش دورىلىرى بايقالسا كەينىگە قايتىپ تەكشۈرۈشلەر ئىلىپ بېرىلىدىكەن ھەم ئولىمپىك تارىخىدا مۇشۇنداق مىساللار بارمىش.

گەرچە جۇڭگو ئولىمپىك كومىتىتى بۇنى بىر قىسىم «كۆرەلمەسلەر» نىڭ ھەسەت قىلىپ تاپقان گىپى دەپ ئىنكار قىلغان بولسىمۇ ،ئەمما جۇڭگۇنىڭ ئولىمپىك سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ تارىخىدا بۇنداق ئولىمپىكنى ئوينىتىپ باققان ئىشلار خىلى كۆپ بولغان بولغاچ، باشقىلارنىڭ ئاسانلا گۇمانىنى قوزغاپ قويىدىكەن.  90 -يىللاردا جۇڭگو سۇ ئۈزۈش كوماندىسىدىن ئارقا ئارقىدىن دورا ئىشلەتكەنلەر بايقىلىپ ئولىمپىكقا «شەرەپلىك» نامى چىقىپ كەتكەن بولغاچ، ئەمدى ئۆزىنى ھەرقانچە ئاقلاپ تۇرسىمۇ، خەقلەر ئىشەنمەس بولۇپ قاپتۇ.  تۈنۈگۈن بىر پروگراممىدا مۇنۇ شى يىۋەننىڭ «مەن دورا ئىشلەتمىدىم، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى دورا ئىشلەتمەيدۇ» دېگەن گىپىگە  قارىتا دىكتور بىر مۇنچە مىسال ئىلىپ بەردى. يەنە دىيىشىچە بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ بىر يىلدا 7 سېكۇنىت ئىتتىك ئۈزىدىغان بولۇپ كىتىشى مومكىنچىلىكى بەكلا تۆۋەن بىر ئىشمىش.

مەيلى قانداقلا بولسۇن، بۇ قىزنىڭ نەتىجىسى بىلەن جۇڭگو سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ بۇرۇنقى ساختىلىقلىرى تەڭ سۆرىلىپ يۈرىدىغانلىقى ئېنىق.

ئاسيالىق شەرەپسىزلەر…

570147_1343797709b949

بۈگۈن خەۋەرلەردە جۇڭگو، كورىيە،ھىندونىزىيە ئاياللار قوش كىشىلىك پەي توپ ماھىرلىرىنىڭ، ئولىمپىك پەي توپ مۇسابىقىسىدىن قوغلانغانلىقى ئاشكارلاندى. سەۋەبى نېمە دىسىڭىز بۇ شەرەپ تۇيغۇسى يوقلار ئولىمپىكقا كىلىپ 100 دوللاردەك پۇلغا بېلەت ئىلىپ كىرگەن نەچچە مىڭ ئادەمنى قارىتىپ قويۇپ تۇرۇپ، ئۇتۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇتتۇرۇش ئۈچۈن مۇسابىقە ئويناپتۇ  ئەمەسمۇ! بۇلارنىڭ مەقسىدى  بۇ مەيداندا ئۇتتۇرۇپ، كىيىنكى مەيداندا ئاجىزراق كوماندىلار بىلەن تۇتۇشۇپ نومۇر ئىلىشمىش. شۇنىڭ بىلەن بۇلار مۇسابىقىنى خوش ياقمىغاندەك ئويناپ قەستەن ئاددى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ ،ئالدىرماي ئويناپ ۋاقىتنى سوزۇپ دىگەندەك. ئاخرى تاماشىبىنلار بۇۋۋۋۋۋۋۋ تولاپ نارازلىق بىلدۈرۈپ، رىپىرمۇ چىدىيالماي مەيدانغا چۈشۈپ ئىككى تەرەپنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئاران مۇسابىقىنى تۈگىتىپتۇ. رېپىر مۇسابىقىدىن كېيىن پەي توپ كومتېتىغا بۇلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ئولىمپىك تارىخىدىكى ئەڭ نومۇسسىز مۇسابىقە بولدى -دەپ قاقشاپ بىرىپتۇ. بۈگۈن ئولىمپىك كومتىتى قارار چىقىرىپ جۇڭگو، كورىيە،ھىندونوزىيەدىن كەلگەن 8 تەنھەرىكەتچىنى قوغلىتىپتۇدەك، كورىيەلىكلەر ئەرز سۇنۇپ بىز ئەسلى ئۇنداق قىلمايتتۇق، جۇڭگولۇق ماھىرلار ئاشۇنداق سولاش ئوينىغان بولغاچ بىزمۇ ھىيلىگە ھىلە بىلەن تاقابىل تۇرغان- دەپ ئۆزىنى ئاقلاپتۇ، بۇلارغا قانداق ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ ئالدىمىزدا كۆرىمىز.

شەرەپ قارشى يوق، ئاخىرقى نەتىجىگە يىتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان بۇنداق نومۇسسىزلىقلار جۇڭگۇنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىگە ناتۇنۇش ئەمەس. ئەمما خەلقىئارا سەھنىدىمۇ نومۇس قىلماي مۇشۇنداق ئويۇننىڭ ئوينىلىپ چىقىلىشى، ھەتتا ساختىلىق قىلغۇچى جۇڭگولۇق ئىككى ماھىرنىڭ بۇرۇنقى ئولىمپىك چىمپىيۇنى ئىكەنلىكى، ئىنىقكى جۇڭگو ھەم ئاسىيا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يۈزىگە قارا سۇۋايدىغان بىر ئىش.

قېنى سىلەر ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن باشقا قىزىقارلىق ئىشلار بولسا دېيىشمەمدۇق؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ياغما 2012.08.02 , 19:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئولۇمپىكنىمۇ يامان ئەمەس كۆرىۋاتىمىز، ئاتلىتكا مۇسابىقىللىرى باشلانسا تېخىمۇ قىزاتتى دە.

  2. ئوغلان 2012.08.02 , 20:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ۋاي شۇنچە ئالدىرساممۇ دىۋان ماڭا قالماپتۇ. :evil:

    • خەق 2012.08.04 , 23:12

      نېمىمۇ كېلە شۇ دىۋاندىن.خۇددى دىۋانىلەردەك :neutral:

  3. ئەركان 2012.08.02 , 20:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆتكەندىكى پۇتبۇل مۇسابىقىسىدىمۇ مۇشۇنداق يىلىسى بىلەن تاش ئالما كومماندىسىنى يىڭىۋالدى ئەمەسما:roll:

  4. ئادرىس توربېكىتى 2012.08.02 , 23:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ قېتىمقى ئولىمپىكنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئاجايىب پەچەت چىقىپتۇ دېسە~~~~~~~~~~!

  5. قايماق 2012.08.02 , 23:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ چۈشەندۈرۈشنى ئوقۇپ بولالماي كۆزلىرىم ئېقىپ كەتتى:wink:

  6. سەھرالىق 2012.08.03 , 01:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ھەممىدىن پۇرچاقنىڭ ئېلىكتىرونلۇق رويال چالغاندىكى ھالىتى قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتى… بوكىس ماھىرىمىزنىڭ تاياق يەپ كەتكىنىنى كۆرۈپ مۇسابىقە كۆرگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. ئەمما ئالتۇن مېدال سانىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىۋاتىمەن.

  7. تورسودا 2012.08.03 , 14:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى ئاشۇ خەلقئارالىق سورۇندىمۇ مىليون ئادەمنىپ قارىتىپ قويۇپ ساختىلىق قىلىشقاندىكىن….بۇ خەقلەردە يۈز يقكەن جۇمۇ…

  8. چايان 2012.08.03 , 14:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالتۇن مىدال دىگەننى ‹‹ھىيلە››بىلەن ئەمەس ‹‹ئەمەلى كۇچ››بىلەن ئېلىڭلار ھۇ‹‹شەرەپسىزلەر››:twisted:

  9. تەپەككۇر 2012.08.03 , 17:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ پۇرچاق ئەپەندىم بەك قىزىقارلىق !!!:mrgreen:

  10. چاتاق بولدى 2012.08.03 , 19:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما چاۋشەن ئۈستىدە تاپقان گەپلەر سەل قاملاشماپتۇ ھەي بۇرادەر، نەدىمۇ ئېتىلىپ كېتىدىغان ئىش باركەن، چاقچاقنىمۇ چېغىدا قىلايلى باللا.

  11. ئابدۇللام 2012.08.03 , 19:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يولداشلىرمىز پايدا-مەنپەئەت ئۇچۇن نىمە ئىشلارنى قىلمىغان؟

  12. مەن شۇ 2012.08.04 , 12:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئولىمپىكنى قاندا قىلسا بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ؟؟؟

  13. ئۇغۇز 2012.08.04 , 13:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇغۇز2007邀请您访问Www.akburkut.Com
    http://www.akburkut.com/eza/?fromuid=5117

  14. مەدىكار 2012.08.04 , 23:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن يازمىكەنغۇ بۇ،نېمىشقا مەنبەسىنى ئەسكەرتمىگەنسىز-ھە؟

    • زۇليار 2012.08.05 , 11:25

      يازمىنىڭ ئاستى ئۈستى ئىككى يەردە ئەسكەرتىپتۇ. تەپسىلىيراق قاراڭ:neutral:

  15. كۆك كەپتەر 2012.08.05 , 09:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئايال پادىشاھنىڭ (ئۆزى ئەمەس بولسىمۇ) جامىس باند بىلەن بىللە تىك ئۇچاردىن سەكىرەپ چۈشۈشى، ھىچكىم ئويلاپ باقمىغان مەنزىرە بولدىدە. :mrgreen:

    • زۇليار 2012.08.05 , 11:24

      راس دەيسىز. ئەسلى ئەركىشىكەنغۇ ئۇ:mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量