«ئالتۇن مېدال» نىڭ كەينىدىكى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بەدەللەر
نۆۋەتتە 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەنگىلىيەنڭ لوندون شەھىرىدە جىددىي ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، بۇ يەنە لوندوننىڭ ئۈچىنچى قېتىم يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسى دەسلەپتە بىر خىل بىخەستەلىك ۋە ھەزىللىك بىلەن باشلانغان بولسا، ئەمدىلىكتە كىشىلەرگە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ جەڭ مەيدانىدەك تەسىر بەرمەكتە. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ماھىرلىرى ئۆزىنىڭ جېنىنى تىكىپ قويۇپ تۇرۇپ، ئالتۇن مېدال ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.
ئىنگلىز تىلىدىن خەۋىرى بار ھەرقانداق كىشى «Olympic Games» دېگەن گەپنى چۈشىنەلەيدۇ، مەيلى بۇ گەپ تىلىمىزغا ھازىرقىدەك «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسۇن ۋە ياكى باشقىچە ئېلىنغان بولسۇن، بۇ تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر «ئويۇن» دىن ئىبارەت. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئولىمپىك ئۆزىنىڭ بۇ خاسلىقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئولىمپىكقا قاتنىشىشتىكى بىردىنبىر مەقسەت ئالتۇن مېدال ئېلىش ، كىچىككىنە پەرق بىلەن ئالتۇن مېدال ئالالمىغان تەنھەرىكەتچىلەر «يارىماس» دەپ قارىلىۋاتىدۇ.
يېقىندا، ۋاڭيى تورى «ئالتۇن مېدال كەينىدىكى بەدەللەر» ناملىق بىر يۈرۈش رەسىملەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىز بۇ رەسىملەردىن ئولىمپىك مەيدانىدىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ قانچىلىك ئېغىر مەشىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
قېنى تورداشلار، سىلەرنىڭچە، بىر ئويۇنغا مۇشۇنچىلىك جېنىنى تىكىش، كىچىك بالىلارنى خۇددى ھايۋاننى خورلىغاندەك مەشىقلەندۈرۈش، كىچىككىنە پەرق بىلەن مېدال ئالالمىسا، ئۇنى يارىماسقا چىقىرىش توغرىمۇ؟ بۇ زادى ئويۇنمۇ، دۆلەتلەرنىڭ جەڭ مەيدانىمۇ ۋە ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئالتۇن مېدال ئۇرۇشىمۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەنتەربىيە، تۇرمۇش، جەمئىيەت، مۇسابىقە، مۇنازىرە
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,068 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-price-of-gold-medals-behind.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئولىمپېك كۆرۈۋاتامسىلەر؟ لوندون ئولىمپىكتا يۈز بەرگەن بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار ۋە شۇ توغرىسىدىكى پاراڭلار…
- كېيىنكى يازما > مىكروسوفت 1987-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شىركەت لوگوسىنى ئۆزگەرتتى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
نىمدا جاپالىق….؟
دىۋان ماڭا قالدىمۇ نىمە…؟
ھەجەپ قاتتىقكىنا بۇ دىۋان…. ماندا بىي كۆرپە سېپ قويسلا بوممامدا تەدي ئەپەندىم….؟
دىۋاندا مىخمۇ باتى بىلىنمىدما؟
خۇدايىم ساقلاپ ھېلىمۇ قاتناشماپتىكەنمەن…
خا خا خا …… ھەجەپ قىززىق گەپ قىلدىكەنسىز

مەن بىرەر ئاي تەربىيلىنىپ كەلسەم بولامدۇ نېمە
…تولۇق ئوتتۇرىدا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى ۋاقتىمدا بىزنى ئاشۇنداق قىينىلاتتۇق… كىچىك ۋاقتىدا پەي-سىڭىرلارنىڭ يۇمشاق ۋاقتىدا مەشىق قىلغان ياخشى.
كىچىك بالىلارنى قىيناشقۇ بۇ ، ھەي ……..
شۇنچە قىينىلىپ مۇكاپاتلانغاندىن جاڭگالدا كالا باققان ياخشىدەك قىلامدۇ نىمە ھى ھى
بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك!
شەرىپسىزلەر ، دۆلەت ئابرۇيى ئۈچۈن تەنەركەتچىلەرگە شۇنچە ئازاپ سالامدۇ دەيمە.
بۇلار دۆلەت مەنپەئىتى ھەممدىن ئۈستۈن دېدى ئەمەسمۇ،
تەنەركەتچىلەرنىڭ روھى ھالىتىدىن كۆرۈۋلىشقا بولىدۇ. بۇقېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە بىر ئايال تەنەركەتچى ئكككنىچى بولۇپ قىلىپ يېغلارپ كەتتى،شۇۋاقىتتا ئۇنىڭدىنcctvمۇخبىرى نېمەئۈچۈن بۇنچىۋالا يېغلارپ كەتتنىڭز دە سورىغاندا ئۇبىز بسىم بەك يۇقىرى دەپ جاۋاب بەردى، مەن شۇ ۋاقتتلا ھېس قىلغانتىم،بۇ جوڭگو ھۆكۈمتىنى .
ۋاي خۇدايىم نىمانچە جاپالىق مەشىق بۇ ….
راست دەيسىز جۇمۇ!