iPhone 5S ۋە iPhone 5C ئېلان قىلىندى
ئالما شىركىتى 11-سېنتەبىر سەھەر يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننى ئېلان قىلدى. بۇ قىتىم ئېلان قىلىنغىنى ئايفون 5S ۋە ئايفون 5C تىن ئىبارەت ئىككى خىل نۇسخىدا بولۇپ باھاسى ئايرىم ئايرىم ھالدا 5288 يۈەن ۋە 4488 يۈەن ئىكەن، ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشىمايدىغىنى دۆلىتىمىزدىمۇ تۇنجى بولۇپ بازارغا چىقىدىكەن.
iPhone 5C ئوخشىمىغان بەش خىل رەڭدە بولۇپ، باشقا جەھەتلەردىن iPhone 5 بىلەن ئاساسەن ئوخشاشكەن. iPhone 5S بولسا، بارماق ئىزى تونۇش ئىقتىدارى، ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان 64 بىتلىق A7 CPU ھەم M7 تىپلىق ياردەمچى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىپتۇ.
بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى توغرىسىدا
بۇ قېتىمقى iPhone 5S كە قوشۇلغان بۇ ئىقتىدار ئەڭ چوڭ يېڭىلىق بولۇپ، ئايفوننىڭ Home كۇنۇپكىسىغا مۇقىملاشتۇرىۋېتىلگەن. ئىشلەتكۈچىلەر بارمىقى بىلەن كۇنۇپكىنى يېنىكلا سىيلاپ قويسا، بارماق تونۇتۇش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ. بۇ بارماق تونۇتۇش ئىقتىدارى – تېلىفوننى قۇلۇپتىن ئېچىش، iTunes دىن ئەپ ياكى مۇزىكا سېتىۋېلىش دېگەندەك ئىشلاردا كۆپ ئەسقاتىدۇ. Apple تەرەپنىڭ دېيىشىچە، iPhone 5S تىكى بارماق تونۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، بارمىقىڭىزنى مەيلى قايسى يۆنىلىشتىن ئەكىلىپ تەگكۈزۈڭ، 360 گرادۇسلۇق ئۆلچەمدە ئوخشاشلا تونۇيالايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بارماقنىڭ زەخمىلىنىپ كېيىنكى ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەنە بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە بارماقنى تەڭ تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان ئىكەن.
باھاسى
iPhone 5S نىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5288 سوم، iPhone 5C نىڭ 4488 سوم قىلىپ بېكىتىلگەن. شىياڭگاڭ نۇسخىسىدىكى iPhone 5S نىڭ باھاسى 4400 سوم، iPhone 5C نىڭ بولسا 3700 سوم. 20-چېسلادىن باشلاپ بىر تۇتاش سېتىلىشقا باشلايدىكەن. سىزنىڭچە بۇ يېڭى iPhone لار قانداقراق بوپتۇ؟ سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، مەھسۇلات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,864 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-5s-and-5c.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى Android تىن ئۆگەنمىسە بولمايدۇ!
- كېيىنكى يازما > ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
بىر دانە ئىسىل كومپيوتېرنىڭ پۇلىكەنغۇ بۇ.
شاڭگاڭ نۇسقىسى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسقىسىنىڭ نىمەپەرقى بادۇ زادى باھاسى خېلى پەرىقلىنىدىكەن.
چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىنىڭ ئوشۇق باھاسى iPhone 5S ۋە iPhone 5C نىڭ كەلگۈسىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق ئوخشىتىپ ياساش شېركەتلىرىدىن ئالدىن تۆلەمگە ئېرىشكىنىدۇ بەلكىم.
چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىلە چىدىماس كىلىدىغان ئوخشايدۇ ، app store دىن چىداپ پۇلغا بىرنەسە ئاغىلى ئۇنمىسا يا ، نەدە بىكالىق نەسە بادۇ ئىزدەپ ، شىياڭگا ئەزان ساتقىنى بىلەن كىيىنچە app store دىن تۇلۇقلىۋالىدىغان ئوخشايدا ، شۇڭا سەن تاش سانىغىچە مەن قۇم سانىغاچ تۇراي دەپ قىممەت ساتقان يىرىمىكى ~~
تاغ تۇرادىكى ئوخشىتىپ ياسايدىغانلادىن تۆلەم ئېلىش يەتتە تاغنىڭ نېرىسىدىكى گەپمىكى ئۇ
پەرقى يوق. تۆلەيدىغان باج ئوخشىمايدۇ، بىز جىقراق باج تۆلەيمىز، شۇڭا قىممەت.
شاڭگاڭ نۇسخىسى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىنىڭ پەرقى : سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى ، ئەگەر يانفۇن دا مەسلە كۆرۈلسە چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىنى رىمىنۇتنى كۆتىرە ئالغان ۋاقىت ئۆتۈپ كەتمىسىلا خالىغان ئالما رىمىنۇت ئورنىغا ئاپىرىپ رىمىنۇت قىلدۇرۇپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ ، بىراق شاڭگاڭ نۇسخىسىنى ئامال يوق ، شۇ سىتىۋالغان دۇككانغا ئەۋەتىمىز ، ئۇلار رىمىنۇت قىلدۇرۇپ ئەۋەتىپ بىرىدۇ ( شۇنداق دىگەن بىلەن يانفۇندا بىرلا مەسلە كۆرۈلدىمۇ ھەر قانچە رىمىنۇت قىلغان بىلەن شۇ مەسلىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ ) . يەنە بىر پەرقى ، چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىنىڭ باج تالونى بار ، شىركەت ھىساۋىغا ياكى ئىدارە ھىساۋىغا باسالايسىز ، شاڭگاڭ نۇسخىسىنىڭ باج تالونى يوق ، يانچۇقتىن نەق پۇلغا سىتىۋالىسىز … قالغان يانفۇن نىڭ قاتتىق دىتال ، يۇمشاق دىتال ھەممە جەھەتتىن ئوپ ئوخشاش …
ئاخشام كىچىچە ساقلاپ ئولتۇرغانغا چۇشلۇق ئىش بوممىدى، يىغىندا ئىلان قىلىنغاننىڭ ھەممىسى ئاساسەن بۇندىن بۇرۇن تورلادا ئېقىپ يۈرگەن گەپلەكەن، كىشىنى ھاياجانغا سالغۇدەك بىرە نەسە يوق ، ھېچ بولمىغاندا iwatch دىگەننى ئىلان قىپ قالا دەپتىم ، ھەي …
جوبىسنىڭ يوقلىقى شۇنداق چېنىپتۇ ،4500كويغا 4C ئالىدىغانغا بېشىمنى ھەرە چېقىۋاممىدى مىنىڭ ،شىياڭگاڭدا 5Cنىڭ سېتىلىش باھاسى 3700شىياڭگاڭ پۇلىكەن ، بۈگۈنكى پىرىۋوت نىسبىتى بۇيىچە خەلىق پۇلى 2900كوي ئەتراپىدا ، شىياڭگاڭدا سېتىلىش باھاسى ساق بىر يېرىم مىڭ ئەتراپىدا ئەزانكەن ،نىم قىلغىنى بۇ ئالمىنىڭ … ئىشقىلىپ كىسىپ ئېيتىمە 5Cنىڭ بازىرى چۇقۇم كاسات …
iwatch ۋە ئايپەد قاتارلىقلار 10-ئايدا ئېلان قىلىنىسىغان مەھسۇلاتلارغا تەۋە، سىز ئۆزىڭىز بەك جىق كۈتۈپ كېتىپسىز. مەن 4 يىلدىن بېرى بۇنداق ئېلان قىلىش يىغىنىنى سىزگە ئوخشاش ساقلاپ تۇرۇپ كۆرەتتىم، بۇرۇنلاردا مەنمۇ شۇنداق ھاياجانلىنىدىغان، لېكىن ھازىر ئاساسەن قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرىزىم توغرا چىقىدىغان بولدى.
ئۆزى بولىدىغان تىلفۇنتى لىكىنزە……………………
بۇ نۇسىخسىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش نۇسخىسى چىقسا بىر ئەپ قويسام بولامدۇ نىمە…5sتىن بىرنى ئالسام بولغىدەك… 5 نىغۇ ھازىر پىچەتنى بۇزمىغاننى 4500 دىن ئالغىلى بولىدكەن… بۇمۇ چۈشەمۇ يا..
مەنمۇ بىرنى ئىلىشنى ئويلاپ قالدىم ،مۇشۇ ئايلىق مۇئاشىم چىقسا ،
بىر ئايلىق ماشىڭىزغا بۇنى ئېلىۋىتىپ، يەنە تۇرمۇشىڭىزغا ئىشلەتسىڭىز… مەن ماشىڭىزنى 7000 يۈەن ئەتراپىدا پەرەز قىلدىم… توغرىمۇ يا
ئەگەر ئالما شىركىتى مۇشۇنداق كىتىۋەسە بازىرى ئۈلىدۇ ! يا ئىكرانىنى چوڭلاتماپتۇ يا كامىراسىنى ئىشقىلىپ ئادەم خوش بولغۇدەك بىرەر يىڭلىق يوق تاشقى كۆرىنىشى يا ئالايىدە ئەمەس، ئەرزان دەپ چىقارغان باھاسى 4500 بۇ ئالمىنىزە…جوبىس رەخمەتلىكنىڭ يوقلىقى چاندى ھە باللا!
چوڭ ئېكرانلىق ئايفون كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىش بىر قەدەر ئېنىق، بۇ يىل بازارغا سېلىنماسلىقى ناھايىتى ئېنىق ئىدى. كامېرانى ياخشىلىمىدى دەپسىز، ئەمەلىيەتتە كامېرا 13 مېگا پىكسېلغا كۆتۈرۈلمىگىنى بىلەن، ئىقتىدارى جەھەتتىن زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپتۇ، مۇشۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئالمىنىڭ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسى مەغلۇپ بولىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇنىڭغا يەنە تېخى خېلى ۋاقىت بار. ئاندروئىدنىڭ ئالمىنى ۋەيران قىلىشى ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس.
ئومۇمىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى مەھسۇلاتلاردا يېڭىلىق يەنىلا خېلى باركەن.
يېڭى نۇسخىدىكى ئالما يانفۇنى ئېلان قىلىنغىلى قىسقىغىنا بىر سائەت بولا بولماي ئالما شىركىتىنىڭ پاي كورسەتكۈچ باھاسى 509دوللارلىق باھادىن 492 دوللارغا چۈشۈپ قالدى دەيدۇ،ئۇزاققا قالماي دۇنيا يانفۇن بازىرى قايتىدىن رەتكە تېزىلىدىغاندەك تۇرىدۇ،كىلەركى نۆۋەتلىك يانفۇن خوجىسى قايسى ماركا بۇلار ئەمدى؟ سامسوڭ ؟ نوكىيا + مىكروسوفىت ؟
ئۇف …. يەنە شۇ 4 سۇڭ ئېكران ، يەنە شۇ 8مىلىيونلۇق كامىرا ………. جوبىسكام ئالما يانفۇنلىرىنى مۇشۇ خىلدىلا ياساڭلار دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ قويغان بولغۇيمىتى~
لىكىن ماۋۇ بارماق تۇنۇش تېخنىكىسى بولدىغان چىراي .
ما پىكىرگە ئەگەشتىم، ئىكران چوڭلىقىنى 5دىيۇم، ياكى پەقەت بولمىسا 4.5دىيۇم قىلۋەتكەن بولسا چىداپ بىرنى ئىلۋىتەتتىم،
مىنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى 4سۇڭ ئىكران،ھىچ بولمىغاندا 4.3 كە چوڭايتامىكى دەپ شۇنچە ئارزۇ قىلغان.
مەنچە سەل چۇڭايتقان بولسا بۇلاتتى ئەمما شەكلى بەك چىرايلىق
يەنىلا قىممەت.
بۇتكەن
مەن ئەزەلدىن S تىپلىق iPhone ئىشلەتمەيمەن. چۈنكى بۇ بىر ئۆتكۈنچىلا مەھسۇلات بولۇپ قالىدىكەن. ئاساسەن يۇقىرى ئىقتىسادىي مۇئامىلىدىكى خېرىدارلارنى ئويلاشقاندەكلا. يەنىلا پۈتۈن سان ئادەمنى بەكرەك ھاياجانلاندۇرىدىكەن…
مەنمۇ شۇنداق ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن. iPhone ئىشلىتىشنى باشلىغان 4 يىلدەك بولغان مابەينىدە دەسلەپ iPhone 3G ، ئۇندىن كىيىن iPhone4 نى، ئۇندىن كىيىن iPhone5 نى ئىشلەتتىم.
مودا قوغلىشىپ بولغىلى بولمايدۇ بۇ ئالمىنىڭ تېلفونلىرى ئاساسەن ئىلگىركى يانفونلاردىن ئۈلگە ئېلىپ ئىشلىنىدۇ . ئازراقلا بىر يېرىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى ئەۋلاد دەپ چىقارسا مودا دەپ يەنە سېتىۋالىمىز … يەنە يېڭىسى چىقسا يەنە مودا دەپ سېتىۋالىمىز … .ئەرزىمدۇ ؟ مەنمۇ ئۆتكەن يىلى يېڭى چىققاندىلا ئالما5نى 6000يۈەنگە سېتىۋالغان . خۇدايىم بۇيرىسا تاكى بۇزۇلۇپ ئىشلەتكىلى بولمىغانغا قەدەر ئىشلىتىمەن .
لېكىن ئالما يانفونىدىكى 8مىليون پېكسىللىق كامېرا بىلەن ئاندىرويىدتىكى 8مىليون پىكسىللىق كامېرانىڭ قايسىنىڭ سۈزۈكلىكىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار . قانچىلىك پەرق بار ئىكەن . ئالما دېگەن يەنىلا ئالما .
خۇددى جۇڭگودا ئىشلەنگەن 3.0لىق ماي سەرپىياتى بار ماشىنا بىلەن ئىمپورت قىلىنغان 3.0ماي سەرپىياتى بار ماشىنىنىڭ روشەن پەرقى باردەكلا ئىش .
راسىتلا توغرا دەيدۇ. كىچىككىنە ئۆزگۈرۈشكىمۇ نۇرغۇن ئەجىر سىڭىدۇدە. مەنچە بولغاندا بۇمۇ ياخشى بولدى. مەن ئالمىنىڭ ھەرگىزمۇ سەنشىڭ يانفۇنلىرى تۇتقان يولنى تۇتىشىنى خالىمايمەن. مەنچە مۇشۇ 4.2 سۇڭ ئىكران شۇنداق بەك مۇۋاپىق.
ناماز بامداتتىن كىينلا كۆرۇشكە ئولتۇرۇرسام ،شۇنچە تىرىشىىپ ئاران مۇشۇنچىلىك بولدې دەپ قاراپلا تۇردى بۇ تىم.كۇك. ئۇنىمۇ دېدۇق،بۇنىمۇ دېدۇق. يەنە شۇ تەييارلىق قىلىپ قويدۇق،بىزنىڭ ئارىمىزدا پىدائېيلاركۆپ تۇنجى كۈنى دۇكان ئالدىدا تۈنەپ تۇرۇپ سېتىۋالىدۇ.ئاۋال شۇلاردېن تۇنجى ئېنكاسنى ئاڭلايمىز،تۇتۇپ سىلاپ كۆرىمىزيارىسا ،پۇل دېگەننىڭ بىر ئۇچى يۈرەكتە-بىرئۇچى بىلەكتە دەپ تۇرۇپ يەنە ئالىمىز. ئېشقىلىپ سېستىما مۇقۇملىقى سۈپىتى مېنى ئالما مەستانىسى قىلىپ قويغان.
ئالمىنىڭ تۆت سۇڭلۇق ئىكرانى ناھايتى مۇۋاپىق، سىپتا چىرايلىق چىققان. سامسۇڭنىڭ ئىكرانى بەئەينى بەشكويلۇق سامسىدەك ئىشلىتىشكە بىئەپ…
تېلىفۇن دىگەننىڭ ئەڭ مۇھىمنىڭ مۇھىمى قۇلايلىق بۇلۇش…….
ئېكراننى 5 سۇڭ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى قىلىۋاتكەن بولسا قالتىس بۇلاتتى ئەپسۇس ئېكراندا ئۆزگۇرۇش يوقكەن …..ئەگەر ئېكراننىڭ چوڭلىيىشىنى ساقلىساق يىنە بىر يىل ئۇتۇپ كىتىشلىتىدۇ …ھازىرچە iphone 5s نى ئېلىپ ئىشلىتىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال يوق …
تېلگىراق نۇسخىسى بارمىدۇ؟
مەن ھازىرغىچە ئايفون ئىشلىتىپ باقمىدىم ھازىر يىڭىدىن گىلەيىس s4نى ئىشلىتىۋاتىمەن…