ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى Android تىن ئۆگەنمىسە بولمايدۇ!
شۇنىسى ئېنىقكى، Google تەتقىق قىلىپ چىققان Android سىستېمىسى ھازىر دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سىستېمىسىغا ئايلاندى، ئۇنىڭ بازار ئۈلۈشى %70 دىن ئېشىپ، باشقا رەقىبلىرىنى ئارقىغا تاشلىۋەتتى. ھالبۇكى، 2009 ۋە 2010-يىللىرىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنى سۈرۈۋاتقىنى iPhone ئىدى، بۇنىڭدىن قارىغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفونلار ئەمدى تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى پات-ئارىدا يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone 5S ۋە تۆۋەن باھالىق ئايفون iPhone 5C قاتارلىقلارنى بازارغا سالىدۇ، بىراق، ئۇلارغا تەپسىلىي كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساق. قاتتىق دېتال سەپلىمىسى جەھەتتىن نۆۋەتتىكى ھىچقانداق بىر بايراقدار ئاندىرويىد يانفونىنىڭ ئالىدىغا ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى بايقايمىز.
ئەلۋەتتە، ئالما iOS سىستېمىسى ھازىرقى ئەڭ ياخشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سىستېمىسى، مەيلى كومپىيۇتېر سىستېمىسى ياكى يانفون سىستېمىسى بولسۇن، ئالما ئوتتۇرىغا چىقارغان سىستېما ۋە ئۇ بەرپا قىلغان ئىكولوگىيە سۇپىسىنى ھەممىدىن ياخشى دىيىشكە بولىدۇ. يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىغان iOS7 سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە قوللىنىشچانلىقى جەھەتلەردە كۆپ ئىلگىرىلەشلەر بولغان، ئۇنىڭغا يەنە تېخىمۇ مول بولغان ئەپلەر قوشۇلغان بولۇپ، يېڭىلىقلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. بىراق، ئالما شىركىتى يىلدا پەقەت بىر قېتىم يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىدۇ، ھەر قېتىم يېڭى بىر ئايفوننى بازارغا سالغاندىن كىيىن، ئارىدىن 12 ئاي بىكارغا ئۆتۈپ كىتىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئايفوننىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ كېتىپ بارىدۇ.
ئۇنداقتا، ئالما شىركىتى قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىيەلەيدۇ؟ ئېنىقكى، بۇنىڭغا ئاندىرويىد سىستېمىسى جاۋاب بىرەلەيدۇ.
1. تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ سۈزۈك بولغان ئىكران
ئېكران چوڭ بولسىلا ياخشى دىگىلى بولمايدۇ، بىراق، ئىكراننىڭ چوڭ بولۇشى يەنىلا بىر خىل مودا. سامسۇڭ يانفونلىرى ئىكرانى چوڭ بولغاننىڭ پايدىسىنى تازا كۆردى، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئايفوننىڭ ئىكرانىنى ئىنتايىن مۇتەسسىپ دىيىشكە بولىدۇ.
2.ئايفوننى تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە قىلىش كىرەك
ئاندىرويىد سىستېمىسى بىر ئوچۇق كودلۇق سىستېما بولغاچقا، بىز كۆرۈۋاتقان ھەرخىل ماركىدىكى ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ھەرخىل، بۇ خىل رەڭگارەڭ ئۇسلۇب ئاندىرويىد يانفونلىرىغا باشقىچە بىر خىل جەلىپ قىلىش كۈچى ئاتا قىلغان. ئەمما ئايفونچۇ؟ ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئۆزگىرىش بەك ئاستا، شۇنداقلا ئانچە روشەن ئەمەس.
3.تېخىمۇ ئەرزان بولغان ئايفونلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كىرەك
گەرچە ئالما شىركىتى بۇ نۇقتىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، بىراق، پات-ئارىدا ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولغان تۆۋەن باھالىق يانفونى iPhone 5C نىڭ باھاسىمۇ ئانچە ئەرزان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالما شىركىتى بۇندىن كىيىن، ھەرخىل نۇسخىدىكى تۆۋەن باھالىق ئايفونلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بازاردىكى تۆۋەن باھالىق ئاندىرويىد يانفونلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشى كىرەك.
4.ھەقىقىي تۈستىكى ھۆججەت باشقۇرۇش ۋە يوللاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كىرەك
iOS سىستېمىسىنىڭ كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ھۆججەت باشقۇرۇش ۋە يوللاشنى چەكلىۋەتكەن، ئەگەر ئۇنى تۈرمىدىن قاچۇرمىغاندا، ئاساسەن ئۇنىڭدا «ھۆججەت باشقۇرغۇچ» دىگەن ئىقتىدار يوق.
5.iPad mini نىڭ ئىقتىدارىنى ئوموميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش كىرەك
گەرچە بۇنىڭ ئايفون بىلەن ئالاقىسى ئانچە زىچ بولسىمۇ، بىراق، بۇنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. iPad mini گەرچە بىر كىچىك ئىكرانلىق تاختا كومپىيۇتېر بولسىمۇ، بىراق، ئۇ چوڭ ئىكرانلىق iPad گە قارىغاندا كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازاندى. بىراق، ئۇنىڭ قاتتىق دېتال ۋە ئىكرانىنى مودىدىن قالدى دىيىشكە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ياخشى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم iPad mini نىڭ ئىقتىدارىنى ئوموميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش كىرەك.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Andoid، iPhone
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,598 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-android-tin-oginishi-kerek.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- كېيىنكى يازما > iPhone 5S ۋە iPhone 5C ئېلان قىلىندى
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
دىۋان!
يېڭى ئاپتورنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي، ھا…ھا…
مانا ھاياجاندا يازمنى ئوقۇپ بولغۇچە، دېۋان قالماپتۇ…
قارشى ئالغىنىڭىزغا رەھمەت..بۇندىن كىيىن تېخىمۇ نادىر تېمىلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن…
مىنىڭچە ۋىندوۋىس پوننىڭ ئىستىقبالى پارلاق . ما ئالما بىلەن ئاندىروئىد كۆزۈمگە بىر قىسما كۆرنىدىغان بولوپ قالدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. «تېخىمۇ ئەرزان بولغان ئايفونلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كىرەك»، ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق قارىغان. لېكىن بىر جەھەتتىن ئالما ئاشۇ يۇقرى باھاسى بىلەن قىممەت ياراتتى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
ۋىندوس فون مىنىڭچىمۇ ئستىقباللاق، چۇنكى كىم مەن win7 ياكى win8 ئىشلەتمەيمەن دىيەلەيدۇ، ھىچ بولمىسا xp ئىشلەتكەن ھەممىمىز، windows نىڭ تىلپۇنى ئوموملاشسا چوقۇم بازار ئىگەللەيدۇ… ئالما ئىشلىتىمەن دەپ ھەممە ئادەم ئالما كومپۇيۇتېر ئالاما ؟
مېنىڭچە ئالما 4 يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ،2 گېگابايتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئېكرانى 4.5 ياكى 5.0 بولغان يانفوندىن بىرنى ئىشلەپ چىقىرىشى كېرەك ، ئەلۋەتتە باھاسى ھەقىقەتەن يۇقىرى چىقىشى مۇمكىن ، ئەمما بازارغا سېلىپ باقماي تۇرۇپ ، ئاقىۋېتىنى بىلگىلى بولمايدۇ،ئالما يەنىلا باشقا تېلفونلارنى يېڭىپ چىقالىشى مۇمكىن ،،،ۋىندوۋس يانفونلىرىغا كەلسەك، ئۇ ھازىر گۆدەك ھالەتتە دەپ قارايمەن،چۈنكى ئۇنىڭ ئېچىلمىغان ئىقتىدارلىرى نۇرغۇن ،كۆڭۈل ئېچىش ، قوللىنىشچان ئەپ قاتارلىقلاردا تەرەققىي قىلسا ، كېيىنكى دەۋر بەلكىم مىكروسوفتنىڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن
مۇشۇ ئاندرويدنىڭ بىر بولمايدىغان يېرى ئەخلەت ئەپلەر بەك تولا ، شۇندالا بىر ئويۇننى ئاچقان ھامان ئېلاندىن بىرسى شالاققىدە سەكرەپلا چىقىۋالغان ،ئېلاننىڭ دەستىدىن تۈزۈك ئىشلەتكىلىمۇ بولمىغان ، ئىشقىلىپ بۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بار ئالمىنىڭمۇ ھەم .
مىنىڭچە خېلى ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ …
قۇتلان دىگەندەك ئۇيغۇرچە ئەنجۈر تېلفۇن ئىشلىتىپ باققانلا بامۇ ؟ قايداراق چىقا مۇشۇ تېلفۇنلا ؟
ئۇيغۇرچە يانفونلارمۇ ياخشى، مەن قۇتلاننىڭكىنى ئىشلىتىپ باققان، ئىشلىتىۋاتقانلارنىمۇ خېلى كۆردۈم، قاقشىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم بىرەسىنىڭ، ئىلگىرى مەن ئاندرويىد ئىشلىتەتتىم، بىر نەچچە تېلېفون ئىشلەتكەن، لىكىن كىيىنچە ئاندرويىد تازا تايىنى يوقتەك تۇيۇلۇپ، ئايفون قىممەت بىلىنىپ، ۋىندوۋستىن بىرنى ئالغان، لىكىن ئۇ تېخى راس گۈدەككەن، ئاخىرى ئايفوندىن بىرسى قولۇمغا چۈشتى، بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن رازى بولدۇم، قىممەتلىكى راس قىممەت، لىكىن، ئىقتىدار دەيمىز، سېستىمىنىڭ راۋانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە راس ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىكەن
ئالما سېستىمىسىنىڭ 6.1.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولمامدۇ ؟
ھازىرچە بۇ سىتېمىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ سىستىمىدىكى بىر نەچچە تۈرمىدىن قاچۇردىغان يوچۇقنى ئالما شىركىتى ئىتىۋەتكەن، ھازىرچە بۇ سستىمىنى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولمايدۇ، 7.0 سىستىمىسىدا بۇ يوچۇقلارنى ئېچىۋەتكەن بولسا ios 7.0 گە كۆتۈرۈپ ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىشى مۇمكىن، يېڭى سىستىمىنى ئىلان قىلغۇچە ساقلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ..
قارىسام ئايفوننى ئاندرويىدنىڭ ئۆزى بولسۇن، ئېنىقىنى ئېيتقاندا سامسۇڭدىنلا ئۆگىنىپ شۇ قىلغاننى قىلسۇن دېمەكچى بوپسىز. بۇ ئالمىنىڭ تۇتقان يولى ئەمەس.
ئايفوننىڭ ئېكرانى تېخىمۇ چوڭ بولىشى كېرەك دەپسىز. مەنچە ھەممە ئادەم چوڭ ئېكرانلىق تېلېفوننى ياخشى كۆرىشى ناتايىن. مەنمۇ ئۇنداق چوڭ ئېكران ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن شەخسەن.
2-سىدە تېمىدا خاسلىقنى تەرغىپ قىپسىزۇ، مەزمۇندا سۆزىڭىزنى ئىنكار قىپسىز.
3-سىگە كەلسەك، ئالما شىركىتى ئەزەلدىن يۇقىرى قاتلامدىكى بازارنى ئاساس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. جوبس قاچان ئۆلدى، شۇ چاغدىن باشلاپ تىم كوك شىركەتنى باشقا بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ قېتىمقى ئاتالمىش 5S بىلەن 5C مۇ (ئاڭلىساق قىممەت ئەرزان قىلىپ مۇشۇنداق چىقىرارمىش) نۇرغۇن ئادەمنىڭ قارشى پىكىرىگە يولۇقۇشى مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇنداق قىلسا ئالما ھەقىقەتەن خاسلىقىنى يوقاتقان بولىدۇ.
4-تېمىڭىزدىن سىزنىڭ ئاندرويىد ياكى ۋىندوۋس فون ئىشلىتىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقىغاندەك بولدۇم. ئايفوننىڭ، يەنى iOS نىڭ لايىھەلىنىشتىكى مەقسىتىمۇ ئاشۇنداق «پالانى مۇندەرىجىنىڭ ئاستىدىكى پالانى ھۆججەتنىڭ ئاستىدىكى پالانى ناملىق *%#$^# » دېگەندەك مۇرەككەپ بىر نەرسىگە بىزار بولغانلار ئۈچۈن ناھايىتى پاكىز، ئازادە ۋە ئاددىي مەشغۇلات بىلەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغانلار ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشتۇر. تۈرمىدىن قاچۇرۇش بولسا مۇشۇ پاكىز مۇھىتنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئۇنى تېخىمۇ ئۆزىگە ماسلاشتۇرۇش، شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ تېلېفونى قىلىپ خاسلاشتۇرۇش. ئەڭ ئاددىي مىسالى شۇكى، ئىلگىرى بالىلار نوكىيا ياكى باشقا تېلېفونلىرىمىز بار ۋاقتىدا تېلفوننى قولىغا ئېلىپلا قالايمىقان بىرەر نومۇرغا تېلېفون قىلىپ قوياتتى. ھازىر بولسا 2 ياشقا توشمىغان بالىلارمۇ بىمالال قۇلۇپنى ئۆزى ئېچىپ، مۇندەرىجە ئىچىدىكى ئۆزىگە لازىملىق ئەپلەرنى ئېچىپ ئويناپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن قايسى خىلدىكى لايىھەنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە قولايلىق ياراتقىنىنى بىلىۋالغىلىمۇ بولىدۇ.
كۆپ سۆزلەپ قالدىم…
ئامما لىكىن تورخۇمارنى 5 مىنۇتتا بىر ئېچېپ كۆرىدىكەنسىزجۇما!بايا قارىسام يوقتى بۇ تىما،بۈگۈن ئەمدى تىما يوللىماس دەپ ئولتاسام،بىردەمدىلا دىۋانىلار(چاقچاق) يېغىپ كېتىپتۇ دىسە!…. تىما ھەقىقەتەنمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تەپسىلى تەھلىل قىلىنىپ يېزىلىپتۇ ھارمىغايسىلەر!
بۇ يازمىنى نۇر تورىدا كۆرۈپ بولغان ئىدىم!
بىز كۆمەپتۇق ، بۇندا ئىسىل تىما بوسا نەدىن كەگەن بوسىمۇ قارشى ئېلىۋىرىمىز
توغرا دەيدۇ جۇمۇ.
يىقىنقى يازمىلارنىڭ كۆپۈنچىسى نۇردىن كىلىدىغان بولۇپ قالدى دىسە، ىازراق ىۆزگىرىش بولسىمۇ مەيلىتى، شۇ پىتى كەلگىلى تۇرغىنىغا سەل ىەپسۇسلىنىپ قالدىم
مۇشۇنداق ئىنكاستىن ئىككىسى چۈشۈپتۇ. بىر چۈشەنچە بېرىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
سىلەر نۇر تورىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلەۋاتامسىلەر ياكى تورخۇماردا نۇرنىڭ تېمىلىرىنى كۆرسەڭلار بىئارام بولامسىلەر بىلمىدىم. تورخۇماردا نۇر تورىنىڭ تېمىلىرى ئانچە مۇنچە، ھەتتا خېلى بار، ھەممە تېمىسىنىڭ مەنبەسى يانداش ماۋزۇ ۋە يازما ئاستىدا ئىككى ئورۇندا ئەسكەرتىپ مېڭىلغان. نۇر تورىمۇ ئانچە-مۇنچە تورخۇماردىكى ياخشى دەپ قارىغان تېمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن نۇر تورىنى ئەيىپلەش كېرەكمۇ؟
بىر قىسىم ياخشى تېمىلار ياكى پايدىلىنىش خاراكتېرىدىكى خەۋەرلەرنى باشقا تور بېكەتلەردىن مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئېلىپ كېلىش تورخۇماردا ئەزەلدىن بار ئىش. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، بىرسى تەرجىمە تەكرارلىقىدىن ساقلىنىش، يەنە بىرسىگە، تورخۇماردىكى تورداشلارنىڭ شۇ تېمىغا نىسبەتەن يازما ئاستىدىكى نادىر ۋە قىممىتى بار ئىنكاسلىرى ئارقىلىق يۇقارقى تېمىنى تېخىمۇ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىش. خۇددى كۇلۇب قۇرۇلغان يېڭى مەزگىلدىكى شۇئارىمىزدەك، توردىكى ئەڭ نادىر ۋە تاللانغان مەزمۇنلارنى تورداشلارنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قىلماسلىق.
يەنە بىرسىگە، نۇر تورىدىن كەلگەن تېمىلار شۇ پېتى كەپتۇ دەپسىز، شۇ پېتىمۇ ئەمەس. شارائىت ۋە ۋاقىت يار بەرگەن ئەھۋالدا ئاساسەن ئىملاسىنى خېلى كۆپ تۈزەپ، بەتتىكى كۆزگە چېلىقارلىق ئورۇنلار ۋە يولباشچى قۇرلارنى مۇۋاپىق تىزىپ، سىلەرنىڭ تېخىمۇ راھەت ۋە تولۇق كۆرۈپ چىقىشىڭلار ئۈچۈن تەھرىرلەپ ئاندىن تەستىقلايمىز. تورخۇماردىكى تورداشلارمۇ شۇ قىلغان ئەجىرگە چۇشلۇق ئېرىنمەي نەچچە ئون قۇر، ھەتتا تېمىدىنمۇ قىممەتلىك ئىنكاسلارنى بېرىپ تۇرىدۇ. بۇمۇ تورخۇمارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق شەكىللەندۈرگەن مۇئەييەن تور كەيپىياتلىرىنىڭ بىرى.
يۇقارقى تېمىنىڭ نۇر تورىدىن كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت، نۇر تورىدىن ئىزدەپ يۇقارقى تېمىنىڭ ئادرېسىنى تېپىپ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم. مەزكۇر يازمىنىڭ ئاپتورى تېمىنى يوللىغاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتمىگەنلىك تۈپەيلى، بىزمۇ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپتۇق. ناۋادا يۇقارقى ئىنكاس ئىگىلىرى نۇر تورىغا ۋەكىللىك قىلالىساڭلار بىز بۇ قىلمىشىمىزدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز. ناۋادا ئۇنداق بولمىسا، بۇندىن كېيىن يازمىغا مۇناسىۋەتسىز تەكلىپ-پىكىرنى بەت ئاستىدىكى پىكىر دەپتىرىگە بېرىپ قالدۇرۇڭلار، بولمىسا بىردەك ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ.
بۇ يەردە يەنە مەزكۇر يازمىنىڭ ئاپتورى ۋە باشقا ئىختىيارى ئاپتورلارغا سەمىمىي ئەسكەرتىش بەرسەم، ئەگەر باشقا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدىن يۆتكەلگەن تېما بولسا مەنبەسىنى چوقۇم ئەسكەرتىڭلار، تورخۇمارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ مۇشۇ سەۋەپلىك ئورۇنسىز ماجىراغا كىرىپ قېلىشى ھەرگىز خالىمايمىز. ئاخىرىدا يۇقىرىقى تورداشلارنىڭ بەرگەن سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلىرىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت. ناۋادا تورخۇماردا نۇر تورىنىڭ ياكى باشقا تور بېكەتنىڭ تېمىلىرىنى كۆرۈشنى خالىمىساڭلار، ھەر قاچان ئاپتورلار قوشۇنىمىزغا قوشۇلىشىڭلارنى، تورخۇمارغىلا خاس تېمىلارنى يېزىپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.
مىنىڭچە ئۆز-ئارا ھۆرمەت ئۆز-ئارا مەنپەئەت ئاساسىدا ھەمكارلىشىش ، ئۇچۇرلاردىن ھەمبەھىرلىنىش مىنىڭچە خاتا ئەمەس ، تورخۇمار ئەپەندىمنىڭ چۈشەندۈرىلىشىنى تەپسلىي ئۇقۇپ چىقتىم !
كەچۈرۈڭلار، نەچچە كۈندىن نەۋرە سىڭلىمنى ئالىي مەكتەپكە تىزىملىتىش بىلەن ئالدىراش تورخۇمارغا كىرەلمىدىم،‹‹يىقىنقى يازمىلارنىڭ كۆپۈنچىسى نۇردىن كىلىدىغان بولۇپ قالدى ›› دەپسىز كۆپىنچىسى ئەمەس بەزىللىرى ئاندا ساندا نادىر تېمىلار يۆتكەپ ئەكىلىندى، سىز تورخۇمارنى قانداقلا تېما بولسا قۇبۇل قىلىندىغان، ھەممە تېمىللىرىنى كۆچۈرۈپ كىلدىغان كۇلۇب ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئوخشايسىز، تورخۇماردىكىلەرنىڭمۇ نۇر تورىغا ئوخشاش نادىر تەرجىمانلىرى بار،مەنمۇ بۇ تېمىنى خەنزۇچە توردىن كۆرگەن ئەتىسى نۇر تورىدا كۆردۇم، مەن ئويلايمەن نۇر تورىدىكى 90% خەۋەرلەر خەنزۇچە توردىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر مۇستەققىل خەۋەر يازدىغان ئاپتورلار بەك ئازغۇ دەيمە…بولدى ئازراق قايناپ قويدۇم كەچۈرسىزلەر…نۇر تورىدىكىلەر دىققەت بۇندىن كىيىن ئامال بار نۇر تورىدىكى خەۋەرلەرنى ئەكەلمەيلى كۆرەلمەسلەر كۆرەلمەيدىكەن…
مىنىڭ نۇر تورىغا ۋەكىللىك قىلغۇدەك سالاھىيتىم يوق، مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ىىنكاس مەزمۇنىدىمۇ پىكىرىمنى ىىنىق ىوتتۇرغا قويغان، شۇ پىتى كەلگەنلىكىدىن سەل ىەپسۇسلانغىنىمنى، مەن تورخۇمارنى زىيارەت قىلىۋاتقىلى بەك ىۇزاق بولدى، مەن ىەزەلدىن تورخۇمارنى ىۆزگىچىلىككە ىىگە دەپ كىلىۋاتىمەن، بۇنداق باشقا تڭردىن ىەينەن كەلگىلى تۇرسا مەنلا ىەمەس كۆپ تورداشلىرىمىزمۇ ىەپسۇسلىنىدۇ
تېمىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ، لېكىن بىزگە ئوخشاش ئۈچ خىل سىستېمىلىق يانفۇننىڭ ھەرقايسىسىنى تەڭ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يولداشلارنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي:
ۋىندوۋس يانفۇنلىرى كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى ئۆزگىچە خاسلىق جەھەتتىن بولسۇن بىر يېڭىلىقنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۇنىڭ ئىستىقبالى بەك كۈچلۈك، لېكىن ئۇ ھازىرچە يەنىلا بوۋاق ھالەتتىكى سىستېما. ئاندرويدنى دەپ ئېيتساق ئۇ بىر تولۇق ئېچىۋىتىلگەن سىستېما، يەنە كېلىپ سىستېما يادروسى دەسلەپتىلا كۇنۇپكىلىق يانفۇننى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان ئەپ ۋە قوللىنىشچان دېتاللار شۇ يادرونى ئاساس قىلىپ ياسىلىپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتى بەك يوقىرىلاپ كەتتى. ئاچقۇچى تەرەپ سىستېمىنىڭ مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ خاراكتىرىدىكى خاتالىقلىرىنى كېچىكىپ بايقىغان بولسىمۇ، ئۇنى تۈزىتىشكە ئامالسىز قالدى. چۈنكى يادرونى ئۆزگەرتكەنىكەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسالغان بارلىق ئەپ ۋە قوللىنىشچان دېتاللار بىر كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ۋە ئاندرويدنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاندرويد سىستېمىسى ئۈچۈن ياسالغان يانفۇنلار پەقەت قاتتىق دېتال قىسىمىنى ھەددىدىن زىيادە كۆتۈرۈش بىلەن چەكلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى ھەقىقەتەن كەڭرى، بۇنىڭدىكى بىردىن بىر سەۋەب ئۇنىڭ قانداقتۇر ئەڭ ياخشى سىستېما ئەمەس بەلكى ئەرزان پۇللۇق يانفۇنلىرىنىڭ قاتلام قاتلاملارغا سېڭىپ كىرگىنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئالما يانفۇنلىرى بولسا قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال قىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاچقۇچى تەرەپ كونترول قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىككى تەرەپنى ئەڭ ياخشى ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. مەسىلەن سىستېما راۋانلىقى ۋە ئەپلەرنىڭ ئىجرا بولۇش سۈرىتى ۋە راۋانلىقى جەھەتتە سىناق ئېلىپ بارساق، ئوخشاش بىر ئەپنىڭ ئالما سىستېمىسىدىكى ئامىللىرى ئىنتايىن تولۇق، ئاندرويدتا بولسا نۇرغۇن كۆرۈنمە ۋە ئاۋاز جەھەتتىكى ئامىللىرى قىسقارتىۋىتىلگەن، يەنە كېلىپ شۇ ئوخشاش بىر ئەپنىڭ ئىجرا بولۇش راۋانلىقى ۋە سۈرىتى جەھەتتىن بولسۇن، ئالما يانفۇنىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك سەپلىمىدىكى ئاندرويد يانفۇنلىرى يەنىلا قاتىدۇ ۋە ياكى سۈرىتى ئاستا. ئەپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئالما شىركىتىنىڭ ئەپ ئاچقۇچىلارغا ھازىرلىغان بازىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئەپ ئاچقۇچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان، ۋە مەخسۇس شۇ بازار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان نەچچە يۈز مىلىيون دوللار ئىقتىسادقا ئىگە شىركەتلەرمۇ ئاز ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ھازىرچە پەقەت مۇشۇ سۇپا ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشىۋاتىدۇ. ئەڭ ياخشى ئەپ ۋە ئۇيۇنلار مۇشۇ سۇپا ئۈچۈن ئالدىن تەمىنلىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ جەھەتتىن ئالما يەنىلا كۆپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە. كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىن كۆپ پىكىرلەر بولۇپ ئۆتۈپتۇ. ئەمەلىيەتتە بىز ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاددىي، تېز، نىشانلىق مەشغۇلاتقا كۈندىن كۈنگە ئېھتىياجلىق بولىۋاتىمىز. ئالما سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىن لايىھە ۋە تەڭشەشلىرى بىزنىڭ بۇ ئېھتىياجلىرىمىزنى قاندۇرۇپ كىلىۋاتقان بىردىنبىر سىستېما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە قاتتىق دېتال ئېھتىياجدىن چىقسىلا بۇ تامامەن قانائەتلىنەرلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن بىرە ئەپنىڭ ئالما يانفۇنلىرىدا قېتىپ قالغانلىقى ۋە ياكى راۋان بولمىغانلىقلىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم. پەقەت يېڭى يىلدىكى ئەپنى ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئالما يانفۇنىغا قاچىلاپ سالمىساقلا.
ئەرزان پۇللۇق يانفۇننى بازارغا سېلىش پەقەت شىركەتنىڭ ئوبرازىنى يەر چىشلىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئالما مۇكەممەللىكنى ۋە ئىشلەتكۈچىلەر رازىلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان شىركەت، ئۇ ئەرزان باھالىق يانفۇنلارنى بازارغا سالسا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك، تەننەرخى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ھەرخىل نۇقسانلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئۇ نۇقسانلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا تەننەرخنى يۇقىرىلىتىش كېرەك. خۇددى ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دېگەندەك.
ئەركىن ھۆججەت باشقۇرۇشنى تىلغا ئېلىپسىز. بۇ دېگەنلىك يانفۇن سىستېمىسىنى خالىغانچە باشقۇرغىلى بولىدۇ ۋە ئالمىنىڭ كونتروللىقىدىن چىقىرىۋىتىش دېگەنلىكتۇر. بۇنداق بولغاندا سىستېما ئاسان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھتىد ئېلىپ كىلىدۇ. ۋە سىستېما مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىرى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى بىزار قىلىش ۋە ئوبراز جەھەتتىن كۆپ ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. بىز پەقەت ئالما سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىقى بىلەن يۈتۈپ كەتكەن يانفۇننى تاپالايمىز ۋە سىستېمىنى يىراقتىن كونترول قىلالايمىز. بىز ئېھتىياجلىق بولغان بەزى تەرەپلەرنى ئالما شىركىتى كۆپ تەرەپتىن ئويلىشىپ، ھەر قېتىم سىستېما يېڭىلىغاندا بىز ئۈچۈن ئورگان تەرەپتىن تەمىنلەپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ مەنچە كەمچىلىك ئەمەس بەلكى بىر بىردىنبىر ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك.
خاسلىقنى تىلغا ئېلىپسىز، مەن يۇقىرىدا ئېيتقان ۋە سىز ئېيتقان شۇ تەرەپلەر ئالما سىستېمىسىنىڭ خاسلىقلىرىنى تامامەن چۈشەندۈرۈشكە يېتىدۇ دەپ قارايمەن.
خىيالجاننىڭ ئىنكاسىغا ئەلا كەتتى ، ما ئىنكاسنى تىما قىلىپ يوللىسىمۇ بولدىكەن
مانا بۇ جايىدا بېرىلگەن جاۋاب بوپتۇ. ھەممە سۇپىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىر يەرگە يىغىپسىز. ئەلا كەتتى.
يېقىننىڭياقى يانفونۇمنى قولۇمغا ئالسام مۇشۇ مېنىڭ يانفۇنۇم شۇمىدۇ،-دەپ قالىدىغان بولدۇم،چوڭ ئىكرانلىق يانفوننى بىر سائەت ئويناپ ئاندىن ئايفوننى قولىغا ئالسا ئادەمنىڭ كۆزىگە راستىنلا كىچىك كۆرۈنۈپ قالىدىكەن.
ئايفوننىڭ ئىكرانىنىڭ يوغىنىماسلىقى،ئۇنىڭ بىر ئالقانغا نەقلا كېلىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەنلىكىدىن دەپ قارايمەن.يولدا كېتىپ بارغۇچە يوغـــــــــــــون گەزنىدەك يانفونلارنى كۆتۈرىۋالغان كىشىلەرنى ئۇچراتسام،قىززىق تۇيۇلۇپ كېتىدۇ.قۇلاق شۇنچە كىچىك تۇرسا نېمە قىلىدۇ ئۇنداق چوڭ ئېكرانلىق يانفوننى(5.3 دىن چوڭ بولغان ئىكراننى كۆزدە تۇتتۇم).قارىسا بىر تال تاختا كومپىيۇتېردا سۆزلىشىپ كېتىپ بارغاندەكلا…
خىيال ئەپەندىم، ۋىنفون توغرىسىدا بەك ئاز پاراڭ قىپسىز. راست ئىشلىتىپ باقتىڭىزمۇ ياكى مۇندالا كۆرۈپ سىلاپ باقتىڭىزمۇ؟
مەن 820 نى ئىشلىتىۋاتىمەن. ئايالىمنىڭ قولىدا سامسوڭ 9100 بار. ئەتراپىمدا ئالما ئىشلىتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ماڭا بەرگەن تەسىرى، ئانجروئىد ئۆزى كامالەتكە يەتكەن سېستىما، ئەمما ئۇنىڭ ئوچۇق بولىشى ئەخلەت چاۋىلارنىڭمۇ بىللە بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېسەم ھەرگىز لاپ گەپ ئەمەس. قاندالا بىر ئەپ چۈشۈرۈپ قوزغىتىپ ئىشلەتسىلا ئېلاننىڭ چىققىنى چىققان، ئەلۋەتتە ئېلاننى يوق قىلغىلىمۇ بولىدۇ، لېكىن قانچىلىك ئادەم ئۇنداق قىلالايدۇ ياكى ئاتايەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى خالايدۇ؟
ئالما، ھەي ئالما مەيلى قانچىلىك قۇدرەتلىك بولۇپ كەتسۇن، ئۇ ھازىر خوتۇن كىشىنىڭ ئولتۇرۇشلاردا جوزىغا قويۇپ قويىدىغان مۈلۈككىلا ئايلىنىپ قالدى. ئەرلەرنىڭ بولسا … دېمەيچۇ بولدى. ھەممىسى ئۇنداق بولمىغاندىكەن.
بىزدەك لوبەيشىڭغا نېمە كېرەك؟ پۇختىلىقى، باھاسى، ئىشلىتىشچانلىقى، توك سەرپىياتى، سىرتقى كۆركەملىكى… ماركىسى ئانچە مۇھىم ئەمەس. ئەلۋەتتە داڭلىق ماركىلىق بولسا، ھەم ئەرزان بولسا، ھەم كۆركەم بولسا، ھەم توكى ئۇزۇن يەتسە …
مىڭ كويلۇق تىلفون بىلەن بەشمىڭ كويلۇق تىلفون بىلەن قىلغىلى بولىدىغان ئىشنىڭ ھەممىنى قىلغىلى بولسا ساراڭما قىممەتكە ئېسىلىپ.
نوكىيانىڭ 2000 كويلۇق تىلفونى ھەرگىز ئالما5 نىڭ ئالدىدا بوينىنى قىسىپ قالمايدىكەن. نوكىيانىڭ ماڭا ئەڭ ياققان يېرى، يول باشلاش سېستىمىسى ئىشلەتكەن ئادەمنى بەكلا رازى قىلىدىكەن. ھەتتا تورسىز مۇھىتتىمۇ ئىشلەيدىكەن كاساپەت.
ئىككەيلەننىڭ ئوخشاشكەن، مەنمۇ 820
يەنىلا ئالمىنىڭ تۇتقان يولى توغرا! بازار نىسىپىتى دىگەن نۇرغۇن ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولدۇ! ئەلۋەتتە ئەڭ كۆپرەك كىشىلەر ئويلايدىغىنى كۆز ئالدىدىكى باھاسى بولماقتا!ھەمدە ئاندرويىد سىسىتىمىسى كۆپ قىسم ماركىدىكى تىلفۇنلارغا (سامسۇڭ،سونىي، قاتاتلىق ماركىلىق ماركىسىز جىمى تىلفۇنلارغا قاچلانغاچقا ئىشىۋاتقان بازار نىسبىتى ئۇ! قىنى ئاندىرويىدنىمۇ بىر ماركىلىق ـتىلفۇنغغىلا قاچىلاپ تەكشۈرۈپ چىقىپ باقمىسۇنمۇ تەكشۈرۈش نەتىجسىنى؟؟!! يەنە سامسۇ تىلفۇنىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى يۇقىرىمىش؟ سامسۇڭ قانچە تىپلىق تىلىفۇن بىلەن قانچىلك باھا بىلەن ئگلگەن بازار نىسبىتى ئۇ؟؟؟ئالمىنىڭچۇ؟؟؟؟؟؟؟
ئىكران چوڭلۇقىغا كەلسەك مۇشۇ 4لىكى بولغۇدەك چوڭ.قىلغۇسى كەلسە 4.3 4.5لار يەنىلا تىلفۇنغا مۇۋاپىقكەن ! كىىنو ئويۇنغا كىچىلك كەلسە تىلىفۇنغا تەسۋىر چۈشۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇپ قويسا تاملارغىلا چۈشۈرۈپ قويۇپ كۆرۈپ كەتسەك! ھا ھا ھا! ئۇمۇ بولمىسا كىنو ئويۇننى تىلۋىزوردىلا كۆرۈپ كومپىيۇتىردا ئوينىغۇلۇق! يەنە بىرسى ھازىر باشقا يانفۇنلار قاتتىق دىتال دەتىجىسىنى قارىغۇلارچە ئۆستۈرۋىلىپ ،قاچىلانغان سىتىما بىلەن ماس كەلمەي تۆۋىن قىلغاننىمۇ قىلالماي قىلسۇ قىتىپ چىقىۋاتقان!
ئالمىنىڭ ئېكران چوڭلىقىنى 5 سۇڭغا چىقارسا بۇلاتتى
سىمبىيان، ئاندرويىد، ئاي ئو ئەس، ۋىندوۋىس….ئاخىرىدا يەنە شۇ ئالمىنىڭ ئاي ئو ئەس سىستېمىسى….
سىمبىيان ئەلۋەتتە قالدى، ئاندرويد ئوچۇق كودلۇق بولغاچقىلا بەكلا ئەخلەتكەن. ۋىندوۋسنىڭ كۆرۈنمە يۈزى، ئىشلىتىلىشچانلىقى ماڭا پەقەت ياقمىدى. ئاخىر يەنە شۇ ئالمىنىڭ سىستېمىسىغا قايىتىپ كەلدىم. بۇنىڭ مۇقىملىقى ھەقىقەتەن ئەڭ ياخشى، تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتكەندە، نەچچە يىل ئۇدا ئىشلەتسىمۇ ھېچبىر قېتىۋالىدىغان، يا سۈرئەت ئاستىلاپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدىكەن. بۇ ئالمىنىڭ سىستېمىسىنى ئۇچۇرغىنىم ئەمەس. ئەمەلىي ھېس قىلغىنىم….
ئاندرويد تېلېفونلىرىنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە قارىسىڭىز، ھەقىقەتەن باشقا تېلېفونلارغا قارىغاندا يۇقىرى، بەزىلىرى شۆلگىيىڭىزنى ئاققۇزىدۇ. ئەمما شۇ تېلېفونلارنى 1 يىل ئۆچۈرمەي داۋاملىق ئىشلىتىپ كۆرسەكلا، ھەممىسى ئايان بولىدۇ. خەنزۇچە شۇاجى دەمدۇق؟….
قىنى ھاشارەت ئۆلتۈردىغان دورىلار ؟
ما ئنكاسلار ئارسىدا «سۈۋەرەك» باركەن .
فىششششششششششت ، جىششىت .
خۇماداشلار قاراپ بىقىڭلار ، ئۆلدىمۇ ئۆلمىدىمۇ ؟
مەن ئاندىروئىد ئىشلىتىۋاتىمەن،يۇقىرىدا تورداشلار ئېيتقاندەك ئايفون ھەقىقەتەن مۇكەممەل سىستىما ناۋادا يانغىن ئىسىملىك تورداش ئېيتقاندەك ئاندىروئىد بىرلا ماركىلىق يانفۇنغا قاچىلانغان بولسا بازار نىسبىتىنىڭ ئۇنچىۋىلا يۇقىرى بۇلىشىمۇ ناتايىن. بىر مەزگىل ئايفون 5 ئىشلىتىپ باققانىدىم، نېپىز، چىرايلىق، يېنىك، كۆركەم، ئىنكاسى تېز بۇ يانفۇننى ياقتۇرۇپ قالغانىدىم، بىراق ئىشلەتكەندە ھۆججەت ھەمبەھىرلىمەك تەس، ئىكرانى كىچىك، چەكلىمىسى سەل يۇقىرى، بىراق ئاندىروئىد بۇلاردىن ئارتۇقچىلىققا ئىگە، ئاندىروئىدنىڭ دەسلەپتە كۇنۇپكىلىق يانفۇنلارغا لاھىيلەنگەن سىستىما ئىكەنلىكىنى مەنمۇ ئاڭلىغان شۇڭا بەزى يەرلىرىدە سەككىز يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن 959بىلەن يانفۇن بىلەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا سېتىۋالغان سونى lt18i نىڭ پەرقىنى تازا ھېس قىلالمايمەن (باشقا يانفۇن ئالغاندا بۇ چىرايلىق lt18i تېلېفونۇمنى سېتىۋېتەي دېسەم 400يۈەن دەيدا twisted: ئاچچىغىمدا ساتماي ئۆيگە تاشلاپ قويدۇم.كونا دېگەن بىلەن ھەممە يېرى ساق، سۈرئىتى تېز تۇرسا ، دوستۇم شۇ ۋاقتتا مەندىن ئىككى يۈز يۈەن يۇقىرى باھادا سېتىۋالغان ئالما 4نى ساتىمەن دېسە 1200دىن يۇقىرى ئالىدىكەن. قارىغاندا ئاندىروئىدنىڭ باھاسىمۇ ئىتتىك چۈشىدىغان ئوخشايدۇ)
نېمىلا بولمىسۇن ئالما يانفۇنلىرى ھەقىقەتەن يانفۇن ساھەسىنىڭ ئالدى دېيىشكە بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تورغا چىقىشتىن زېرىكىپ قالسام مەنمۇ ئايفون ئىشلىتىپ قېلىشىم مۇمكىن. باھاسغا كەلسەك ئەرزان باھالىق سەپلىمىسى تۈۋەن يانفۇنلارنى بازارغا سېلىپ نىسبەت قوغلىشىپ ئىناۋىتىنى تۆكۈپ يۈرگىنىنىڭ پايدىسى يوق، بۇنداق تېلېفونلار دۆلىتىمىزنىڭ زاۋۇتلىرى بىلەنلا ئۆتۈپ كەتسۇن. :
مەنمۇ ئاندىرويىد سېستىملىق يانفۇنلارنى ياخشى كۆرىمەن.چۈنكى ئانا تىل-يېزىقىمىزنى بەكراق راھەت ئىشلىتەلەيمەن.
مەن 3 خىل سىستېمىدىكى يانفۇننىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ باقتىم . يەنىلا ios مەشغۇلات سىتىمىسىنى ياقتۇرىمەن . بەك مۇقىم يىنىك بىزگە ھەشەمەت كېرەك ئەمەس ئاددىيلىق ، قوللىنىشچانلىقى ، يۇقىرى ئۈنۈم بولسا بولدى .