Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى مىكروسوفت نوكىيانىڭ ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى سېتىۋالدىىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىش سودىسىنىڭ ئومۇمى سوممىسى 5 مىليارد 440 مىليون ياۋرو (7 مىليارد 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) بولغان.
ئىككى شىركەت تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، سودا پۈتكۈچە NOKIA نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) سېتېفېن ئېلوپ (Stephen Elop) نوكىيانىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولۇپ، ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى باشقۇرىدىكەن. نوكىيانىڭ لېدىرى رىستو سىلىئەسما (Risto Siilasmaa) نوكىيانىڭ ۋاقتلىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى سودا تاماملانغاندىن كېيىن، نوكىيانىڭ ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەت كەسپى رەسمىي ھالدا مىكروسوفتقا قېتىۋېتىلىدىكەن. نۆۋەتتە نوكىيانىڭ ئاساسلىق تارماقلىرىدىن ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەت، Here خەرىتە ۋە تور ئۈسكۈنىلىرى بار بولۇپ، ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى يانفون كەسپى باشقۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نوكىيانىڭ 320 مىڭ نەپەر خىزمەتچىسى مىكروسوفتقا قېتىلىدۇ. بۇلار 4700 نەپەر فىنلاندىيەلىك خىزمەتچى ۋە ياساش قىسمىنىڭ 10 مىڭ 830 نەپەر خىزمەتچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر سودا 2014-يىلى 1-پەسىلدە تاماملىنىدىكەن. نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپ نوكىيانىڭ پايچېكلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىنى كۈتۈۋېتىپتۇ.
تۆۋەندىكىسى ئىككى شىركەت ئېلان قىلغان ئوچۇق خەت:
مىكروسوفت نوكىيانىڭ ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى سېتىۋېلىپ، Windows ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ.
نوكىيا بىلەن مىكروسوفتنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسى – بىز ئەينى يىللاردا ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە بىردىن كومپيۇتېر بولۇشنى ئارزۇ قىلغاندەك، ھەربىر كىشىنىڭ يانچۇقىدا بىردىن يانفۇن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بوشاشماي تىرىشىشىمىز ئارقىلىق بۇ ئارزۇيىمىز پەيدىن-پەي رېئاللىققا ئايلاندى. بۈگۈن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك يېڭىلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
نوكىيا 150 يىللىق ئەنئەنە، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىسلاھات روھىغا ئىگە، بۇ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك DNA فىنلاندىيەدىن باشلىنىپ توختىماي تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئومۇملاشتى. ئەڭ دەسلەپتىكى قەغەز ياساش زاۋۇتىدىن رېزىنكە ئاياغ ۋە بالون ئىشلەشكىچە، كېيىن كۆچمە تېلېفۇن ساھەسىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە ئىسلاھ قىلىش روھى نوكىيانىڭ قان-قېنىغا سېڭىپ كەتتى. نوكىيا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كۆچمە تور، خەرىتە ۋە ئورۇن، شۇنىڭدىن تېخنىكا ساھەسىنى بويلىغان نۇرغۇن ساھەلەردە يېڭىلىق ياراتتى. مىكروسوفت بۈگۈن كەلگۈسىگە جەسۇرانە ھالدا بىر قەدەم ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىر يۈرۈش ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى شادلاندۇرۇپ، چوڭ-كىچىك شىركەتلەرگە ياردەم بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
ئىككى تەرەپ ھەمكارلاشقان ئۆتكەن ئىككى يىلدا، بىز پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان يەرشارى كۆچمە ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق ھەمدە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇلار پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن يانفون، ئەپ ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. Windows Phones تېز سۈرئەت بىلەن دۇنيادا ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالغا ئايلىنىۋاتىدۇ.
بىز بۈگۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلىق ئاساسىدا ئېلان قىلماقچى بولغان مۇھىم ئاخباراتىمىز – مىكروسوفتنىڭ نوكىيانىڭ ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى سېتىۋېلىش ئويىنىڭ بارلىقى، بۇ ئارقىلىق ئابونتلارغا تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئاتا قىلىش ھەمدە تېز سۈرئەتتە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەتنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.
بۇ نوكىيانىڭ ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەت كەپسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس يېڭىلىقلار مۇجەسسەملەنگەن ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفوننى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا نوكىيانىڭ 1 مىليارد ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ئابونتى بىلەن بولغان رىشتىسىنى چىڭىتىدۇ.
مىكروسوفتنىڭ ۋەدىسى ۋە ئەۋزەللىكلىرى نوكىيانىڭ ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى تېخىمۇ ئالغا باستۇرىدۇ. بىز Windows ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز ھەمدە كىشىلەرگە تېخىمۇ گۈزەل بولغان كۆچمە تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلدۇرالايمىز.
بىز داۋاملىق تۈردە سىلەر ياخشى كۆرىدىغان يانفونلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىرگە مىكروسوفت، نوكىيانىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان پۈتۈنلەي يېڭى يانفون ۋە مۇلازىمەتلەرنى روياپقا چىقىرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: سېتېفېن ئېلوپ ۋە سېتۋى بالمېر
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Microsoft، NOKIA، شىركەت
- يازمــا مەنبەســى: گۈلشەن تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,539 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: microsoft-buy-nokia-phone.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone 5S ۋە iPhone 5C نىڭ ئىسمى ئېنىق بوپتۇ، شۇنداقلا بۇدا تۇنجى قېتىم جۇڭگودا 1-تۈركۈمدە سېتىلىدىكەن
- كېيىنكى يازما > ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى Android تىن ئۆگەنمىسە بولمايدۇ!
- NOKIA نىڭ Android يۈرۈشلۈك يانفونلىرى (NOKIA X/X+/XL) ئېلان قىلىندى
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- يانفون كامېراسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئاجايىپ مەنزىرە | سۈرەتكە تارتقان شۇ دەقىقىدە نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- نوكىيا بىلەن بېنز ھەمكارلىشىپ شوپۇرسىز ئاپتوموبېل چىقارماقچىكەن
- مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
- NOKIA ھازىر يانفونغا قارىغاندا ئېلاننى پەيزى ئىشلەيدىغان بولۇپ قالدى جۇما ~! نوكىيا ئېلانىدىن ئىككى شىڭگىل
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
- سىز iPhone ھەۋەسكارىمۇ ياكى SAMSUNG ھەۋەسكارىمۇ ؟ مەنچە يەنىلا NOKIA نى تاللىغان دۇرۇستەك قىلىدۇ
- قالتىس ماھارەت، ئاڭلىسام دۇنيا پاركور ماھىرلىرى لۇمىيا 920 نى سىناپ بىقىپتىمىشلەر~!
ۋوجوووووووو ما ئىشنى ………
ئەلۋېدا نوكىيا ……
سېتىۋەتتى دىگەن گەپ ئۆلدى دىگەن گەپ ئەمەستۇ ، نوكىيانىڭ 30مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى يەنىلا ئوخشاش نوكىياغا خىزمەت قىلىۋىرىدۇ، رەھبەرلىك قاتلىمىدا بەزى ئۆزگۈرۈش بوسىمۇ ، باشقا ئىشلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك بۇلىدۇ ، پەقەتلا بەزى چوڭراق ئىشلادا نوكىيا ئەمدى مىكروسوفىتقا بېقىپراق ئىش كۈرىدۇ خالاس، مىنىڭچە بەلەن ئىش بۇ ، گوگىل موتو، مىكرونوكىيا ، ئالما ئايفۇن ئۈچى تىپىشسە بىزگە ياخشى ئەمەسمۇ
نوكىيانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى قانداق بولۇپ كېتەر ئەمدى؟
بەزىلەر ئالمىنى ئاشنىغا ….نوكىيانى خۇتۇنغا ئوخشىتىدىكەنتۇق ….ئەمدى…………قانداق بوپ كەتكىنى بۇ؟؟؟؟؟؟
خوتۇن بىلەن ئاشنا پەتىشەپنى قايرىپ قۇيۇپ چاچلىشا شۇ ئەمدى …
نوكىيانىڭ باش ئىجىرائىيەسى مىكىروسوفىتنىڭ خىزمەتچىسى،مىكىروسوفىتتىن يۆتكەلگەن ،نوكياغا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشتى،ئۆزىنىڭ بازارنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشكەن مىگو سىستىمىسىنى توختىتىشقا بۇيرۇق بېرىپ ،مىكىروسوفىت بىلەن ھەمكارلاشتۇردى ، ھەم ئاخىرى نوكيانى مىكىروسوفىتقا ساتقۇزۋەتتى ،
مىكىروسوفىت راسلا خۇمسىلارچە ھەرىكەت قىلدى.
ئۆزى بەك چوڭ بىلگەن كۆزنەك 8 ياقتۇرۇشقا ئېرشەلمىدى،8.1 بولسا خىلىلا ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى،تېخى ئەينى چاغدا 8 نى ئېلان قىلىپ 9 نى تەتقىق قىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مىكىوسوفىتنىڭ ئوبىرازى تازا ياخشى ئەمەس ، ئويۇن ساھاسى، يانفۇن ساھاسى ، تاختا كومپىيۇتېر ھەممىنى قىلىپ سىناپ بېقىۋاتىدۇ.
مىكىروسوفىت ياشانغان ئادەم، ئالما ئوتتۇرا ياشلىق تاغا،گوگلى ياش يىگىت ، كە ئوخشىتىلىدىكەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلا ئەمدى بىكار ۋاقتىڭىز بولسا ئاز تولا بولسىمۇ پىرگورامما تىلى ئېنگىلىز تىلى ئۈگۈنۈپ قويۇڭ مىكروسوفتنىڭ نوكيانىڭ يانفون كەسپىنى سىتىۋىلىشى بىزگە نورغۇنلىغان پۇسەتنى ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن ئەمدى ئۆزىمىزنى.كۆرسىتىدىغان ۋاقىت كەلدى دوسلا.!!!
نوكىيانىڭ ھازىرقى لاۋداسى ئىلوپنى بەزىلەر جاسوس دەۋاتىدۇ ، بۇ ئىلوپ دىگەن بالا دەل ئۈچ يىل بۇرۇن مىكروسوفىتتىن ئايرىلىپ نوكىياغا كىلىپ ئىشلىگەن ئاداش شۇ ، چاقچاق قىپ ئىلوپنىڭ نوكىيادىكى جاسوسلۇق ۋەزىپىسى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاندى دىيىشىۋاتىدۇ ، دىمىسىمۇ نەچچە يىل بۇرۇن تېخى قىممىتى ئون نەچچە مىليارد كىلىدىغان نوكىيانى 7مىلياردقا سېتىۋەتتىدە …
كۆزنەك سەككىزنىڭ ئۇيغۇرتىلىنى قوللىغانلىقىدىن ھەممىمىز شۇندا خوش بوغانتۇق ، مانا ئەمدى مىكروسكوپنىڭ نوكىيانى سېتىۋېلىشى ئۇزاققا قالمىغان ۋاقىت ئىچىدە بىزنىڭمۇ ساپ ئۇيغۇرتىلى سىستىمىلىق ئەقلىفۇن ئىشلىتەلىشىمىزدىن دىرەك بىرەمدۇ يو؟ ئىشقىلىپ بۇ ئېلىم بېرىمدىن مەن بەك خۇشال ،نوكىياغا ئامەت تىلەيمەن!
ھە ئەسلىدە ئاشۇ گۇيكەنتۇق ھە!
ئىشنى بۇزغان مەرەز!
ئۆتكەندە نوكىيا قايسى بىريەردىكى باش شتابىنى ۋېتىۋەتتى دەۋاتاتتى…
ئىچىدىن تىشىپ چىقمىسا بىكار…..
سېتىۋەتتى دىمەكچىدىم !
ۋاي ۋۇي سۈرئىتىڭلار خېلى تېزكەن جومۇ!بايا تېخى خەنزۇچىدا كۆرگەن خەۋەرنى بىردەمدە چىقىرىپ بولۇپسىلەر.
ھەي بىچارە نوكىيالار! ئەجەپمۇ بوشاڭ كېلىپ قاپسىلەردە ھە!
گوگىل شىركىتى موتوروللا شىركىتىنى يېقىتتى.موتوروللامۇ ئۇخلاپ قالغىلى تاس تاس قالغان ئىدى.’
مانا ئەمدى …
مىكروسوفىت شىركىتىمۇ نىمجان بولۇپ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغان نوكىيا شىركىتىنى سېتىۋاپتۇ… ئىىىت ساڭا قىلغان ئەقىدەم. نوكىيا…. ھىھ.
زادى گوگىل مىكروسوفىت نوكىيا سامسۇڭلار ساراڭلارچە بازار قوغلىشىدىغان بولدىدە…..
قېنى كىم ئۇتۇپ چىقىدىكىن كۆرەمىز…
بەك ياخشى تىمىلار ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ رەھمەت ھە تورخۇمارغا !
بوپتۇ قوغۇنچىنىڭ ھىكاديىسى دەپ بىلىلى قانچە چوڭ موللاق ئاتساڭ شۇنچە قاتتىق يىقىلىسەن :نەۋقىران ھىكمىتى
يەنە كىم كىمنى سىتۋالا ؟ بولسا ئالمىنىمۇ گوگول ياكى باشقا بىرە شېركەت سىتۋالسا بەلەن بۇلىتى لىكىن ئالمى دەرىخنىڭ يىلتىزى خېلى پۇختىدە ….
ئىككى قاغا پوق تالاشسا،ياندىكى بۆرىگە پايدا
نوكىيانىڭ مەغلۇبىيىتى بىزگە شۇنى چۈشەندۈردىكى يىڭىلىققا ئىنتىلمىگەن ھەرقانداق نەرسە چۇقۇم شاللىنىپ كىتىدۇ.
مىكرو سوفىتنىڭ نوكىيانى سېتىۋىلىشى مېنى بەك ئەنسىرتىپ قويدى . ئەگەر مىكروسوفىتقا يەنە بالمىردەك قاپاقباشلار باشلامچىلىق قىلسا ، نوكىيانىڭ تەقدىرىدىن سۆز ئاچماق مۈشكۈل بىر ئىش .
بۇ خەۋەر كۆڭلۈمنى بەكلا يېرىم قىلدى دىسە …………..
ئارسىلان بەگ كۆڭەللىرىنى بەك يېرىم قىممىسىلا ، بۇ بەلكىم ياخشى ئىشتۇ، مىكروسوفىت ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇرتىلى يېزىقىمىزنى قوللاپ بەردى، نوكىيانى سېتىۋالسا بەلكىم كىيىنكى كۈنلەردە روم تەرجىمە قىلىمىز دەپ ئولتۇرماي ساپ نىگىزىدىن قوللايدىغان ئۇيغۇرچە يانفۇنلارنى ئىشلىتەلىشىمىز مۇمكىن، نوكىيانىڭ كىيىنكى تەقدىرىگە مەن بەك ئۈمۈدۋار
سىزمۇ خەنزۇچە تور بەتلەردىكى قاراشلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ بالمىرنى قاپاقباش دېگىنىڭىز توغرا بولماپتۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ شىركەتنى زىيان تارتقۇزمىدى. ئەينى چاغدا ۋىندوۋس ۋىستانىڭ مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن مىكروسوفت ۋەيران بولغىلى تاس قالغان. ئەجىبا مۇشۇنى تۇتقۇ قىلىپ بىل گېيتىسنىمۇ قاپاقباش دەيدىغان ئوخشىمامسىز؟
ئەمەلىيەتتە ستىۋ بالمېرمۇ بوش ئادەم ئەمەس.
ئەمدى كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى…
لىكىن ئەتىۋا ئەپەندىم ، سەزگۈرجان ، بۇ ئادەم ۋىندوسفون سېستىمىسىغا ئانچە كۈچىمىگەن چىراي ، بىر يىل بولدى ،ۋىندوسفون سېستىمىسى تۈزۈك يىڭىلانمىدى . يا نوكىيانىڭ يانفۇن كەسپىنى سېتىۋالغاندىن ئەمدىلەتتىن كۈچەمدىكى
قايسى كۈنى مۇشۇنداق بولسا دەپ ئويلىغان ئىدىم. توۋۋا بۇ ئىشلارغا
Microsoft نىڭ نوكىيانى سېتىۋالغىنى ياخشى بولدى دەپ قارايمەن، Microsoft ئەمدى كىيىنكى نەشىردىكى تېلفون سېستىمىللىرىغا مېترو يۈز ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ ئېلان قىلدى، ئەمدى كۆرۈنمە يۈزى ئەنجۈر،ئالمىلارغا ئوخشاش بوپ چىقىدۇ،نۇرغۇن كىشىلەر مېترو يۈزىنى ياخشى ئەمەس قولايلىق ئەمەس دەپ قارايدىكەن، مەنمۇ ئاشۇنداق قارايمەن،يەنە كىلىپ بۇ قېتىمقى سېتىش نوكىيانىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى كۆرۋالغىلى بۇلىدۇ، سېتىۋىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قاتارىدا نوكىيا شىركىتى Microsoft شىركىتىگە فىللاندىيەنى ئاساسلىق بازا قىلىشنى تەلەپ قىپتۇ شۇنداق قىلغاندىلا فىللاندىيە دۆلەت ئىچىدىمۇ تالاش تارتىش ئاز بۇلىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنى بىكار قالمايدۇ، نوكىيا Microsoft نىڭ پۇلىدا خەلقىنى باقماقچى…نوكىيانىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن…
مېترو يۈزمۇ بىر خىل ئىللىق،ئەپچىل بولغان كۆرۈنمە يۈز بۇرادەر.ئازىراق ئىشلەتسىڭىز مېترودىن باشقىنى ئىشلەتكۈڭىز كەلمەس بولۇپ قالىدۇ.ئەپلەرنى ئۆزىمىز خالىغان يەرگە قويۇپ قويساق،ئىزدىگەندە ئاسانلا تاپىمىز.مەنچە مېترو يۈز نەرسە-كېرەكلەرنى قالايمىقان تاشلايدىغان(ئوغۇللار)غا ماسلاشتۇرۇلغانمىكىن دەپ قالىمەن بەزىدە.بىر نەرسىلەر قالايمىقان تاشلانغان بولسىمۇ،لازىم بولغاندا شۇ ھامان تاپقىلى بولىدۇ.قىزلاردەك ھەممىنى رەتلىۋەتسە،تاپىمەن دېسە يانا قالايمىقان قىلىشقا توغرا كېلىدىغان ئىش.
مىنىڭچە ئەمدى ياخشى بولغاندەك قىلدۇ nokia نىڭ تەغدىرى ئەمدى ئاجايىپ بىر ئۆزگىرىشى ئالدىدا تۇرغاندەك قىلدۇ
nokiang kalgusi tihmu yahxi bolgudak.microsoft uni tarakkiy kildurdu,..kim baxkrsa ohxax amasmuە