ئۇسۇل ئويناشنى بىلمەمسىز؟ كېرەك يوق! سىزنى بىر كۇنۇپكا بىلەن دىسكوچى قىلىۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس!
TheUglyDance بولسا شىۋېتسىيەلىك مەلۇم بىر لايىھەلىگۈچى ياساپ چىققان ئىنتايىن ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى بىر خىل تور بېكەت. يەنى، سىز پەقەت باش سۈرىتىڭىزنى چىقىرىپ تەڭشەپ بەرسىڭىزلا، رېتىملىق مۇزىكىغا ئەگىشىپ دېسكوغا چۈشىسىز، تېخى سىز چۈشىڭىزدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ نەپس ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ!
TheUglyDance نى ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئاددى. تور بېكەتكە كىرگەندىن كېيىن، سول ئۈستى تەرەپتىكى Create Your Own Ugly Dancer دېگەن خەتنى بېسىپ، چىققان كۆزنەكتىن Browse نى بېسىپ باش سۈرەت قىلماقچى بولغان سۈرىتىمىزنى تاللاپ Upload نى باسقاندىن كېيىن سۈرىتىمىز يوللىنىپ تەييار بولىدۇ، چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەپ بولۇپ Okay نى باسىمىز، بۇ چاغدا كىيىم تاللايدىغان يەر چىقىدۇ، ئاندىن Okay نى بېسىۋەتسەكلا تامام!
ئارقىدىن بىزگە مەخسۇس بىر تور ئادرېسى چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ ئادرېسنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ، ياكى دوستلىرىڭىزنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ ئۇسسۇلغا سالسىڭىزمۇ بولىدۇ! بىراق، چوقۇم چاقچاق كۆتۈرىدىغان دوستىڭىز بولسۇن جۇمۇ؟!
مەنمۇ بىرنى ياساپ باقتىم، ھاھاھا!
http://theuglydance.com/?v=sxctwmllan
تورداشلارنىڭ ئۆزى ياساپ چىققان ئۇسسۇلچىلارنى ئىنكاس ئارقىلىق ئورتاقلىشىشىنى قارشى ئالىمەن، ئۆز سۈرىتىنى ئىشلەتكۈچىلەر تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ! ھاھاھا!
مەنزىل تونىلى:
مەنزىل: http://theuglydance.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash، تور بېكەت، سۈرەت، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,618 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: theuglydance.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تەبىئەتتىكى ھەرقانداق بىر نەرسە ئىنسانلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى توسۇپ قالالىغان ئەمەس، ئېغىرلىق كۈچىمۇ شۇ!
- كېيىنكى يازما > Crypteks – قاتمۇ-قات مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ ۋەھشەت بارماقدېسكا!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
ئۇسسۇل دېگەننى ئويناپ قويدۇق بىر كىشىلىك، ئەمەلىيەتتە پۇت-قول قولاشمايدىغان…
قېنى، مەنمۇ بىر ئويناپ باقمايمۇ………
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق بولىدىكەن.
http://theuglydance.com/?v=afzjbrfnpb
سۈرەتتىكىسى مەن ئەمەس جۇمۇ…
مانداق قىپ قويدۇميا:
http://theuglydance.com/?v=otpwyschus
قوپە ئايپەتەم-ھۇي~ بۇنداق ئولتۇرۇۋەرسەڭ ئولتۇرۇپلا قالىسەن جۇمۇ… http://theuglydance.com/?v=vipznevohv
http://theuglydance.com/?v=ocqudaotil مەنمۇ بىرنى قىلۋەتتىمغۇ.
ھا ھا!راستنلا بەك قىززىق كەن،مەنمۇ بىرنى قىلىۋەتتىم .
بولدىمۇ مانا باللا، تازا چاخچاق كۆتۈرەلمەيدىغان بىرسىنىڭ باش سۈرىتىنى چىقىرىپ ئەۋەتىپ قويسام چىچاڭشىپلا كەتتى خاپا بولۇپ….ئۆزۈمنىڭكى باش سۈرىتىنى ئۇسۇل ئوينىتىپ يوللاپ بەردىم خاپا بولما مانا دەپ…
بۇنى يانفۇندىمۇ ياسىغىلى بولىدىكەن ھەقىقەتەن پەيزىكەن
ھى ھى ھى ھى
بەكلا قىزىق بولىدىكەن.
نەدىنمۇ تاپىدىغانسىلە
ھەقىقەتەن قىززىقكەن جۇمۇ
ھاھاھا…….http://theuglydance.com/?v=efghhdvbyn
http://theuglydance.com/?v=bngbmwxnjl
مانا مانا……
باش شەكلىنى تېخىمۇ ئۆلچەملىك كەسكىلى بۇلىدىغان قىلسا تخىمۇ ياخشى بولاركەن.
http://theuglydance.com/?v=cioktbkgua
مەن مۇ ئىرىمنىڭكىنى ياساپ قويدۇم كىلىپلام كومپىيوتۇر ئاچىدۇ،،،،،، ، ، ، ئېچىپلام كومپىيوتۇر دا ئۇسۇل ئويناپ كەتكەن ئۈزىنى كۆرسە قانچە كۈلۈپ كېتە ؟…. ھا ھا ھا ھا ……………….