نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

Crypteks – قاتمۇ-قات مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ ۋەھشەت بارماقدېسكا!

crypteks

ئادەتتە، بازاردا سېتىلىۋاتقان بارماقدېسكىلارنى پەقەت يۇمشاق دېتال ئارقىلىق مەخپىيلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، بۈگۈن بىز كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان Crypteks ناملىق بارماقدېسكا بولسا، قوش مەخپىيلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان، بارماقدېسكا ئىچىدىكى ھۆججەتلەرگە نىسبەتەن قاتتىق قوغداش ئېلىپ بارىدىغان ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن بارماقدېسكىدۇر…

Crypteks بارماقدېسكىسىنىڭ سىرتقى قېپى پۈتۈنلەي چىداملىق مېتاللاردىن تەشكىل تاپقان ئاليۇمىن قېتىشمىسىدىن ياسالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن قېلىن، يەنە تېخى ئوكسىدلاشتۇرۇلغان قەۋەت ئىشلەتكەن. بۇ قۇرۇق گەپلەرنى قويۇپ تۇرايلى، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە يەنىلا، ئۇ ئىشلەتكەن «تەلۋە» خاراكتېرلىك مەخپىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا. ئاۋال فىزىكىلىق مەخپىيلەشتۈرۈش قۇلۇپى ھەققىدە توختىلايلى، سىرتقى قاپقا بەش دانە مەخپىيلەشتۈرۈش ھالقىسى ئورنىتىلغان، ھەر بىر ھالقىدا 26 ھەرپ بار، بىز ئادەتتە كۆرىدىغان سان-سىفىرلىق مەخپىيلەشتۈرۈش قۇلپىسىدىنمۇ ئىلغار دېيىشكە بولىدۇ، ناۋادا پارولنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، پەقەت ئەسلى زاۋۇتقا مالنى سېلىپ بەرمەكتىن باشقا ئامال يوق. ئىچىدىكى ئۇچۇرلار بولسا 256 بىتلىق AES قاتتىق دېتال مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئىشلەتكەن، ئاساسى جەھەتتىن بۇ خىل مەخپىيەتلىك ھالىتىنى يېشىۋېتەلەيدىغان ئۇسۇل يوق دېيەرلىك. ئەلۋەتتە، سىز پارولىڭىزنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا بۇ بارماقدېسكىنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتمۇ سىزگە ياردەم قىلالماسلىقى مۇمكىن.

ھالبۇكى، مەخپىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارىماي، بۇ كاساپەتنىڭ باھاسىمۇ خېلىلا ئۆرە ئىكەن. نۆۋەتتە 8G ۋە 16G لىق نۇسخىلىرى سېتىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 130 دوللار ۋە 160 دوللار قىلىپ بېكىتىلگەن.

image

image

image

image

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 9 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. ۋەتەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرنى سېتىۋالسام بولغۇدەك، بىراق مەن تولا يۈتتۇرۇپ قويىمەن بۇ بارماق دېسكا دېگەننى

  2. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوجون،،، باھاسى نىمانداق قىممەت؟

  3. دىيانەت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پۇل ساقلىسا بولىدىغان بارماق دىسكىكەن بۇ :mrgreen:

  4. ajrim : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەپتىدىن كىيىن قىزىل بايراقتا ئوخشاش نۇسخىدىكى باھاسى ئەرزان بارماق دىسكا چىقىپ بولىدۇ.شۇ ۋاقىتتا ئالامىز. :mrgreen:

  5. سەرگەردان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرنى سېتىۋىلىپ مەخپىي نەرسەمنىڭ ھەممىسىنى شۇنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇپ قويسام بولغۇدەك!

  6. ئويغان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بارماق دىسكا مۇ ياكى بارماقدىسكىمۇ ؟

  7. بۆرە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭ باھاسىنى خەلىق پۇلىغا سۇندۇرسا كۆچمە قاتتىق دسىكىدىن بىرسى كەلگۈدەك .

  8. مۇڭلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يادرو ئوق بېشىدەك كۆرۈنىدىغۇ ؟

  9. نۇرنىجات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەقنى سۈر باسقۇزغىدەكقۇ بۇ؟






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)