سىز بىز ئاڭلىمىغان ئىشلار جىق ئوخشايدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لىبەي دۇفۇلار ھەممىسى ئەسلىدە ئۇيغۇرمىش…
ئۇيغۇر توربېكەتلىرى كوچا خەۋەرلىرى سەھىپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، يېقىندىن بۇيانقى ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا بىر قىسىم مەشھۇر ئۇيغۇر شەخىسلىرى يېڭىدىن بايقىلىپ چىققان بولۇپ بىكارچى تورداشلارنىڭ كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئېلان قىلىندى…
ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەققىدە
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا يۇرتىمىزدا ئەمەر ئاكا دەيدىغان بىر پادىچى بولۇپ، ئۇ كىشى پادىلىرىنى باققاچ مېڭىۋىرىپ ھازىرقى ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىغا كەپ قاپتۇ ھەم شۇ يەردە ئۆيلىنىپ بالا-چاقىلىق بولۇپ نامى ئەل-يۇرتقا تارقىلىپتۇ.ئەمەر ئاكىنى كېيىنچە يەرلىكلەر ھۆرمەتلەپ ئەمەركا دەپ ئاتايدىغان بولۇپتۇ. بۇ نام تەدرىجى ھالدا تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ نامى بولۇپ قاپتۇ.
قەغەزنىڭ ئىجادچىسى سەيلۇنمۇ ئۇيغۇرمىش
تورداشلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ قەغەزنى كەشىپ قىلغان سەيلۇنمۇ ئۇيغۇرمىش. سەيلۇننىڭ ئەسلى ئىسمى سەيپىدىن بولۇپ خەنزۇ يولداشلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆزلەشتۈرۈپ سەيلۇن دەپ ئاتىغانمىش.
كىلىنتۇنمۇ ئۇيغۇرمىش
ئامىرىكىنىڭ سابىق پېرىزدىنتى كىلىنتۇنمۇ ئەسلىدە غۇلجىلىق بولۇپ داڭلىق ھاراقكەش ئىكەنمىش. ئۇ بىر قىتىملىق ھاراق ئېچىش مۇسابىقىسىدە بىرىنجى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرەم تۇڭ دىگەن لەقەم قويۇلۇپ قالغانمىش ھەمدە مۇسابىقىدە ئىرىشكەن مۇكاپاتى پۇلى بىلەن ئامېرىكىغا بىرىپ ئولتۇراقلىشىپ كېيىنچە ئامېرىكىغا زۇڭتۇڭ بولغانمىش.
روزۋېلىتمۇ ئۇيغۇرمىش
ئامىرىكىنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سابىق پىرزىدىنتى روزۋىلىتمۇ ئۇيغۇرمىش. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى روزى ۋېلى بولۇپ ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭ ئىسمىنى روزۋېلىت دەپ ئۆزلەشتۈرۋالغانمىش.
جۇڭگۇ تارىخىدىكى داڭلىق شائىرلاردىن لىبەي ۋە دۇفۇنىمۇ ئۇيغۇر دەيدۇ
لىكىن تەتقىقاتچىلار ھازىر بۇ ھەقتە جىددىي ئىزدىنىۋىتىپتىمىش. چۈنكى لىبەينىڭ ئەسلى ئىسمى ئەبەي بولۇپ خەنزۇلار لىبەي دەپ ئۆزلەشتۈرۋالغانمىش. دۇفۇنىڭ ئەسلى ئىسمى غوپۇر بولۇپ خەنزۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى دۇفۇ دەپ ئۆزلەشتۈرۋالغانمىش.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەسەر، خەۋەر، قىزىقارلىق، ھەزىل
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,921 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: some-of-the-things-you-heard.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > زېرىكىشلىك سىتاتسىكا: 复仇者联盟 دىكى ئىنتىقامچىلار بۇزىۋەتكەن نىيۇيورك شەھىرىنى ياساشقا قانچە پۇل كېتەر؟
- كېيىنكى يازما > سۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى چۈشىنىدۇ دەيدۇ، راستىمىدۇ؟ قوشۇمچە: ئەگەر يەر شارىدا پەقەت بىر تامچە سۇ بولسا…
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
بۇنى ئىلگىرى تورخۇماردا كۆرگەندەكلا ئىسىمدە …..
لېكىن ماۋۇ يامان ماز، ئامما يامان قىچىقىنى كەلتۈرىدىغان خەۋەركەن
شۇ شۇ !
دېمىسىمۇ شۇنداق تۇرسا؟ كىم يالغان دېيەلەيدۇ؟
باللا!
ئاڭلىسام ماۋزېدۇڭمۇ ئۇيغۇرمىش ، ئەسلى ئىسمى موللا زەيدۇڭ ئىكەن ، خەن يولداشلار ماۋزەيدۇڭ دەپ ئۆزلەشتۈرۈپتۇدەك!
قىززىق گەپلەركەن لېكىن ئەپسۇس بەكلا ئاز بولۇپ قاپتۇ جۇمۇ ~
ئۇيغۇر ئۇچۇن تاماق يەيمەن دىگەندەك گەپ بوپتۇ بۇ..
نېمىدىگەن قىزىقارلىق تەتقىقاتلار بۇ! كۈ لۈپ بولالماي يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم دېسە!
قەبىھ قىززىق يۇمۇرلاركەن بۇ ،لىكىن بەكلا ئاز بۇلۇپ قاپتۇ.
بۇ مەن تارىخىمدا كۆرگەن تېمىلارنىڭ ئەڭ لاۋزىسى دېسەم ئارتۇق بوپ كەتمەس ھە نىمانداق قاملاشمىغان لاۋزا گەپلەر بۇ ئەمدى
لاۋزا گەپ بولسا نىمىشقا كۇلىسىز؟(پەرىزىمچە كۆلكىلىككەن دىمەكچى بولىشىڭىز مومكىن بۇنداق دىسىڭىز بەك سەت ئاڭلىنىدىكەن دوستانە ئەسكەرتىش تۈزىتىۋىلىڭ)
سىلەر زادى نىمە دېمەكچى؟؟؟
كۈلېۋىلىڭلار دەپتۇ!!!
تاس قاپتىمەن لەزىزە چوڭ ھامما دېگىلى قارىغاندا تېما مەزمۇنى ياخشىراق ئوقىمىغان ئوخشايسىز ھە
ئالە شەرىڭنى…
سىز بىر ئىسمنىمۇ كىلشتۇرۈپ ئوقالماپسىزيۇ ،ماڭا تېما توغرىسدا شىۋىرلاپ خاتا قىلدىڭىزمۇ قانداق؟؟؟؟
ئامېرىكا ھەققىدىكىسى دەھشەت قىززىقكەنغۇ….
تازا كۈلۈپتىمە…
قەدەم يەتتى،بالا يەتمىسۇن!
تورخۇمارنىڭ مۇشۇ يەرلىرىنى دەيمىزدە ئەمما
گايىدا كۇلدۇرۇپ گايىدا …………….
قىزىپتۇ ما تېما
يۇگىسلاۋىيەنىڭ رەھبىرى تىتومۇ ئەسلى ئۇيغۇركەنتۇق، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى تىيىپ توختى ئىمىش
ما تېمىغا قاپىيە قىلاي دىسەم خېلى جىق چىقىپ كىتىدىغاندەك، ئەممازە ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم جۇما..
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بوكىس شاھى ‹ تايسۇن › مۇ ئويغۇر ئىكەن . ئۈزى قەشقەردىن بۇلۇپ ئەسلى ئىسمى ‹ تۇرسۇن › كەندۇق . خالقئارادا تايسۇن دەپ ئاتىۋاپتۇ .
ماۋزىدوڭمۇ ئۇيغۇرمىش(خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن بولىشى مومكىن) ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى مامۇت زۇنۇن بولۇپ خەنزۇلار ماۋزىدوڭ دەپ ئاتىۋالغانمىش
قېنى يەنە دەپ بېقىڭلار . دۇنيانىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بوپ كەتسۇن
مىش مىش گەپلەرگە ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ جۇمۇ
ئوباما ئاتۇشلۇق ئۇيغۇر بولۇپ ئەسلى ئسمى ئوبۇل قاسىمكەن تۇق