سۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى چۈشىنىدۇ دەيدۇ، راستىمىدۇ؟ قوشۇمچە: ئەگەر يەر شارىدا پەقەت بىر تامچە سۇ بولسا…
تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ناۋادا يەرشارىدىكى بارلىق سۇلارنى(دېڭىز سۈيى، مۇز قاتلىمى، ئاتموسفېرالاردىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يىغىپ بىر تامچە قىلساق، ئۇنداقتا بۇ بىر تامچە سۇنىڭ چوڭلۇقى قانچىلىك بولار؟
ئىلمىي ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، بۇ بىر تامچە سۇ دېئامېتىرى بىر مىليون 385 مىڭ مېتىر، ھەجمى بىر مىليارد 386 مىليون كۇب مېتىر كېلىدىغان سۇ شارچىسىغا ئايلىنىدىكەن. بۇ سان ئاڭلىماققا غايەت زور بىر ساندەك بىلىنىدۇ، ئەمما سىز بۇ بىر پارچە سېلىشتۇرما سۈرەتنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، بەلكىم بۇ بىر تامچە سۇغا قاراپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئوڭ تەرەپتىكى شارچىگە دىققەت قىلىڭ
يەر شارى دېئامېتىرى 12 مىليون 256 مىڭ مېتىر كېلىدۇ؛ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ قارىماققا بىر تامچە سۇ تامچىسىغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇ يەرشارىنىڭ ئومۇمى يۈزىنىڭ %70 نى ئىگەللىگەن سۇ ۋە بارلىق جانلىقلارنىڭ تېنىدىكى سۇ مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مۇنداقچە سېلىشتۇرساق، بۇ خۇددى بەش مولۇق تەڭگە پۇلنى ۋاسكېتبولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغان بىلەن باراۋەر.
قوشۇمچە – سۇ ھەققىدە ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ھۆججەتلىك فىلىم:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، تەبىئەت، تەتقىقات، سىتاتسىكا، سىرلىق، يەرشارى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,824 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: water-into-sphere.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىز بىز ئاڭلىمىغان ئىشلار جىق ئوخشايدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لىبەي دۇفۇلار ھەممىسى ئەسلىدە ئۇيغۇرمىش…
- كېيىنكى يازما > جۇڭگونىڭ 2050-يىلى | ئاقپىشماق غەرىپلىكلەر جۇڭگودا ئىشلەمچىلىك قىلارمىش
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- كىشى ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ قىزىقارلىق تەجرىبىلەر
- نورۋېگىيەلىك فوتوگراف يەتتە كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلەپ چىققان ئەسەر
- سىرلىق تىك-تاك پىچاق زادى قانداق ئىش؟ تىك-تاك پىچاقچىلار يەنە نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟
- دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزدىن سەكرىگەن رېكورتنىڭ تولۇق كۆرۈنىشى ئېلان قىلىندى
- سىرلىق كىچىك سېھرىگەرلىك – مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان شاكىلات؟ بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىكنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟
- ئامىستېردام كارتون فىلىم بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قىسقا فىلىم – مايمۇن زۇڭتۇڭ
- بىز تۇرىۋاتقان ئالەم – گەرچە تەسەۋۋۇر قىلىنغان كارتون بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدىكى ئالەم بەلكىم مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن
- «لەيلىمە» پولات زەنجىر ھەققىدىكى كىچىك تەجرىبە، پرىنسىپىنى چۈشىنەمدىكەنسىز؟
سۇنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋالسا، يەر شارىنىڭ ساپ ھەجىمىمۇ خېلى كىچىكلەپ قالا
بۇ يەرنىمۇ ئىگەللەپ بولمىغانسىلەر
ھەجەپ چۈشەنمىدىميا بۇ ھېساباتنى…؟
يا مەن دۆتمۇ..؟!
بۇ سىن نى بىر نەچچە قېتىم كۆرسۈم ، سۇنىڭ ئۇلۇقلىقىغا بارغاندىرى ئىشەندىم ، چۈنكى بىز مۇسۇلمانلاردىمۇ سۇغا سۈرە ياسىن ئوقۇپ دىمىدە قىلىدىغان ئىش بارغۇ …. بۇنىڭ ئاساسىنى ئەمدى چۈشەندىم.
سۇ نىڭ ئۇلۇغلىقىغا ئەمەس ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا ئىشىنىڭ، بۇ خىل خۇسۇسىيەت سۇدىلا ئەمەس ھەممە مەۋجۇداتتا بار دىيىلىپتۇ.
سۇنى ئىسراپ قىلمايلى! قەدرلەيلى!
مۇنداق شۇئارلارنى تولاپ باقمىغىلى يامان ئۇزۇن ۋاقتلار بولۇپ كېتىپتۇ دېسە
بۇ ھېساباتتا يەرشارىنىڭ ھەجىمى كىچىكلىمىگەن دەپ ئالغان چېغى..
ۋاي ئاۋۇ سانلىق مەلۇماتلارنى قايسى قارا ساۋات يازدى؟ يەرشارىنىڭ دىئامىتىرى ئاشۇنداق چوڭ بولسا يەرشارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىكۋاتور سىزىقى قانچە بولۇپ كىتىدۇ دەيمەن ؟ توۋا!!!!!!
ھەي جاڭگالدىن كەلگەن سادا، ئاۋۇ بىرلىك مېتىركەن، كلومېتىر ئەمەس. سىزچە بولسا يەرشارىنىڭ دېئامېتىرى قانچىلىك كەسە بولاتتى؟ ئۆلچەپ كېلىپ ئاندىن گەپ قىلىڭە، خەقنى قارا ساۋات دېمەي.
راست دەيسىز…يەرشارىنىڭ ئايلانمىسى 40،000 كېلومېتىر دەپ ئوقۇغاندەك قىلغان ئىدىم جۇغراپىيە دەرسىدە. دېمەكچى يەرشارىنىڭ دىئامىتىرى ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ 20،000 كېلومېتىر (200،000 مېتىر) دىن ئاشمايدۇ. بۇ سان راستىنلا خاتا بولۇپ قالدىمۇ نېمە…؟
«يەر شارى دېئامېتىرى 12 مىليون 256 مىڭ مېتىر». بۇ دېگەنلىك 1.2 مىليون كېلومېتىر دېگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇ بويىچە بولغاندا سائەتلىك سۈرئىتى 800KM/h لىك ئايروپىلان يەرشارىنىڭ بىر ئۇچىدىن يەنە بىر ئۇچىغا بېرىش ئۈچۈن 24/800/1200000=62 . يەنى 62 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ دېگەن گەپ. بۇ سەل ئېشىپ كەتتىمۇ نېمە؟
ئاۋۇ سۇ ھەققىدىكى ساۋاتلار فەچەتكەن.
جۇڭگۇدا ھەممە نەرسىنىڭ ساختىسى بار . لىكىن مىنىڭكى يوقتى . بۈگۈن چىقىپتۇدە .
ھى ھى ھى
ئاۋۇ باش رەسىمنى قانداق تەڭشىدىڭىز؟
ئاستىدىكى سىند بىر مەزمۇن بار ئىكەن يەنى ئوخشاش بولغان يىڭى مىۋىنى ئوخشاش بولمىغان يەنى مەزمۇنى ياخشى مەزمۇنى ئىنتايىنى ئەخلاقسىز مەزمۇنى يامان ئەمەس بولغان ئۈچ خىل خەت يېزىلغان ئىستىكانغا سېلىنسا ئۇلارنىڭ بۇزۇلىش سۈرئىتى سەت گەپ يېزىلغىنى ئەڭ تىز ياخشى خەت يېزىلغىنىنىڭ ئەڭ ئاستا بولىدۇ دەپتۇ قايسىڭلار سىناپ باقتىڭلار ………… مەن پەقەت سىناپ باققىلى ۋاقىت چىقىرالمىدىن تەتىلدە سىناپ باقىمەن
ۋاي توۋا، بۇ سۇ Michael Jackson نىڭ ناخشىسىنى ياقتۇرمايدىغان ئوخشىمامدۇ..