نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

تۇيۇقسىز ئامىتىم كېلىپ تېخى بازارغا سېلىنمىغان بىر دانە 7 ديۇملۇق بىلكان پەدنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم…

bilkanpad

يېقىندا مىكروبلوگدا بىر دانە بىلكان پەد تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىمنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بىر توردىشىمىز ئىزچىل بۇ توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇياقمۇ بىر دانە بىلكان پەد ئالماقچى بولۇپ تۇرىۋېتىپتۇ، بىراق قولى ئازراق قىسقا كېلىپ ھازىرغىچە بىر قارارغا كېلەلمەيۋېتىپتۇ. يەنە ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مېنىڭ «ئىشلىتىش تەسىراتىم» ئۇنىڭ بىلكان پەد سېتىۋېلىشى ئۈچۈن مۇھىم پەن-تېخنىكىلىق ئاساس بولۇپ قېلىشى مۇمكىنكەن…

ئويلاپ باقسام، مەن بۇ ئۆمرۈمدە تېخى پەد تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بىلەن ھەپىلىشىپ باقماپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە Android سېستىمىلىق پەدنىمۇ تۇنجى قېتىم قولۇمغا ئېلىشىم. ئۇيغۇرچە Android بۇياقتا تۇرسۇن، ئىلگىرى Android سېستىمىسى ئىشلەتكەن مەھسۇلاتلار بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغاچقا، مېنىڭ ئۈچ كۈنگە يەتمىگەن «ئىشلىتىش تەسىراتىم» بىر ياشنى مۇشۇنداقلا خاتا يېتەكلەپ قويارمۇ دەپ دەككە-دۈككىدە بىر نەرسە يېزىشقىمۇ پېتىنالمىدىم، بىرسىنىڭ قىممەت قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىش ئالدىدا تۇرغىنىمنى ئويلاپ، ئىچىمدە ئازراق مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولۇپمۇ ئۈلگۈردى، ھاھاھا!(ئارقىدا ئولتۇرغان تورداشلار، كۈلمەي تۇرۇڭلار!)

قۇرۇق گەپنى يىغسام، مېنىڭ ئادىتىمدە، بىر مەھسۇلاتنى ئاز-كەم ئىككى ئاي ئىشلەتكەن ئادەملا ئاندىن بۇ مەھسۇلات ھەققىدە بىرەر نەرسە يېزىشقا سالاھيىتى توشىدۇ دەپ قارايمەن، چۈنكى قولغا ئېلىپ 10 كۈن بولا بولمايلا مەلۇم نەرسە ھەققىدە يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى تەسىرات چىقىرىش، مەنچە بۇ تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس. شۇڭا ھازىرچە بىلكان پەد توغرىسىدا تەپسىلىي تەسىرات يېزىشقا ھەقىقەتەن ئامالسىزمەن، مېنى كەچۈرۈڭلار!

بىراق، ئۈستىدە تىلغا ئالغان تورداشنى تەلىۋى بويىچە، مەن يەنىلا بىر دانە قاپتىن چىقىرىش سىنىقى يېزىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. بۇ ئارقىلىق بەلكىم ئۇ تورداشتا ۋە باشقىلاردا مەھسۇلات توغرىسىدا ئاز-تولا چۈشەنچە پەيدا بولسا ئەجەپ ئەمەس. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ 7 ديۇملۇق بىلكان پەد تېخى بازارغا سېلىنماپتۇ، مەن ھېسابتا بۇ پەدنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكەن ئادەم بولۇپ قالدىم(ماختىنىش ھېسسىياتىم يەنە قوزغىلىۋاتىدۇ، مېنى تېز تۇتۇۋېلىڭلار…)

bilkanpad-01

سۈرەتلەرنى يانفوننىڭ كامېراسىدا تارتقان بولغاچ، ئېنىقلىقى بەك يۇقىرىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تارتىش جەريانىدا نۇر ياخشى يېتىشمەي نۇرغۇن سۈرەتلەرنى بۇ يەرگە چاپلاشقا ئامالسىز قالدىم. ئەيىپلەش توغرا كەلسە، مەندەك كەسپىي فوتوگراف بولمىغان ئادەمنىڭ تېخنىكىسىنى ئەيىپلەڭلار، پەدتە گۇناھ يوق!

bilkanpad-02

ئاۋال ئەڭ تېشىدىن كېلەيلى. تاشقى قېپىغا بىلكان ماركىسى بېسىلغان بولۇپ، ئوڭ ئاستى بۇرجەكتە، دوپپا كىيىۋالغان ئادرويىدچاقتىن بىرسى قاراپ تۇرىدۇ. قورسىقىدا ئۇيغۇرچە Android دېگەن خەت باركەن.

bilkanpad-03

تاشقى قاپنىڭ ئىچىنى ئاچسام يەنە بىر قاپ چىقتى. بۇ قاپنىڭ ئۇدۇل يۈزىدە 7 ديۇملۇق بىلكان پەدنىڭ ئۇدۇل كۆرۈنۈشى بېسىلىپتۇ، يان تەرىپىدە تاياقسىمان كود ۋە پەد سىغىمى 8G ۋە كۆكچىش، WiFi دېگەن خەتلەر بېسىلىپتۇ.

bilkanpad-04

قۇرۇق گەپنى قويۇپ نەق سۈرەتنىلا كۆرەيلى. ئۇدۇلدىن بىر كۆرۈنۈش

bilkanpad-05

كەينىدىن بىر كۆرۈنۈش(تورخۇمار دېگەن تامغا بۇ يەردە يوق جۇمۇ، ھاياجاندا بېسىپ ساپتىمەن…)

bilkanpad-06

مانا قاپنى ئاچتۇق. رىۋايەتلەردىكى 7 ديۇملۇق بىلكان پەد تىچ ئۇخلاۋېتىپتۇ! يېنىدا يەنە كىچىك قاپتىن ئۈچى تۇرىدۇ، توختا بۇنىمۇ ئېچىپ باقاي، 3~4 ديۇملۇق بالا پەدلەر چىقىپ قالسا خۇدايىم بەگىنى شۇدە؟!

bilkanpad-07

ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكىنىمنى ئېتىراپ قىلىمەن…بۇلار بىر دانە زەرەتلىگۈچ، ئۇچۇر سىمى ۋە سترېئو ئاۋازلىق تىڭشىغۇچ ئىكەن.

bilkanpad-08

7 ديۇملۇق بىلكان پەدنىڭ سىرتقى ھالىتىدىن بىر كۆرۈنۈش.

bilkanpad-09

سۈرەتتە كۆرگىنىڭلاردەك، ئاستى قىسمىغا بىر دانە تىڭشىغۇچ تۆشۈكى، ئۆلچەملىك USB ئېغىزى، تېلىۋېزورغا ئۇلايدىغان HDMI ئېغىزى، زەرەتلىگۈچ ئېغىزى ۋە بىر دانە سىغىمكارتا سېلىش ئېغىزى سەپلەنگەن. سۈرەتتە يەنە ئوڭ سول تەرەپتە بىردىن كىچىك تۆشۈك ۋە M، R ھەرپلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. M ھەرىپىنىڭ يېنىدىكى تۆشۈك بولسا مىكروفون چېتىش ئېغىزى، R ھەرىپىنىڭ يېنىدىكى بولسا، ئۈسكۈنە قېتىپ قالسا ئىنچىكە ئۇچلۇق ئەسۋاپ بىلەن قايتا قوزغىتىش ئۈچۈن سەپلەنگەن Reset ئېغىزى.

bilkanpad-10

سول تەرەپكە تۆت دانە سىرتقى ئاۋاز ياڭراتقۇ سەپلەنگەن.

bilkanpad-11

ئوڭ تەرەپكە پەدنى ئېچىش/تاقاش كۇنۇپكىسى ۋە ئاۋاز يولىنى كونترول قىلغۇچ ئورنىتىلىپتۇ.

bilkanpad-12

ئۇدۇل يۈزىنىڭ ئاستى قىسمىغا باشقا Android ئۈسكۈنىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك تۆت ئاساسى كۇنۇپكا، ئىزدەش، ئالدىنقى يۈزگە قايتىش، باش تىزىملىككە قايتىش ۋە ئاساسى كۆرۈنمە يۈزگە قايتىش كۇنۇپكىلىرى ئورنىتىلىپتۇ. ئوڭ تەرەپتىكى كىچىك تۆشۈك كامېرا ئەمەس، توك مەنبە چىرىقىكەن.

bilkanpad-13

كامېراسى مانا بۇ يەردىكەن. 2 مىليون مېگاپېكىسللىق كامېرا سەپلىنىپتۇ.

bilkanpad-14

ئەمدى كەينى قىسمىغا كەلدۇق. كەينى سول تەرەپكە بىلكان ماركىسى ۋە ئۈسكۈنىنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرى يېزىلىپتۇ. قارىماققا كىشىگە ئىنتايىن پۇختا ۋە مۇستەھكەم تۇيغۇ بېرىدىكەن. قولغا ئالغاندىكى تۇيغۇمۇ ناھايىتى ياخشى.

bilkanpad-15

كەينى ئوڭ تەرەپتىكى خەتنى كۆرۈپ چوقۇم ھەيران قالدىڭىزغۇ دەيمەن؟ شۇنداق، مەنمۇ تۇنجى قولۇمغا ئالغاندا قاراپ ھەيران قالغان ئىدىم، ھەتتا تاتىلاپمۇ باقتىم. بۇ خەتلەر پەدنىڭ كەينى ئوڭ تەرىپىگە زاۋۇتتىن چىققاندىلا بېسىۋېتىلگەن ئىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ بىلكان شىركىتى تورخۇمار ئۈچۈن مەخسۇس بۇيرۇتۇپ ياساتقان پەد ئىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ خىل پەدنى بازاردىنمۇ سېتىۋالالمايدىكەنمىز، ھاياجاندىن نېمە دېيىشنى بىلەلمىدىم، تېزراق كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتۈپ كەتمەي بولمىدى، كەچۈرۈڭلار!

bilkanpad-16

پەدنى قوزغاتتىم. ئېكراندا ئەڭ ئاۋال يېشىل رەڭدىكى بىلكان دېگەن خەت كۆرۈندى.

bilkanpad-17

كەينىدىنلا دوپپا كىيگەن ئادرويىدچاق قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېگىنىچە يۈگۈرۈپ چىقتى.

bilkanpad-18

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دېسەم قارايدىغان تەلەتى يوق، يېنىنى قىلىپ كۆزىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ قاراپ تۇرىدۇ.

bilkanpad-01

قوزغىلىپ كۆرۈنمە يۈزگە كىردى.

bilkanpad-19

ئەپلەر كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر كۆرۈنۈش.

bilkanpad-20

ئىچىگە قاچىلانغىنى ئۇيغۇرچە Android ئەمەسكەن؟ كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ قاراڭ.

چوڭ بولۇپ تۈزۈك لاتارىيەمۇ چىقىپ باقمىغان ئادەم،  مانا مۇشۇنداق تۇيۇقسىزلا بىر دانە تېخى بازارغا سېلىنمىغان 7 ديۇملۇق بىلكان پەدنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى بۇ پەد مەن بازارغا چىقسا سېتىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرگەن پەد ئىدى(ھېلىمۇ سېتىۋالماي تۇرۇپتىكەنمەن، ھاھاھا!)، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇنچە پۇل تېجىلىپ قالدى، بۇ يىلدا قارىغاندا ماڭا ئامەت بار ئوخشايدۇ!

بۇ تومتاقلا يېزىلىپ قالغان بىر پارچە يازما بىلكان پەد سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان ئاشۇ تورداشقا ۋە باشقىلارغا قانچىلىك ئىلھام بولالايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بىراق، ھېچ بولمىسا، بىر دانە يامان ئەمەس «قاپتىن چىقىرىش سىنىقى» تەييارلاپ چىقتىم دەپ ئويلايمەن، ئەگەر باشقا ئىش بولمىسا مەن بېرىپ پەد بىلەن يەنە بىردەم ھەپىلىشەي. ھە راست. مەزكۇر پەدنىڭ بازار باھاسى تەخمىنەن 1300 سوملار ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. تەپسىلاتىنى بىلكان شىركىتىنىڭ تور بېكىتىدىن سۈرۈشتۈرسەڭلار بولىدۇ.

تور ئادرېسى: http://www.bilkan.net



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تورخۇمار 2012.03.11 , 22:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن كەيپىم چاغ تۇرىدۇ. تۆردە ئۆزۈم ئولتۇراي. ھە راست، مەزكۇر ئىنكاس بىلكان پەدتە يېزىلدى.

    • radiofan 2012.03.12 , 11:50

      «كامېراسى مانا بۇ يەردىكەن. 200 مېگاپېكىسللىق كامېرا سەپلىنىپتۇ»
      كىم ياسىغاندۇ مۇشۇنداق 200 مىگاپىكسىللىق كامىرانى :grin:،دېمەك كامىراسى ئىككى يۇز مىليۇن پىكسىلكەندە ؟:lol:.
      2 مىليۇن پىكسىل بولار، خاتا چۇشىنىپ قالغاندەك قىلىسىللە خوشلۇقتا :mrgreen:،

    • تورخۇمار 2012.03.12 , 13:23

      ھاھا، تۈزىتىپ قويدۇم.

  2. xilas 2012.03.11 , 22:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋاندىما :mrgreen:

  3. ۋەيرانى 2012.03.11 , 22:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئەگىشەي

  4. روسلان 2012.03.11 , 22:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممەيلەن تالىشىۋەرسە دىۋان دىگەن نەرسىكەن دەپ ئۆزىڭىزمۇ ئولتۇرۇپ بىقىپسىزدە~
    لىكىن با پەد راسا بۇلىدىكەن جۇمۇ، سەپلىملىرىمۇ، ماتىرىيالىمۇ خېلى ئېسىل تۇرىدۇ

  5. روسلان 2012.03.11 , 22:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاياجانلىنىپ ئىملاسى خاتا يوللاپ ساپتىمەن، :mrgreen:
    يىتەرلىك پۇل تاپسام مۇشۇنداق مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدىن بىرنى ئىلىپ قۇيىمەن جۇمۇ:mrgreen:

  6. قازانچى 2012.03.11 , 23:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەجىرىڭىزگە چۇشلۇق مۇكاپات بوپتۇ، سىزگە ھەۋىسىم كېلۋاتىدۇ، مەن بىر نەچچە كۈن ئويناپ باقسام بولامۇ؟؟؟:lol:

  7. جوك 2012.03.11 , 23:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاھ !دى….ان

  8. جوك 2012.03.11 , 23:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‹‹ئاھ !دى…..ان››دەپ ھاياجىنىمدا تۆرگىمۇ قارىماي تۆرگىمۇ قارىماپتىمەن!ئاھ تەڭرىم تورخۇمار ئۆزى چىقىپ ئولتۇرغىنىنى قارىمامدىغان؟!

  9. جوك 2012.03.11 , 23:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما androidنى مەجبۇرىي ھالدا ئۇيغۇچىلاشۇرغانمۇ يا؟

    • ئاجايىپ 2012.03.12 , 11:07

      ھەئە، قۇلاققا ئىككىنى سېىپ كەينىگە بىرنى تىپىپ قاراپ تۇرۇپتىكەن ئۇيغۇرچە بوپتۇ :neutral:

  10. تاشچى 2012.03.11 , 23:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىنكاس يازسام كۈرۈنمەيدا؟

  11. تاشچى 2012.03.11 , 23:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىنكاس يازسام كۈرۈنمەيدا؟ ئىنكاسىڭىز تەستىق كۈتۋاتىدۇ دەيدۇ!!!:sad:

  12. تاشچى 2012.03.11 , 23:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇنۇ تور بىكەتنى گوگىل چىرومدا كۆرسە خەتلەر تازا چىرايلىق كۈرۈنمەيدىكەن . باشقۇرغۇچىغا دوستانە تەكلىپ ،خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.

    • Goodluck 2012.03.12 , 00:56

      مەن نۆۋەتتە نەق chrome دا زىيارەت قىلىۋاتىمەن، يارىمدەكلا چىرايلىق كۆرۈنىۋاتمامدۇ:lol:

  13. تاشچى 2012.03.12 , 00:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باشقۇرغۇچى مىنىڭ كۆمپىيوتىرىمدا 监听 قىلۋالغان بەزى پىروگىراممىلار بار ، مۇنداق پىروگىراممىلارنىڭ خەتىرى بارمىدۇ؟ كۆپىنچىسىنى كومپىيوتىرىمدىن چىقىرۋىتەلمىدىم . بەزىلىرىنى 百度 لاپ باقسام چىقىرۋەتسىڭىز سېستىمىنىڭ قوزغىلىشىغا تەسىر يىتىدۇ دەيدۇ ؟ مۇمكىن بولسا مۇشۇ توغىرىسدا كۆپلەپ تېما يازغان بولسىڭىز.
    سىزنىڭ كومپىيوتىر تېخنىكىڭىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە بۇ تېمىنى يازدىم ،باشقۇرغىچىنىڭ مىنى ‹سەن ئانى قىل مانى قىل دەيدىغانغا سەن كىمتىڭ ؟› دەپ خاتا چۈشىنۋالماسلىقىنى ئۈمىت قىلمەن ، مەن پەقەت بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۇشبۇ ئىنكاسنى يازدىم .

    • Goodluck 2012.03.12 , 00:59

      كومپيۇتېرىڭىزنى قانداق قىلىپ كۈزىتىلىدىغان قىلىپ قويدىڭىز؟
      ئۆچۈرۈش مۇمكىن، ئەگەر راستلا شۇنداق پروگراممىلارغا تۇتۇلۇپ قالغان بولسىڭىز، توردا دىيىلگەندەك كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قوزغىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى، ھەتتا ماتېرىياللىرىڭىزنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى مۇمكىن، بۇ شۇ پروگراممىنى يازغان پروگراممىرنىڭ ئىنسابىغا باغلىق ئىش.
      سىستېمىنى باشقا قاچىلىۋېتىڭ. قاتتىق دېسكىنى ئوبدان تەكشۈرۈڭ، پىستىرما بولۇپ قالسا، سىستېما قايتا قاچىلانغاندىن كېيىنمۇ يەنە قاچىلىنىۋېلىپ يۈرمىسۇن.

    • تاشچى 2012.03.12 , 18:09

      رەخمەت سىزگە شۇنداق قىلسام بولغىدەك.

  14. Goodluck 2012.03.12 , 00:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاپتىن چىقىرىش سىنىقى دېگەن گەپكە كۈلۈپ تاشلاپتىمەن:mrgreen:

  15. ئۆزيول 2012.03.12 , 01:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بولىدىغان نەرسىكەن قول بىلەن ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە يازغىلى بولامدىغاندۇ.؟؟؟؟؟.. دادامغا بىرنى ئېلپ بىرەي دىگەن.

  16. مەرۋايىت 2012.03.12 , 11:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەپ، خەپ، خەپ………..
    ئەجەپ كۆزۈم قىزاردى، مەنمۇ بىرنى ئېلىپ تازا ئاشۇ، قانداق قىلىدىكەنمەن قېنى……….:mrgreen::mrgreen:

  17. wiros 2012.03.12 , 12:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ناھايتى شۇ بىر تېلىفۇننىڭ پۇلىكەن ، ئەگەر ئۇيغۇرچە ئەپلەر كۆپلەپ بارلىققا كەلسە ، مەسىلەن : ئېلىكترونلۇق باللار چۆچەكلىرى دىگەندەك ،،، ئەلۋەتتە بىرنى ئېلىپ بىلكاننى قوللاپ قويساق بولغۇدەك !

  18. زەبۇران 2012.03.12 , 15:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەسىمدە ئاياق كىيىمنىڭ ئىلانى چىقۋالدى بۇمىنىڭ كومپىيتۇرۇمنىڭ مەسلىسمۇيا؟ مەن ۋېن8نى قاچلاپ تۇنجى تورخۇمارنى كۆرگەن بۇرۇن ۋېن7دە ئۇنداق ئەمەستى

  19. ئۆزخان 2012.03.12 , 17:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندىمۇ شۇنداق رەسىم ئۇستىگە ئېلان چىقىۋالدى. بۇنى كۆرۇپ ئېلان قويۇشتا ھىچقانداق تور بىكەت تور خۇمارنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.:lol:

  20. تاتلىق 2012.03.12 , 17:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇبارەك بولسۇن

  21. بۆرەيار 2012.03.12 , 18:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولسا بىرنى سېتىۋېلىپ قوللاپ قويۇڭلار باللا.

    post script : ئاۋۇ رەسىملەرگە چاپلانغان ئېلانلار شۇنداق بېزەڭلىك قىلدىكى ئۆچۈرۈپمۇ ئۈلگۈرۈپ بولالماي ئاخىرىقى بىرقانچە رەسىمنى كۆرمەي قويۇپتىمەن.

  22. ئۇدۇن 2012.03.12 , 18:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېچىمگە ئوت چۈشتىيا:mrgreen: بەك بەلەن لاھىيەلەنگەنكەن . كىيىن چوقۇم بىرنى سېتىۋالمىسام خەپ. كەينىگە ئۇدۇن بلوگى دەپ يازدۇرۋالالىسام تاغدەك ناۋات ئىش بولاتتى!!!

  23. پالۋان 2012.03.28 , 11:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يوقسۇ تەقسىر ، مەن بىلكان پەدنىڭ 2300 يۇەنلىكىنى1ئاي ئىشلىتىپ باقتىم ، قولىڭىزدىكىگە ئوخشاشنىمۇ 1 ئاي ئىشلىتىپ باقتىم ، گەپنىڭ راستىنى ئىيىتسام ، ھەر ئىككىلىسى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن، بولۇپمۇ 2300 يۇەنلىك(ئارقىسى ئاق رەڭلىك) كى ياخشى ئەمەس ئىكەن، تولا قىتىۋىلىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدىكەن، لىكىن ئىكرانى سۈزۈك ، مائۇس چىتىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، لىكىن usb غا بارماق دىسكا چاتساملا قىتىپ قالىدۇ… 1300 يۇەنلىك (ھەممە يىرى قارا ) سى ئانچە قىتىپ قالمايدىكەن، لىكىن ئىكرانى سۈزۈك ئەمەس … يا كارتا سالغىلى بولمىغان….

    • Forever 2012.03.28 , 14:14

      مۇكەممەل نەرسە بولمايدۇ ، بۇ ئىشلارمۇ كىينچە ئوڭشىلىپ كېتەر …

  24. ئابدۇللام 2012.03.28 , 14:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يىقىندا بىلكان شىركىتى تىلگىراف3 جى قوللايدىغان تىل كارتىىسى
    سىلىپ تىلفۇن ئۇرغىلى بولدىغان ئىقتىدارى يۇقىرى پەد نى بازارغا چىقىردىكەن.

  25. رىشتە 2012.03.28 , 19:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بىر ئايدىن بۇيان 7ديوملۇقنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. شۇنداق ياخشى، ئانا تىلىنىڭ ھۇزۇرى يەنىلا باشقىچە جۇمۇ…

  26. ئېسيان 2012.07.04 , 12:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ھەممىدىن بەك پەيزى بىلىنگىنى بىلكانپەد ئېچىلغاندا چىققان بادام دوپپا كەيگەن ئاندرويىدچاق بولدى. :wink:

  27. بۆرە تىگىن 2012.09.15 , 21:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ۋاكالىتەن ساتقۇچى ، تىببى ئونۋرستتا ئۇقۇيمەن ، tel:18199306717 بېلكان پەد ياكى بېلكان ئاقىل تىلفۇنى ئالماقچى بولساڭلار مەن بىلەن ئالاقىلشڭلار..
    qq:390067391

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量