ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، دەرغەزەپكە كېلىش، كۈلۈشىنى ياكى يىغلاشنى بىلمەسلىكنىڭ قانداق پەرقلىرى بار؟
ئوغلى چوڭ ئەيسادىن سوراپتۇ: – دادا، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، دەرغەزەپكە كىلىش، كۈلۈشىنى ياكى يىغلاشنى بىلمەسلىكنىڭ قانداق پەرقلىرى بولىدۇ؟ چوڭ ئەيسا: -مەن بىر تەجرىبە ئىشلەپ بەرسەم شۇ ھامان بىلىۋالايسەن! گىپىنى تۈگىتىپلا چوڭ ئەيسا يانچۇقىدىن قول تېلىفۇنىنى ئېلىپ، تېلفۇن خاتىرىسىدىن «ئادىل مىجىت» دىگەن ئىسىمنى تېپىپتۇدە، قول تېلفۇننىڭ ياڭراتقۇسىنى ئېچىپ قويۇپ، تېلىفون ئۇرۇش كونۇپكىسىنى بېسىپتۇ…
چوڭ ئەيسا: -ۋەي، ئابدۇكىرىم ئابلىز بارمۇ؟
ئادىل مىجىت: -خاتا ئۇرۇپ قاپسىز.
چوڭ ئەيسا:-چاقچاق قىلماي ئابدۇكىرىم ئابلىزنى چاقىرىپ قويسڭىز!
-خاتا ئۇرۇپ قاپسىز دىدىمغۇ! -شۇنداق دەپلا ئادىل مىجىت تېلفۇننى قويۇۋىتىپتۇ.
بىر ئازدىن كىيىن چوڭ ئەيسا تېلفۇننى يەنە قايتۇرۇپ ئۇرۇپتۇ.
-ۋەي، ئابدۇكىرىم ئابلىز بارمۇ؟
-كىم سەن زادى؟ تېلفۇننى خاتا ئۇرۇپ قاپسەن!
-ۋاي ئابدۇكىرىم ئابلىز بارمۇ؟
-قانداق كاللىسىنىڭ دەردى بار نىمە ماۋۇ!-ئادىل مىجىت شۇنداق دىگىنىچە تېلفۇننى يەنە قويۇۋىتىپتۇ.
بىر ئازدىن كىيىن چوڭ ئەيسا تېلفۇننى يەنە قايتۇرۇپ ئۇرۇپتۇ.
-ۋەي، ئابدۇكىرىم ئابلىز بارمۇ؟
-قانداق نىمەۋا سەن؟ ئىچىڭ پۇشۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟
-ۋاي مەن تۆمۈرخان، ئابدۇكىرىم ئابلىزنى ئىزدەيىتتىم!
-مەن داداڭ! ھۇ….
ئادىل مىجىت شۇنداق دىگىنىچە تېلفۇننى «تاراققىدە» قويۇۋىتىپتۇ.
چوڭ ئەيسا بالىسىغا دەپتۇ:-مانا بۇنى ئاچچىقلىنىش دەيمىز، ئەمدى ساڭا غەزەپلىنىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قوياي.
يەنە تېلفۇننى قايتۇرۇپ ئۇرۇپتۇ.
-ۋەي، ئابدۇكىرىم ئابلىز بارمۇ؟
-ھەي، ھايۋانمۇ سەن ئادەممۇ؟ يەنە تېلفۇن ئۇرۇدىغان بولساڭ كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىمەن باكار……
ئادىل مىجىت بوغۇلغۇدەك بولۇپ تېلفۇننى زەردە بىلەن قويۇۋىتىپتۇ.
-مانا بۇنى غەزەپلىنىش دەيمىز. ئەمدى دەرغەزەپكە كىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قوياي-دىگىنىچە چوڭ ئەيسا بايىقى نۇمۇرنى يەنە قايتۇرۇپ بېسىپتۇ. بۇ قېتىم ئادىل مىجىت تېلفۇن خېلى ئۇزاق سايرىغاندىن كىيىن ئاندىن ئاپتۇ.
-ھۇ ئا……
ئادىل مىجىتنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى چىقماستىنلا چوڭ ئەيسا دەپتۇ:
-ۋەي، مەن چوڭ ئەيسا!
-ھە……بۇ…… ۋاي ئاداش كەچۈرگىن، باياتىن بىرى تېلفۇن ئۇرۇپ قەستەن چىشىمغا تىگىۋىدى. مەن تېخى يەنە شۇ ئوخشايدۇ دەپ ……. پەقەت كۆڭلۈڭگە ئالمىغىن!
-ھە ھېچقىسى يوق. ئابدۇكىرىم ئابلىز بارمۇ؟
-ھۇ ئا……
چوڭ ئەيسا شۇ ھامان تېلفۇننى قويىۋىتىپ ئوغلىغا:-مانا بۇنى دەرغەزەپكە كىلىش دەيمىز. چۈشەندىڭمۇ؟
-چۈشەندىم. ئەمدى كۈلۈشنى ياكى يىغلاشنى بىلمەسلىك قانداق بولىدۇ؟
چوڭ ئەيسا بىرنى كۈلۈپ قويۇپ تېلفۇننى يەنە قايتۇرۇپ ئۇرۇۋىدى، ئادىل مىجىت تېلفۇننى ناھايتى تىزلا ئېلىپ:
-ھەي ھەلەپ يەيدىغان! زادى نىمە گىپىڭ بار سىنىڭ؟ سەن زادى…….
-ۋەي، مەن ئابدۇكىرىم ئابلىز. باياتىن بىرسى مىنى ئىزدەپ مۇشۇ نۇمۇرغا تېلفۇن ئۇرغانمىدى؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېلىفون، قىزىقارلىق، ھەزىللەش، يۇمۇر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,385 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: angry-crazy-dumbfounding-difference.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > روسىيە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى! تەلۋىلەرچە تەبرىكلەش مۇشۇ بولسا كېرەك؟
- كېيىنكى يازما > تۇيۇقسىز ئامىتىم كېلىپ تېخى بازارغا سېلىنمىغان بىر دانە 7 ديۇملۇق بىلكان پەدنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم…
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] باشلانغۇچ مەكتەپ خانىمى سوپىيەمنىڭ ئۇچرىشىشى
بۇگۇن دىۋان ماڭا قاپتۇ، كىملەرنىڭ ئىچى ئوت بوپكەتكەناۇ ھە
بۇگۇن دىۋان ماڭا قاپتۇ، كىملەرنىڭ ئىچى ئوت بوپكەتكەندۇ ھە ! ئامال يوق سەۋىر قىلىڭلا دىۋان مەستانىللىرى
ئىسمىڭلىنىڭ لاۋزىلىقىغا باقماي ئىنكاسىڭلىنىڭ ئاندىن تايىنى يوق ئاداشكەنسىلە، دىۋانچى باللا بوغان بولسىمۇ خېلى پاكىز ئولتۇراتتى دىۋاننى بۇندا پوق قىلماي. يازمامنى ئوقۇيچۇ ئولتۇرۇپ!
تىمىنى ئۇقۇماي تۇرۇپ ئاران ئولتۇردۇم دىۋانغا ،
ۋوي تېتپ باققان ئوخشىمامسىز ئىسمىمنى ، سىزگە ئوخشاش سېسىق گەپ قىلىپ ئۈزىنى كۆرسىتىدىغان گەدەنكەشلەرگە تېتىش ئۈچۈن قويغان ئىسىم بۇ .ئىسمىمنى سېسىق دىگەن زۇۋانىڭىزغا جۇمۇ ….
يازمىنى ئوقۇپ شۇنداق يەڭگىللەپ قالغان ئىدىم، ئاستىدىكى قىرىندىشىمنىڭ قويۇۋالغان تورنامى كۆڭلۇمنى بەك غەش قىلدى، بۇنداق مەينەت نام قوللىنىۋالغانلارنىڭ ئىنكاسلىرى قانداق بولشىدىن قەتئى نەزەر ئەخلەت ھېسابىدا ئارقا بەتتىلا بىرتەرەپ قىلنىشى كېرەك.
بىز يۇقۇردىكى تېما ئۇستىدە مۇنازىرلەشمەي ھەي……..
ۋاي ….ۋۇي نىم بوپ كەتتى ،يازمىنى كۆرۇپ شۇنداق كۇلۇپ تىم ئىنكاسنى كۆرۇپ ………
تورخۇمار ،نىم بولدى ئەمدى
نېمىدىگەن قىزىق!! چوڭ ئەيسانىڭ بالا تەربىلىشىمىۇ بولىدىكەن جۇمۇ! لېكىن زە مۇشۇ بىر نەچچە ئىنكاسنى تازىلىۋىتىش كىرەكمۇ نېمە؟
دەھشەت نىمىكىنا ئاۋۇ ئۈستىدىكى،
تورخۇمارنىڭ ئىنكاسلىرى قىززىيدۇ جۇمۇ
بۇ كۆچۈرۈلگەن تېما!ئاپتورى ئۇيغۇرچچ تورىدا مەنتىم بۇرۇن.بىراق مەنمۇ كۆچۈرگەن
تورخۇمارنىڭ ئىنكاسلىرى قىززىيدۇ ئۇدىگەن تورخۇمار تۇرسا