تورخۇمارلار كۇلۇبى قايتىدىن تولۇق ئېچىۋېتىلدى!
تورداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، 10 كۈنلەر ئاۋال بېكەت پروگراممىسى قويۇلغان مۇلازىمېتىر مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى توختىتىلغاندىن كېيىن، بىر ھەپتىدىن ئوشۇق ۋاقىت بېكەتنى نورمال زىيارەت قىلىشقا ئامال بولمىدى. ئويلىنىش ئارقىلىق تورخۇمار ئۈچۈن يېڭىدىن تور بوشلۇقى سېتىۋېلىش ھەققىدە قارار چىقارغاندىن كېيىن، بۈگۈن تورخۇمار قايتىدىن رەسمىي ئېچىۋېتىلدى…
تورخۇمار ئېچىلمىغان بۇ 10 كۈن جەريانىدا مەنمۇ بەك جىلە بولدۇم ھەم بوشلۇق ساتقۇچى تەرەپ بىلەن جىق ئالاقىلاشتىم، ئۇلار ئەسلىدە ئىككى كۈن ئىچىدە ئەسلىگە كېلىدۇ دېگەن بولسىمۇ، بىراق مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى يەنىلا بۈگۈنكىچە سوزۇلۇپ كەتتى. بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان 10 كۈن ئاللىقاچان مېنىڭ پەرىزىمدىكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇنۋېرسال ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى ھازىرقى باھاسى تۆت خانىلىق ساندىن ئاشىدىغان بۇ تور بوشلۇقىنى سېتىۋېلىپ بېكەتنى يۆتكەپ چىقتىم. بىلمىدىم بۇ پۇلنى قايسى ئاي قايسى كۈنلەردە تېپىپ بولارمەنكىن ئەمدى؟ >_<…
بىر قىسىم قۇرۇق گەپلەر:
تورخۇمار ئېچىلمىغان بۇ 10 كۈندىن بېرى، خېلى كۆپ قىسىم تورداشلار ھەر كۈنى ھەر سائەت دېگۈدەك مەندىن نېمىشقا ئېچىلمايدىغانلىقىنى سوراپ تۇردى، ئەسلىدە خېلى كۆپ ئادەم تورخۇمارنى ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر قېتىم كۆرۈپ باقىدىغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن جىددى ۋە قىسقا قارار چىقىرىش ئارقىلىق تور بوشلۇقىنى ئالماشتۇرىۋەتتىم.
شۇنىڭ بىلەن، نەچچە كۈندىن بېرى بىكار ۋاقىت تاپساملا يېڭى بوشلۇقنىڭ ساندان ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى تەڭشەش، پروگرامما ۋە قىستۇرما رەسىملەرنى تورغا يۈكلەش(تورخۇماردىكى قىستۇرما رەسىملەرنىڭ ئۆزىلا 600MB دىن ئاشىدۇ) قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدۇم. ھازىر مانا ئاخىرى، ھەر ھالدا ئىلگىرىكى ئۇچۇرلار تولۇق يۆتكەلگەن ھالدا ئېچىۋېتىلدى!
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ 10 كۈن جەريانىدا مەن يەنە تورخۇمار ئۈچۈن يېڭى ئۇسلۇب تەييارلاشقىمۇ ئۈلگۈردۈم(يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇپ كەتكەن ۋاقىتلارمۇ بولدى)، ئەلۋەتتە، يېڭى ئۇسلۇب دېيىشكە بولماس. كۆپچىلىك tedbirkar.net نىڭ ئۇسلۇبىنى بەلكىم ئاللىقاچان كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. WordPress تىكى نۇرغۇن قىستۇرمىلارنىڭ سېستىمىغا بايلىقىنى خورىتىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغاچ، نۆۋەتتە تورخۇمارنىڭ ئۇسلۇبىدىكى خېلى كۆپ قىسىم قىستۇرما ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىغان جايلارنى ئۆزۈم كود يېزىپ ھەل قىلغاچ، يېڭى ئۇسلۇبقا بىراق يۆتكىلىش ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى. شۇڭا ھازىر سىلەر كۆرۈۋاتقان ئۇسلۇبنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسىدا tedbirkar.net نىڭ ئۇسلۇبىنىڭ تېرىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يۆتكەپ چىقتىم ۋە يەنە يېڭىدىن بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ باردىم. ئەسلىدە بۈگۈن يېڭى ئۇسلۇب بىلەن قوشۇپ بىراق ئېچىۋېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ، بىراق يەنىلا IE6 قاتارلىق تور كۆرگۈلەردە ھەل قىلىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەمدە يېڭى ئۇسلۇبغا ماسلاشتۇرۇپ تورخۇمارنىڭ يېڭى ماركىسىنى لايىھەلەش قاتارلىق ئىشلار تۈپەيلى بۈگۈنگە ئۈلگۈرمەي قالدى. بەلكىم يېقىن ئارىدا تۇيۇقسىز ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىم مۇمكىن. ناۋادا تورخۇمارغا ماس كېلىدىغان ئۆزگىچە ماركا لايىھەلەپ بېرەلەيدىغانلار بولسا، كاتتا ئىنئام بېرىلىدۇ، ھاھاھا!
Tedbirkar.NET پات يېقىندا ئەسلىگە كەلتۈرىلىدۇ
يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، tedbirkar.net نىڭ ئۇسلۇبى تورخۇمار ئۈچۈن ئىشلىتىلدى، ئۇنداقتا تەدبىركار بىلەن تورخۇمار ئوخشاش بوپ قالامدۇ؟ ياق. كۆپچىلىكنىڭ ئىككى ياققا قاتراپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، مەن يەنە شۇنداقلا ئويلىنىش ئارقىسىدا يەنە بىر قارارنى چىقىرىپ سالدىم. tedbirkar.net تىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار مۇتلەق كۆپ قىسىم ساندىكى ماقالىلەر تورخۇمارغا يۆتكىلىدۇ، تەدبىركار بەلكىم بۇندىن كېيىن مېنىڭ شەخسى تور تۇرايىمغا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. چۈنكى، مەن بىر ئادەم يازما يېڭىلاش، تېخنىكىلىق ئىشلار تۈپەيلى ئىككى بېكەتكە تەڭ ۋاقىت چىقىرىپ بولالمايدىكەنمەن، ھەم بۇنداق بولغاندا تورداشلار پەقەت بىرلا بېكەتتىن ئۆزى خالىغان مەزمۇننى تاپالايدىكەن.
ئەلۋەتتە، tedbirkar.net تىكى يازمىلار تورخۇمارغا يۆتكىلىش تۈپەيلى ئەسلى يازما ئادرېسى كۈچتىن قالمايدۇ، ئەسلى يازما ئادرېسىنى ئاچقان ھامان تورخۇماردىكى ماس تور ئادرېسىغا يۆتكىلىدۇ. بۇ خىزمەتلەر بەلكىم يېقىن ئارىدا تاماملىنىشى مۇمكىن.
يەنە دەيدىغان نېمە گەپ قالغاندۇ؟
شۇنداق قىلىپ، كۆپچىلىككە يۈز كېلەلمەيدىغان، تورخۇماردا ئاسان كۆرگىلى بولمايدىغان بىر مەسئۇلىيەتسىز يازما مۇشۇنداقلا يېزىلىپ قالدى. كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئالغىنىمدىن خىجىلمەن. بىراق، ھېچ بولمىسا تورخۇمارنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىگە مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا خۇش بولدۇم، ئاخىرىدا مېنى قوللىغان تورداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن! تورخۇمار سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ لەززەت بېغىشلىغۇسى!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: پاراڭ، تور بېكەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,671 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: torhumar-has-been-restored.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تۇيۇقسىز ئامىتىم كېلىپ تېخى بازارغا سېلىنمىغان بىر دانە 7 ديۇملۇق بىلكان پەدنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم…
- كېيىنكى يازما > تور دۇنياسىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم ئۆزگىچە تاڭسۇق پاراڭلار
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- [پارول] دوختۇرخانىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار
- تورخۇمار يەنە بىر قېتىم ئەسلى ئورنىدا تولۇق قان بىلەن تىرىلدى!
- ھوللىۋودنىڭ «زامان ئاخىرى» فىلىملىرى نېمىشقا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ؟
- ناۋادا FaceBook، Twitter، Google قاتارلىق تور بېكەتلەر 90-يىللاردا ئېچىلغان بولسا قانداق قىياپەتتە بولار ئىدى؟
- Facebook ۋە بىر مىليارد ئابونت | بۇ غايەت زور سانلىق مەلۇمات زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟
- يوقىلىپ كەتكەن ئاشۇ تور بېكەتلەرنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگۈڭىز بارمۇ؟
- كۈندە قايسى ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى زىيارەت قىلىسىز ؟ تورخۇماردا بۇ ھەقتە ئورتاقلىشىپ باقمامدۇق؟!
- شىشىخالدا رەسىم ياساش، ھەرقانداق رەسىمىڭىزنى نەچچە سكونتتىلا شىشىخالدا ياسالغان رەسىمگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ
- تەبرىك | تورخۇمارنىڭ 1000-يازمىسىغا مۇبارەك!
بەك ياخشى بوپتۇ .نەچچە كۈندىن بىرى كىرەلمەي بەك جىلەبولغانتىم .ئەمدى ياخشى بولدى .ھەي مەنمۇ ياردەم بىرەلىگۈدەك ئىشلار بولغان بولسا ياردەم بىرەتىم لىكىن كومپىيۇتېر سەۋىيەم يۇقۇرى ئەمەس
يوۋ ئاخىېرى ئېچىلدى ھە …ما تور بەت ….
دىۋان ماڭا ئاشامۇ يا ؟؟؟
ئازراق پو ئېتىۋاپتۇق، يېڭى ئۇسلۇب چىققاندا كۆرەمىز!
يېڭى ئۇسلۇبنى كۆرۈشكە كۆزىمىز 4 بولۇپ كەتتى…
ئوخخو . . . . . .
تىڭجى بوغىلى خېلى بوغان، ئاخىرى ئېچىپسىزدە .
تورخۇمار يېڭىلانماي، خۇمار تۇتۇپ ئۆلەي دىدىم جۇما!! ھەممىدىن خەۋەردار ئۇزۇن قۇلاق بىر زادنىڭ مۇخپىرغا ئېيتىشىچە، يېڭى ئۇسلۇبتا دېۋان يوقمىش، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا بۇ نېمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟ نۆۋەتتە ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ئىشقا كۆز-قۇلاق بولماقتا. بۇ ئىشقا قارىتا دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى ئىنىق ئىپادە بىلدۈرۈشى مۇمكىن.
تورخۇمارنىڭ سۈرىتى تېزلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلۋاتىمىيا ، باھاسى تۆت خانىلىق ساندىن ئېشىپ كەتكەنگە شۇنداقتۇ، ئەنسىرمەڭ بىزمۇ تورخۇمارنى ئارلاپ بولۇپ گاڭگو لارنىمۇ ئارلايمز
مۇبارەك بولسۇن بىزدەك يېڭى بىلوگىرلانىمۇ قوللاپ قۇيارسىزلەر
بولسا ئۆزئارا قوللاش ئۈچۈن ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇپ قويساق….
http://www.qutbeg.com
http://www.qutbeg.com/logo.gif
ئەسسسالامۇئەلەيكۇم
تورخۇمارنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
كۈندە ئون كويلۇقتىن چېكىپ قويسام 100 كۈندە، 100كويلۇقتىن چېكىپ قويسام ئون كۈندە چىقىم تۈگەيدىكەن، بىردەملىك.
يووو..ئەمدى ئەسلىگە كەپتۇ بۇ …
تورخۇمارغا بولغان سىغىنىشىمنى سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزمەن
پوخخو……….
تور خۇمار ئىچىلماي تورغا چىققاندەك بولمىغانتىم، ئەمدى تورغا چىققاندەك بولۋاتىمەن.
مەن بۇ ئۇسلۇبنى ئەمدى كۆرەلمەي قېلىشىمدى ئاجايىپ ئەنسىرەۋاتىمەن !
ئەمدى بىزمۇ قورقماي ساتساق بولغۇدەك!@
بەك ياخشى بولۇپتۇ،لىكىن مەن تەدبىركارغا چىقالمىدىمغۇ؟
ئۇ توردا ماڭا يارىغان نۇرغۇن يۇمتاللار بار ئىدى.
مۇبارەك بولسۇن
ئۇف ، ئەجەپ تەستىمۇ بىر ئېچىلدىيا ما بلوگ ، كەينىدىراق بىلىپ قالدىممۇ نېمە خەۋەرنى مەن – ھە ؟ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇرۇنقىدەك ئەڭ تېز سۈرەتتە يېڭىلىنىپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئېنكاس يازماي كەلگەن ئىدىم . بىكەت نەچەچە كۇندىن بۇيان ئىچىلماي بىرخىل بولۇپ قالغان ،
ياپاناھ! ئاخىرى ئىچىلدى – دە تورخۇمار!
ئىزدەپ بارمىغان ھېچيەر قالمىدى، تاسلا قالدىم تېلىۋۇزۇرغا ئىلان بەرگىلى. خاتىرجەم بولۇڭ تەدبىركار ئەپەندىم، كۆپچىلىك ئەجىرىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ، ئىلانلارنى چىكىپ قويىمىز، تۆت خانىلىق پۇلىڭىز بەش خانە بوپ قالامدۇ تېخى!
مۇبارەك بولسۇن!!
ئاخىر ئىچىلدى ….
نەچچەكۇندىن تورخۇمارغا چىقالماي شۇنداق تىت تىت بولغانتىم، كورۇپ بولغان تىمىلارنى قايتا كورۇپ تورخۇمارىمنى باساي ئەمدى
تور خۇمار بولمىسا بولمايدىكەن، نەچچە كۈندىن بىرى بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
ئايدا 5 خانىلىق كىرىم بولسا 4 خانىسىنى ئۇياققا تۆلىسىڭىز بىر خانىسى سىزگە قالسا بولا ؟
ئاخىرى ئەسلىگە كەلدى. يازمىلارمۇ يىغىلىپ قالغان ئىدى
تورخۇمار يوق ياقا يۇرتتا دەرۋىش بولۇپ كەتكىلى تاس قالدۇق دەيمەن.
تورخۇمارغا بوشلۇقنى قەيەردىن سېتىۋالىسىز تەدبىركار ئەپەندىم…بوشلۇقنىڭ سۈرئىتى بەك ياخشىكەن
بولسا ماڭىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويسىڭىز
تورخۇمار بولمىسا ئادەمنىڭ تورغا چىققۇسىمۇ كەلمەيدىكەن،ئەسلىگە كىلىپ بەك ياخشى بولدى