[بىر كىنو بىر دۇنيا] كۆرۈپ بولغۇچە ساراڭ قىلىپ قويغۇدەك ۋەھىمىلىك كىنو- قورقۇنۇچلۇق ساياھەت كېمىسى
ئىنسان ھاياتى ئەسلىدىنلا ئىككىدىن بىرنى تاللاشقا مۇقۇملاشتۇرۇلغان بولسا كېرەك. بىز دائىم بىر چەمبىرەك ئىچىدە ئوخشاش بىر نىشان ئۈچۈن قايتا-قايتا تىركەشلەيمىز. شۇ جەرياندا كۈتۈلمىگەن ئىشلار بىزنى كۈتۈلمىگەن تەقدىرلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. ئەگەر ھاياتىڭىزدا مۇمكىن بولمايدىغان بىر نەتىجىگە سىز ھەرگىز قىيالمايدىغان بەدەل بىلەن مەجبۇرلانغان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتسىز ئادەم دىيىشكە تامامەن ھەقلىقسىز. خۇددى تۆۋەندىكى فىلىمدە تەسۋىرلەنگەندەكلا …
ھېلىمۇ ئىسىمدە، مەزكۇر كىنونى ئەينى ۋاقىتتا ھەزىرەتجاننىڭ (ھەزىرەت گىرافىكىدىن ) تەۋسىيەسى بىلەن كۆرۈپ، قاتتىق تەپەككۇر قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن ئىدىم. مەن دەل مۇشۇنداق يىشىمىنى تەسسەۋۇر قىلىش قىيىن بولغان كىنولارنى كۆرۈشكە ئامراق بولغاچ، ھازىرغىچە بىر نەچچە قېتىم كۆرۈپ بولدۇم. لېكىن ھەر كۆرگىنىمدە فىلىمنى تېخىمۇ چۈشەنگەندەك ھېس قىلىمەن. خۇددى ئالدىنقى قېتىم تەۋسىيە قىلغان فىلىمغا ئېيتىلغاندەك، ۋەھىمىلىك فىلىمنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن چوقۇم جىن- ئالۋاستىلارنىڭ ئوبىرازىغا ئىسىلىۋېلىشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوقلىقىنى مانا مۇشۇنداق فىلملاردىن ھېس قىلىمىز.
تەشۋىق فىلىمى
فىلىم ۋەقەلىكى ھەققىدە :
فىلىمدە : بويتاق ئانا جېشى ۋە بىر قانچە دوسلىرى بىرلىكتە بىر قېتىملىق دېڭىز سەيلىسىگە چىقىدۇ. لېكىن قانداقتۇر بىر خىل ۋەھىمىلىك تۇيغۇ ئۇنىڭ نېرۋىسىنى ئەسىرا قىلغان بولۇپ، خۇددى بىر يامانلىق يىتىپ كېلىۋاتقاندەكلا تۇيغۇدا بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۇيۇقسىز كەلگەن كۈچلۈك دېڭىز بورىنى ئۇلارنىڭ كېمىسىنى ۋەيران قىلىدۇ. دېڭىز ئۈستىدە كېمە پارچىلىرىغا يامىشىپ يۈرۈپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۈلگۈرگەن بۇ بىر توپ ياشقا پەقەت باشقا كېمىلەرنىڭ كېلىپ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامالى قالمايدۇ. دەرۋەقە بەختىگە يارىشا ئۇزۇن ئۆتمەيلا غايەت زور بىر ساياھەت كېمىسى ئۇلار تەرەپكە قاراپ ئاستا-ئاستا كېلىدۇ. غايىبتىن كەلگەن تەلەيگە ئالەمچە خوش بولغان ئۇلار ئالدىراپ-تىنەپ كېمىگە چىقىدۇ. لېكىن بۇ غايەت زور كېمىدە ئىنسان قارىسى كۆرۈنمەيدۇ. ھەتتا ئۇلار بۇنىڭ 1930- يىلى تۇيۇقسىز غايىب بولغان سىرلىق كېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بايقايدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي بايقالغان قان داغلىرى ۋە سىرلىق بەلگىلەرگە ئەگىشىپ، ئۇلارغا قارىتىلغان ۋەھشى قەستلەش ھەركەتلىرى باشلىنىپ كېتىدۇ. ھەممە ھەمراھلىدىن ئايرىلىپ نۆۋەت ئۆزىگە كەلگەن جېششى جىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قاتتىق تىركىشىدۇ. ئەمما قاتىل تەرىپىدىن غالىپ كەلگەن جېششى ئىشنىڭ ئۇنداق ئاددى ئەمەسلىكىنى، ھەمراھلىرىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭمۇ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى، يەنى ئوخشاش بىر ۋەقەلىكنىڭ ئوخشاش كىشى ۋە ئوخشاش بىر سورۇندا قايتا-قايتا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇنداقتا جېشى بۇ تىراگىدىيەنى ئاخىرلاشتۇرالامدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن قايتا-قايتا بۈ كېمىگە چىقىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ، بۇنىڭدا قانداقتۇر بىر موھىم سەۋەب بارمۇ قانداق ؟جاۋابىنى فىلىمدىن ئىزدەڭكى كۆرگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلمايدىغىنىڭىزغا كەمىنە ۋىرۇس كاپالەتلىك قىلىدۇ.
توردىن كۆرۈش نۇقتىلىرى
youku تورىدىن كۆرۈش | tudou تورىدىن كۆرۈش | 56 تورىدىن كۆرۈش
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش (شۈنلېيدىن چۈشۈرۈش)
RMVB نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش 439MB | مەنبە : تورخۇمار بلوگى | HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش 1.58GB
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم، قورقۇنچلۇق، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 20,321 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: triangle.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاللاھ خالىسا دىيىشنى ئۇنۇتماڭ ماقىما ! بولمىسا ئاسماندىن تاش ياغمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ
- كېيىنكى يازما > pixar نىڭ 2012- يىلدىكى ئەڭ نادىر قىسقا كارتون فىلىمى _ La.Luna | ئاي شوتىسى ھەققىدىكى رىۋايەت
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
ئەتتىگەندە دىۋاندا ئولتۇرۋالدىم دېسە!
بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىمەكچى. نۆۋەتتە يېزىقى تەرجىمە قىلنىپ بولدى، پىرىسلاش باسقۇچىدا بولۇپ پات يېقىندا ئاق بۈركۈت تورىدا ئېلان قىلىندۇ . ھەقىقەتەن ئېسىل فىلىم
بەك ئاجايىپ كىنو بۇ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈپ دىگەندەك ئايغى چىقماس كىنو
مەزمۇنى ياخشى دەك قىلدۇ كۆرۇشنى باشلاي ئەڭ سۇزۇكىنى چۇشۇرۇپ . سۇزۇك بولمىسا كىنو كۆرگەندەك بولمايدىكەن كىشى
بۇنى ئاقبۈركۇتتىكى بەگلەر تەرجىمە قىلىشى مۇمكىن
ھەرنىم بولسا ئاخشاملىققا كۆرىدىغانغا بىرنەرسە چىقتى !
نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۇشەندىم ؛
شەنبە كۇنى ئەتتىگەن ، jess ئوغلىنى ئېلىپ دوسلىرى بىلەن دېڭىز سەيلىسىگە ئالدىراپ ماڭدۇ (توڭلاتقۇنىڭ ئۇستىدىكى قەغەزگە ئۆزىگە ئەسكەرتىپ تۇرۇش ئۇچۇن ؛ Greg,the trangle harbor 8:30 دەپ يېزىپ قويدۇ ) ئوغلى رەڭنى تۆكىۋېتىپ ۋاقىت قىستاپ قالىدۇ ، شۇڭا ۋاقتىدا بېرىش ئۇچۇن ماشىنىنى تىز ھەيدەپ قاتناش ۋەقەسى چىقىدۇ ئوغلى بىلەن ئىككىسى نەق مەيداندا ئۆلىدۇ ، ئۆلگەن ۋقىت (8:17).jess نىڭ روھى ساكىراتتىكى چاغدا بىر ئۇچۇرشىشقا ئۇلگۇرشى كېرەكلىكىنى ئەسكە ئالىدۇ ۋە ئەزرايىلدىن Greg بىلەن بىر كۆرۇش ۋېلىشنى ئۆتۇندۇ (شوپۇر ۋاقىت ھېىساپلاپ بەرگەن ۋاقىت شۇ ) لېكىن ئايال بىر كېتىپ قايتىپ كەلمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن كەينى -كەينىدىن دەۋرىلىك پاجە باشلىندۇ .
پەقەت ئەستە قالغان ئازراق خاتىرگە تايىنىپ شۇنداق بولدۇ شۇڭا قايتا-قايتا ئوخشاش ئىش يۇز بېردۇ .
يەنە بىر ئويلىغۇنۇم تەبى قانۇنىيەت بىلەن تىكىشمەڭ ، قانداق قىلشىڭىز بىلەن ئەمىلى قانۇنىيەتنى ئۆزگەرتتەلمەيسىز .
مەن قورقۇنچلۇق كىنولارغا بەك ئامراق . ئاخىرى كۆرىدىغان بىر ۋەھىمىلىك كىنو چىقتى دېسە .
شۇغىنىسى ، كەچۈرۈڭ سىز تۇرىۋاتقان رايوندا كۆرگىلى بولمايدۇ دەيدۇ . يۇتۇبقا خەنچىسىنى يازسام چىقىرىپ بەرمىدى بۇ كىنونى . لەۋ يالاپ ئولتاردىم .
traingle كەن ئېنگىلىزچىسى . ئەمما ساپلا تەشۋىق فىلىمى باركەن دېسە.
مەن تەمىنلىگەن كۆرۈش ئادىرىسىدىن كۆرسىڭىز بولمىدىمۇ ؟
چۈشۋاتدۇ ئەتىگەنياقى ئاران70% بوپتۇ
راس گەپنى قىلسام مەن چۈشنەلمىدىم،ئاخىردا بۇ پاجىئە تۇگەمدۇ يوق؟
مەن بۇ فىلىمنى كۆرۇپ چىقتىم راستىنلا ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم ئىكەن ،مۇشۇنداق ئادەمنى ھەيرانغا سالدىغان ۋەھىمىلىك فىلىمگە قىزىقىمەن .
幻影凶间1408،致命ID
دەل مۇشۇنداق خىلدىكى ياخشى چىققان فىلىم .
بۇ 恐怖游轮نىڭ 风行توردا سۇزۇك نىسقىسى بار ئىكەن .
ئەمما قەتتىي بىلەلمىگىنىم نىمىشقا ياقتا قايتا يۇزبىرىدۇ،
قايسى غايىۋى كۇچ ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق بولشىغا تۇرۇتكە بولىدۇ ،ئالۋاستىمىدۇ ؟ياكى ئۇلاردىكى ئەپسانە خىيالمۇ ؟
بۇنى ھازىر ئاقبۈكۇتتىكى كاتتىۋاشلار تەرجىمە قىلىپ بولۇپ
پات يېقىندا چىقىرىدىكەن
تىخى يىقىندا كۆرگەنىدىم.سىنارىيىسى ھەقىقەتەن بولىدىكەن…سىزنى چۆرگىلىتىپ قويۇپ بىرىدۇ
مەن ئالامەت ياقتۇرىمەن مۇشۇنداق كىنولارنى. ۋەقەلىك جەريانىدا ھەرخىل خىيالغا سالىدۇ. Lost نىڭمۇ مۇشۇنداق يەرلىرى بار. ئاۋۇ ئايال پاراخۇتتا بۇ «تەكرارلىنىش»نى تۇسىمەن دەپ تىرىشىدىكەن، قئەمما ئەڭ ئاخىرى ئوغلىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا پورتقا بېرىپ دېڭىزغا چىقىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەقەلىك توختىماي تەكرارلىنىدىكەن……
ئېسىل چىققان فىلىم. ئاساسەن Bug يوق دېيىشكە بولىدۇ.
راست ھەقىقەتەن كۆرگىنىگە پۇشايمان قىلدۇرىۋىتىدىغان كىنوكەن ……
كىنونى كۈرۈپ بولۇپ ھازىرغىچە ئىسىمنى بىلمەي يۈرۈيمە ……
بەك چۆكۈپكەتكەن ئوخشايمەن… بۇ كىنوغا…
ھەجەپ چۈشەنمەك تەسلا بىر كىنوكىنا بۇ..؟ بېشىم ئايلىنىپلا كەتتى …
بۇ كىنونى خېلى بۇرۇنلا كۆرگەن ئىدىىم.راس ئادەمنى قايمىقتۇرۇپلا قويىدۇ… كۆرۈپ بۇلۇپ كىنو ئۈستىدە ئويلىنىپ قالىدىكەن كىشى
مەن ھىچ بىر ۋەھىمىنى سەزمىدىمغۇ ؟…….دىمەك پىشانىڭىزگە پۈتۈلگەن تەقدىر قىسمەتنى سىز قانداق اەدبىر قوللىنىڭ ھامان بىشىڭىغا كىلىدۇ، قىچىپ قۇتۇلالمايسىز ………..ۋەھاكازا. مۇشۇ كىتاۋىنى يازغان ئادەممۇ خىلى باش قاتۇرۇپتۇ بۇنىڭغا.
مەن تازا چۈشەنمىدىم
مەن بۇ كىنونى كۆرۈپ بىر كۈن غەلىتە بوپقالغان.
سايلىر دېگەن ئىسمىڭىز قەھرىمان فىلىمىدىكى سايلىرنىڭ ئىسمىدىن كەلگەنمۇ؟ مەن بەك ياخشى كۆرەتتىم شۇ فىلىمنى
شۇنداق،شۇ فېلىمدىن كەلگەن،مەن كۆرۈپ تۆتىنجى بۆلىمىگە كەلدىم.
ماۋو فىلىمىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمىسى پۈتۈپ ئاقبۈركۈت تورىدا ئېلان قىلىندى . قېنى ھوزۇرلىنىڭلار.
http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3856&extra=&page=1
فىلىمنىڭ سۆزى( فىلىمىڭ) بولۇپ قاپتۇ ،تۈزتۈپ ئوقۇغايسىلەر .
مەن بۇ فىلىمنى چۈشۈنەلمىدىم