نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ئاللاھ خالىسا دىيىشنى ئۇنۇتماڭ ماقىما ! بولمىسا ئاسماندىن تاش ياغمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ

مەن بىلىدىغان ياشلارنىڭ زور كۆپىنچىسى ھەر ئىشنى قىلىشتىن ئاۋال «ئاللاھ خالىسا» ئىبارىسىنى ئاساسەن ئۇنۇتمايدۇ. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن جەمىئىتىمىزدە يەنىلا قارغۇلارچە غەرىبلىشىش خايىشى كۈچلۈك. ھەتتا بىر قىسىم ياشلىرىمىزدا بۇنداق ئىشلارنى خۇراپىلىق دەپ قاراش ئەھۋالىمۇ مەۋجۇد. ئۇنداقتا «ئاللاھ خالىسا» دىيىش راستىنلا خۇراپىلىقمۇ ؟ مېنىڭچە تۆۋەندىكى ھەۋەسكارلار بۇنىڭغا ناھايتى ياخشى جاۋاب بەرگەندەك قىلىدۇ.

alla-halisa

فىلىمدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ھەۋەسكارلار iOS سۇپىسىدىكى ئەپ Action Movie FX تىن پايدىلانغان بولۇپ. مەزكۇر ئەپ ۋە ئۇنىڭ فۇنكىسىيىسى ھەققىدە ئىلگىرى تورخۇماردا «Action Movie FX – ھوللىيۋود فىلىملىرىنى ئىشلەش ئۇنچە تەس ئەمەس، پەقەت بىر دانە iPhone بولسىلا!!» ماۋزۇ ئاستىدا يازما يوللانغان.  بىز تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ تۆۋەندىكى ھەۋەسكارلاردەك ياخشى بولغان سىنارىيە ئاساسىدا ئۆزلىرىنى سىناپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. قېنى ئەمسە فىلىمگە مەرھەمەت.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 15 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. كۇسەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خا خا …. قالتىسكەن ھە :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  2. ئېقىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھې ھې … تۆنۈگۈن گۈدۈكتە كۆرۈپ ،قايىل بولغان بۇ يىگىتكە …. تورخۇمار يىڭلانمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن شۇڭا دىۋان تاللىشدىغان ئادەم يوقكەندە ،لېكىن تالاشمىسا دىۋاندا ئولتۇرۇشمۇ خوشاقمايدىكەن :neutral:

  3. كۆك بۆرە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوھوي. بىزنىڭ باللار شاشقۇ…

  4. جاھانكەزدى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللا خالىسا دىگەن گەپنى مەنمۇ تۇلا دەيمەن

  5. مەن شۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھ ھاھ ھاھ
    اللاھ خالىسا دىگەن گەپنى دىمىسە
    بۇنىڭدىن بەتەر ئىشلار بۇتۇ

  6. سالىھ بىگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللا خالىسا دىمىسەك مۇشۇنداق بولدىغان ئىش بوسا ھەممە دىگەن بىلەن ماھىيىتىنى چۇشەنمەي دىيىشى مۇمكىن…

  7. ئايشەم تورى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قۇربان ھېيتنى ئويناپ بوپتىمىزدە ۋىروسجان …

  8. پەنجىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بىرخىل ئەپنىڭ رولىغۇ دەيمەن ، خېلى بۇرۇن بۇ توغرىسىدىكى يازمىنى بىر قېتىم كۆرگەنغۇ دەيمەن ، سەل يېڭىلىق بىلىنمەي قالدى خالاس ، بىراق ئۇنداق دېسەم كۆڭلىڭزگە ئالماڭ ۋېروسجان ،سىز نىڭ يازمىلىرىڭزنى ياخشى كۆرىمىز :grin:

    • ۋىروس :

      يازمىنى تولۇق ئوقىماي ئۇدۇل فىلىمنىلا كۆرۈش ئۆسۈپ يىتىلىشكە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئالىملار ئىسپاتلاپ چىقىپتۇدەك!

  9. ئۇيغۇرمەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىسكەن ياقتۇردۇم…………

  10. ئۇيغۇرمەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەچچە كۈندىن بىلوگنى يىڭىلانماي ھەجەپ ئىچىم پۇشتى……. رەھمەت ھە………. :lol: :oops:

  11. ئەلگە نەپ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىس چىقىپتۇ_____بارىكاللا :wink:

  12. رىتا1028 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاسماندىن تاش ياغسىمۇ دەيمەن گەپنى ….. :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  13. بىلدۈر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يوۇكۇ تورى ۋەتەن سىرتىدا پەقەت ياخشى ئەمەس، ئاساسەن قويغىلى بولمايدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى بارمۇ؟ بۇ فىلىمنى پەقەت كۆرەلمىدىم.

  14. كوت كوت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەغۇ ئاللىقاچان غوللىۋوتتىن بىرنى قۇرۇشقا تۇلۇق تەييارلىق پۈتتۈرۈپ قويغان .. لىكىن شۇ ئەسلى نۇسخا دەي ئېلىپ كۆرگۈدەك ئۇيغۇر يوق؟؟؟






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)