Action Movie FX – ھوللىيۋود فىلىملىرىنى ئىشلەش ئۇنچە تەس ئەمەس، پەقەت بىر دانە iPhone بولسىلا!!
Action Movie FX بولسا بىر خىل قىزىقارلىق ھەمدە ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق iOS سۇپىسىدىكى ئەپ(App) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىز بۇ ئەپتىن پايدىلىنىپ ناھايىتى ئاسانلا ھوللىيۋودچە ئۈنۈمدىكى فىلىملەرنى ئىشلىيەلەيسىز!!!
Action Movie FX نىڭ قانداق ئەپ ئىكەنلىگىنى ئاۋال تۆۋەندىكى سىن ئارقىلىق كۆرۈپ باقايلى:
قانداق؟! قالتىسمىكەن؟ يۇقارقى كۆرۈنۈشلەردىكى ئالاھىدە ئۈنۈملەرنىڭ ھەممىسى Action Movie FX نىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغان. Action Movie FX نى ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئاددى. يەنى ئاۋال بىر بۆلەك كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىۋالىمىز، ئاندىن قالدىسىنى Action Movie FX گە تاشلاپ بەرسەكلا بولىدۇ. ئۇ سىزگە ياردەملىشىپ سىز بايا سۈرەتكە ئالغان كۆرۈنۈشكە تەبىيلىكى ئاجايىپ يۇقىرى بولغان ھوللىيۋودچە ئۈنۈملەرنى قوشۇپ بېرىدۇ. جىددى كۆرۈنۈش ۋە راستتەكلا تۇيغۇ بېرىدىغان ئاۋاز ئۈنۈمى ھەتتا سىزنى تەمتىرىتىپ قويۇشى مۇمكىن.
Action Movie FX نۆۋەتتە ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئۆزىدە ئىككى خىل ئالاھىدە ئۈنۈم تەمىنلەنگەن، باشقا ئۈنۈملەرنى Action Movie FX نى قاچىلىغاندىن كېيىن تاللاپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، ھەر بىر ئالاھىدە ئۈنۈمنىڭ باھاسى پەقەت ئالتە يۈەن. باشقا ئوخشاش تۈردىكى ئەپلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، Action Movie FX نىڭ ئىقتىدارى بىر قەدەر قالتىس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى خالىغان كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىپلا ناھايىتى قولايلىق ھالدا ئاجايىپ ئۈنۈملەرنى قوشالايدۇ.
Action Movie FX ھەققىدە:
سېستىمىغا بولغان تەلەپ: iPhone 3GS، iPhone 4، iPhone 4S، iPod touch (4th generation)، iPad 2 Wi-Fi ۋە iPad 2 Wi-Fi + 3G لەرنى قوللايدۇ. iOS 4.3 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرى بولۇشى كېرەك.
ئەپ سىغىمى: 15.1MB
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: App، iOS، iPad، iPhone، ئەپ، ئۈنۈم، فىلىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,917 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: action-movie-fx.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iOS 5.0.1 قاچىلانغان iPhone، iPad قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى
- كېيىنكى يازما > ئافرىقا پاقىسىنىڭ Android ۋە iOS سۇپىسىدىكى Ant Crusher ناملىق ئويۇننى ئوينىشى
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- بىر دانە ۋاسكېتبولنىڭ 24 كىنونىڭ ئىچىدىكى ساياھىتى
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
بوپتۇ ئاۋال دىھۋان ماڭغا قالسۇن
قانچە پۇلكە بۇ ئوقەت؟
تۈنۈگۈن چۇشۇرۇپ بولغان
يازما كۈرۈپ دىۋانغا كىچىكىپتىمەن ، بوپتۇلا، بىراق ناھايتى ئوبدان دىتال كەن ! سەيناغا تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتكەن كۈرۈنۈشنى . ياكى ئۇخلاۋاتقان بىرەيلەنگە ئوق يەپكەتكەن كۈرۈنۈشنى ئالسا ….!
ماۋۇ ئۈنۈم بولىدىكەن جومۇ. كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن ئويناپ قويسا بولىدىكەن
jewlani.com بلوگىدىكى بىر قىسىم ئىقتىدارلا مۇنۇ يازمىدا نامايەت بوپتۇ ، تولىمۇ خوشالمەن
خۇدايا توۋا ماۋۇ زامانىنىڭ تەرەقىقىياتىنى.
مانى قىلمە دەپ ئايفۇندىن بىرنى ئالايمۇ نىمە …
تورخۇمار بىلوگىنىڭ ئون چوڭ بىلوگ بولوپ باھالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
android بۇنىڭكى يوقمىكەن
مايەدە باتى دېسىلە
قانداق چۈشۈرىدۇ؟