ئافرىقا پاقىسىنىڭ Android ۋە iOS سۇپىسىدىكى Ant Crusher ناملىق ئويۇننى ئوينىشى
زېرەك يان تېلېفونلاردىكى ئويۇنلارنىڭ ياسىلىشى بارغانسىرى راستتەك چىقىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەجىبا كىچىك كەسلەنچۈك بىلەن ئافرىقا پاقىسىمۇ بۇلارنى راستلا قۇرۇت دەپ ئويلاپ قالغانمىدۇ؟ ياكى ئىگىسى بۇلارغا نەچچە كۈنگىچە تاماق بەرمەي ئاچ قويغانمىدۇ؟
تۆۋەندىكى ئافرىقا پاقىسى راستىنلا ئاچ قالغان ئوخشايدۇ. تراگېدىيە مۇشۇنداقلا يۈز بەردى:
Ant Crusher ناملىق مەزكۇر ئويۇن Android ۋە iOS سۇپىسىدىكى بىر تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈۋاتقان چۈمۈلىلەرنى قولدا مىجىش ئارقىلىق ئوينىلىدۇ. ناۋادا ئۆيىڭىزدە قۇرۇتقا ئامراق ئەرمەك ھايۋىنىڭىز بولسا، سىزمۇ يۇقارقىدەك سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بىراق بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ.
[ Ant Crusher دىن كەسمىلەر ]
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: App,iOS,ئويۇن,ئەپ,قىزىقارلىق,ھايۋانات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: android-ios-game-ant-crusher.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > زامانىۋى مۇئەللىملەرنىڭ دەرىسىدىن قېچىش ئاسان ئەمەس! «كۆكچىش(蓝牙)» بىلەن يوقلىما قىلغاننى ئاڭلىغانما؟!
- كېيىنكى يازما > قانداق قىلغاندا باشقىلارغا تۇنجى تەسىرنى ياخشى ۋە مۇكەممەل بەرگىلى بولىدۇ؟
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
قاچىلۋالدۇق، ئۈنىمىنى كورۇپ باقاي
ھاھا ھا
راستىمنى دىسەم ئاۋۇ ئاستىدىكى كۆرۈنۈشنى كۆرۈۋېتىپ، قورقۇپ ۋارقىرۋەتكىلى تاسلا قالدىم.. يۈرۈكىم راسلا ئاجىزلاپ كىتىپ جۇمۇ.
مەنمۇشۇ ! يۈرىكىم تاسلا قالدى قېپىدىن چىكەتكىلى !
ئىككىمىزنىڭ ئىسمىمۇ ئوخشاش ، قىلىدىغان گەپلىرىمىزمۇ ئوخشاش، ھەتتا يۈرىكىمىزمۇ ئوخشاشكە !
قاچىلىۋالدۇق
ئاستىدىكى يۇمۇر ئىكەنغۇ
ئەمدى بۇنىڭغا كۈلمەي چىقىپ كەتسەم راستلا سەت بولغۇدەك ئادەمنى يىغلىتىدىغاندىنمۇ بىر-ئىككىنى يوللىساق بولاتتى، تولا كۈلۈپ ئۈچەيلەر ئىنچىكىلەپ كېتىۋاتىدۇ
ئاستىدىكى ئالامەتكەنغۇ!
مەن بەك قورقۇپ كەتكەنلىكىمدىن ئۇقۇشماي تورخۇماردىكى ئېلانلارنى چىكىپ سالدىم ھېلىھەم پۇت-قولۇم تىتىرەپ تۇرىدۇ
ئاپلا…………بالام يانفۇننىڭ ئەينىكىنى چىقىۋەتتى-ۋا، بۆجۈ باركەن دەپ قولىدىكى قوشۇق بىلەن بىرنى قويۇپ!!!
پەچچەت
پىشت چىقىدىغان ئەپمۇ بارمىدۇ؟‹