ئاجايىپ ئىش، QQ نومۇرىغا ئاساسەن كىشىنىڭ يېشىنى بىلگىلى بولىدىكەن!!
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، قەدىمكى زاماندا بىر مەشھۇر شەخس ئۆتكەن ئىكەن، بۇ شەخس شۇ زاماندىكى ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەلەم ۋە قەلەمدە كامالەتكە يەتكەن كىشى ئىكەن. بۇ كىشىنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرىدىن ئاڭلىشىمىزچە، بۇياق شۇ زاماندىلا QQ نومۇرىغا ئاساسەن كىشىنىڭ يېشىنى ھېسابلاشتەك ئىنتايىن سىرلىق بىر ئۇسۇلنى تېپىپ چىققان ئىكەن…
ھا ھا، ئۈستى ئازراق قۇرۇق گەپ قىپ قويدۇم ھە، بۇ پەقەت ئاددى بىر ماتېماتكىلىق ئۇسۇل، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ئاجايىپ بىلىملىك ئىكەنلىكىنى، قولىڭىزدىن چوڭ ئىشلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى، ھەتتا پالمۇ ئاچالايدىغانلىقىڭىزنى يوشۇرۇن بىلدۈرۈپ قويۇش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ، يەنە قىزلارنىڭ ئالدىدا ئانچە مۇنچە ئاقسالىق قىلغىلى، كۆيۈپ قالغان قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولسا QQ سىنى، QQ سى بولسا تۇغۇلغان كۈنىنى !@#$%^&*)(
بولدى بولدى، خىيالىڭىزنى سەل يىغىپ ئەسلى مەقسەتكە كېلىلى، ئەمىسە باشلايمىز:
1. QQ نومۇرىڭىزنىڭ بىرىنچى خانىسىنى ئەستە تۇتۇڭ.
2. QQ نومۇرىڭىزنىڭ بىرىنچى خانىسىنى 5 كە كۆپەيتىڭ.
3. چىققان نەتىجىگە 8 نى قوشۇڭ.
4. يەنە چىققان نەتىجىنى 20 گە كۆپەيتىڭ.
5. ناۋادا سىزنىڭ بۇ يىللىق تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئۆتۈپ بولغان بولسا، 1848 نى، تېخى كەلمىگەن بولسا 1847 نى قوشۇڭ.
6. چىققان نەتىجىدىن سىزنىڭ تۇغۇلغان يىل سانىڭىزنى ئېلىۋېتىڭ، مەسىلەن 1980 دېگەندەك
7.خاتالاشمىسام ھازىر سىز بىر ئۈچ خانلىق سانغا ئېرىشتىڭىز.
8. يۈزلەر خانىسىدىكى سان سىزنىڭ QQ نومۇرىڭىزنىڭ بىرىنچى خانىسى.
9. ئونلەر ۋە بىرلەر خانىسىدىكى سان بىرىكىپ بىر دانە ئىككى خانىلىق ساننى تەشكىل قىلغان، بۇ سانغا 2 نى قوشىۋەتسىڭىزلا سىزنىڭ يېشىڭىز كېلىپ چىقىدۇ.
10. توغرىمۇ خاتامۇ؟
11. توغرا بولسا دەرھال بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئاقسالىق قىلىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
12. ھە، ئەمدى باشقا ئىش قالمىدى، دوستلىرىڭىزغا torhumar.com نى تەشۋىق قىلىپ قويۇشنى ۋە ئېلانلارنى ۋاقتى ۋاقتىدا چېكىپ قويۇشنى ئۇنتۇمىسىڭىزلا بولدى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [QQ دۇنياسى]
- ھالقىلىق ســــۆز: QQ,ئاجايىپ,سىرلىق,قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 702 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: get-age-from-qq.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > Alma ۋە ۋەھىمىلىك ئويۇنچۇق دۇكىنى(يېقىملىق كۆرۈنمە يۈز VS ئاجايىپ ۋەقەلىك)
- كېيىنكى يازما > كلاسسىك ئويۇن تانكا ئۇرۇشى(Battle City)نى ئەسلىدە مۇنداقمۇ ئويناش ئۇسۇلى بار ئىكەن!!!
مەن 23 كە كىرگەن تۇرسام 30 چىقىۋاتمامدۇ، خاتامۇ نىمە ؟!!
يەنە بىر گەپ مەن بۇ بەتكە كىرىۋاتقىنىمغا بىر ھەپتىمۇ بولمىدى ، لىكىن كىرىشكە باشلىغاندىن باشلاپ كۇندا كىرىۋاتىمەن ، ئاساسى جەھەتتىن ئالغاندا بۇ بەت بەك ياخشى ، لىكىن يىڭى مەزمۇنلارنىڭ قوشۇلىشى بەك ئازكەن كۇندا ئىككى ياكى بىر ، مۇمكىن بولسا مەزمۇنلارنىڭ يىڭىلىنىش سۇرئىتىنى سەل تىزلەتسەك ، بولامۇ يا؟!
بولىدۇ، سىز زىيارەت قىلىش ئىشتىھايىڭىزنى ئازراق ئازلىتىڭ، مەن يېڭىلاش سۈرئىتىنى ئازراق تېزلىتەي، ماس قەدەمدە ماڭىلى، قانداق دېمىدىم؟
مىنىڭ ئاقسالىقىم ئاقمامدۇ نىمە؟تازا توغرا چىقمىدى!
ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ، ھىسابلاش ئالدامچىلىقى ، سىزنى مۇشۇنداق ئېلىپ قوشۇش ئارقلىق قايمۇقتۇرۇپ ، ماھىيەتتە سىزنىڭ تۇغۇلغان يىلىڭىز ئارقىلىق يېشىڭىزنى ھېسابلاپ چىقىرىدۇ. ئىششەنمىسىڭىز سىز چچ نۇمۇرىڭىزنى خالىغانچە بەلگۈلەپ ھېسابلاپ بېقىڭ ، يەنىلا سىزنىڭ يېشىڭىز توغرا چىقىدۇ .
لىكىن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغۇلى بولىدۇ.
ۋۇيۇۋ
راس شۇنداق بولسا سىناپ باقاي!
يالغان چقتى غۇ؟؟؟؟؟
تەدبىركار ئەپەندى،ھەي تەدبىركار ئەپەندى، بۇ ئىسىمنى قانداقسىگە ئويلاپ تاپقان بولغىيتىڭىز،جى شىياۋلەن شۇنداق يامان ئادەمكەن دە(چاقچاق)
بولسا بەتنىڭ يېڭىلىنىشى مۇشۇ تىزلىكنى ساقلاپ قالسا، بەك تىز بوپ كەتسە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى يوللاپ بولماڭ يەنە…..
بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى باشقىلارنىڭ يېشىنى تېپىشتا سەل چولتىلىق قىلامدۇ قانداق؟ بۇنى قىلىش ئۈچۈن چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى بىلىشىمىز كېرەك ئىكەن،يەنە تۇغۇلغان كۈنى ئۆتۈپ كەتتىمۇ ياكى ئۆتۈپ كەتمىدىمۇ بۇنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك ئىكەن.بۇ ئۇچۇرلانى بىلىۋالساق،بىۋاستىلا ھېساپلاپ چىققىلى بولىدىغۇ ،بۇنچە جىق سانلارنى قوشۇش ياكى كۆپەيتىشىنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەپ ئويلايمەن! مېنىڭچە بۇ ئۇسۇل باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئاقسالىق قىلىشقا بولماسمىكىن دەپ ئويلايمەن!
خېلى ياخشىمۇ قانداق…
لېكىن،تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئۆزىنى بىراقلا يازىدىكەنغۇ….
ئەپەندى› قىزلار بىزگە تۇغۇلغان ۋاقتنى دەپ بەرمگەن تۇرسا بىز قانداق ھساۋلاپ چىكالايمز
ۋاي ۋاي ۋاي ، شۇ قىزنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى بىلسەك بىۋاستە ھازىرقى 2010 دىن ئېلۋەتسەكلا چىقمامدۇ ؟ تىچلىقتۇ ھە ؟
QQ بولمىسا تېلفون نومۇرى،تېلفون نومۇرى بولمىسا ئاياقنىڭ نومۇرى بولىسىمۇ توغرا چىقىدىكەن.
ھاھا ، مىنىڭ توخرا چىقتى ، 20 دەڭلار .