سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم غەلىتە ئىشلار، ئىشىنىمەنكى ئاغزىڭىز ئېچىلىپلا قالىدۇ!
«قولنىڭ ئالقىنىغا ئىزچىل تىكىلىپ قاراپ تۇرسىڭىز، قولنىڭ ئالقىنى قىززىيدۇ؛ ئالتۇنبېلىق پەقەت 7 سكونت ئىچىدىكى ئىشلارنى ئەستە تۇتالايدۇ، 7 سكونتتىن كېيىن ئالتۇنبېلىق بۇ دۇنياغا يېپيېڭى ھالەتتە نەزەر تاشلاۋاتقان بولىدۇ؛ ئالتۇنبېلىقنى دەرياغا قويىۋەتسىڭىز، ئۈچ ئەۋلادتىن كېيىن ئادەتتىكى سازان(كارب بېلىقى)غا ئايلىنىدۇ». ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار، قانچىلىكىنى بىلىدىكەنسىز؟ ئۇنداقتا تۆۋەندە مەن بىلەن بىللە ئالدىرىماي كۆرۈپ چىقىڭ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن ئىشلانى بايقايسىز…
1. راكنىڭ يۈرىكى باش قىسمىدا بولىدۇ
2. ھاجەتخانىدا كىتاب ئوقۇغان چاغدا، ئادەتتىكى چاغدىن بەكرەك كۈچەپ سالىسىز!
3. ئۈچ خىل رەڭلىك تېرىسى بار مۈشۈك، چوقۇم چىشى مۈشۈك
4. ناۋادا ئۆيىڭىزدە بىر دانە سۈۋەرەك بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆيىڭىزدە ئاز كەم دېگەندىمۇ 20000 سۈۋەرەك ياشاۋاتقان بولىدۇ
5. لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى ياندۇرۇپ چىقىرالمايسىز!
6. ئىتقا شاكىلات بەرمەڭ، ئۆلتۈرۈپ قويىسىز
7. قايچىنى داۋىنچى ئىجات قىلغان
8. دۇنيادىكى ئەڭ ياش ئاتا-ئانا 1910-يىلىدىكى جۇڭگولۇق ئىككى كىچىك بالا بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا 8 ياش ۋە 9 ياش
9. تۇخۇم بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ توخۇمۇ؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمىش
10. NOKIA ئەڭ بۇرۇن قەغەز ياسايدىغان شىركەت ئىدى
11. سۈۋەرەك ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەرخىل مايلىق تۈردىكى نەرسىلەر ھەممىسى سۈۋەرەكنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكى
12. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بىرىنجى قېتىملىق تەرىتىنىڭ رەڭگى يېشىل بولىدۇ
13. پىل سەكرىيەلمەيدۇ
14. توشقان ئەمەلىيەتتە تۇرۇپنى ئىنتايىن ئاز يەيدۇ
15. ناۋادا سىز ھازىر ئىنتايىن چوڭقۇر بىر قۇدۇقنىڭ ئاستىدا بولسىڭىز، ھەرقانچە يورۇق دېگەن تەقدىردىمۇ، ئاران يۇلتۇزنى كۆرەلەيسىز
16. چاقماق سەرەڭگىدىن بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان
17. كولانىڭ رەڭگى ئەڭ بۇرۇن يېشىل رەڭدە ئىدى
18. سىزنىڭ پۈتۈن بىر ئۆمرىڭىزدىكى ئۇيقۇ ۋاقتىڭىزنى ھېسابقا ئالغاندا، ئۇخلاۋاتقاندا 70 نەچچە قۇرت ۋە 10 نەچچە سۈۋەرەكنى يەۋېتىسىز…
19. قايناق سۇ سوغۇق سۇدىن ئىتتىك مۇز تۇتىدۇ
20. ئۇيقۇڭىز تولۇق بولمىسا دۆتلىشىپ كېتىسىز، بىر كۈندە 8 سائەت ئۇيقۇغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
21. ئۆردەكنىڭ غاقىلدىغان ئاۋازىدىن ئەكس سادا قايتمايدۇ، ھازىرچە تېخى ھېچكىم ئېنىق چۈشەنچە بېرەلىگىنى يوق
22. پاشىنىڭ چىشى بولىدۇ، تېخى 22 تال
23. پەرۋانە ئەزەلدىن بىر نەرسە يېمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاغزى ھەم ئاشقازىنى يوق
24. ئاپلېسىن تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئىچىدە، چىشىسى بىر ئاز يېيىشلىك بولىدۇ. چىشىسى دېگىنىمىز ئاستى قىسمىدا چېكىت يوق، يۇمىلاق بولغىنى…
25. ھاۋا سوغۇق چاغدا سىرتقا چىققاندا، ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن بارماق بىلەن بۇرنىمىزنىڭ ئاستىنى ئۇۋىلاپ بەرگەندە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
26. ئىككى قولنىڭ دۈمبىسىنى چاپلاپ بىر-بىرىگە بىردەم سۈركىگەندىن كېيىن پۇراپ بېقىڭ، بەك سېسىق ھە؟
27. تىزنى ئەگمەي تۇرۇپ سەكرىگىلى بولمايدۇ
28. ناۋادا چۈشكۈرگەندە بەكرەك كۈچەپ سالسىڭىز، ئۇنداقتا كۆز قارىچۇقىڭىزمۇ تېشىغا ئېتىلىپ چىقىشى مۇمكىن
29. گېتلىرنىڭ ئاپىسى ئەسلىدە ئۇنى ئالدۇرىۋەتمەكچى بوپتىكەن
30. كاللىنى بىۋاستە كېسىۋەتكەندە، بويۇندىكى قان تومۇرلاردىن ئېتىلىپ چىققان قانلارنىڭ ئېگىزلىكى 2~3 مېتىرغا يېتىدىكەن
31. باققان بوغما يىلىنىڭىز ناۋادا قايتا بىر نەرسە يېگىلى ئۇنىمىسا، ھەمدە تۈگۈلمەي تۈپتۈز ھالدا يېنىڭىزدا ئۇخلاپ يېتىۋالسا، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىڭ! چۈنكى ئۇ بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بەدىنى ئارقىلىق سىزنى پۈتۈن يۈتىۋېتەلەيدىغان يۈتىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ئۆلچەۋاتقان بولىدۇ…
32. ئېگىزدە تۇرىۋېلىپ «تېز قاراڭلار!» دەپ ۋاقىرىسىڭىز، ئەگىشىپ قارىغان كىشىنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قالغان ھالەتتە ئىكەنلىگىنى كۆرىسىز
33. بىر قېتىمدا 20 مىللېتىر ئەيدىز كېسىلى يۇقۇمدارىنىڭ شۆلگىيىنى يۇتۇۋەتسىڭىز، ئۇ ھالدا ئېنىقلا HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىسىز.
34. لاس ۋىگاستىكى قىمارخانىلارغا سائەت ئورنىتىلمىغان
35. پاشا چېقىشتىن ساقلىنىش سۇيۇقلىقىنىڭ رولى پاشىنى قوغلاش ئەمەس، بەلكى پاشىنىڭ سېزىم ئەزالىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلش ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ نەدىلىكىنى ھېس قىلدۇرماسلىق.
36. يەرشارىدىكى توخۇنىڭ سانى ئادەمدىن جىقكەن
37. تۇغۇلغان ۋاقتىمىزدىكى كۆزىمىزنىڭ چوڭلىقى بىلەن ھازىرقىغا ئوخشاش،لېكىن قۇلىقىمىز بىلەن بۇرنىمىز داۋاملق يوغىنايدىكەن
38. پىياز توغرىغاندا سېغىز چاينىسىڭىز كۆزدىن ياش ئاقمايدۇ
تەسىرات: بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بىز ياشاۋاتقان بۇدۇنيانىڭ ھەقىقەتەن ئاجايىپ سىرلىق ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدىم. گەرچە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى راست دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمىسىمۇ، بىراق مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار، مۇشۇنچە كۆپ ئىشلارنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىپ ياشايدىكەنمىز، بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن، قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ,تۇرمۇش,قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 722 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ghelite-ishlar.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > ئاق ئالما كىتاب ئوقۇغۇچىسى – يانفوندا ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇش ئەمدى ھەرگىزمۇ تەس ئەمەس!
- كېيىنكى يازما > ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى(Spider-Man: Shattered Dimensions)
دىۋان
يوللاش كونۇپكىسىغا چاپلاشقىنىم چاپلاشقان……
دىۋان
دىۋان
ھاجىمممممم، ماۋۇ دىۋانمۇ ئەمەس داق يەركەن جۇما، داق يەردە قاپتىلا….
دىۋان
2. ھاجەتخانىدا كىتاب ئوقۇغان چاغدا، ئادەتتىكى چاغدىن بەكرەك كۈچەپ سالىسىز!
بۇ قۇرنى ئوقۇپ سەت كۈلدۈم…سىناپ باقمىسام.
تورخۇمارغا كىرسىڭىز ، دىۋان تالىشىپ بوسۇغىدا دۈم چۈشكەن مەسە – كالاچلارنى كۆرىسىز!
شۇنىڭ بىلەن يۈكسەلباينىڭ كۆڭلى ئاينىڭ كىتىپ، بامداتتىن بۇرۇن بوسۇغىدا دىۋان ساقلاپ ئولتۇرىدۇ
تىمىنىڭمۇ گىپىنى قىلىپ قۇيۇڭلا باللا ! تەدبىراخۇن بۇ قۇرلارنى ئۇقۇغاندىن كىيىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭلا دەيدۇ . مەن مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىپ بولغىچە يەرشارىدا ئاچلىقتىن40 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇلىدۇ .
راستلا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز بىلىدىغان ئەمما بەك ئېتىبارغا ئالمايدىغان غەلىتە ئىشلار سان -ساناقسىز، بەلىكىم مەن مۇشۇ قۇرلارنى يېزىم ئولتۇرغىنىمدا قانچىلىغان بوۋاقلار بۇ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ ، قانچىلىغان كىشلەر ھەرخىل كېسەللىك ۋە ئاچلىق ، تەبئىي ئاپەت سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغاندۇ -ھە !!!
سىز مەڭگۈ جەينىكىڭىزگە كالپۇكىڭىزنى تەككۈزەلمەيسىز
مەن تەككۈزۈپ بىرىمەن، پو ئەمەس ماۋۇ
ھەركۈنى كومپىيوتېرنى ئاچسىڭىزلا ئىختىيارسىز ھالدا تورخۇمار بلوگىنى ئېچىپ سالىسىز!
سىز ھەرگىزمۇ مەلۇم شىركەتنىڭ 38-قەۋىتىدىن پەسكە سەكرىيەلمەيسىز!
تورخۇمارغا بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يازغان كىشى چوقۇم دىۋاندا ئولتۇرىدۇ.
بىرىنجى ‹‹ئىنكاسىنى ››تەدبىركار يازىدۇ
ھازىر ئاساسەن تەسىرات سۆزلەش ئەمەس، دىۋان تالىشىش ئىنكاسلىرى بولىۋاتىدۇ!!
مىڭ تالاشقان بىلەن ھامان دىۋاندا باشقىلارنىڭ ئولتۇرۇپ بولغانلىقىنى بايقايسىز
شۇ چاغدىن باشلاپ‹‹خەپ، كىلەر قىتىم دىۋان مىنىڭ››دەيسىز،شۇنىڭ بىلەن كۈندە تورخۇمارنى مارىلايسىز،خۇددى يۈكسەلدەك
30. كاللىنى بىۋاستە كېسىۋەتكەندە، بويۇندىكى قان تومۇرلاردىن ئېتىلىپ چىققان قانلارنىڭ ئېگىزلىكى 2~3 مېتىرغا يېتىدىكەن
———
كىمنىڭ كاللىسىنى سىناپ باقىلى؟
چىۋىننىڭ كاللىسىنى كىسىپ سىناپ باقمامدۇق
دىۋان دىۋانلا دەۋاتقان ،…. مېنىڭكىگە بېرىڭلا دىۋان دىگەن توشاق ياتىدۇ
نامازنىڭ ئەڭ ئالدىغا مۇشۇندا ئالدىراشمايلا ھاقىچان … دىۋان تاس قاپتۇ بوغاشقىلى . تىمىنى كۇرەپ ئىنكاسنى بىر كۇرەي دىگەن ئادەم قايلىسا نىمە تالىشىۋاتقاندۇ دەپ قالغۇدەك …
راستلا چاقماق ئاۋۋال سەرەڭگە كېيىن كەشىپ قىلىنغانمىدۇ ؟؟؟ سەل غەلىتىمۇ ؟
سىزنىڭ پۈتۈن بىر ئۆمرىڭىزدىكى ئۇيقۇ ۋاقتىڭىزنى ھېسابقا ئالغاندا، ئۇخلاۋاتقاندا 70 نەچچە قۇرت ۋە 10 نەچچە سۈۋەرەكنى يەۋېتىسىز…
ما گەپ تازا ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق …