Photoshop تا پارقىراق Web 2.0 كۇنۇپكا ئۈنۈمى ئىشلەش قىستۇرمىسى
بەلكىم بىر قىسىم تورداشلار ئىلگىرى مەلۇم تور بېكەتتە بۇ خىل ناھايىتى كۆركەم بولغان ئۈنۈمنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۈنۈمنى Photoshop تا ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلەش ئانچە تەس ئەمەس. بىراق كۆپ قىسىم ھورۇن ساۋاقداشلارغا نىسبەتەن، ناۋادا تەييار ئۈنۈم بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە؟
تۆۋەندىكىسى دەل مۇشۇ خىل ئۈنۈملەرنى Photoshop قا تەييارلا قىلىپ بېرىدىغان قىستۇرما بولۇپ، نامى Ultimate Web 2.0 Layer Styles. سىز پەقەت ئۆزىڭىز لايىھەلىمەكچى بولغان ئورۇننى تاللاپ، پاسونى(Style)غا، بۇ قىستۇرما تەمىنلىگەن ۋە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان خالىغان پاسوننى تاللاپ بەرسىڭىزلا بولدى. ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ئۈنۈم:
ئىشلىش ئۇسۇلى: Photoshop نى قوزغىتىپ تۆۋەندىكى رەسىم بار ئورۇندىكى ئوڭ ئۈستى بۇرجەكتىكى ئۈچبۇرجەكنى باسىمىز ۋە 载入样式 نى تاللايمىز، ئاندىن چىققان ئورۇندىن بىز ئالدىنئالا چۈشۈپ، Photoshop مۇندەرىجىسىگە قويۇپ قويغان web20layerstylesv1.asl نى تاللاپ بېرىمىز(چۈشۈرۈش ئادرېسى يازمىنىڭ ئاستى قىسمىدا).
ئەمدى پاسون بەلگىلىگەندە بۇ ئۈنۈملەردىن مۇۋاپىق پايدىلانساق بولىدۇ. بۇ چەتئەللىك تورداشلار ياساپ چىققان تەييار ئۈنۈم بولۇپ، سىزنى چوقۇم رازى قىلالىشىغا ئىشىنىمەن.
Ultimate Web 2.0 Layer Styles نى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر,يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ps,ئۈنۈم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 403 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ps-ultimate-web20-layer-style.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > ئوسكاردىن يەنە بىر قىسقا كارتون فىلىم – تۇتقۇن قىلىش دەرسى(Lifted)
- كېيىنكى يازما > ئەقلىي ئىقتىدارنى سىنايدىغان Flash ئويۇن – ھور ۋە سېرىق سۇ تۇرۇبىسى(Steam And Brass)
چۈشۈرۈپ قوياي، كېيىن ئەسقېتىپ قالار
پەيزى قىستۇرمىكەن. رەھمەت!!
يولداشلارنىڭ تور بېكىتىدە بۇ خىل ئۈنۈمنى كۆپ ئىشلىتىدىكەن. بىزنىڭ تور بەتلىرىمىزدە بولسا بۇنداق چىرايلىق پارقىراق ئۈنۈملەر ئاساسەن يوق دېيەرلىك.
ساقلاپ قويدۇم. ۋاقىت چىقىرىپ بىر سىناپ كۆرۈپ باقاي
رەھمەت. مۇشۇنداق ياخشى نەرسىلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرسىڭىز
بۇ ئۈنۈمنى چۈشۈرگەندىن كېيىن نەگە قويىدىكەنمىز؟
滤镜 قىسمىغا قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ياخشى بىلىملەر تەدبىركاردىن كۆپلەپ كېتىپتۇ. بۇرۇنقى تەدبىركار بلوگىنى ئالا قويماي قىزىپ چىققان. دىتاللار قىسمىنى
بۇنىڭدا ھېچنىمە كۆرۈنمەيدىغۇ؟؟؟