نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > يۇمشاق دېتاللار > يازما كۆرۈش

لۇ ئۇستام – ئامراق كومپيۇتېرىڭىزغا ئومۇميۈزلۈك دېئاگنوز قويۇپ بېرىدۇ

لۇ ئۇستام - ئامراق كومپيۇتېرىڭىزغا ئومۇميۈزلۈك دېئاگنوز قويۇپ بېرىدۇ

لۇ ئۇستام(ئەسلى نامى Z قورالى) بولسا، يېڭى بىر ئەۋلاد سېستىما قورالىغا تەۋە يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئۇ ناھايىتى ئاسانلا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېتال تىپلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايدۇ ھەمدە سېستىمىڭىزنىڭ بىخەتەر ۋە راۋان يۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەتتا قاتتىق دېتاللىرىڭىز(مەسىلەن، CPU,GPU، قاتتىق دېسكا، ئاساسى تاختا دېگەندەك)نىڭ نۆۋەتتىكى تېمپراتۇرىسى، ئىشلىتىش ئەھۋالىغىچە تەپسىلىي كۆرسىتىپ، سىزنى كومپيۇتېرىڭىزنى ھەر ۋاقىت چۈشىنىپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ھەقسىز يۇمشاق دېتال.

ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
سېستىما قاتتىق دېتاللىرىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە ئومۇمى ئەھۋالدىن دوكلات بېرىش، ئېكراندىكى بۇزۇلغان ئورۇنلارنى دەل ۋاقتىدا بايقاش، CPU،GPU،ئاساسى تاختا، قاتتىق دېسكا قاتارلىقلارنىڭ تېمپۇراتۇرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىگە ۋاقتى ۋاقتىدا ئەسكەرتىش بېرىش، لەپتوپ كومپيۇتېرلارنىڭ باتارىيەسىنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش، سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، سېستىما يوچۇقلىرىنى بايقاش ۋە ياماقلارنى ئۇرۇش، سېستىمىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئارتۇقچە كېرەكسىز ئۇچۇرلارنى تازىلاپ، پۈتكۈل كومپيۇتېرنىڭ ئومۇمى خىزمەت ھالىتىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە تەڭشەپ بېرىش قاتارلىق ئىقتدارلىرى بار، باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا سىناپ كۆرسەڭلار بولىدۇ. Windows XP, Vista ۋە Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىلىرىدىمۇ شۇنداق ياخشى ئىشلەيدۇ.

يۇمشاق دېتال نامى: لۇ ئۇستام(鲁大师)
پايدىلىنىش شەكلى: ھەقسىز
يۇمشاق دېتال تىلى: خەنچە

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

لۇ ئۇستام كومپيۇتېر ياردەمچىسى | مەنبەسى: torhumar.com

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 3 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ نەرسىنى ئۆتكەندە ئىشلىتىپ كومپىيوتېرىمىنى تەكشۈرسەم ‹‹سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز بىر دانە ئەخلەت كومپىيوتېر ئىكەن››دەپ خەت چىقىپ ھىجىيىپ تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا يۇيۇپ تاشلىغان ئىدىم. :eek:

    • torhumar :

      ھا ھا!!! كومپيۇتېرىڭىز لۇ ئۇستامغا يارىماي قاپتۇدە

  2. تەمكىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ لۇ ئۇستام بولدىكەن

 汗