نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىنو-فىلىملەر > يازما كۆرۈش

تورداشلار ئۆزى كىرىشتۈرۈپ چىققان سىن – مېنىڭ يانفونۇم ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەمگە ئايلىنالايدۇ!

تورداشلار ئۆزى كىرىشتۈرۈپ چىققان سىن - مېنىڭ يانفونۇم ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەمگە ئايلىنالايدۇ!

بۇ بولسا 21 ياشلىق روسىيەلىك يىگىت Alexander Semenov بىزگە ئېلىپ كەلگەن «ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەم(变形金刚)» فىلىمى بولۇپ، ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلىشىگە ئاساسلىقى مايكول بېلنىڭ Transformers فىلىمى سەۋەپ بولغان. بۇ قىسقا فىلىمنى كۆرۈش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە يۇمشاق دېتال ئۈنۈمى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، ئاشۇ چوڭ تىپتىكى فانتازىيەلىك فىلىملەرنى ئىشلەش، پەقەت چوڭ تىپتىكى فىلىم ئىشلىگۈچى شىركەتلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان دەۋر ئاخىرلىشىپ قالىدىغانغا ئۇزاق قالمىغاندەك تۇرىدۇ.

فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشقا ئىككى سائەتچە ۋاقىت كەتكەن، فىلىمنى كىرىشتۈرۈپ تەھرىرلەش خىزمەتلىرىگە بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىنغان، بىراق فىلىمدىكى ئۈنۈم 变形金刚 فىلىمىدىن ھەرگىزمۇ قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ئۈنۈمگە يەتكەن.



无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 6 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. 0102 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يامەن كەن مەنمۇقىلالىسام مەنلىكىن 3ئولچەم دېتالى بىلمەيمەن
    بىزنىڭ 3ئولچەم دېتالى بىلىدىغانلارنىمىش قىلۋاتىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    قارلۇقتىكىلەر بىر ئىشقىپتۇ ئەمدى

  2. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر ئېغىز گەپ : قالتىس ئىشلەپتۇ! :roll:

  3. رازۋىتچىك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چەتئەللىك تورداشلاربىكارغا ئىشلىگەن بىلەن بۇيەردە پۇلغىلا تۇردىغان گەپ

  4. ئاتەش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    3D MAX 8 بىلەن after effects نى ئىشلىتىپتۇ. بىزلەرمۇ قاچان مۇشۇنداق تېخنىكىغا ئىگە بولارمىز-ھە!

  5. ئاكاش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك پەيزىكەن!!!

 汗