نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىنو-فىلىملەر > يازما كۆرۈش

ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ھەرقانداق ئېغىر چاقچاقنىڭمۇ چېكى بولىدۇ! ناۋادا ئاشۇرىۋەتسىڭىز…

ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ھەرقانداق ئېغىر چاقچاقنىڭمۇ چېكى بولىدۇ! ئاشۇرىۋەتسىڭىز...

مەزكۇر سىننى ھەپتە ئالدىدا توردا ئۇچراتقان ئىدىم، قارىسام بۇ سىن ھەققىدىكى تالاشمىلار تا ھازىرغىچە تۈگىمەيۋېتىپتۇ. بەزىلەر بۇنى راستكەن دەيدۇ، بەزىلەر يالغان دەيدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ سوتنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ئىكەنمىش. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەزكۇر سىن بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ: ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ھەرقانداق ئېغىر چاقچاقنىڭمۇ چېكى بولىدۇ، ناۋا ئاشۇرىۋەتسىڭىز…



无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 16 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. مۇرادىل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۇقۇم يالغان ئادەمنى كىچىك ماشنا سوقسا كۆپۈنچە ئەھۋالدا چاقنىڭ ئاستىغا ئەمەس ئالدى تەرەپكە قاتتىق قاڭقىتىپ ئۇچۇرۋىتىدۇ..

    • 120 :

      سىز كىنولاردىكى كۆرۈنۈشكە ئاساسەن بۇنداق دىسىڭىز بولمايدۇ!

    • torhumar :

      120 توغرا دەيدۇ، سىزمۇ كۆپىنچە دېگەن گەپنى قوشۇپ قويۇپسىز، دېمەك يەنە ئاز بىر قىسىم ئەھۋالدا يۇقارقىدەك ھادىسە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى تامامەن بار.

  2. uyghurbeg : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ كۆرگەنىدىم …. :arrow:

  3. شادلىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا…. راستەك قىلىدۇ …. :arrow:

  4. كۆكتاش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنچە بۇ راست بولغان ۋەقە ئىكەن!
    ھېچقانداق ساختىلىق يوق، سىننىڭ مەزمۇنى ۋە ئاۋازلىرى تەبىئىي.

  5. كۆكتاش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر ساختا بولغان بولسا، سىن ئۈزۈلۈپ چىقاتتى.يەنى بىردەم ئوڭ تەرەپتىن، بىردەم سۆل تەرەپتىن، بىردەم يېقىن، بىردەم يىراق ھالەتتە چىقاتتى. كىنولارنى كۆرسىڭىز ساپلا ئۈزۈك كۆرۈنۈش ھالەتتە. ئارتىسلار ئىگىزدىن سەكرىسىمۇ، ئىگىز يەردىكى سەكرەشكە تەمشىلگەن ھالەتتىن كېيىنلا، كۆرىنىش يەرگە توككىدە چۈشكەن ھالىتى كۆرىنىدۇ، ئارىلىقتىكى بوشلۇقتا ئۈچۈپ چۈشكەن ھالىتى كۆرسىتىلمەيدۇ. تاماشىبىنلا ئارتىسنى راستىنلا ئىگىز يەردىن سەكرەپ چۈشتىمىكىن دەپلا گۇمان قىلىپ قالىدۇ، خالاس.
    بۇ سىننى كۆرسىڭىز باشتىن ئاخىر ئۈزۈك يېرى يوق. بۇنداق ئۇدا كۆرۈنىدىغان فىلىمنى ياسىماقمۇ بەك تەس. ياسىغان تەغدىردىمۇ يەنىلا چېنىپ قالىدۇ.

  6. زىلتار سىتۇدىيىسى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سۈرەت تەھرىرلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا راسكەن، مەنمۇ بىر كەسپى فىلىم ئىشلىگۈچى، سۈرەتمۇ ئۈزمەي ئىلىنپتۇ… بۇنداق كىرىشتۈرۈش تىخى قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر ئىش…

  7. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەنزۇچە بەتتىكى بىرى مۇنداق مۇلاھىزە قىپتۇ:
    ئۇ قىز ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن،ھېلىقى سۆرەتكە ئېلىپ تۇرغىنى سۆرەت ئېلىشنى توختاتمىغان.نورمال ئەھۋال ئاستىدا،بۇنداق ۋەقەگە ئۇچرىغانلا ھامان كىشى سۆرەتكە ئېلىشنى توختىتىپ،قىزنى بېرىپ قۇتقۇزىشى كېرەك ئىدى.يەنە بىرگەپ،قىزنىڭ يېقىلغان چاغدىكى يۆنىلىشى ئۇدۇل بولۇپ،ماشىنا توختىغاندىن كىيىن توغرىسىغا بولۇپ قالغان،ئۇنىڭدىن باشقا،ماشىنا توختىتىلغان ئارىلىقمۇ ئاران بىر مېتىر،بۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ.

    • 120 :

      ئۇ توربەتلەردە يالغان دىگۈچىلەر كۆپكەن،لىكىن مەن 120 دا ئىشلەش جەريانىدا بۇنداق ماشىنا سوقۇلۇش ھادىسىللىرىنى كۆپ كۆرگەن،ۋەقەنىڭ راست بولۇش مۇمكىنچىلىكى 85% تىن يۇقىرى!

    • torhumar :

      يەنىلا كەسىپ ئەھلىنىڭ تەجرىبىسى مول جۇمۇ :mrgreen:

  8. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    http://v.youku.com/v_show/id_XMjA0NDM4NDky.html
    بۇ فىلىمدە ھەقىقىي ئەھۋال باركەن باللا… :cool:

    • torhumar :

      بۇ ئاشۇ سىننىڭ كېسىلمىگەن تولۇق نۇسخىسىكەن. يەنە قارىسام يەنە شۇ، ساختىلىقىنى سەزگىلى بولمىغۇدەكلا. ئاستىدىكى ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم. ھازىر ئېنگلىزچىنى سويىۋېتىدىغان بىرەرسى گەپنى تەرجىمە قىلىپ چىقسا، ئاندىن بىرلەشتۈرۈپ باقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

  9. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن قايتا قايتا كۆرۈش ئارقىلىق يالغان دېگەن يەكۈننى چىقادىم.
    1. 4 مىنۇت 16.5 سېكىنۇتلۇق يەرگە كەلگەندە قارايدىغان بولسا بۇ قىزنىڭ بىر پۇتى يەردىن ئاللىغاچان يەردىن ئاجراپ بولان، بەدىنى بولسا ماشىنىنىڭ ئالدى ئۈستى تەرىپىگە يېتىلىپ بولغان، بۇنداق بولغاندا ئېنىقلا ماشىنىنىڭ ئۈستىگە قاڭقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئېنىق.
    2.قارايدىغان بولسىڭىز ماشىنىنى تورمۇزلاپ توختىشى ئىنتايىن نورمال. ئۇ قىزنىڭ بەدىنىنىڭ ئۈستىنكى قىسىمى ماشىنىنىڭ سرتىغا چىقىرىغلىق، ئېنىقلا چاق بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەنكەن. ئۇنداق بولغاندا ماشىنا ئازراق بولسىمۇ تەۋرىنىشى كېرەك ئىدى. مەن قاراپ تەۋرەنگەنلىكىنى بايقىيالماي قالدىم.
    3. ئۇ قىزنىڭ قاچقان يۆلىنىشىمۇ خاتا. ئالدى تەرەپكە قاچسا تام بار تۇرسا ئوڭ سول تەرەپكە قاچسا تورغا بولاتتى ئەسلى.
    4. ئۇنداق كىچىك كوچىدا ئامېركىلىق بىر بوۋاي ماشىنىنى ئۇنداق تېز ھەيدىشى ئەقىلگە سىغىدىغاندەك ئەمسە.

  10. Estami : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يالغان . 1.ماشىنڭ سۈرئىتى بىلەن ئۇ قىز بالا ھەر قانچە بولسمۇ ماشىنڭ ئىچگە كىرىپ كېتىپ بولالالمايدۇ. تېز سۈرئەتتە ماڭغان بولسا كاشىكى ئۇ ماشىنغا بىر نېمە دېسەك .

  11. خەنجەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي بالىلار . مەن قارىساممۇ ئېنىق يالغاندەك … شۇ نەق مەيداندا سىننى ئېلۋاتقان ئادەم نىمە دەپ سىننى توختاتماي ئېلىۋېرىدۇ ؟ ئۇ قىز مەنچە ئۆيگە كىرگەندە ئېنىق سىن ئېلۋاتقان ئادەمنى كۆرىشى كېرەك ،چۈنكى ئۇ قىز بالىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئالغان يېرى بار . مەيلى قانداقلا بولسۇن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار . چاقچاقتىن جاقجاق چىقىدۇ دىگەنىكەن كونىلىرىمىز .

 汗