MacType ئارقىلىق Windows تىكى خەتلەرنى Mac تىكىدەك ئاجايىپ چىرايلىق كۆرسىتىش…
MacType توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە ماۋۇ يەردە بار، شۇڭا بۇ يەردە ئارتۇقچە سۆزلەپ ئولتۇرمىدىم. Windows 7 دە ئادەتتە خەت سىلىقلاش ھالىتى ClearType تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە UKIJ TUZ TOM غا ئوخشاش مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەت نۇسخىلىرى ئىنتايىن چاپاق كۆرۈنىدۇ، بىراق MacType دا ئۇنداق بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئاجايىپ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ! ئەقىللىق تورداشلىرىمىز يۇقارقى قىستۇرما رەسىمگە قاراپلا ھېس قىلىپ بولدى ھەقىچان، ئۇنداقتا داۋامىغا ئۆتەيلى…
بۇ يازمىدا ھېچقانداق ئالاھىدە چۈشەندۈرۈش ياكى دەرسلىك سۆزلەنمەيدۇ، پەقەت MacType نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى ۋە بىر قىسىم ئەسكەرتىشلەر بايان قىلىنىدۇ، ناۋادا قايسى بىر تورداش، كەڭ تورخۇمار دوستلار ئۈچۈن تەپسىلىي بىر دەرسلىك تەييارلاپ قويالىسا، كۆپچىلىك نامىدىن ئالاھىدە رەھمىتىمنى ئېيتقان بولاتتىم.
MacType نىڭ بۇ نۇسخىسىدا نۆۋەتتە ئىجرا بولىۋاتقان پروگراممىلارنىڭ خەت كۆرسىتىلىش ھالىتىنى MacType دا تاللاپ كۆرسىتىش ۋە توختىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بۇرۇنقىدىن خېلى كۆپ قولايلىقلاشقان، ئابونتلارغا يولباشچى پروگرامما ئارقىلىق ئۆزى كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتىدىغان بىر قولايلىق مەشغۇلات جەريانىنى تەمىنلىگەن.
MacType Try پروگراممىسىنى قوزغاتساق ۋەزىپە ستونى ئوڭ تەرەپ ئاستىغا بىر ئايكون قوشۇلىدۇ، بۇ ئايكوننىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، MacType ئۆزى تەمىنلىگەن ھەرخىل خەت سىلىقلاش ھالىتى ۋە ئۆزىمىز بەلگىلىۋالغان خەت رەڭلەش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ناۋادا MacType ئىشلىتىپ كۆنەلمىگەن بولسىڭىز، سېستىمىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىۋالماقچى بولسىڭىز، MacType 配置程序 پروگراممىسىنى قوزغىتىپ، 渲染核心 دېگەن ئورۇندىن Win32 نى، 反锯齿方式 دېگەن ئورۇندىن ئەڭ ئۈستىدىكى 不使用反锯齿 دېگەننى تاللاپ، ئاندىن ئۈستىدىكى ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېرىپ، بۇ تەڭشەككە يېڭىچە نام بېرىپ ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئاندىن MacType 用户向导 نى قوزغىتىپ خالىغان بىر تۈرنى تاللاپ 下一步 نى باسساق بايا بىز يېڭىدىن نام بېرىپ قۇرغان ھالەت كۆرۈنىدۇ، شۇنى تاللاپ سېستىمىغا مۇقىملاشتۇرىۋەتسەكلا كۇپايە.
باشقا تەپسىلىي مەشغۇلاتلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن پۈتۈنلەي تەڭشەپ كېتەلەيدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
MacType نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: cleartype,mactype,windows,خەت سىلىقلاش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 569 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mactype.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > بىر كۇنۇپكا بىلەن Ubuntu نى Windows 7 گە ئايلاندۇرىۋېتىش…
- كېيىنكى يازما > يېزىق ۋە جەدۋەل بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم ياردەمچى – Office 2010 كۈچەيتىلگەن نەشىرى
ھازىرچە ساقلاپ قوياي…سېستىمام بۇزۇلغاندا win7 نى قاچىلايمەن…
مەن بۇزۇپ بېرەيمۇ؟
ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز قايسى سىستىما ئىدى
xp سېستىمىسى
win7دىن XPگە يېنىپ كەلگەنلەر قانداق قىلىمىز؟
مەنمۇwin7دىن XPگە يېنىپ كەلگەن… بولمىسىغۇ win7 بەك يارىغانتى …
سەھرا بلوگى ئالامەت ئۇسلۇبتىن بىرنى ياسىۋەتتى، قىنى مەرھەمەت قىلىڭ!!!
ئەخلەت ئۇچۇر ما يەردىما باركىنا؟
بەگ ئىنىم مىنى دەۋاتمايدىغانسىز؟ئاخشام بلوگنى تەڭشەپ بولۇپلا خوشاللىقىمدا يىزىپ قويغان ئىنكاس ئىدى، ھەجەپ كۆڭلۈمنى بىر قىسما قىلىپ قويدىڭىزا…
ۋاي ھە…
قارىسام ئوخشاش ئىنكاس بىرقانچە بلوگدا يۈرۈپتىكەن،تېخى SPAM ئوخشايدۇ دەپتىمەن
ماۋۇ يەردە ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك بىرمۇ ئىنكاس يوچمۇ نىمە ؟
پۇل تارقىتىمەن پۇل ! تېز ئېلىۋېلىڭلار
پۇل تارقىتىمەن پۇل ! تېز ئېلىۋېلىڭلار تېز