ئادەم چىرايىنى تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق Windows قا تىزىملىتىپ كىرىش
نۇرغۇن تورداشلار كومپيۇتېرىغا پارول بېكىتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قوغداشنى ياخشى كۆرىدۇ. گەرچە ئاز بىر قىسىم كومپيۇتېرلاردا Windows مەشغۇلات سېستىمىسىغا بارماق ئىزى بىلەن تىزىملىتىپ كىرىش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولسىمۇ، كۆپ قىسىم كومپيۇتېرلاردا يەنىلا پارولنى قولدا كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولىمىز، ناۋادا سىزنىڭ پارولىڭىز ھەم ئۇزۇن ھەم ئەستە تۇتۇش قىيىن بولغان پارول بولسا، بۇ Windows قا تىزىملىتىپ كىرىشتە يەنىلا ئاز بولمىغان ۋاقىتنى ئالىدۇ. ئۇنداقتا كۆپچىلىك ئادەم چىرايى ئۇچۇرلىرىنى تونۇش ئارقىلىق Windows قا تىزىملىتىپ كىرىشنى ئويلاپ باقتىمىكىن؟
Luxand Blink بولسا دەل مۇشۇ خىلدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان يۇمشاق دېتال! سىزدە چوقۇم بىردانە كامېرا بولۇشى ۋە سېستىما قوزغىلىشتىن بۇرۇن كومپيۇتېرغا ئۇلانغان بولۇشى كېرەك(كامېرا بولمىسا ئېكرانغا قاراپ ئولتاغان بىلەن چىرايىڭىزنى تونۇپ بەرمەيدۇ). Luxand Blink نى قاچىلىغاندىن كېيىن، ئۇ سېستىما قوزغىلىشتىن بۇرۇن بۇرۇن ئاكتىپ ھالەتكە كېلىپ، Windows نىڭ كىرىش كۆرۈنمە يۈزىنى كونتروللىقىغا ئالىدۇ، ئاندىن قاملاشقان چىرايڭىزنى كامېراغا تۇتۇپ بەرسىڭىزلا كۇپايە!
تورداشلار تەمىنلىگەن سىناق نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىلدىكى Windows قا كىرىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى قالتىس بولۇپ، كامېرا ئېچىلغاندىن كېيىن، كۆزىتىش رامكىسىغا چىرايىمىزنى ئۇدۇللاپ، كۆزىمىزنى يېنىكلا قىسىپ قويساق(Luxand Blink نىڭ Windows قا كىرىشتىكى سىگنال بەلگىسى دەل كۆزنى قىسىش)، سېستىمىغا ئۇدۇللا كىرىپ كېتىدىكەن.
Windows تىكى ھەر بىر ئابونتقا نىسبەتەن، بىر دانە ماس ھالدىكى چىراي ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەش زۆرۈر بولىدۇ، يەنى سىز Luxand Blink نى قاچىلىغاندىن كېيىن، سىز بىر دانە چىراي ئىپادە ئۇچۇر قېلىپىنى كىرگۈزۈشكە ئېھتىياجلىق بولىسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن Win + L كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بۇ ئىپتىدائىي چىراي ئىپادە تونۇش ئۇسۇلىدىن ھوزۇرلىنىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Luxand Blink نى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows,يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows,windows7
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,068 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: luxand-blink.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > تورداشلار ئۆزى كىرىشتۈرۈپ چىققان سىن – مېنىڭ يانفونۇم ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەمگە ئايلىنالايدۇ!
- كېيىنكى يازما > خاككېرلار ئەسلىدە ئويۇننى مۇنداق ئوينايدىكەن
ما كارامەتنى كۆرەڭ، ئەمدى.
بۇغۇ ياخشى بوپتۇ، بىراق مۇھىم ئۇچۇرلار بار كومپيۇتېر ئىگىلىرى دىققەت قىلىڭلار، خايكىرلار كاللاڭلارنى ئارىيەتكە ئەكەتمىسۇن، بۇرۇن بارماقنى كېسىۋالاتتى، بارماققۇ 10 تال لېكىن ما كاللىمىز ئاران بىر تۇرسا قانداق قىلامىز ئەمدى
ئىنكاس دىگەن ئاجايىبقۇ!
بەگكە يارىغان بوسىلا….
ياخشى دىتالكەن ، لىكىن تورداشلار بۇسىستىمىغا رەسىمىڭلارنى تونۇتۇپ بولغان دىن كىيىن ئىسىڭلىدە بار يوق چېچىڭلىنى چۈشۈرۋېتدىغان ،يۇزۇڭلىنى ئافرىقىلىقتەك بويۇۋالدىغان ئىشنى قىلماڭلار بولمىسا كومپيۇتېرىڭلار تونۇماي ئاچچىقىڭلاردا كومپيۇتېرنى چېقىقۋىتشىڭلار مۇمكىن .
ھا ھا ھا نىمانداق قىزىقارلىق ئىنكاس يازىسىز بەل كۈكىلىك ئىنكاس بوپتۇ
بۇ سىتىما ئاياللارغا ماس كەلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ،،،،چىرايغا ئۇن سۈركىۋالسا ئاچالماي قالىدىكەن ، ،ھا ،،ھا
خاتئرە كومپئيۇتئر بولسئمۇ بولامدۇ؟
كامىراسى ئۆزى دە بولفان دىكىن !؟
يازمىغا قارغاندا ئىنكاسلاردىن ئاجايىپ ھۇزۇر ئالدىم . ھاھا ھاھا
بايا بىر دوستۇم سىناۋاتسا قاپىقىنى ھەرە چىقىۋىلىپ مانا ئەمدى كومپىيۇتېرىنى ئاچالماي ئولتۇرىدۇ. ئاخىرى ئامالسىز سېستىمىنى قايتا قاچىلىدۇق. مۇشۇنداق تاسادىپىي ئەھۋاللارغا ئىلاج يوقمۇ؟
ھا ھا ھا نىمانداق قىزىقارلىق راسلا تىمىغا قارىغندا ئىنكاسلار بەك ياخشى يوللىنىپتۇ
بىچارىنىڭ قاپىقى كومپىيتېرغا قاراپ قاش ئېتىپ كىرىشكىمۇ يارىمايۋاتىدۇ دېسە
بۇ بولىدىغان ئىشكەن مەن بىر سىناپ باقاي ، چاچ پاسونىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ تەسىرى بولامدۇ يوق …
مان سىناپ باقتىم ، چاچ بىلەن كارى يوقكەن ، پەقەت يۈز قىسىمىدىنلا نۇسخا ئالىدىكەن . سىرىتتىكى ۋاقتىمدا كومپۇتېرىمنىڭ پارولىنى سورايدىغانلاردىن بەك تويغانتىم ، ئوبدان ئىش بولدى بۇ
مەن چۇشۇرۇپ بولۇپ ئىشلىتەلمىدىم~~بولمامدۇ نىمە؟
xp غا ماسكەلمەمدۇ نىمە ؟
XP دا سىناشقا ئامالسىز قالدىم، سىناپ باققان تورداشلار سىناق نەتىجىسىنى تەمىنلىسە ياخشى بولاتتى.
XP دا سىناشقا ئامالسىز قاپسىز ، شۇنداقتىمۇ ماس كىلىدىغان مەشغۇلات سىستېملىرىنى ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
Windows Vista or Windows 7
XP دا بولمايدىكەن
سىناپ باقتىم . بەكلا ياخشىكەن . ئەمما ئەسلىدىكى ئىشلەتكۈچىنىڭ پارولىنى كىرگۈزسىمۇ كىرگىلى بولىدىكەن . پەقەت چىراي تونۇش ئارقىلىقلا كىرگىلى بولىدىغان قىلغىلى بولارمۇ؟
مەنمۇ سناپ باقاي
ياخشىكەن.لكىن مىنى ئايالىم بىلەن جىدەلگە سەپقويدى مەن ئۆيدە يوق چاغدا ئايالىم كومپىيۇتىرنى ئاچالماي رەسىمنى تەڭلەپتۇ ،بولماپتۇ بالسى ئوخشاش بولغاندىكىن دەپ ئوغلىمنى ئەككەپتۇ بولماپتۇ شۇنىڭ بىلەن