ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان Flash ئويۇن : تاشقى پلانېت كالا ئوغرىلىرى(Alien Thief)
ئالدىنقى قېتىم «يا ئوقى ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتقۇزۇش» ناملىق كىچىك Flash ئويۇننى يوللىغاندىن كېيىن، خېلى كۆپ تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ھەتتا كۆپچىلىك ئاساسەن بۇ ئويۇننى ئويناپ تۈگىتىپمۇ بولدى. بۈگۈن يەنە تورداشلارنىڭ خۇمارىنى بېسىش ئۈچۈن، يەنە بىر كىچىك Flash ئويۇن – تاشقى پلانېت ئوغرىلىرى(Alien Thief) ناملىق ئويۇننى ئالغاچ كەلدىم، ئويۇننىڭ جىددىلىك دەرىجىسى گەرچە ئالدىنقىسىدەك بولمىسىمۇ، بىراق قىززىقتۇرۇش دەرىجىسى ھەرگىزمۇ ئالدىنقىسىدىن تۆۋەن ئەمەس.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تاشقى پلانېتتا يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاق، ئىنسانلار ئىچىدىغان كالا سۈتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن، تاشقى پلانېت كالىلىرىنىڭ سۈتى بولسا، بۇ بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسىنى پەقەتلا ئاچالماپتۇ، شۇ ۋەجىدىن تاشقى پلانېت كىشىلى يەر شارىغا چۈشۈپ ئىنسانلارنىڭ سېغىن كالىلىرىنى ئوغرىلاشقا بەل باغلاپتۇ ۋە بىر ئۇچار تەخسىنى يەرشارىغا ئەۋەتىپتۇ…
ئويۇندا بىر دانە ئۇچار تەخسىنى كونترول قىلىمىز ۋە ئاخىرقى نىشان بولغان كالىنى سۈمۈرۈپ ئېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ بازىسىغا قويساق شۇ ئۆتكەل ئاخىرلىشىدۇ. پۈتكۈل ئويۇن قىزىقارلىق ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن ئۆتكەللەر بىلەن چوقۇم تورداشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن.
مەشغۇلات ئۇسۇلى:
ئويۇننى كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇس ئارقىلىق ئايرىم كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ھەر بىر ئۆتكەل باشلانغاندا قايسى ئۇسۇل بويىچە كونترول قىلىشنى بىزدىن سورايدۇ. كۆپچىلىككە كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كونترول قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا باشقا جىسىملارغا ئاسان سوقۇلۇپ كېتىپ ئۇچار تەخسە(UFO) پارتىلاپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
[مائۇستا كونترول قىلىش] مائۇس ئارقىلىق ئۇچار تەخسىنى كونترول قىلىمىز، سۈمۈرمەكچى بولغان جىسىمنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرساقلا بولىدۇ.
[كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كونترول قىلىش] كۇنۇپكا تاختىسىدىكى WSAD كۇنۇپكىلىرى ياكى يۆنىلىش كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىق ئۇچار تەخسىنى كونترول قىلىمىز، بوشلۇق(Space) كۇنۇپكىسى ئارقىلىق جىسىمنى سۈمۈرىمىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash,Flash ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 693 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: alien-thief.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > Michael Jackson مەستانىلىرىنىڭ قىزىقارلىق تەقلىد ماھارەتلىرى…
- كېيىنكى يازما > ئەتراپىمىزدا دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان كەسپى يالغان سۆزلەر…
ھە نوچىلا،،،سافادا ئولتۇرمامسىلەر؟ ھا ھا … كىچىكرەك كاساڭلا بارلا كېلىڭلا بىللە ئولتۇرىمىز…
مەن پەگادا ئولتۇرۇپ تۇراي… ئىشەكچىلەرگە بۈگۈنچە سافا يەتمەيدىغاندەك
ئېشەكنى چىڭ باغلىدۇقمۇ يا؟ ئاۋۇ كالا ئوغرىلىرى ئۇقۇشماي سىلىنىڭ نەسىللىك ئىشەكلىرىنىمۇ ئوغرىلاپ كەتمىسۇن يانا
ئىشەك يانچۇقتا
بۈگۈن بىزگە بوسۇغىمۇ قالماپتۇ دېسە
بۇنى ئويناش ھەجەپ تەسكەن
مەن تالادا تۇرۇپ كۆردىغان بولدۇم
ۋاي ۋۇي….. ماۋۇ 7- ئۆتكەلدىن ھەجەپ ئۆتەلمىدىم دىسە…؟
بىچچارە كېلىنىڭ بۇرنىنى سەت تەككۈزىۋەتتىم جۇمۇ ئاۋۇ تاشقا
12-ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ بولالامي ئىچىم پۇشتى جۇما، ئەتە ئويناي ئەمدى.
مەن 14-ئۆتكەلگە كەلدىم مانا…
مەن 22-ئۆتكەلگە كەلدىم، مانا… ئۇستا بوپ كەتتىم مەن دىگەن ھازىر….