ئەقلىفوندىكى ئەڭ ئېسىل توركۆرگۈ – Opera Mobile 10(يانفوندا ئۇيغۇرچە تور بېكەت كۆرۈش)
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون(智能手机) سۇپىسىدىكى تور كۆرگۈلەر ئىچىدە، بولۇپمۇ NOKIA نىڭ Symbian سۇپىسىدا ۋە Microsoft نىڭ Windows Mobie سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان تور كۆرگۈلەر ئىچىدە، نۆۋەتتە Opera Mobile ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى توركۆرگۈ(浏览器)لەرنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە ئىقتىدارلىرى ئاجايىپ يۇقىرى. يانفوندا تور بېكەت كۆرۈش ئۈنۈمى كومپيۇتېردىكىدىن قېلىشمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى Opera Mobile 10 ئارقىلىق يانفوندا تۇرۇپ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىمۇ ناھايىتى ھوزۇرلۇق زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ، ناۋادا يانفونىڭىز S60 ياكى Windows Mobile سۇپىسىدىكى يانفون بولسا، بۇ توركۆرگۈنى چوقۇم قاچىلاپ ئىشلىتىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۈستىدە ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، Opera Mobile دا خەنچە ۋە لاتىنچە تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىمۇ بىمالال زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ. ھەتتا يانفونىڭىزغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلانمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرچە تور بېكەت يۈزىدىكى ھەرپلەرنى PC دىكىدەك بىمالال ئوقۇيالايسىز(«ە» ۋە «ى» ھەرىپى ئۇلاشمىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا).
ئەسكەرتىش: Opera Mobile 10 دا زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرچە تور بېكەت، FireFox ۋە Safari تور كۆرگۈسىدە eot سىز تور بېكەت كۆرۈش تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئاندىن يانفوندا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا نورمال كۆرۈنىدۇ. ناۋادا سىز زىيارەت قىلماقچى بولغان تور بېكەت، Opera Mobile دا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمىگەن بولسا، بۇ شۇ تور بېكەتنىڭ يۇقىرى تېخنىكىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
Opera Mobile نىڭ Symbian S60 نەشىرى | مەنبەسى: torhumar.com | Opera Mobile نىڭ Windows Mobile نەشىرى | باشقا يانفون نەشىرلىرى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Opera,توركۆرگۈ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 506 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: opera-mobile-10.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > 3D ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ئويۇن – يوقالغان پلانېتتىكى مۇستەملىكە(Lost Planet)
- كېيىنكى يازما > ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ھەرقانداق ئېغىر چاقچاقنىڭمۇ چېكى بولىدۇ! ناۋادا ئاشۇرىۋەتسىڭىز…
ياخشى يۇمتال ئىكەن، مەن چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام تورخۇمارلار كۇلۇبى نورمال كۆرۈندى، لېكىن تور ئېقىمى ئاتتەك ماڭىدىكەن ئەمەسمۇ.
سىز يۇقۇردا بايان قىلىپ ئۆتكەن FireFox ۋە Safari تور كۆرگۈسىدە eot سىز تور بېكەت كۆرۈش تېخنىكىسىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ئەسلى خەتنىڭ فونتىنى تور بەت ئېچىلغاندىلا چۈشۈرۈشنى دېمەكچىمۇ؟
شۇنداق چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. ھازىرچە بۇ ئەڭ ئاقىلانە ئامال دەپ قارايمەن.
مەن android نەشرىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم ، نورمال كۆرۈنمىدى ، كاتەكچە چىقىۋالدى، ئەپسۇس ، ھازىرچە تەلىيىم يوق ئوخشايدۇ.
مەن opera تور كۆرگۈچىسىنى كومپىيوتىردا ئشلەيدىغان نۇسىخىسىنى ئىشلەتكەن ، بىراق نۇرغۇن بەتلەر نۇرمال كۈرۈنگەن بولسىمۇ ئەلكۈيى دىگەندەك بىرقاتار توربىكەتلەرنىڭ خەتلىرى نۇرمال ئەمەس. بۇنى تەڭشەشنىڭ ئامالى يوقمىدۇ؟