نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > يۇمشاق دېتاللار > يازما كۆرۈش

قوش يادرولۇق، كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن چىرايلىق يېڭى ئەۋلاد تور كۆرگۈ – Sogou Explorer

قوش يادرولۇق، كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن چىرايلىق يېڭى ئەۋلاد تور كۆرگۈ - Sogou Explorer

Sogou Explorer(يەنى Sogou توركۆرگۈسى) بولسا، بىر تۈرلۈك Webkit ۋە IE يادروسىنى تەڭ ئىشلىتىشكە بولىدىغان تور كۆرگۈ. يەنى تور بېكەت زىيارەت قىلغاندا بىز بىرلا ۋاقىتتا IE ۋە FireFox/Chrome/Safari ئۈنۈملىرىدە تور بېكەت زىيارەت قىلالايمىز، بۇنىڭدىن باشقا Sogou تور كۆرگۈسى يەنە ئۆزىدە مائارىپ تورى قاتارلىقلاردا تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ياتاقتا تورغا چىقىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تولىمۇ باب كېلىدۇ…

Sogou Explorer نىڭ يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، يالغان قېتىۋېلىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بولۇپ، ئىلگىرى IE ئىشلەتكەندە، ناۋادا بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە تور بېكەت زىيارەت قىلىۋاتقان چېغىڭىزدا، ئارىسىدىكى مەلۇم بەت قېتىۋالسا، بۇ بەتنى تاقىغان چاغدا باشقا بارلىق بەتلەر قوشۇپ ئۆچۈپ كېتىدىغان ئەھۋال يولۇققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. Sogou تور كۆرگۈسى بۇ مەسىلىنى ئىنتايىن ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان.

تۆۋەندىكىسى Sogou تور كۆرگۈسى ۋە IE ئوتتۇرىسىدىكى سۈرئەت پەرق سېلىشتۇرمىسى:


گەرچە Sogou تور كۆرگۈسى تېخى نۇرغۇن تور زىيارەت قىلغۇچى قوراللار ئىچىدە، بىر قەدەر ياش ھېسابلانسىمۇ، بىراق ئۆزىدە تەمىنلىگەن قولايلىق ئىقتىدار، چىرايلىق كۆرۈنمە يۈز ۋە «قوش يادرو» ئۇقۇمى بىلەن، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىشىگە سازاۋەر بولىۋاتىدۇ. ناۋادا سىز IE نىڭ سادىق ئىشلەتكۈچىسى بولسىڭىز، ھەمدە شۇنداقلا FireFox قا ئوخشاش Webkit يادروسى ئىشلەتكەن تور كۆرگۈلەرنىڭمۇ ھوزۇرىنى سۈرۈپ باقماقچى بولسىڭىز، Sogou تور كۆرگۈسى بىر سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
Sogou Explorer نى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 7 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 623 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 04-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: sogou-explorer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يامان ئەمەس ئۆزلەش تۈرۈلگەن جاھانامىلەرنىڭ بىرى . ھەقىقەتەن بۇلىدىكەن ئەمما كاساپەتنىڭ يادىروسى ieنىڭكى بىلەن ئوخشاش

    • torhumar :

      يازمىنى تەپسىلىي ئوقۇڭ. Sogou ئۆزىدە IE يادروسىنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە يەنە، FireFox نىڭ Webkit يادروسىنىمۇ ئىشلىتەلەيدۇ.

  2. FinalFantasy : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىر كىچىك خاتالىقنى تۈزىتىپ قوياي:

    IE نىڭ كۆرسىتىش موتورىنىڭ نامى Trident؛
    Firefox نىڭ بولسا Gecko؛
    Safari بىلەن Chrome (Chromium)‎ نىڭ بولسا بىردەك WebKit؛
    Opera نىڭ بولسا Presto؛

    بۇلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۆت خىل كۆرسىتىش موتورلىرى.

    • torhumar :

      ئاللا…مەن تا ھازىرغىچە Gecko بىلەن Webkit نى بىر ماتور دەپ قاراپ كەپتىمەن. :arrow:

  3. بىلىملەر تورى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوي سۈرەت دەكشەتكەنغۇ

  4. ئەسىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. يەنە ئىزدىنىشتا ئاتەش تۈلكە4 تور كۆرگۈسى توغرىسدا چاقماق چۈشۈرگۈچنىڭ قىستۇرمىسىنى شۈنلېينىڭ بېتىدە بار دىگەنتىڭىز لېكىن مەن تاپالمىدىم. بولسا مۇشۇ يەرگە ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز.بۇرۇن بەيدۇ قستۇرمىسى ئارقىلىق توردىكى سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۋالغىلى بولاتتى، لېكىن ھازىرقى ئاتەش تۈلكە 4 نۇسخىسىنى قوللىمايدىغان ئوخشايدۇ. باشقا ئۇسۇل بارمۇ؟

    • torhumar :

      ئاتەش تۈلكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى رەسمى نەشىرى 3.6.12. ئەڭ يېڭى Beta 4 نەشىرىنى مەن تېخى ئىشلىتىپ باقمىدىم. سىز 迅雷7 نى قوزغىتىپ تىزىملىكتىن 工具 نىڭ ئىچىدىن 浏览器支持 دېگەن قىسىمدىن 添加FireFox支持 دېگەن تۈرنى تاللاپ سىناپ بېقىڭ.

 汗